查看完整版本: [-- سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

يولۇچى 2012-09-19 17:16

سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى


20 -  20 -ئوقۇش يىلى -مەۋسۇملۇق سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى
   ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن :
-يىللىق -سىنىپ



20 -  20  -ئوقۇش يىلى -مەۋسۇملۇق -يىللىق -
سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى
بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا سىنىپىمىزدا51 نەپە ئوقۇغۇچى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 26  نەپەر قىز،25 نەپەر ئوغۇل ئوقوغۇچى بار. 51 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى پىئونىر.ئۇلار ناھىيە ئىچى ۋە 1-يېزا تەۋەسى(35 نەپەر)،   يېزىسى(12نەپەر)،   يىزىسى(3نەپەر)،     (1نەپەر)قاتارلىق جايلاردىن كىلىدۇ.ئۇلارنىڭ 30نەپىرى كادىر نىڭ بالىلىرى،قالغىنى دېھقان ۋە تىجارەتچىنىڭ بالىلىرى.مەن  بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا سىنىپىمىزىكى ا51 نەپە ئوقۇغۇچى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ،مەكتەپ رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ بويسۇنۇپ،ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى تەجربىلەرنى يەكۇنلەپ،تۆۋەندىكى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن:
1. سىياسى جەھەتتە،پارتىيە مەركىزى كومتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى  مۇقىملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ،  ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى ئىدىۋى تەربىيە،«3نى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى»، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى ھەركەتلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيسى،يەتتىنى قىلماسلىق، ماركىسزىملىق بەش قاراش تەربىيسى ۋە ئەخلاق پەزىلەت تەربىيسىنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ، سىنپىمدىكى ئوقوغۇچىلارنى سىياسى مۇقىملىق جەھەتتە لاياقەتلىك ئىز باسار قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا تىرشىپ،سىنىپنىڭ سىياسى ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
بۇ مەۋسۇمدا ئالدى بىلەن 15 نەپەر ساۋاقداشنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيىلەپ،ئىتتىپاققا تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىدىن پايدىلىنىپ،ياخشى ئىش،ياخشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەسلىشىپ ئۆگىنىدىغان،بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان،تۈرلۈك ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدىغان،«ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى»، «ئوقۇغۇچىلار سۆز-ھەرىكىتىدىكى يەتتىنى قىلماسلىق» قاتارلىق قائىدە-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمەن.«ئىككىگە قارشى تۇرۇپ، ئۈچنى قوغداش» تەربىيىسىنى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە،ۋەتەنگە ۋە خەلققە سادىق يېڭى ئەۋلاد كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن.
2.ئوقۇغۇچىلارنى ئىددىيە ئەخلاق جەھەتتە: مەن بۇ مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىۋى تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ،ئۇلاردا توغرا بولغان دۇنيا قاراش،كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى تۇرغۇزۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرىسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىمەن.بۇنىڭ ئۈچۈن
(1)ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتقۇچىسى ۋە ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ،ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشكە ماھىر بولۇپ، دەرىسخانا ئوقۇتۇشى ۋە تۈرلۈك ئىجدىمائى پائالىيەتلەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى،ئائىلىدە ياخشى بالا، جەمئەتتە ياخشى ئۆسمۈر قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىمەن.
(2)سىنپ ھەيئەتلىرىنىڭ ئاۋانەارتلىق رولىدىن تولۇق پايدىلىنپ،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى ھەپتىدە بىر قىتىم باھالاپ،مىدال مۇكاپات بىرىش تۇزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن 
(3)ھەر سائەتلىك دەرىستىن بۇرۇن دەرىس مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىشكە  ئورۇنلاشتۇرۇپ،دەرىس مەزمۇنىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئۆزلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ،ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنۋېرىسال ساپا ھازىرلاشقا تىرىشىمەن.
(4) جىسمانى-گۈزەللىك جەھەتتە، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،مۇۋاپىق ئەمگەك،بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ رولىنى ئىجابىي يوسۇندا ھېس قىلدۇرۇپ،تۈرلۈك ئىجىتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنشىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۇپ،ئائىلىدە ياخشى بالا،مەلتەپتە ياخشى ئوقوغۇچىدىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن.
(5) ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمەن، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قىلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ،ئاتا- ئانىلار سۆھبەت،ئايرىم سۆھبەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ،ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىمەن.ئاندىن قانداق يېتەكلەش ھەققىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ،«كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن. يەنى،ئۇلاردا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىگە ئىشىنىدىغان،جاپاغا چىداش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇۋاپىق پەيىتتە مۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىمەن،ئىمكانقەدەر تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىمەن.شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرىمەن.ئاتا-ئانىلار بىلەن ماسلىشىپ،ئىككى تەرەپ تەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇلارنىڭ ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆزىنى «ئوڭشىۋىلىش»ىغا ياردەم قىلىمەن.سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغا بولغان ئىدىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىپ،ئارقىدا قالغان ساۋاقداشلارنى كەمسىتمەسلىك، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش،ياردەم بېرىش ھەققىدە تەربىيە ئىشلەپ،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئوبىيىكتى تاللىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىمەن.
3.سىنىپ بويىچە مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى،لاياقەتلىك نىسبىتى،ئالدىنقى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى جەھەتتە، مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا -يىللىق   - سىنىپنىڭ ماتىماتىكا دەرىسىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغان بولۇپ،مەكتەپنىڭ تەلەپ قىلغان مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى نىشانى70%،  مەن سائەتلىك دەرىسىنى ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولغان سىناق ئېلىش، تاپشۇرۇق بېرىش،باسقۇچلۇق ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە بولغان يېتەكچىلىك،نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمەن.سىنىپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،ھەر قايسى ئاساسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئەتىگەنلىك  كەچلىك مۇزاكىرە ۋە ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ،ھەر قايسى پەنلەرگە بولغان تەكرارنىڭ ماس نىسبىتىنى ساقلايمەن.مەن يۇقارقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىش نىسبىتىنى 70% گە يەتكۈزۈشكە.لاياقەتلىك نىسبىتى ۋە ئالدىنىقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنى تۆۋەن بولغاندا 75% گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ،ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى كۇچەيىتمە سىنىپلار ئارىسىدىكى 4-دەرىجىنى 1-دەرىجە قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. 
4-ئىتتىپاقلىق جەھەتتە:
ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيسى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش تەربىيسى ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق تەربىيسى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش تەربىيسى ۋە ئۆزىگە ھۈنەر ئۈگۈتۈۋاتقان ئۇستاملارنىڭ تەربىيسىنى ياخشى قوبۇل قىلش. سىياسى ۋە بىخەتەرلىك تەربىيسىنى چوڭقۇر ئەتراپلىق ئىلىپ بىرىپ ئىناق ئىتتىپاق سىنىپ كوللىكتىۋى بەرپا قىلىشقا تىرشچانلىق كۆرسىتىمەن.
5-تەشكىل تۇزۇم جەھەتتە:
ئوقوغۇچىلارغا ئىدىۋى تەربىينى ياخشى ئىلىپ بىرىپ، ئۆزلىگىدىن مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ تەشكىل تۇزۇملىرگە ئاڭلىق بويسۇندىغان كەيپىياتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمەن. كوللىكتىۋزىملىق روھىنى يىتىلدۈرۈپ، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ مال مۈلكىنى ياخشى ئاسرايدىغان روھنى تىرشىپ يىتىلدۈرىمەن. سىنىپتا سىنىىىپ ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ،يوقلام تۇزۇمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  دەرىسكە كىچىكىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن.
6- دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت جەھەتتە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرتقى پائالىيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىشقا ياخشى كۆڭۇل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تىرىشمەن.
20  -يىل -ئايىنىڭ -كۈنى

سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى. پىلاندىكى سان، ئىسىملىك، ۋاقىتلارنى ئۆزگەرتىپ مەزمۇنىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەل خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ.


قۇياش 2012-09-19 17:47
         ئەجرىڭىزگە رەھمەت. سىنىپ ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ،بېيىتىپ ئىشلەتسەك بولغىدەك.

تۆتتاش 2012-09-19 19:36
ئاخىرىدا پاراللىل يىللىقلارغا ھەم شۇنىڭدەك  بارلىق سىنىپلارغا دوستانە مۇسابىقە ئېلان قىلىمىز..

arzu 2012-09-19 23:38
ئانچە - مۇنچە ئىش قوشۇپ ئىشلىسەكلا ئۆزىمىزنىڭ بولغۇدەك.....

رەھمەت جانىم ئەجرىڭىزگە

tawpek 2012-09-19 23:41
بىزدە بۇنداق پىلان خۇلاسە ئانچە تەلەپ قىلىنمايدۇ، تاپشۇرغانلاردىن يىغىدۇ، بەرمىسەك كارى يوق.

ئەكبەرنىياز 2012-11-20 05:39
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، بەك ياخشى بولدى ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled