يولۇچى |
2012-09-19 17:13 |
مەكتەپلەرنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەت پىلانى
مەكتەپلەرنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەت پىلانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن تەربىيلىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش، يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ قېزىپ چىقىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا ئاساسەن، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتىدە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ: 1. ئىككىنچى دەرسىخانا پائالىيتىنىڭ تۈزۈم-تەدبىرلىرى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈرۈلۈپ، ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتنىنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بۇلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. 2.ئىككىنچى دەرسىخانا پائالىيتىنىڭ مەزمۇنى مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنىپ، ئېلىپ بېرىلىدۇ. 3.تەجىربىلىك، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەر قايسى پائالىيەتنىنىڭ مەسئۇلى قىلىپ بىكىتىپ، پائالىيەتنىنىڭ شەكىلۋازلىق بۇلۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 4.پائالىيەتنىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا كىرەكلىك بولغان ئەسۋاپ، ماتىرياللار تۇللۇقلىنىدۇ. 5.ئىلمىي بۆلۈمدىن ئىككىنچى دەرسىخانا پائالىيەت كالىندار پىلاننىڭ ئەتراپلىق تۈزۈلىشى ۋە كالىندار پىلان بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەسقاتىدىغان ئەمەلىي بىلىملەر بىلەن يىتەكچىلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. 6.پائالىيەتكە مەسئۇل خادىملار كۇرجۇكنىڭ يوقلىمىسنى تۇرغۇزۇپ، پىلان، خۇلاسىسىنى يېزىپ، ئېلىپ بارغان پائالىيەتنىڭ خاتىرسىنى قالدۇرۇپ ئارخىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. 7.كۇرجۇك مەسئۇللىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلەكلىرى15كۈندە بىر قېتىم تەكشۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمى مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئىگەللىنىپ، دىمۇكىراتىك باھالاشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ خۇلاسىلىنىدۇ. 8.ھەر قايسى كۇرجۇكلاردا بارىلىققا كەلگەن نەتىجىلەردىن تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق نەق مەيداندا كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا خەۋەردار قىلىنىدۇ. ۋە مەكتەپ تەرىپىدىن ياخشى باھاغا ئىرىشكەن ئەسەرلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىدۇ. 9.ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگەنگەن نەزىريىۋى بىلىملەرنى ئەمىليەتكە تەدبىقلاشنى ئىگىللىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە مۈجىمەل بولغان بەزى تۇنۇشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بەزى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتىدە نەتىنجىسى گەۋدىلىك بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى تېپىپ چىقىلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگىمۇ مۇئەييەن ئاساس سېلىنىدۇ. |
|