سىياسى نەزەرىيە ئۆگىنىش پىلانىم
سىياسى نەزەرىيە ئۆگىنىش پىلانىم سىياسىي نەزىرىيە ساپاسىنى يېتىلدۈرگەن كىشىلەرلا خىزمەتتە تۈرلۈك سەۋەنلىكلاردىن ساقلىنىپ، ھەر قانداق ئىشنى ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا مەن سىياسىي نەزىرىيە ساپايىمنى ئۇزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ خىزمەتتە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن مەكتەپ پارتىيە ياچەيكىسى ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئۆزلۈگىمدىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سىياسىي نەزىرىيىۋىي ساپايىمنى ئۆستۈرمەن
مەركىزى كومىتېت گوۋۇيۇەننىڭ "قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى" نى قايتا ئوقۇپ چىقتىم ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرمەن.
"جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى" نى قايتا ئوقۇش چىقىپ، بالىلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش تەربىيىسى ئېلىپ بارىمەن. يېڭىدىن تۈزۈلگەن "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى" نى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇق بىلىم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى" نى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، مائارىپ نەزىرىيىسى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللەيمەن. "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى" نى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ھوقوق-مەجبۇرىيەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى يەنە ئۆگىنىپ، خىزمەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلات كەسپىي ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى خىسلەت يېتىلدۈرمەن.
"جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى" نى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىمەن. پارتىيىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە دائىر ھۆججەت – يوليورۇقلارنى، ۋەتەننىڭ بىرلىگى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئاساس تېما قىلىنغان ماقالىلارنى گېزىت-ژورناللاردىن داۋاملىق كۆرۈپ، سىياسىي نەزىرىيىۋى ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. |