查看完整版本: [-- نان (تېكىست مەزمۇنى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> نان (تېكىست مەزمۇنى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

يولۇچى 2012-09-16 15:54

نان (تېكىست مەزمۇنى)

نان rYPuo  
خالىدە ئىسرائىل
@&HLm^j2O  
مەن نانغا ئامراق، ئاچچىق دەملەنگەن چايدىن ئاندا ساندا ئوتلاپ قويۇپ، مەززىلىك سىڭىپ پىشقان ئاق ناننىڭ ئوتتۇرىسىنى گۇرۇچلىتىپ چايناپ يېيىش مەن ئۈچۈن ئالەمچە ھۇزۇر.مەن يەنە ئىسسق گىردىنىڭ قىپقىزىل يۈزىنى سۇيۇپ يەۋېلىشنى ياخشى كۆرىمەن. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا گىردىنىڭ ئۇلىغا ئامراق ئىدىم. ئەتتەگەنلىك چايدا يۇمشاق يېرىنى يەپ،ئۇلىنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالاتتىم. تەنەپپۇسلاردا ئۇشتۇپ ئاغىزىمغا سېلىپ،شورلىرى بىلەن قېتىپ كەمپۈت سورىغاندەك سوراپ يەتتىم. g#{7qmM  
ھېيىت-بايراملاردا ئۆيىمىزگە تۇغقانلىرىمىزـ ئاق رومال ئارتقان،ئاق چاچلىق ئاياللار كېلىو يوغان تونۇرغا ساڭزا-بۇغۇرساق تىزىدىغان ھارۋا چاقىدەك يوغان ھەمەك نانلارنى،سەل كىچىكرەك ئاق نانلارنى،توم نان،قاتلىغا،توقاچلارنى ياقاتتى. تونۇردىن يىڭىلا سويۇلغان نانلارنى ئىككى-ئۈچتىن دەستىلەپ،شامال ئۆتىشىدىغان قىلىپ تىزىپ قويۇشاتتى.ئۆينىڭ ھەممىلا يېرى مەززىلىك نان بىلەن تولغان شۇنداق كۈنلەردە ئاتا-ئانامنىڭ چىرايىمۇ ئاق ناندەك ئۇچۇق،يېقىملىق كۆرۈنەتتى. nUq@`G  
نان ھىدى ماڭا ھازىرمۇ ئاشۇ ئاق چاچلىق ئانىلارنى ،ئاتا-ئانامنىڭ ياش،ئۇچۇق چىرايىنى ئەسلىتىدۇ. -;Mh|!yg  
يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئۆيىمىزگە ئاتۇشتىن بىر قارىۋاي توغقىنىمىز كېلەتتى، ئۇنى ئابلىز ئاكا دەيتتۇق. كوچا بېشىدا ئۇنىڭ ئېشەك بىلەن كېلىۋاتقىنىنى كۆرسەكلا يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئېسىلاتتۇق، كەپسىزرەكلىرمىز بۇيۇن-باشلىرىغا چىقىپمۇ ئالاتتۇق. تاكى ئۇ ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ،ئېشەككە ئارتقان خۇرجونىنىڭ ئاغىزىنى ئاچمىغۇچە ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتۇق. .gNJY7`b  
ئۇ ئەكەلگەن ھەمەك نان ئۇشتۇلماي،رېزىنكىدەك سوزۇلۇپ تەستە ئۈزۈلەتتى، تەمى بولسا قايماقتەك مەززىلىك بولۇپ،ئادەمنىڭ يېگەنچە يېگۈسى كېلەتتى. خورجۇنىنىڭ يەنە بىر كۆزىدە ئاق قوناق ئۇنىدا يېقىلغان،قارىماقققا شۇ چاغلاردا ئانىلىرىمىز كىر يۇيىدىغان سوپۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان يۇمىلاق زاغىرا نانلار بار ئىدى.ئۇنىڭ سىرتى قارامتۇل قىزىل،ئىچى يۇمشاق ،ئاپئاق بۇلاتتى، ئۇۋىلىپ تۇراتتى ،تەمى تاتلىق ،سۈت پۇرايتتى. ئۇنى قۇرۇت غاجىغاندەك غاجاپ، تەمىنى تېتىپ تامشىپ يەتتۇق. 4UL"f<7 T  
چوڭ بولغانچە بارغان جايلىرىمىزنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ خىلمۇ خىل نانلارنى كۆردۈم.خوتەننىڭ يېزىلىرىدا دېھقانلارنىڭ سېرىق قوناق ئۇنىغا لازا، شوخلا،پىننە سېلىپ ياققان،ئۆستەڭگە تاشلاپ قويۇپ ئاياغدىن سۈزۈۋېلىپ يۇمشاتقان نانلىرىنى تالىشىپ يەتتۇق.ئاشۇ تەم ھېلىمۇ ئاغىزىمدا. Kk.\P|k2  
ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىن كوچانىڭ تاردەك نېپىز ،يۇمشاق،قات-قات بىجاق نانلىرىنى ؛سىڭىشىپ پىشقان ،سۈتكە چىلنىشى بىلەنلا ئۆپكىدەك يۇمشاپ كېتىدىغان تۇرپان نانلىرى داستىخىنىمىزدىن ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. g>ke;SH%KY  
ھەر قېتىم ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى ،دۆڭكۆرۈك تەرەپلىرىگە ئۈتۈپ قالسام ،ھارۋىلارغا دەستىلەنگەن،سۇلىياۋ خالتىلارغا قاچىلانغان خىلمۇ-خىل نانلارنى زوق بىلەن تاماشا قىلىمەن.ئۇنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس،ھەر مىللەت كىشىلىرنىڭ تالىشىپ ئەكېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ شادلىنىمىەن. ئۇنىڭ بېيجىڭ ،شاڭخەي،موسكىۋا، ئىستانبۇل ئالمۇتا،تاشكەنىت،بېشەكەكلەردىمۇ،دۇنيانىڭ يەنە نۇرغۇن جايلىرىدىمۇ بازار تېپىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ سۆيۈنىمەن. Rz>@G>b:  
دىيارىمىزدىكى نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي خارابىلەردىن تېپىلغان نانلار ناننىڭ تارىخىنىڭ نەقەدەر ئۇزاقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئۇزاق تارىخ داۋامىدىكى مۇرەككەپ ئىجدىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر ،دىن،مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرى ۋە خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر ناننىڭ قىممىتىىنى ،ھاياتى كۈچىنى يوقىتالمىدى. ئۇ، ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەجىر،ئانىلىرىمىزنىڭ ھىممىتى بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ ئەتىۋارلىنىپ كەلدى.مانا،تارىخ يېڭى بىر ئېراغا كىرىپ كەلگەن ،كىشىلەنىڭ ماددىي تەلىۋى ھەسسىلەپ ئېشىپ،ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى قايتا باھالىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە نان يەنە ئۆز قەدرى بىلەن ئەتىۋارلانماقتا.  
مەن مەدەنىيەت قارشى جەھەتتىكى تار مەھكىمىچىلەردىن ئەمەس، ئامما ناننى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل يېمەك،دەپ قارايمەن.ياۋروپالىقلارنىڭ تورت-بولكىلىرى يېيىشلىك،ئەمما ناندەك سىڭىشلىق ئەمەس. خەنزۇلارنىڭ مومىسى ئىسسىق چېغىدا قورۇما بىلەن يېيىشىكىلا مۇۋاپىق . %> YRNW@%  
بىر چاغلاردا قايسىبىر ژورنالدىن مىسىرلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تونۇرىنى كۆرگەنىدىم.ئۇلارنىڭ تونۇرى بىزنىڭ تونۇرغا ئوخشاپ قالىدىكەن.ئەمما ئۇلار .ئوتنى تونۇر ئىچىگە قالاپ ،تونۇر قىزىغاندا ناننى سىرتىغا يېقىپ پىشۇرىدىكەن.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەر تونۇرىدا پىشۇرغان تاۋار نانلىرىمۇ ناۋايلىرىمىزنىڭ ھارارىتى تاۋلانغان تونۇر ئىچىگە باش تىقىپ ،قىزىق شور ئۈستىگە ياققان نانلىرى ئالدىدا چېنىپ قالىدۇ. A{{rN bCK  
بۇ ،مېنىڭ قارغۇلارچە ماختانغىنىم ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس چەتئەللىكلەرنى كۈتىدىغان ئەڭ ئالىي مېھمانخانىدا ئۇزاق يىل ئىشلىگەن بىر ئاشپەر ئۇستام ئۆز ئاغىرى بىلەن بىر نەچچىمىزگە مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەنىدى: r,,*kE  
سابىق يۈگۈسلاۋىيەنىڭ رەئىس جۇمھۇرى، مەرھۇم تېتۇ 1970-ۇىللاردا جۇڭگۇغا زىيارەتكە كەلگىنىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئاشۇ مېھمانخانىدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپتۇ.ئۇنى ئۇزىتىش يۈزسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە ئۇ ئاشۇ تاماقلارنى ئەتكەن ئاشپەز بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئاشپەز ئۇستام چاقىرتىلىپتۇ،تېتو ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بۇلۇپ،شىرە ئۈستىدىكى تۇنۇر كاۋىپى ،پولۇ،چۆچۈرىدەك تۈەۈلەەن ئىچىدىكى قىيمىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان پېتىر مانتا، پەرمۇدە، تىتىرەپ تۇرىدىغان ھور قاتلىمىسى ،ئۆپكە، باغلىق ئۈچەي ...قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ ماختاپتۇ.ئەڭ ئاخىرىدا يۈزىگە كۈنجۈت بىلەن سىيادان سېپىلگەن سىڭىپ پىشقان ئاق ناننى قولىغا ئېلىپ [A uA<  
-مانا بۇ ھەممىدىن سىڭىشلىق ،ھەممىدىن ئېسىل تائام ئىكەن،-دەپتۇ... Kv5 !cll5  
نان داستىخاننىڭ كۆركى،سەپەردە ھەمراھ، ئۇ قۇرۇق يېتىشكىمۇ ،قورۇما بىلەن يېيىشكىمۇ ،چايغا،سۈتكە چىلاپ يېيىشكىمۇ،ئىسسىق،يۇمشاق چېغىدا يېيىشكىمۇ ،ساقلاپ يېيىشكىمۇ ئەپلىك.ئازراق سۈت بىلەن ماي ئارىلاشتۇرۇپ يېقىلغان توقاچنى بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن چايغا چىلىسىڭىزمۇ ھۈپپىدە يۇمشاپ سىزگە ھۇزۇر بەخىش ئېتىدۇ. YTe8C9eO  
نان دائىم كۆز ئالدىمىزدا تۇرسا، ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز،ئەمما ئۇنى بىرنەچچە كۈن كۆرمىسەڭلا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلىمىز. 0a$hK9BH  
بىر قېتىم،خىزمەت بىلەن ئىچكىرىگە بېرىشىمغا توغىرا كەلدى .بېرىپ-كېلىشىم پەقەت ئون كۈنلا بوغان بولسىمۇ ،شۇنىچىلىك نان سېغىندىمكى سېغىنىشىمنى باسالماي قالدىم. _A$V~Hp9q  
شۇنداق،نان ئۇلۇغ. DQ6pe)E|  
ئۇ، مىڭ قولدىن ئۆتۈپ،مىڭ خىل ئارزۇ-ئارمان ۋە ساپ تەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ پىشقان. a^L'-(  
ئۇ، ساختا بۇياقلاردىن ،سۈنئىي كۆپتۈرۈشلەردىن خالىي،ئۇ،چىن ۋە تەبىئىي،پاك ۋە ھالال. شۇڭا ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ.

تۆتتاش 2012-09-16 21:49
خالىدە ھەدەمنىڭ ئەسەرلىرىنى سۈيۈپ ئۇقۇيمەن.سالامەتلىكى ناچارلىشىپ ھاسا-تاياققا چۈشۈپ قاپتىكەن،ھازىر قانداقراقتۇ ھە؟ (Bfy   
خالىدە ھەدەمنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى مۇمكىن بولسا يوللاپ  تۇرسىڭىز. @|o^]-,  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

شەھلا 2012-09-17 11:05
جاپا چېكىپسىز.رەھمەت سىزگە!

ozqan 2012-09-17 11:22
يولۇچى ، تېكستنى  يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت ... ھارمىغايسىز ..

ئەكبەرنىياز 2012-11-26 11:54
خالىدە ئىسرايىل ھەقىقەتەن ئەسەرنى ياخشى يازىدۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

tawpek 2013-03-13 23:37
بۇنىڭ تىكىستىنىڭ بارلىقىنى مۇنبەرنىڭ  ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلانمىغان بولسام بىلمەي يۈرەركەنمەن. Ke+#ww  
Cy##+u,C  
My!<_Hp-W  
يازغۇچىمىز ساپساقتۇ؟

13379705568 2013-04-27 16:47
ئۇيغۇر نانلىرى تىخىمۇ بازار تاپقۇسى لىكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى نان يىقىشنى ئۇنتۇپ قىلۋاتىدۇ-دە

nadiraay 2013-06-17 02:30
بەزىدە تېكىستلەرگە مۇھتاج بولغىنىمدا تەۋپىققە يوللاپ قويغان بولساقمۇ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. ياخشى بوپتۇ.

گۈلنىھال 2014-02-04 16:10
تاسلا قاپتىمەن ، ‏ئىزدەپ باقمايلا تېكستىنى يوللىغىلى ، تاخشى ئىزدەشتىن تېپىپ ، يەنە بىر خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئالدىم ، يولۇچى ، سىزگە رەھمەت !

مىېھرىما 2014-02-04 16:39
كۆپ جاپا چېكىپسىز رەھمەت.


查看完整版本: [-- نان (تېكىست مەزمۇنى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled