ئۇيغۇر بىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ.بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى،كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. lnrs4s Km
باشلىق كۆپەيتىش-ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. "0?"
E\
ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىپتۇ. VP6_}9:9
ئۇلار «ئىسلاھات»دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش،كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئون بەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى ھاردۇرىدىغان 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن. e3%dNa
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي،تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن.ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. cbv%1DT3
ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى»دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن. .;%`I
ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتىپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك . لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقۇتۇش»نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن . sO8F0@%aH(
قورقۇش -ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن .ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچەزور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن . kFQx7m
«ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن . 3F{R$M}
«ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ .«ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دېگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭ قىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ. دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن .ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن .
كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگەچۈشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن . يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەتىللەردە تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگەسالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە تۈرلۈك سۆھبەتلەرگە ماڭدۇرىدىكەن ، ئوقۇغۇچىلارنى شەنبە - يەكشەنبىلىك تەكرار دەپ يىغىۋىلىپ ئوقۇتىدىكەن . قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن.