يولۇچى |
2012-09-16 15:59 |
دەرىزە (تېكىستى)
دەرىزەتىگېرىت icg
fB-1|i }7Uoh(d s
P0@,fd< بىر دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىسىدا ئىلگىرى ئىككى نەپەر كىسەل ياتقان، ھەر ئىككىسىنىڭ كىسىلى ئېغىر ئىدى. بىرلا ئىشىكى، بىرلا دەرىزىسى بار بۇ كىسەلخانا ئىنتايىن تار بولۇپ ، ئىككىسى ئارانلا سىغاتتى . كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى كارىدورغا ، دېرىزىسى سىرتقا قارايتتى . &
21%zPm كىسەللەرنىڭ بىرىگە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن بىر سائەت ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ كارۋىتى دېرىزە تۈۋىدە ئىدى. @d'j zs يەنە بىرى بولسا كېچە-كۈندۈز مىدىرلىماي يېتىشقا مەجبور ئىدى . ئەلۋەتتە، ھەر ئىككىسىلا مىدىرلىماي يېتىپ داۋالانمىسا بولمايىتتى . ئۇلارنى ھەممىدىن بەك ئازابلايدىغىنى ، ئىككىسىنىڭ كىسىلى ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىش قىلىشقا يول قويمايىتتى ،ئۇلارغا ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان ھېچبىر ئەرمەك يوق ئىدى : كىتاب ئوقۇيالمايىتتى ، رادىئو ئاڭلىيالمايىتتى ، تىلىۋىزورمۇ كۈرەلمەيىتتى ... پەقەت جىمغىنا ياتاتتى ، يەنە كىلىپ بۇكىسەلخانىدا ئىككىسىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. شۇڭا ،ئۇلار دائىم سائەت-سائەتلەپ پاراڭلىشىپ ياتاتتى. ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسى ، خوتۇن-بالىللىرى ، خىزمىتى ھەمدە قانداق ئۇرۇش قىلغانلىقى ، نەلەرگە ساياھەتكە بارغانلىقىقاتارلىقلار توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى . ھەركۈنى ئەتتىگەن ۋە چۈشتىن كىيىن ۋاقىت توشقان ھامان ، دوختۇرلار دېرىزە تۈۋىدە ياتقان كىسەلنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قوياتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىرسائەت ئولتۇرۇشى باشلىناتتى . ھەر قېتىم شۇنداق ئولتۇرغاندا ، ئۇ ھەمراھىغا دېرىزىنىڭ سىرتىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى . كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر كۈنى مۇشۇ ئىككى سائەت ئۇنىڭ ھەمراھىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى بولۇپ قالدى . 5pX6t ئېنىقكى ، بۇ دېرىزە بىر باغچىغا قاراپ تۇراتتى . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر كۆل بار ، كۆلدە توپ-توپ ياۋا ئۆردەك ۋە ئاققۇلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى . باغچىدىكى باللارنىڭ بەزىللىرى ئۈلارغا بولكا ئۇۋاقلىرىنى تاشلاپ بەرسە ، بەزىللىرى قەغەز قېيىقلارنى سۇدا لەيلىتىپ ئوينايىتتى . جۈپ-جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار قول تۇتۇشۇپ دەرەخ سايىللىرىدە سەيلە قىلىشاتتى . باغچىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ، كۈپىنچىسى ئەتىرگۈل ، يەنە ھۆسىن تالىشىپ ، نازۇ كەرىشمە قىلىپ تۇرغان مودەنگۈل بىلەن تىرناقگۈللەرمۇ بار . باغچىنىڭ بىر چېتىدە چويلاتوپ مەيدانى بار ئىدى . ئۇ يەردە پات-پات ئاجايىپ قىزىقارلىق توپ مۇسابىقىللىرى ئۆتكۈزۈلۈپ قالاتتى . ئۇلارنىڭ توپ ماھارىتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلارنىڭكىگە يەتمىسىمۇ ، ھەر ھالدا بوش چاغلىغىلى بولمايىتتى . يەنە بىر تەرەپتە بولسا دومىلاتما توپ ئوينايدىغان بىر چىملىق بار ئىدى. باغچىنىڭ ئاياق تەرىپىدە قاتارىسىغا كەتكەن ماگىزىن ، ماگىزىنلارنىڭ كەينىدە قايناق شەھەر مەنزىرسى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى . /ZX}Nc g ياتقان كىسەلبۇلارنى پۈتۈن زوقى بىلەن ئاڭلايىتتى . مۇشۇ چاغدىكى ھەربىر مىنىۇت ئۇنىڭغا غايەت زور ھۇزۇر بېغىشلايىتتى . تەسۋىرلەش يەنە داۋاملاشماقتا ئىدى : بىر بالىنىڭ كۆلگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغانلىقى ، يازلىق كىيىم كىيىۋالغان قىزنىڭ نەقەدەر چىرايلىقلىقى ، ئارقىدىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر مەيدان چويلا توپ مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقى ياتقان بۇكىسەل بۇجانلىق تەسۋىرلەشلەرنى ئاڭلاپ ، ئاشۇ ئىشلارنى خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بولدى. F9^S"qv$ بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ، بىر پالاق توپ تەنھەركەتچىسىنىڭ توپنى پلاق ئۈستىدە ئوينىتىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇنىڭدا تۇساتتىنلا مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولۇپ قالدى : نىمىشقا دېرىزە تۈۋىدىكى ئاشۇ دېرىزە سىرتىدىكى ئىشلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ؟ مەن نىمىشقا شۇنداق پۇرسەتكە ئىرشەلمەيمەن ؟ ئۇ ئۆزىدە مۇشۇنداق خىيالنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆكۈندى ۋە ئۇنى قايتا ئويلىماسلىققا تىرىشتى . قېرىشقاندەك ، ئويلىمايمەن دېگەنسىرى ، بۇ خىيال ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇنچە ئورىنىۋالدى . بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ، بۇ خىيال ئاخىر «مەن نىمىشقا دېرىزە يېنىدا ياتمايمەن؟» دېگەنگە ئۆزگەردى . $nb[GV بۇخىيال كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ، كۈندۈزلىرى ئازابلاندى ، كەچلىرى ئۇيقۇسى قاچتى . نەتىجىدە ، كېسىلى كۈندىنكۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى ، دوختۇرلارمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدى . =pNY
eR_[ بىر كۈنى كەچتە ، ئۇ ئادىتى بويىچە كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ ياتاتتى ، بىر چاغدا ئۇنىڭ ھەمراھى ئۇشتۇمتۇت ئويغىنىپ ، قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى . ئارقىدىنلا نەپىسى قىسىلىپ ، ھاسىراشقا باشلىدى . ئۇنىڭ كانىيىنى بەلغەم توسىۋالدى . ئۇ قوللىرىنى سىيپاشتۇرۇپ كونوپكىنى ئىزدىدى . كونوپكىنى باسسىلا نۆۋەتچى سىستىرالار دەرھال يىتىپ كىرەتتى . 4euO1= لېكىن ، ئۇ مىدىرلاپمۇ قويماي جىمجىت يېتىۋەردى . كاللىسىدىن «ئۇ نىمىشقا دېرىزە تەرەپتىكى كارۋاتنى ئىگەللىۋالىدۇ ؟»دېگەن بىرلا خىيال نېرى كەتمەيىتتى . (Ld i|jL ئازاپلىق يۆتەل تۈن جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى . كېسەل يۈتىلىۋېرىپ بوغۇلدى ... يۆتىلى توختىدى ... بىر دەمدىن كىيىن نەپىسىمۇ توختاپ قالدى . rv;3~'V يەنە بىر كىسەل بولسا يەنىلا تورۇسقا تىكىلگىنىچە جىمجىت ياتاتتى . U$g?!Yl0 ئەتىسى ئەتتىگەندە ، يۈز يۇيۇشقا كىرگەن سېستىرالار ئۇ كېسەلنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىنى كۆردى ۋە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك جەسەتنى جىمغىنا ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى . بىر نەچچە كۈن ئۆتۇپ كەتتى ، ئاخىر يالغۇز قالغان كىسەل ئۆزىنىڭ دېرىزە يېنىدىكى كارۋاتقا يۆتكەلسە بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سورىۋېدى ، سېستىرالار ئۇنى يۆلەپ ئاپىرىپ ، ئاشۇ كارۋاتقا چىرايلىق ياتقۇزۇپ قويدى – دە ، ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى . ]e3Ax(i) سېستىرالار چىقىپ كېتىشىگە ، ئۇ بىر قۇلى بىلەن تايىنىپ ، ھاسىراپ – ھۆمىدەپ ، مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇردى – دە ، دېرىزە سىرتىغا قارىدى . |
|