查看完整版本: [-- ئويغۇر تىلى ئىمتىھان سۇئاللىرى ئۆرنەكلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> ئويغۇر تىلى ئىمتىھان سۇئاللىرى ئۆرنەكلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەۋلان 2012-09-18 10:37

ئويغۇر تىلى ئىمتىھان سۇئاللىرى ئۆرنەكلىرى

I. ئۇيغۇرتىلىغا دائىر سۇئاللار
                            ( فونېتىكا قىسىمىدىن )        توغرا جاۋابنى تاللاڭ
      (2011-يىللىق )
  ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:

      A.ئىنسان قەلبى ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە تولغان.ئۇنىڭ مېھرى ئالەمنى ئىللىتىپ،كىشى قەلبىنى لال قىلىدۇ...››دېگەن جۈملىدە ئۈچ ئورۇندا تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن،تاۋۇشلارنىڭ ئاجزلىشىش، قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

     B.ئۇيغۇر تىلىدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ‹‹ئى،ئې››لار بىلەنلا تۈزۈلگەن بارلىق سۆزلەرگە قارىتا ئېيتقاندا تەركىبىدە ‹‹ك،گ›› تاۋۇشلىرى بولسا،قوشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن شەكلى ئۇلىنىدۇ.

     C. ‹‹دانىشمەن ۋە ئالىملارنىڭ خىسلەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ،يامان ئادەتنى يوقىتىدۇ.›› دېگەن جۈملىدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى تۆت ئورۇندا كۆرۈلگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئورۇندىكى ‹‹ئە››تاۋۇشىنىڭ بىرى ‹‹ئې›› تاۋۇشىغا،يەنە بىرى ‹‹ئى››تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.ئىككى ئورۇندىكى ‹‹ئا››تاۋۇشى‹‹ئې››تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.

      D.ئۇيغۇر تىلىدا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا،سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولىدىغان تەلەپپۇزدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يېزىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

 

(2010- يىللىق )

توۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى :(          )          

    «ئۆزىڭنى توغرا يولغا باشلىيالمايدىغان ئۆگىنىشتىن ، ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن ئەمگەكتىن ۋاز كەچكىنىڭمۇ توغرا يولغا قاراپ ماڭغىنىڭ بۇلىدۇ .»

. پارچىدا بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا»تاۋۇشى «ئې»تاۋۇشىغا ، ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .

   . پارچىدىكى «يولغا» دېگەن سۆزگە قۇشۇلغان قۇشۇمچە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەم تىل ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىش قائىدىسى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قۇشۇلغان .

  .بۇ پارچىدا تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسىمۇ،قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسىمۇ كۈرۈلمىگەن،  پەقەت تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسىلا كۈرۈلگەن .

  . پارچىدىكى سۆزلەرگە قۇشۇلغان قۇشۇمچىلار ئىچىدە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بۇيىچە قۇشۇلغان قۇشۇمچىلار كۆپ ئۇچرايدۇ . ئەمما ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قۇشۇلغان قۇشۇمچىلار يوق

.

(2009- يىللىق )

بېرىلگەن جۈملىلەردىكى فونېتىكىلىق تەھلىللەردىن توغرىسى :(             )

. «پاكلىق- كېچىدە يېقىلغان چىراققا ئوخشايدۇ ، چىراق بار ئۆيگە ئوغرى كىرەلمەيدۇ» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا ، ئە»تاۋۇشلىرى «ئې» غا ئاجىزلاشقان . جۈملىدىكى سۆزلەردە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋاللار كۈرۈلمىگەن .

. «مېنىڭ ئارزۇيۇم ئەقلى كامىل، كۆڭلى ساپ كىشلەردىن بۇلۇشتۇر » دېگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ، بىر سۆزدە تاۋۇش قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگەن .

. «باشقىلارغا تايىنىپ غەلىبە قىلغان ئىشنىڭ قىممىتى ، ئۆزىگە تايىنىپ ۋۇجۇتقا چىقارغان ئىشنىڭ مىننىتى بولمايدۇ» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۈرۈلگەن ، ئىككى سۆزدە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن .

. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تۇنۇمىساڭ نېمە پايدا » دېگەن جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەر تەركىبىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان ، ئۈچ سۆزدە سۇزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلاشقان ، ئىككى سۆزدە ئۈزۈك تاۋۇشلار ماسلىشىپ كەلگەن ، بىر ئۇرۇندا ئىملا خاتالىقى كۈرۈلگەن

.

(2008- يىللىق )

توۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى : (             )

«يۈرىكىمدە بىر يېقىملىق ناخشا بار ، مەن ئېيىتقان ، ئېيتىۋاتقان ، لېكىن ھېچ قانمىغان ، قانماي كەلگەن . ئېيىتقانچە ئېيىتقۇم كېلىدىغان ، كۈيدىن كۈي بۇلدۇقلايدىغان ئاشۇ ناخشا ھەر دائىم كۆڭلۈمنى ئۆزىگە ئەسىىر قىلىپ ، قەلبىمنى كۆيدۈرىدۇ » .

. پارچىدا ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئې» تاۋۇشىغا ، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .

. پارچىدا يەنە تاۋۇشلارنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسىمۇ بار .

. پارچىدا تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى ئىككى ئۇرۇندا كۈرۈلگەن .

. بۇ پارچىدىكى سۆزلەردە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتىگە بويسۇنمايدىغان ئەھۋال يوق .

 

(2007- يىللىق )

تۆۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى : (              )

  « مەرد ۋە ئالىيجاناپ كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن بىرى _ ئۆز دوستىنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئورنىدا كۆرۈپ ئىش تۇتۇشتۇر .»

. پارچىدا «ب ، د»بىلەن ئاجىزلاشقان سۆزدىن ئۈچى بۇلۇپ ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ب ، د»تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا «ت ، پ» ئېيتىلىدۇ . شۇڭا ، بۇ سۆزلەرنىڭ مۇنداق يېزىلىشى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس .

. پارچىدا «ئا ، ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې ، ئى» تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلىشىشى تۆت ئۇرۇندا كۈرۈلگەن بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» غا ، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» غا ، يەنە ئوخشاش ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .

. پارچىدىكى بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا پارچىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى سۆزگە قۇشۇلغان كېيىنكى قۇشۇمچە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتى بويىچە قۇشۇلغان .

. پارچىدىكى ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگەن

مۇرەككەپ جۈملىدۇر .

 

 (لېكسىكا قىسىمىدىن  )  
توغرا جاۋابنى تاللاڭ .

             (2011-يىللىق)

      ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:

.تەكەببۇرلۇق ھېچ بىر ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى زىيادە قىلمايدۇ›› دېگەن جۈملىدىكى جۈپ سۆز ئىككى مەنىداش سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلگەن.جۈملىدە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆز يوق.

B.‹‹كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپى تىلدۇر ۋە ئۇل خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر›› دېگەن مىسرادىكى ‹‹قۇلۇپ،ئاچقۇچ،خەزىنە››دېگەن سۆزلەر كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ،بۇ سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدۇ.

C.سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى ئارىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش بولىدۇ.ئە گەر بۇ خىل باغلىنىش بولمىسا ئۇنداق سۆزلەر ئارىسىدا ئەسلى مەنە ۋە كۆچمە مەنە مۇناسىۋىتىمۇ بولمايدۇ.

D.كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئوخشىمىغان تىل شارائىتىدا ئوخشىمىغان مەنە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

 

. (2010- يىللىق )

لېكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (          )

. « تىل بىلەن يەتكۈزۈلگەن جاراھەت قېلىچ بىلەن يەتكۈزۈلگەن جاراھەتتىن ئېغىرراقتۇر . » دېگەن جۈملىدىكى « جاراھەت» دېگەن سۆز ئاۋال كۆچمە مەنىدە ، كېيىن ئەسلى مەنىدە قوللىنىلغان .

. ئۇيغۇر تىلىدا شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنا بىلدۈردىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بۇلىدۇ ، ئەمما ، مەنىداش سۆزلەرنى ئۇنداق دەپ قاراشقا بولمايدۇ .

. « تاتلىق سۆزلۈك دۈشمەندىن ئاچچىق سۆزلۈك دوسىت ياخشى » دېگەن جۈملىدە ئىككى جۈپ قارىمۇ _ قارشى مەنىلىك سۆز بۇلۇپ ، ھەر ئىككىسى جۈپ سۆز شەكلىدە كەلمىگەن .

. ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر لۇغەت تەركىبىنىڭ مەركىزى ھېسابلىندۇ . چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر شۇ تىلغا نىسبەتەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇمۇمىي خەلققە بىردەك چۈشىنىشلىك بۇلىدۇ

.

(2009- يىللىق )

لېكسىكىغا ئائىت چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (            )

. « دۇرۇس ھەم پاكىز كىشى دائىم خاتىرجەم ، تېنىچ ياشايدۇ ، بىراۋغا يامانلىق ۋە خىيانەت قىلدىغان كىشى دائىم ساراسىمدە ياشايدۇ » دېگەن جۈملىدە ئۈچ گۇرۇپپا مەنىداش سۆز بار بۇلۇپ ، بۇنىڭ ھەممىسى جۈپ سۆزلەردۇر .

.« بىراۋ ئۇرۇنسىز ماختىسا سەن بەك زىرەك بول ، ئۇ بىر تۈلكە ؛ ئارقاڭدىن يامان گېپىڭنى كۆپ قىلسا بەك ئەنسىرەپ كەتمە ، ئۇ بىر تۇخۇ » دېگەن جۈملىدە كۆچمە مەنىدە كەلگەن سۆزدىن ئىككىسى بۇلۇپ ، ھەر ئىككىسى ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ .

. « ئالمىنى سۇندى نىگارىم ئال دېدى ، ئالما بىرلە بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى »دېگەن مىسرالاردا مەنىداش ، شەكىلداش ۋە قارمۇ - قارشى مەنىلىك سۆزلەر يوق .

. ئۇيغۇر تىلىدا سۆز شەكلى بىلەن سۆز مەنىسى ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش تۇراقلىق بۇلىدۇ . سۆز شەكلى ئۆزگەرسە، سۆز مەنىسىدىمۇ  ئۆزگىرىش بۇلىدۇ

.

(2009- يىللىق )

تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىلارنىڭ مەزمۇنىغا تۇلۇق ماس كىلىدىغان تۇراقلىق  ئىبارىلەر   گۇرۇپپىسى (      )  

①  « ئۇ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلا پ يەپ ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى . ئالىي مەكتەپ ئمتىھانىنى ياخشى بېرىش ئۈچۈن خام خىيال ئەمەس ، ئەمەلىي تەييارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلەتتى . شۇڭا ئۇ باشقىلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ، خىلمۇخىل ئويۇنلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەندە قېتىرقىنىپ كىتاب كۆردى ، تىرىشتى ، ئىزدەندى ...»        ② ‹‹ مانا بۈگۈن ئۇ ئۆز ئەجرىنىڭ مىۋىسىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قالدى . قۇلىدا ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى ...قەلبىدە چەكسىز خۇشاللىق ۋە ئېيىتقۇسىز بىر خىل ھاياجان مەۋج ئۇراتتى . ››    ③ ‹‹ مانا ئۇ ھازىر ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بىلىم يۇرتىنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى . ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىنمۇ بەزى ساۋاقداشلىردەك بوشىشىپ قالماي ، داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەندى ، ئىزچىللىق بىلەن ماتىريال توپلىدى ....››

A. ① بۆرە كەلگۈچە پىچاق ئالماق . ② يېڭى ئېدىشنىڭ سۈيى تاتلىق . ③ ئاقىلغا ئىشارە ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز .

B. ① تۇخۇ ئۇچسا تامغا قۇنار ، لاچىن ئۇچسا تاغقا . ② ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك . ③ چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە .

C. ① سۇ كەلگۈچە توغان سال . ② بېشى ئاسمانغا تاقاشماق . ③ ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەيدۇ .

D. ① پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس ، يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس . ② گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك .  ③ موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە .

 

 (2007- يىللىق )

. لېكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (           )

. مەنىداش سۆزلەرنى ئوخشىمىغان مەنەئىپادىلەيدىغان بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ئەمما ، شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنا ئىپادىلەيدىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بۇلىدۇ .

. « يۈزى چىرايلىق ، خۇلقى سەت كىشى ئىملاسى خاتا خۇش خەتكە ئوخشايدۇ . » دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ھەم لېكسىكىلىق مەنە ، ھەم گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلگەن .

.«ئەقىل ئوقى ئالەمنى ئالار» دېگەن جۈملىدە ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆز يوق .

. « ياخشى ئادەم يامانلاردىنمۇ ياخشىلىقىنى ئايىماس » دېگەن جۈملىدە لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىليەلمەيدىغان سۆز يوق دېگىلى بولمايدۇ .

 

 ( مورفولوگىيە قىسىمىدىن )
(2011-يىللىق)
       مورفولوگىيە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىلىرى تولۇق گۇۇرۇپپىلانغىنى:

    سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەي،مەلۇم گرامماتىكىلىق مەنە قوشىدىغان قوشۇمچە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە دېيىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ ھەممىسى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ.

     ‹‹ياخشىلار بىلەن سۆھبەتتە بولساڭ ئىشلىرىڭ ياخشىلىقتىن روناق تاپار ››دېگەن جۈملىدە سۈپەتتىن ئىككىسى بار بولۇپ،ھەر ئىككى سۈپەت ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلغان.

     ‹‹باشقىلارنىڭ ئەيىبىگە نەزەر سېلىپ،ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئىبرەت ئال››دېگەن جۈملىدە

ئۈچ ئالماش بولۇپ،ئۇلارنىڭ بىرى بەلگىلەش ئالمىشى،بىرى شەخس ئالمىشى، يەنە بىرى ئۆزلۈك ئالمىشىدۇر.

      ئاۋال بىلىپ،ئاندىن سۆزلە،ئاۋال تېپىپ ،ئاندىن خەجلە››دېگەن بۇ جۈملىدە جەمئىي سەككىز سۆز بار بولۇپ ،بۇلاردىن تۆتى پېئىل،بۇ پېئىللارنىڭ ئىككىسى شەخسلىك پېئىل،ئىككىسى شەخسسىز پېئىلدۇر،بۇنىڭدىن باشقا،يەنە تۆت رەۋىش بار بولۇپ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىت رەۋىشىدۇر.

      ‹‹راستچىللىقنىڭ شېرىن ئىكەنلىكىنى تېتىمىغان ياكى تېتىشنى خالىمىغان كىشى ئۇنى سۆيمەيدۇ›› دېگەن جۈملىدە ياسالما سۆزدىن ئىككىسى بار بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى ياردەمچى سۆزدىن ياسالغان.

      ‹‹بىلىمىم كۆپەيسۇن دېسەڭ كۆپ كىتاب كۆر››دېگەن جۈملىدىكى ئىككى ئىسىمنىڭ بىرىگە تەۋەلىك قوشۇمچىسى ئارقىمۇئارقا ئۇلانغان.

A.       B.        C.        D.

 
(2010- يىللىق )

سۆزلەرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە سۆز تۈركۈملىرى ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپپلانغىنى (          )

①. بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى ھەر بىر سۆز ئۆز مەنىسىنى يۇقىتىپ ، بىر ئورتاق مەنىنى بىلدۈرىدۇ .ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنە بىرىكمىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ .

②. « ئارسلان يىرىتقۇچلىقى ، ئادەم ئەقىل - پاراسىتى بىلەن، ئەدەپ- ئەخلاقى بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ »دېگەن جۈملىدە تۈپ سۆزدىن تۆتى ، ياسالما سۆزدىن ئۈچى ، ياردەمچى سۆزدىن ئىككىسى بار .

  ③ . « ئەدەپلىك كىشى خىسلەتلىك تىۋىپقا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش كۆڭۈلدىكى غەمنى قوغلايدۇ » دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى ئېنىقلىغۇچىلارنىڭ ئىككىسى سۈپەتتىن ، بىرى ئىسىمدىن كەلگەن . شەخىسلىك پىئېلدىن ئىككىسى ، شەخىسسىز پىئېلدىن بىرى بار ، ياردەمچى سۆزلەردىن تىركەلمە قوللىنىلغان .

④. « تۆنۆگۈن ئۇلار تېز مېڭىپ ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى » دېگەن جۈملىدە ۋاقىت رەۋىشى ، ھالەت رەۋىشى ، ئۇرۇن رەۋىشلىرىدىن بىردىن بار ، جۈملىدىكى ئالماشلار بىر تۈرگە تەۋە ، جۈملىدە ياردەمچى پىئېلدىن بىرى بار .

   ⑤. « كېسەل پاتمانلاپ كېرىپ مىسقاللاپ چىقىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى رەۋىشلەر مىقداردىن ياسالغان . جۈملىدە شەخسسىز پىئېللاردىن ئىسىمداش بار .

      ⑥. « مەن1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، مەكتىپىمىز 1958- يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ھازىر 1380 نەپەر ئوقۇغۇچى ، 31 سىنىپ بار . مەكتەپ كۆلىمى 70مودەك كىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ياتاقتا ياتىدۇ ، ھەر يىلى يۈزلەپ – يۈزلەپ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ماڭىدۇ ، بۇلتۇر بەشەيلەن بېيجىڭغا ئوقۇشقا ماڭدى ، ئۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ ئاكام » دېگەن جۈملىدە ساناق سان، مۆلچەر سان ، تەرتىپ سان ، كەسىر سان،تەخسىم سان ، رەۋىش سان ، كىشلىك سان ، ئالماش سانلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغان .

.①③④      .③⑤⑥      . ①②⑤        .②④⑥

 

(2009- يىللىق )

2. سۆز تۈركۈملىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى (             )

①. « كىشىگە ياخشىلىق قىل يامانلىق قىلما » دېگەن جۈمىلىدە سۈپەتتىن ياسالغان ئىسىمدىن ئىككىسى بار .      ②. « ئەگرى ئىش كىشىگە غەم - ئەلەم كەلتۈرەر » دېگەن جۈملىدە تۈپ سۈپەتتىن بىرى ، جۈپ سۈپەتتىن بىرى بۇلۇپ، ھەر ئىككى سۈپەت ئەسلى دەرىجىدە كەلگەن .    

③. « كەنجى ، مۆمىنجان قاتارلىق ئالتەيلەن ئىككىدىن – ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ ، بىرىنجى قېتىملىق ۋەزىپىنى يېرىم كۈندە %90 ئۇرۇنلاپ ، سائەت بەشلەردە مەشرەپكە ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلدى » دېگەن جۈملىدە كىشلىك ساندىن بىرى ، تەخسىم ساندىن ئىككىسى ، تەرتىپ ساندىن بىرى ، كەسىر ساندىن ئىككىسى ، ئالماش ساندىن بىرى بار .    ④. «كىمكى ئۆزىنى ماختىسا بۇ ئەخمەخلىقتۇر » دېگەن جۈملىدە سۇئال ئالماشتىن بىرى كۆرسىتىش ئالماشتىن بىرى ۋە ئۆزلۈك ئالماشتىن بىرى بار .    ⑤. «ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، ئارقىسىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتتى » دېگەن جۈملىدە رەۋىشتىن ئۈچى بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى تەقلىد سۆزدىن ياسالغان رەۋىشتۇر .     ⑥. « ئۇ توپ ئويناۋېتىپ يىقلىپ كەتتى » دېگەن جۈملىدىكى پېئىللارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل پېئىللاردۇر .

.①③⑥         .②③⑤         .②④⑥        .①④⑤

 

(2008- يىللىق )

3. تۆۋەندىكىلەردىن مورفولوگىيە ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا ھۆكۈملەرنىڭ تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى:(     )

. « كەمچىلىك ۋە خاتالىقنى تۇنۇغان كشى بەختلىك كىشىدۇر » دېگەن جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن سۆزنىڭ بىرى ياسالما سۈپەت ، يەنە بىرى سۈپەتداش . بۇ جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرى تۈپ ئىسىمدىن ،تولدۇرغۇچىسى ياسالما ئىسىمدىن كەلگەن .

. « ھەممەيلەنگە ئايانكى ، باشقىلارنى چۈشىنىش ئاسان ، ئەمما ئۆزىنى چۈشىنىش تولىمۇ تەس ، دوستۇم ، چۈشىنىش — قاراڭغۇلۇقتىكى ماياكتەك باشقىلارغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ » دېگەن پارچىدا جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن بىردىن بار ، ئاستى سىزىلغان جۈملىنىڭ خەۋىرى قوشما پېئىلدىن تۈزۈلگەن .      . « مەشئەلچىلەر 29- نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولېمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ  ئېغىرلىقى 985گرام كېلىدىغان مەشئەلنى كۆتۈرۈپ ، ھەر 200 مېتىر ئارىلىقتا بىر قېتىم ئالمىشىپ يۈگۈرىدۇ» دېگەن جۈملىدە خاس مىقداردىن تۆتى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچى شەيئى مىقدارى ، بىرى ھەركەت مىقدارىدۇر . كۆچمە مەنىدە كەلگەن مىقداردىن ئىككىسى بار .      ④ . پىئىللارنىڭ مەجبۇرى دەرىجىسى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پىئىل ئۈزەكلەرىگە « –دۇر ، -دۈر ، -تۇر ، -تۈر » قۇشۇمچىلىرنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ .  ⑤ . « بېرىلىپ ئاڭلىسا ئەل يېپىشىدۇ ، تۇلا سۆزلىسە خەلق قېچىشىدۇ » دېگەن ماقالدا بىر گۇرۇپپا مەنىداش سۆز بار . قارمۇ - قارشى مەنىدە كەلگەن بىر گۇرۇپپا سۆز خەۋەر رايىدا كەلگەن .          . « ئۆمۈرنىڭ بۈگۈن – ئەتىسى مەلۇم ئەمەس ، ھەتتا بۈگۈن كەچكىچە نېمە بۇلىدۇ ، بۇمۇ ئېنىق ئەمەس » دېگەن جۈملىدە ۋاقىت رەۋىشىدىن تۆتى بار . ياردەمچى سۆزدىن ئىككىسى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ بىرى كۈچەيىتكۈچى باغلىغۇچى ، يەنە بىرى يۈكلىمە .

.②③⑥        .①⑤⑥        .②④⑤           .①④⑤A

 

 

(2007- يىللىق )

4. سۆزنىڭ گراماتكىلىق خۇسۇسيەتلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى (                  )

①. « تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ سىرلىقلىقىدا ئىپادىلىندۇ » دېگەن جۈملىدە سۈپەتتىن ياسالغان ئىسىم ئىگە ، ئىسىمدىن ياسالغان پىئېل خەۋەر بولغان . بىر سۆزگە ئوخشاش بىر قۇشۇمچە ئارقىمۇئارقا ئۇلۇنۇپ ئىسىمدىن سۈپەت ، سۈپەتتىن يەنە ئىسىم ياسالغان .

               ②. « دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچاق كىشى ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ يۇرىدىغان ئادەم » دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسىمۇ ، خەۋىرىمۇ ئىسىم سۆز تۈركۈمىگە تەۋە بۇلۇپ ، « دۇنيادىكى » دېگەن سۆز جۈملىدە ئۇرۇن ھالىتى بولغان .      ③. « قەلبىنى گۈزەل سۈپەت ۋە خۇلۇقلار بىلەن بىزىمىگەن ئادەم ھەر قانچە چىرايلىق كىيىنسىمۇ بەرىبىر گۈزەل بۇلالمايدۇ » دېگەن جۈملىدىكى « قەلبىنى » دېگەن سۆز جۈملىنىڭ خەۋىرى بىلەن باشقۇرۇش باغلىنىشىتا كېلىپ تولدۇرغۇچى بولغان .     ④. « تۇنجى قېتىم زەربە يىگىنىڭدە سەۋرچان بول » دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى ئالماش بۇلۇپ ، جۈملىدە شەخىسسىز پىئېل ئۇرۇن كېلىشتە كىلىپ ھالەت بولغان .        ⑤. « غەيۋەت قۇلاقتىن كىرىپ ئېغىزدىن تارقىلدۇ » دېگەن جۈملىدە ئىسىمدىن ئۈچى ، پىئېلدىن ئىككىسى بۇلۇپ ، ھەر ئىككىلا پىئېلنى جۈملىنىڭ خەۋىرى بولغان دېگىلى بولمايدۇ .        ⑥. « ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بۇلىدۇ » دېگەن جۈمىلىدە سۈپەتمۇ ، رەۋىشمۇ ھالەت بولغان .

.①③⑥         .②④⑤         .①④⑤          .④⑤⑥

 

 

(سىنتاكسىس قىسىمىدىن)
(2011-يىللىق)
   سىنتاكسىس ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:

  A.‹‹ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،

   زەخمەت چەكمە بولما بىئارام.

      تېنچلانماق لازىم قايغۇدا،

      قوۋناق كۈنلەر كېلىدۇ ھامان.›› دېگەن شېئىرىي پارچىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى مىسراسى مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە بولۇپ،تۈزۈلۈش جەھەتتىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىدۇر.

      B.‹‹ ئېدىيە،تەشەببۇس ئوخشاش بولمىسا،پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ››دېگەن جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، باش جۈملىسى ئىگىلىك،تولۇق،يېيىق ئاددىي جۈملىدۇر.

.     C.‹‹ياخشىلىق بىلەن سېخىيلىق ئاتا بىلەن ئانىغا ئوخشايدۇ››دېگەن جۈملىدە ئىككى ياسالما ئىسىم تەڭداش باغلىنىشتا كېلىپ ئىگە بولغان.

      D.‹‹شېرىن شېكەر سۆزلەرئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نابۇت قىلىدۇ.كىچىك ئىشلاردا ئۆزىنى تۇتالمىسا،چوڭ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدۇ››دېگەن جۈملە ئۈچ ئاددىي جۈملىدىن تۈزۈلگەن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ،كېيىنكى ئىككى ئاددىي جۈملىسى ئىگىسىز ئاددىي جۈملىدۇر.

    

 

 (2010- يىللىق )

جۈملە ، جۈملە بۈلەكلىرى ، جۈملىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى (             )

A. « ئاتىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قەھىرىتان قىش قۇچىقىدا ئۇخلاۋاتقان باھارنى ئويغاتتى » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشى جەھەتىتىن ئاددى جۈملە ، مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملىگە كىرىدۇ .

B. «بىلىم _ ئەقىل چىرىغى » دىگەن جۈملە ئىگىلىك ، تۇلۇق ، يىغىق ئاددى جۈملە بۇلۇپ ، جۈملىدىكى سىزىقنىڭ قۇيۇلۇشى توغرا بولغان .

C. « ئاز گەپ قىلماق _ ھىكمەتكە سەۋەپ ،ئاز يېمەك _ ساقلىققا سەۋەب » دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، تەركىبىدىكى ھەر ئىككى ئاددى جۈملىنىڭ ئىگىسى پىئېل سۆز تۈركۈمىگە تەۋە .

D. « بالام ، ئەر كىشى ئۆز ھۈنىرىنى تاشلاپ ، ئۆزىگە تۇنۇشلۇق بولمىغان ئىشنى باشلىسا ، بۇ يولدا ئۆز مەنزىلىگە قانداقمۇ يېتەلىسۇن ؟» دېگەن جۈملە ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، جۈملە بىلەن گىراماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزدىن بىرى بار .

 

 

(2009- يىللىق )

 جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىسى (              )

A. « ساۋاقداشلار ، قىيىنچىلقتا قالغانلارغا مىھىر _ مۇھەببەت يەتكۈزەيلى !» دېگەن جۈملە مەزمۇن جەھەتتىن ئۈندەش جۈملە بۇلۇپ ، جۈملىنىڭ ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلگەن .

B. « ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى » دېگەن جۈملىدە بېقىندىلىق باغلىنىشتىكى تۆت خىل مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسى بار .

C. « _ سەن ئۇستازىڭدىن نېمىنى ئۆگەندىڭ ؟

         _ ئادەم بۇلۇشنى . » دېگەن دىئالوگنىڭ كېيىنكى جۈملىسى تۈزۈلۈشى جەھەتتىن تۇلۇقسىز ، ئىگلىك ، يېيىق ئاددى جۈملىدۇر .

D. « قۇياش پاتسا يەنە پەيدا بۇلىدۇ ، يەرگە دان تۆكۈلسە ئۈنۈپ چىقىدۇ » دېگەن جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، باش جۈملىسى ئاۋۋال كەلگەن .

 

(2008- يىللىق )

تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىلاردىكى بوش ئۇرۇنغا سۆز ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى قايسى تەرتىپ بويىچە قويسا ، پارچىنىڭ باش _ ئاخىرى ياخشى ماسلىشىدۇ: (         )

① « روھى سۇنغان ئادەمنى قۇتقۇزماق قىيىن ، ئۇنى يىقىلغان دەرەخنى ئۆرە قىلغاندەك تىكلەپ تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ .                ،   قىسىمنىڭ ئۆرە يۈرگىنى روھنىڭ ئويغانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ،

                      ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمانلىندۇ .»

②  باھار _ ئۇ پەسىللەر گۈلزارلىقى ، قەلبلەر ئىنتىزارلىقى ، ئۇيېڭى يىل تۇيغۇلىرىدا تۇغۇلىدۇ ،               ئورمانلاردا ئويغىنىپ ، قار قوينىدا بىخلىندۇ . كۈمۈشتەك جىرالاردا كۈيى بىلەن ،                    بىلەن تولغىنىپ ئاقىدۇ .

③  « مەن                 تەبىئەتنىڭ ئەركىسى                   يىپەك قاناتلىق سۆيگۈ يەلپۈگۈچى ! مەن يامغۇرنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ                  زىمىننىڭ نەم ئەتلىرىنى قۇرۇتىمەن . چىرايلىق ئېچىلغان رەڭدار گۈللەرنىڭ ھىدىنى ئېلىپ ، ئىنسانلارغا ئەتىر پۇرىتىمەن . »

 









ئەكىسچە

چۈنكى

سېپىلدەك

يىغىسى

!

،

.



ئەلۋەتتە

ھەتتا

سۈرەتتەك

كۈلكىسى

_

!

،



ئەكىسچە

ئەمەليەتتە

تۈمۈردەك

يىغىسى

،

!

.



شۇڭا

ئەلۋەتتە

مۇزدەك

كۈلكىسى

_

،

،

 

 

 

(2008- يىللىق )

جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ، مورفولوگىيلىك ، سىنتاكسىسلىق تۈزۈلۈشى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىسى : (               )

A. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ » دېگەن جۈملە مەزمۇن  جەھەتتىن  بايان  جۈملە ،  تۈزۈلۈش جەھەتتىن  تەڭداش  مۇرەككەپ  جۈملە  بۇلۇپ  ،  « كۆرمىگىنىڭ ، ئۆلمىگىنىڭ » دېگەن سۆزلەر جۈملدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن .

B.«مەن ھاياتلىقىمدىن ئىزنا قالدۇرماق بۇلۇپ ، مۇنار تىكلەۋاتاتتىم ، قىلمىشلىرىم تەرەپ – تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى ئۆرۈۋەتتى » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە . جۈملىدىكى « مۇنار تىكلەۋاتاتتىم »دېگەن سۆز ئوتتۇرسىدا يانداش باغلىنىش مۇناسىۋىتى بار .

C. « تۇرمۇش لەززىتىنى ھالال ئەمگەكتىن ئىزدىمىگەن ئادەم ئاچكۆز چاشقانغا ئوخشايدۇ » دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرى كېلىشىش باغلىنىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن . «ئىزدىمىگەن » دېگەن سۆز ياسالما سۈپەت بۇلۇپ ، جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .

D. « ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ » دېگەن جۈملە ئىگلىك ، يېيىق ئاددى جۈملە .

 

 (2007- يىللىق )

 تۆۋەندىكىلەردىن جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن       توغرىسى : (         )

A. « نامراتلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ نەپرەتلەنمەسلىك ناھايتى تەس . باياشادچىلىق ئىچىدە مەغرۇرلىنىشىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ » دېگەن جۈملە مەزمۇنىدىن بايان جۈملە ، تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىدۇر .

B. « ئاي چىللىسا ، مەن قالاي ،سەن چىق ،

    ئايدا دوستۇم  بار دەپ بىلىمەن .    

  پەخىرلەنسە ئەللەر مۈلكىدىن ،  

  مەن دوسىتلاردىن پەخىرلىنىمەن . » دېگەن شېئىرى پارچىنىڭ بىرىنچى مىسراسى مەزمۇنىدىن بۇيرۇق  جۈملە ، تۈزۈلۈشىدىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىدۇر .

C. « ئەقىللىق ئادەملەر يولدىن ئازمايدۇ ، چۈنكى ئەقىل ئۇنىڭ يۇلىنى يۇرۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق مەشئەلدۇر » دېگەن جۈملە مەزمۇنىدىن خەۋەر جۈملە بۇلۇپ ، تۈزۈلۈشىدىن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر .

D. « خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالالمىغان ئادەمنىڭ ھەيكىلى ئالتۇندىن تىكلەنسىمۇ ، قوغۇنلۇقنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىغا ئوخشايدۇ » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن ئۈندەش جۈملىدۇر .

 

ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارغا دائىر تاللاش سوئاللىرى
(2011-يىللىق)
       نەسىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:

      A. ‹‹مەيىن شامال خۇددى يىراقتىكى ئىگىز بىنادىن بىردە جاراڭلىق،بىردە سۇس ئاڭلىنىپ تۇرغان ناخشىدەك،گۈپۈلدەپ تۇرغان خۇش پۇراقلارنى دىماغقا ئۇرۇپ تۇراتتى››دېگەن پارچە جۇزىچىڭنىڭ ‹‹نىلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى››ناملىق لىرىك نەسىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ،پارچىدا ئاساسلىقى ئوخشىتىش قوللىنىلغان.

      B. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىننىڭ ‹‹ئات بىلەن ئات مىنگەن كىشى›› ناملىق مۇھاكىمىلىق نەسىرىدە ئىنساننىڭ تېنى يەنى جىسمانىيىتى‹‹ئات مىنگەن كىشى››گە،ئىنساننىڭ روھى،يەنى مەنىۋىيىتى‹‹ئات››قا ئوخشىتىلىپ، ‹‹ ئات مىنگەن كىشى ئاتنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك››بولغىنىغا ئوخشاش،ئىنساننىڭ روھىيىتى ئۇنىڭ جىسمانىي تەلىپىنى كونترول قىلغان ھالدىكى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشى كېرەك،دېگەن ئېدىيىنى ئالغا سۈرگەن.

      C. ‹‹دولان ياشلىرى››ناملىق ھېكايىدە ئاپتۇرنىڭ ھېكايە ۋەقەلىكىنى ئىپادىلەش،پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئۆزگىرىشىنى يارىتىش جەريانىنى بايان نوقتىسى جەھەتتىن ‹‹بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بۇلۇڭى››دىن بايان قىلغان، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

      D.‹‹مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا  شۇنداق تونۇتۇپ قويايكى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگە كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالمايدىغان بولسۇن.›› بۇ پارچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز›› ناملىق رومانىدىن ئېلىنغان بولۇپ،سۆزلەۋاتقان كىشى چيەن دارېن،ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن تەسۋىر قوللىنىلغان. 

 

( 2010- يىللىق )

تۆۋەندە بىرىلگەن پارچىلاردا قوللىنىلغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى توغرا ئېيتىپ بېرەلمىگىنى (                    )

A . « ئېتىزلار ئارىسىدا غۇلاچ كىرىپ تۇرغان بۇ قارياغاچ تالاي ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى ، ئۇنىڭ بۇۋاقتەك يۇمران چاغلىرى 300 نەچچە يىلىنىڭ نېرىسىدا قالغان . ئۇ ھازىر ھاياتىدا كۆرگەنلىرنى ئەسلەپ ، مۈگدەپ ئولتۇرغان ئاق باش ئانىغا ئوخشايدۇ . » بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن تەسۋىر، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش ، جانلاندۇرۇش ، سۈپەتلەش قوللىنىلغان .

B . «تېرە ئادەم بەدىنىنى ھەر خىل باكتىريە ۋە زەمبۇرۇغلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ قوغدايدىغان ئىنتايىن مۇھىم قورغان » بۇنىڭدا ، ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن چۈشەندۈرۈش ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش قوللىنىلغان .

C . « غايە تۇپراقتىكى سۈزۈك بۇلاق . سۈزۈك بۇلاق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، بۇ تۇپراق چەكسىز ھاياتى كۈچكە تۇلىدۇ ، كۆزلەرنى قاماشتۇردىغان يېشىللققا پۈركۈنىدۇ . بۇلاقسىز تۇپراق شورلىشىپ ، ھاياتى كۈچىنى يۇقىتىدۇ . شۇڭا ، ئادەم غايىسىز ياشىماسلىقى كېرەك . » بۇ پارچىدە مۇھاكىمە بىلەن لىرىكا قوللىنىلغان بۇلۇپ ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن سۈپەتلەش ، مۇبالىغە ، ئوخشىتىش قوللىنىلغان .

D. « ئاسىيخان تۇيۇقسىزلا مەتتىيانىڭ تۇنۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى . مەتىيا جۇلا مۇقامىغا توۋلىماقتا ئىدى . مۇقام تۈگىشىگىلا مەيداندا چىرايلىق كىيىنگەن بىر يىگىت پەيدا بولدى . يىگىت ئالدىراپ بېرىپ ئۇچۇشقا تەمشەلگەن قارلىغاچتەك تەقەززا بۇلۇپ تۇرغان ئاسىدەنى ئۇسۇلغا تارىتتى، قىز ھەيران بۇلۇپ كەينىگە داجىدى . مەيداندا كۈلكە كۈتۈرۈلدى .» پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن بايان،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان .

 

( 2007 - يىللىق )

تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىدا قوللىنىلغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى توغرا ئېيتىپ بېرەلمىگىنى (                      )

A. « بۇلاق سۈيى سۈزۈك ۋە پاكىز بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تېگىدىكى ئاق ، سارغۇچ ، چىپار ، قارا ، قىزغۇچ رەڭدىكى ھەرخىل ئۇششاق تاشلار ۋە قۇملار گويا ئۈنچە – مارجاندەك پارقىراپ بەكمۇ چىرايلىق كۈرىنەتتى . » بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇللىردىن بايان ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن سۈپەتلەش بىلەن ئوخشىتىش قوللىنىلغان .

B. « قۇياش يىراقتىكى تاغ كەينىگە ئۈتۈپ كەتتى . تەكلەر ، دەل – دەرەخلەرنىڭ كۆلەڭگىلىرى قۇيۇقلاشتى . سەلكىن شامال گۈل ، مىۋە پۇراقلىرغا نەم تۇپىنىڭ ، چىرىگەن قىغنىڭ پۇراقلىرنى قۇشۇپ ھەممە يەرگە تارقىتاتتى .»بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن تەسۋىر ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن سۈپەتلەش ۋە جانلاندۇرۇش قوللىنىلغان .

C. « قۇملۇق _ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىكى ئەڭ جاھىل دۈشمەنلىرنىڭ بىرى . تارىختىن بۇيان ئىنسانلار قۇملۇق بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ كەلدى . لېكىن ، قەدىمكى رىۋايەت ھەم تارىخ كىتابلىرىدىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئۆتمۈشتە ئىسانلار قۇملۇقنى بويسۇندۇرالمىغان . ئەكىسچە قۇملۇق كىشلەر ئولتۇراقلاشقان بىر مۇنچە رايۇنلارنى يۈتۈۋەتكەن . » پارچىدا چۈشەندۈرۈشنىڭ ئېنىقلىما بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بۇلۇپ ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن جانلاندۇرۇش بىلەن ئوخشىتىش قوللىنىلغان .

D . « بىلىم _ يېڭى، ئىجادىي پىكىرنى شەكىللەندۈرىغان دەسلەپكى ماتىريال . لېىكىن بۇ ، يالغۇز بىلمگە تايانغاندىلا ئىجادىيلىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس . ئىجادى كۈچنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بىلىمنى قانداق تەدبىق قىلىشتا .» دېگەن پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن مۇھاكىمە ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش ۋە سۈپەتلەش قوللىنىلغان .        

 

 

بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇش سۇئالى

     (2011-يىللىق)

1.كىشىدە ئككى ئات،بۇ تىلدا يۇيۇر،

 بىر ياخشى ،بىر ئەسكى جاھاندا قالۇر.

 

بالا-زورلۇق ۋاقتىدا قىل ياخشىلىق،

تىلىڭ ھەم قولۇڭدىن يۇيۇنسۇن خەلق.

بۇ شېئىرىي پارچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ــــــــــ شەكلىدە يېزىلغان.بۇخىل شېئىرلارنىڭ قاپىيىلىنىش شەكلى ــــــــــــ بولىدۇ.

2.سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاچچىق كۈز شامىلى سېرىق ياپراقلارنى شاخلاردىن قېقىپ چۈشۈرۈپ،قۇملارنى ئۇچۇرۇپ،نېمىگىدۇر نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئانا تۇپراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماقتا ئىدى.

بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ــــــــــــ ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ــــــــــــــ بىلەن ـــــــــــ قوللىنىلغان.

3.كەچكى شەپەق جۇلالىنىشقا باشلىدى.دەرەخ ئۇچلىرىغا قىزغۇچ جىيەك تۇتۇلۇشى بىلەن دەرەخ تۈۋى سۇس قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولدى.تولۇنئاي قۇياش ئورنىدا بالقىشقا تەيارلاندى.دەرەخلەرنىڭ ئەڭ ئىگىز شاخلىرىغا چۈشۈپ تۇرغان قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرىمۇ خىرەلەشتى.

پارچىدا ياسالما سۈپەتتىن ئىككىسى بار بولۇپ،ئۇلار ـــــــــ ،ـــــــــــ دېگەن سۆزلەردىن ئىبارەت.پارچىدىكى ئاستى سىزىلغان بىرىكمە بېقىندى باغلىنىشنىڭ ـــــــــــ مۇناسىۋىتىدە باغلانغان.

 

(2010-يللىق )

1.« ئۇ بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلاتقان ھالدا ئارىنىڭ ئۇچى بىلەن چۇيۇندەك قاتقان يەرنى سىجاپ ئولتۇراتتى . كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندىن تارتىپ نامازدېگەرگىچە بىر دائىرىنى ئايلىنىۋېرىشى ۋە تۇلۇقنىڭ بىر خىل گۈپۈلدىگەن ئاۋازى مېنى زىرىكتۈرۈۋەتتى .»

پارچىدا شەخسسىز پىئېللاردىن                  بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۈپەتداشتىن                 سى ، رەۋىشداشتىن                   سى ، ئىسىمداشتىن                  سى بار .

2. « ئاق لىچەك باشىڭدا قۇددۇس غەمگۈزار بوغدا ئانام ،

   ئولتۇرۇپسەن كۆك گىلەمدە بەر قارار، بوغدا ئانام . 

    ھەر قاچان كۆرسەم سېنى ، ئەي گۈلئۇزار بوغدا ئانام ،

        جۇش ئۇرۇپ قەلبىمدە چىن ئىنتىزار ، بوغدا ئانام .

   خۇشلۇقۇمدىن كۆز يېشىم دۇردەك تامار ، بوغدا ئانام . »

بۇ شېئىرى پارچە ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ                 شەكلىدە يېزىلغان . « بوغدا ئانام » دېگەن سۆز بىرىكمىسى شېئىردا                   بۇلۇپ كەلگەن . شېئىرنىڭ 5 - مىسراسىدا تىلغا ئېلىنغان «-دۇر » دېگەن سۆز                  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

3. « كىتاب _ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت . كىتاب ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات . ياخشى كۈتۇپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بۇلۇپ ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋى ماھىيەتلەر جىلۋىلىندۇ . »

① . پارچىدا چۈشەندۈرۈشنىڭ                 ئۇسۇلى بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ                   ئۇسۇلى قوللىنىلغان .

② . پارچىدىكى ئاستى سىزىلغان جۈملە                  مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، بۇ جۈملە تەركىبىدىكى « دۇنياۋى ماھىيەتلەر » دېگەن سۆز بېقىندى باغلىنىشنىڭ ------                                                                     مۇناسىۋىتىدە كەلگەن .

(2009-يللىق )

1.‹‹ مېنىڭلا راسىت دېيىش خەتەر شۇ قەدەر  ،

   شۇنداق دەپ بۇلىدۇ ئادەم زومىگەر .

   شەكسىزكى ، ھەممىنى مۇشتلىغانلارنىڭ ،

     ماكچىيار تۇمشۇقى ھەممىدىن بەتەر .  ››

① . يۇقىرىقى شېئىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ                             شېئرى شەكلىدە ،                            ۋەزنىدە يېزىلغان .

② . شېئىردا شەخىسسىز پېئىللارغا تەۋە سۆزلەردىن تۆتى بۇلۇپ ، ئۇلار                  ،                     ،                               ،                                    دېگەن سۆزلەردىن ئىبارەت .

2. « بۇ ئوتتۇرا بوي ، كەڭ غوللۇق ، مەڭزىلىرى قىزىل  ، قېلىن قاشلىرى ئاستىدىكى دۈگلەك ، قارا كۆزلىرى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر ، ئېڭەكلىرى قۇيۇق قارا ساقال بىلەن قاپلانغان ، تەخمىنەن قىرىق ياشلاردىكى نۇرانە چىراي بىر ئادەم ئىدى .»

                                                                                     — « ئىز » رومانىدىن .

① . پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن                                بىلەن                                قوللىنىلغان .

② . پارچىدا پېرسۇناژ تەسۋىرىدىن                              تەسۋىرى قوللىنىلغان .

(2008-يىللىق )

1. دوستۇم ، بىزنىڭ كۆزلىرىمىزمۇ ھامان بىر كۈنى مەڭگۈگە يۇمۇلىدۇ ، شۇڭلاشقا ، مەن ئەۋلادلارنىڭ قەلىب ئېتىزىغا گۈزەللىك ئۇرۇقى چېچىشقا ئالدىرايمەن .

بۇ پارچىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئاساسلىقى                    ، ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن              

              بىلەن                          قوللىنىلغان . « گۈزەللىك ئۇرۇقى » دىگەن بۇ ئىككى سۆز بېقىندى باغلىنىشنىڭ                            مۇناسىۋىتىدە باغلانغان .

2.  خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن ،

      مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قۇتۇر بولغان بىلەن ،

    كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ ،

  ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن .

                                                                                                   _ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

① . يۇقىرقى شېئىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ                          شېئىر شەكلىگە تەۋە بۇلۇپ ، ۋەزىن ئېتبارى بىلەن                        ۋەزىندە يېزىلغان .

② . شېئىردىكى قاپىيىىنى تەشكىل قىلغان سۆزلەر ئاھاڭداشلىقى جەھەتتىن                 ــــــــــ قاپىيەدۇر ، « بىلەن » دېگەن سۆز شېئىردىكى                  دۇر .

③ . شېئىردا سۈپەتداش ياسىغۇچى قۇشۇمچە ئۇلانغان سۆزدىن                   بار .

 

3.‹‹ نۇرىنىڭ ئىچىدە بىر قىز يالغۇز ئولتۇراتتى . ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى . ئۇنىڭ بېشىدا ئاتەشتەك نۇرلۇق بىر مېڭى بۇلۇپ ، قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشايتتى. بۇ قىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى ، ئۇ كۈلسە ، كۆك ئاسمان قۇشۇلۇپ كۈلەتتى ، ئۇ يىغلىسا ، كۆك ئاسمان بىللە يىغلايتتى .

يۇقىرىقى پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئاساسلىقى                      قوللىنىلغان . « ئاتەش » دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى                       دىن ئىبارەت .

(2007- يىللىق )

تۇرمۇش يۇلى _ خياللاردەك ئۇزۇن،يۇلتۇزلاردەك گادىرماچ، تەكلىماكان قۇملۇقىدەك گىرەلەشكەن ھەم خىسلەتلىك  ، جەزىبىلىك ھەم قورقۇنچلۇق يول .

      بۇ يولدا ھەممىمىز ماڭىمىز _ سەن ماڭسەن قۇلۇڭدا ھەققانىيەت ، ساداقەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ، دىلىڭدا ئەجدادلارنىڭ روھى،ئەۋلادلار كېلەچىكى.مەن ماڭىمەن خۇشامەت تەخسىسىنى كۆتۈرۈپ ، سىېىڭ چاپىنىڭنى قېقىپ ، دىلىمدا ھەسەت ، پەيت كۈتۈش . ئۇ ماڭىدۇ سەن ، مەن ماڭغان ئىزلارنى كېچىپ ، قۇلىدا خىيال كالتىكى ، پۇتىدا رەزىللىك غالتىكى، ۋۇجۇدى ۋەھىمىگە پېتىپ .

① . يۇقىرىقى نەسىر مەزمۇن خاراكتېرى ۋە ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىن  ـــــــــــــ                        گە كىرىدۇ .

② . پارچىدىكى « تۇرمۇش يۇلى » دېگەن سۆز بىقىندى باغلىنىشنىڭ ـــــــــــ                         مۇناسىۋىتىدە باغلانغان .

③ .پارچىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىدا تەڭداش باغلىنىشتا كەلگەن ياسالما سۈپەتتىن ئۈچى بۇلۇپ ، ئۇلار                         ،                         ،                        ، ئۇلار ئىچىدىكى                        دېگەن ياسالما سۈپەتنىڭ تومۇرى پېئىل سۆز تۈركۈمىگە تەۋە .

 

3. كۈنۈكمە ئىشلەش سۇئالى
( 2010- يىللىق )

« ناھايتى چوڭ بىر پارچە قارا بۇلۇت ئىسسىقنىڭ دەستىدە چاك – چاك بۇلۇپ كاللا - مىڭىسى ئايلىنىپ كەتكەن زىمىننىڭ ئۈستىدىن ئۈتۈپتۇ .»

تەلەپ : ①  بۇ جۈملىدىكى سۆزلەرنى سۆز تۈركۈمىگە ئايرىڭ .  ②  جۈملە بۆلەكلىرنى ئايرىڭ .

 

( 2009- يىللىق )

1. تۆۋەندىكى رۇبائىيىنى ئۇقۇپ تەلەپنى ئۇرۇنداڭ .

تىلسىم ئەمەس بىلىم بىلىپ بولمايدىغان ،

      دەشتمۇ ئەمەس ياكى كارۋان قونمايدىغان .  

يوق قىيىن ئىش بۇ جاھاندا زادىلا ، 

    بولسا جۈرئەت چوققىغا ئۆرلەيدىغان .

تەلەپ : ① شىئېرنىڭ بىرىنجى مىسراسىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرىنى ئايرىڭ . 

      شىئېرنىڭ 3- ، 4 – مىسراسىنى بىر ماقال- تەمسىل ئارقىلق ئىپادىلەڭ .

2. سۆز ئالدى قۇشۇمچىسى « بەت » تىن پايدىلنىپ ، ياسالما سۈپەت ياساپ ، ئۇنى ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلتۈرۈپ جۈملە تۈزۈڭ  .

 

( 2008- يىللىق )

« ئاقىللارنىڭ ئاقىلى سانىلىشقا مۇناسىپ بىر پادىشاھ ئۆزى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق مەشھۇر سوراقتا _ ئىككى ئايالنىڭ بىر بالىنى تالىشىش دەۋاسىدا دانالارچە ھۆكۈم چىقىرىپ، مەڭگۈلۈك شان شەرەپكە نائىىل بولغان . ئۇ نۆكەرلىرگە بالىنى ئىككى پارچە قىلىپ ، ئىككى ئايالغا بۈلۈپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . »

تەلەپ :  پارچىدە سىزىق ( _ ) نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ؟ سىزىقنىڭ ئورنىغا باشقا تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىش مۈمكىنچىلىكى بارمۇ ؟ بولسا قايسى ؟

 

( 2007- يىللىق )

« سازچى ياڭراق سازىدا قىلسا سېنى ناخۇن مۇقام ،

   جان قاناتلانغاي شۇئان بولغاچ ساڭا مەپتۇن مۇقام ،

  سەن بىلەن دائىم ئۈمۈر گۈلزارىمىز گۈلگۈن مۇقام ،

  دىلغا ئاتەشتەك ھارارەت بەرگۈچى يالقۇن مۇقام .

  ئاھ مۇقام ، ئوتلۇق مۇقام ، گۈلگۈن مۇقام ، ئالتۇن مۇقام . »

تەلەپ :  ①  يۇقىردا بېرىلگەن شېئىرى پارچە ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ قايسى شەكلىدە ، ئازۇر ۋەزىننىڭ قايسى ۋەزىن ، قايسى بەھرىدە يېزىلغان ؟ ۋەزىن سىخىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ .

②بۇ پارچىنى مۇشۇ خىل شەكىلدىكى شېئىرلارنىڭ قانچىنجى كۇبلىتى دېيىشكە بۇلىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟

③پارچىنىڭ ئىككىنجى مىسراسىدا قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلغان ؟

6. « شۇنداق قىلىپ ئۇلار دەتالاشقا چۈشۈپتۇ ، ھىچكىم ھىچكىمنى قايىل قىلالماپتۇ . زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ ، ھەممىسى دەر غەزەپكە كېلىشىپتۇ . قارا ئېيىق ئالدى بىلەن نىيتىنى بۇزۇپ ، چىل بۆرە بىلەن تۈلكىنى زورلۇق كۈچى بىلەن كۆزدىن يۇقىتىشنى قارار قىپتۇ . »

تەلەپ :  ①  يۇقىرقى پارچىدا نەچچە ئاددى جۈملە بار ؟     ②  پارچىدىكى ھەر بىر جۈملىنىڭ جۈملە بۈلەكلىرنى ئايرىڭ .  ③   پارچىدىكى ئالماشلارنى تېپىپ ، تۈرىنى  ئېيتىپ بىرىڭ .

 

2

 

IIIيېزىش مەشقىگە دائىر سۇئال

 

(2010- يىللىق )

تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىدىكى بوش ئۇرۇنغا قايسى گۇرۇپپىنى قويسا ( سولدىن ئوڭغا ) پارچىنىڭ باش _ ئاخىرى ماسلىشىدۇ ؟

« ئادەم ۋە ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەر نەپەسلەنگەندە ھەم كۆمۈر قاتارلىق يېقىلغۇلار كۆيدۈرۈلگەندە

                                                                                                                                      ئاتمۇسفىرادىكى كاربون ( ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا .

     ①  شۇڭا ، ھاۋادىكى كاربون ( ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى نىسپى مۇقىم بۇلىدۇ .      ②  لېكىن ، بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئىنسانلار سەرپ قىلغان ئېنىرگىيە سەرپىياتىنىڭ شىددەتلىك ئېشىپ بېرىشى ، ئورمانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرشى سەۋەبىدىن        ③  ئەمما ، يېشىل ئۈسۈملۈكلەر فوتوسىنتىز جەريانىدا كاربون ( ) ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ ، ئوكسىگىن گازى قۇيۇپ بىرىدۇ .            ④   كاربون ( ) ئوكسىد ھاسىل بۇلىدۇ .

.④③①②        .②④③①       .④②①③        .④③②①

 
(2007- يىللىق )

8. بېرىلگەن پارچىدىكى بوش ئورۇنغا قايسى گۇرۇپپىنى قويسا ، پارچىنىڭ باش – ئاخىرى ياخشى ماسلىشىدۇ : (               )

« ھاۋا ئىنسانلار ۋە بارلىق ھايۋانات ، ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق تۈۋرۈكى ، كېيىن ئالىملار كۈيۈش ھادىسىسى ، ھاۋانىڭ تەركىبى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىقلا ، ھاۋانىڭ بىر خىللا ئاددىي ماددا ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن .»

①  كىشلەر خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ھاۋانى بىر خىل ئاددىي ماددا دەپ قاراپ كەلگەن . ②ئەمما ، كىشلەر ھاۋانىڭ تەركىبىنى كىيىنرەك بايقىغان .   ③  شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۇ يەنە مۇھىم تەبئىي بايلىق .   ④   بۇنىڭغا ھاۋانىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ، پۇرىغىلى بولمايدىغان گاز ئىكەنلىكى سەۋەپ بولغان .

A      B      C      D

 
1) بېرىلگەن جۈملىگە تەقلىد قىلىپ جۈملە تۈزۈش مەشىقى .

: (2010-يىللىق )

ئۈلگە : ئەگەر ھاياتلىق دەرەخ بولسا ، قەدىر- قىممەت ئۇنىڭ يىلتىزى ،

ئەگەر ھاياتلىق سۇ بولسا ،                                                                              .

ئەگەر ھاياتلىق ئوت بولسا ،                                                                           ،

ئەگەر ھاياتلىق قۇش بولسا ،                                                                           .

 

  (2009-يىللىق )

ئۈلگە : دوستۇم دەيدۇكى : مېھىر – مۇھەببەت قىيىنچىلىق مەزگىلدە بېرىلگەن ياردەم ، ئازاپ- ئۇقۇبەتلىك چاغدىكى تەسەللى ، تايانچسىز قالغان چاغدىكى قارانچۇق ، ئۇتۇق قازانغان چاغدا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش .

ئانام دەيدۇكى :مېھىر-مۇھەببەت                                                                                      .

مۇئەللىم دەيدۇكى مېھىر-مۇھەببەت                                                                                   .

 

   (2007-يىللىق )

ئۈلگە: ئۈمۈدۋارلىق — ئادەمگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ . ئۇ ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ ئۆزى ئويلاپ باقمىغان پۇرسەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ .

ئۈمۈدۋارلىق                                                                                                                    .

ئۈمۈدسىزلىك — ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ ، ئۇ ئادەمنىڭ روھىنى چىرىتىپ مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ .

ئۈمۈدسىزلىك                                                                                                                   .

   

2)تەلەپ بويىچە جۈملە تۈزۈش مەشىقى .

(2011-يىلىق

   1 .كېچە مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ،‹‹يۇلتۇز›› دېگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوخشىتىش قوللىنىلغان ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىدىن بىرنى تۈزۈڭ.

2.تاڭ  سەھەردىكى مەيىن شامالنى تەسۋىرلەپ،جانلاندۇرۇش قوللىنىلغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدىن بىرنى تۈزۈڭ

3.ئىگىسىمۇ،خەۋىرىمۇ شەخسسىز پېئىل بولغان ئاددىي جۈملىدىن بىرنى تۈزۈڭ

 

     (2010- يىللىق )
«باھار » دېگەن سۆزنى ئىككى ئۇرۇندا كەلتۈرۈپ ، ئوخشىتىش قوللىنىلغان ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە تۈزۈڭ . «باھار » دېگەن سۆز بىر ئۇرۇندا ئەسلى مەنىدە ، يەنە بىر ئۇرۇندا كۆچمە مەنىدە كەلسۇن .

 

 (2009-يىللىق )

«بۇلاق » دىگەن سۆزنى كۆچمە مەنىدە كەلتۈرۈپ ، رىتورىك خىتاپ قوللىنىلغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدىن بىرنى تۈزۈڭ .

 

3) تۇلۇقلاپ يېزىش مەشىقى   (بوش ئۇرۇننى تۇلۇقلاش ۋە داۋامىنى تۇلۇقلاپ يېزىش )

:  (2009-يىللىق )

ئۈلگە : ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبى خۇددى ئىشىككە سېلىنغان قۇلۇپقا ئوخشايدۇ ، پەقەت غەمخورلۇقلا ئاچقۇچقا ئوخشاش ئۇنى ئېچىۋىتەليدۇ .

①ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبى خۇددى                                                                  ئوخشايدۇ . پەقەت                                                                                                                             .

ئۈلگە : غەمخورلۇق بەلكىم ئانىلار بايرىمىدىكى بىر تال ساغلاملىق دورىسىدۇر ، بەلكىم كىسەل كارۋىتىغا قۇيۇلغان بىر تال ئاپېلىسىندۇر .

② غەمخورلۇق بەلكىم                                              بەلكىم                                        .

 

(2008-يىللىق )

1. ئاقىللارنىڭ ئاقىلى سانىلىشقا مۇناسىپ بىر پادىشاھ ئۆزى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق مەشھۇر سوراقتا — ئىككى ئايالنىڭ بىر بالىنى تالىشىش دەۋاسىدا دانالارچە ھۆكۈم چىقىرىپ ، مەڭگۈلۈك شان شەرەپكە نائىل بولغان . ئۇ نۆكەرلىرىگە بالىنى ئىككى پارچە قىلىپ ، ئىككى ئايالغا بۈلۈپ بىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن .                                                                                                                  

                                                                                                                                      .

تەلەپ : پارچىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلىكنىڭ كەم قىسىمىنى ئۈچ مۇرەككەپ جۈملىگە يىغىنچاقلاپ تۇلۇقلاپ يېزىڭ .

2 .كىچىككىنە ئېرىققا ئارزۇ – ئارمان يۈكسەكلىكى ئاتا قىلىنسا ، ھەيۋەتلىك چوڭ ئېقىنغا ئايلىنىدىكەن ؛                          ،                         ؛                         ،                               ؛

ئادەمدە يۈكسەك ئارزۇ – ئارمان بولسا ، ئۇنىڭ مۇۋاپىقيەت بىلەن ئارلىقى قىسقىرايدىكەن .

 

: (2004-يىللىق )

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تېخنىكىدا يېڭلىق يارتىش ، پەن - تېخنىكا مۇۋاپىققيەتلىرىنى ئقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى . پەن- تېخنىكا پىلانى تۈرىدىن 643 ى يولغا قۇيۇلۇپ ، بۇلارغا مالىيىدىن 130مىليۇن يۇەن مەبلەغ سېلىندى . بەش چوڭ پەن-تېخنىكا مۇۋاپىقيەتلىرىمىز دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بۇيىچە ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . دۆلەت يولغا قويغان نامرات جايلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئىككىنجى قەرەللىك قۇرۇلۇشى ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئەستايىدىل ئىشلەندى . ئوقۇتقۇچىلارنى ، بۇلۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت  ئوقۇتقۇچىلىرنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى .

تەلەپ: يۇقىرقى پارچىنىڭ مەزمۇنىنى تۆت ئاددىي جۈملىگە يىغىنچاقلاڭ .

 

(2003-يىللىق )

①ئېرسىيەت جانلىقلارنىڭ ئۆزىنى كۆپەيتىشنىڭ بىر خىل جەريانى.②بۇخىل كۆپەيتىش ئاجدادلار باشتىن كەچۈرگەن ئوخشاش ئۈسۈپ يېتلىش يولى ۋە شەكلىگە ئاساسلىنىپ             ئېلىپ بېرىلدۇ .

③بۇ جەرياندا جانلىقلار مۇھىتتىن ئالغان ماددىلار بىلەن ئۇزۇقلىنىپ ، ئۆز تېنىنى قۇرىدۇ . ④بۇ خىل كۆپىيىش جەريانى پەيدا قىلغان نەتىجە ئەجدادلارغا ئوخشىشىدىغان نۇسخىدىن ئىبارەت .

تەلەپ : يۇقىرقى ماتىريالنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاپ «ئېىرسىيەت» كە ئېنىقلىما بېرىڭ .

 

 

 

6)تەلەپ بويىچە پارچە يېزىش مەشىقى

: (2007-يىللىق )

ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۋالغان چاغدىكى روھىي كەيپىياتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئاساستا پىسخىك تەسۋىرى يېزىڭ. يازغىنىڭىز تۆت ئاددىي جۈملىدىن كەم بولمىسۇن.

 

(2006-يىللىق )

«ئەلنى سۆيگەن خار بولماس،پەننى سۆيگەن زار بولماس» دېگەن ماقالدا ئىپادىلەنگەن ئوي- پىكىرنى ئۆز قارىشىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە شەكلىدە پارچە يېزىڭ . ئالتە جۈملىدىن كام بولمىسۇن .

 

 

 



جەۋلان 2012-09-18 11:26
تولۇق 3-يىللىقنىڭ تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كەسپداشلارغا يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە بىرقانچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئويغۇر تىلىغا ئائىت سۇئاللىرىنى يوللاپ قويدۇم،كەسپداشلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى بولسا شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن.

nasirdin 2012-09-18 12:29
بۇ بەك ياخشى ماتېرىيال بوپتۇ، رەخمەت سىزگە

koksangun 2012-09-18 13:01
بۇ ئېسىل تېمىنى نادىرلىدىم ، جەۋلاننىڭ تەۋپىقتىكى قەدىمى قۇتلۇق بولغاي .
مەن مۇشۇ مەشىقلەرگە بەك ئېھتىياجلىق بولغىنىمدەك ، نۇرغۇن كەسىپداشلارمۇ بۇ تېمىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
مۇشۇنچىلىك ماتېرىيال قىلىپ بولغىچە ئادەمنىڭ نۇرغۇن زېھىن ۋە ۋاقتى كېتىدۇ . مۇشۇ سەۋەبلىك سىزگە كۆپ تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن .

yar130 2012-09-18 19:32
بەكمۇ ياخشى بولدى،كۆپ جاپا تارتىپسىز!

ozqan 2012-09-18 21:19
جەۋلان : نېمە  دېگەن ئېسىل ماتىريال بۇ ؟!
تەۋپىقتىكىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىڭىز بەكمۇ ئېسىل بوپتۇ ، مۇشۇنداق ئېسىل سوۋغىلىرىڭىزنى تەۋپىقتىكىلەردىن ئايىمىغايسىز...
يۇقىرىدا رەتلەپ چىققان ماتىريالدىن سىزنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىل بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەك تەس ئەمەسكەن ... تەۋپىقتىكى قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن . تەۋپىق سىزگە ئوخشاش  مەسئۇلىيەتچان ، ئىزدىنىشچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجرى ئارقىلىق تېخىمۇ روناق تاپقۇسى ! ھارمىغايسىز ...

alga~nap 2012-09-20 10:04
بەك خوشال بولدۇم. بۇنداق ئەتراپلىق ماتىريالنى مەنمۇ ئىزدەپ يۈرەتتىم.ماڭا ئوخشاشلار ئېلىشنىلا بىلىمىز،بىرىشنى بىلمەيۋاتىمىز.

تۆتتاش 2012-09-20 12:14
ھەقىقەتەن قىممەتلىك مەتىريال ئىكەن،

maaripqi 2012-09-21 22:49
مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە ماتىرىيال توپلاپ، كومپىيوتىردا ئۇرىۋاتاتتىم، لېكىن ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلىدىن تېخىچە بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغان ئىدىم، ئەمدى ياخشى بولدى، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت

tawpek 2012-09-21 23:56
قارىغاندا مۇنبىرىمىزگە كۆكسانغۇن ئاكىمىزغا ئوخشاش خەزىنىداردىن يەنە بىرسى قەدەم تەشرىپ قىلغان ئوخشايدۇ.

ئەجىر مىھنەتلىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن.

تەڭ يەپ تەنگە سىڭدۈرۈش ئادىتىمىزگە ئايلانغاي.

بىلىگيار 2012-09-22 20:47
بەكمۇ ياخشى ماتىريالكەن،رەخمەت سىزگە

زۇلپىقار 2012-09-27 18:29
مۇئەللىم ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

nazi 2012-09-29 12:36
بەكمۇ ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز،ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.   بەك خوشال بولدۇم. بۇنداق ئەتراپلىق ماتىريالنى مەنمۇ ئىزدەپ يۈرەتتىم.

tunyukuk 2012-09-29 20:12
ھەقىقەتەن ياخشى ماتېرىيال ئىكەن. ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! مېھنەت ئىزىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن.    

tawpek 2012-09-30 21:07
مائارىپچىنىڭ بىسىۋاتقان ماتىرىياللىرىنىڭ تىزراق سۇنىلىشىغا تەشنامىز.

ئەكبەرنىياز 2012-11-20 05:46
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، بەك ياخشى بولدى ، ھارمىغايسىز !!!

تۇپراق 2012-12-11 00:35
ھارماڭ !جەۋلان،ھارماڭ!ئەستايىدىللىقىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم،سىزگە كۆپ رەھمەت!

شەھىدە 2012-12-25 23:26
1.A  2.C  3.B  4.D 5.C                                                                 مورفىمىنىڭ جاۋابى مۇشۇندامۇ

شەھىدە 2012-12-25 23:44
  ياىشىمۇسىز    جاۋابلىرىنى  توغرىلىماقچىتتىم  

شەھىدە 2012-12-25 23:49
  ياخشى ماتىرىيالكەن،رەھمەت سىزگە!    جاۋابلىرىنى  توغرىلىماقچىتتىم    جاۋابلىرى بامىدۇ/

nazperwer 2012-12-26 15:47
   ماتىرىيالنى بۈگۈن ئېچىپ كۆرۈپ، قېرىندىشىمىز جەۋلاننىڭ بۇ ئېسىل، مىننەتسىز ئەمگىگىدىن ئاجايىپ سۆيۈندۈندۈم. بىزگە بۇنداق نەق نەپ بەرگەن ئەمگەك ئېگىسىگە بولغان رەھمىتىمنى قانداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنى بىلمەي ئاددىي شېئىر مىسرالىرىغا مۇراجىئەت قىلدىم :
                                            مىننەتسىز ئەجىرگە كۆزلەر تەگمىسۇن ،
                                            غۇرۇرلۇق باشلارنى ياۋلار ئەگمىسۇن !

bluewolf 2012-12-26 16:10
bu nahayiti yahxi boptu . man hazir toluk 3 - yillikning takrarini kilwatattim . sizga kop rahmat . bolsa ozara koprak yollaxsak kalgusning awlatliriha yahxi ix kilhan bolattuk

لىللا 2012-12-26 16:26
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر.

arturk 2012-12-26 18:26
ياخشى ماتىرىيال ئىكەن. تولۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ ، ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلارغىمۇ ماس كېلىدىكەن.

قاياش 2013-03-28 15:27
ئەسقاتقىدەك سوئاللار ئىكەن، رەھمەت سىزگە.

tawpek 2013-03-28 22:47
ئىسىل بايلىقلارنىڭ قەدىرىنى ھەممە بىلىپ يىتىپتۇ مانا.

قاياش مۇئەللىمنىڭ بۇ بايلىقلارنى بىز بىلەن قايتا ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن رول ئوينىغىنىغا ئاپىرىن ئىيتىمىز.

nadiraay 2013-03-29 00:26
ناھايتى ياخشى ماتىرىيال ئىكەن.   مۇمكىن بولسا جاۋابىنىمۇقوشۇۋەتكەن بولسىڭىز ، مەندەك يېڭىدىن ئەدەبىيات ئۆتىۋاتقانلار ئۈچۈن كەسپىي ئۆگىنىش ماتىرىيالىمۇ بولاركەندۇق.   

ئەكبەرنىياز 2013-03-29 01:58
جاۋابىنى بولسىمۇ ئۆزىمىز ئىزدىنەيلى دوستلار ، پەقەت بولمىسا چ چ توپتا ئورتاقلاشساقمۇ بولىدىغۇ !؟

tawpek 2013-03-30 23:43
بولسا مۇنبەردىلا ئورتاقلىشىڭلار.

فۇنتىكا قىسمىدا چاتاق چىقىدۇ.

nefise 2013-10-21 18:15
پاھ، بەكمۇ ئېسىل ماتىرىيالكەن جۇمۇ! قوللىرىڭىزدىن قىزىل گۈل ئۈنسۇن!

ئۇيغۇر 2013-10-22 01:55
مانا بۇنى خالىس مىھنەت دەيمىز . باشقىلار بولسا بۇنداق ئىسىل ماتىريالنى مەندەكلەر كۆرەلمەيدىغان قىلپ قوياتتى. ياكى پۇلغا ساتاتتى. سىز ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن خېلى كۈچ چىقىرىپسىز . بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت ، كۆپ ئەجىر ، زىرەك ئەقىل كىتىدۇ كەسپدېشىم. سىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-02-19 22:51
بەكلا جاپا تارتىپسىز رەھمەت


查看完整版本: [-- ئويغۇر تىلى ئىمتىھان سۇئاللىرى ئۆرنەكلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled