查看完整版本: [-- سىز بىلمەيسىز ئاياللار سىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> سىز بىلمەيسىز ئاياللار سىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ayhenim926 2012-09-12 22:26

سىز بىلمەيسىز ئاياللار سىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق!

بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئۇ پاقىنى ئۆلتۈرۈپ توپنى ئالماقچى بولۇپ پالاقنى كۆتۈرىشىگە پاقا توپنى چىقىرىۋىتىپ گەپ قىلغىلى تۇردى : #eoome2Q  
‹‹مىنى ئۆلتۈرىۋەتمە ، مەن ئادەتتىكى پاقا ئەمەس ، سىھىر ئىشلىتەلەيمەن . ئەگەر مىنى `#rL*;\uV  
قويىۋەتسەڭ ئۈچ ئارزۇيىڭنى قاندۇرىمەن .›› gqZ'$7So  
ئايال پاقىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى 2 
- سەن ئارزۇيىڭنى ئەيتىشتىن بۇرۇن ساڭا شۇنى ئەيتىپ قوياي – دىدى پاقا – ھەر بىر C^O VB-  
ئارزۇيىڭنى ئەيىتقاندا ئىرىڭمۇ ئارزۇيىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىرىشكىنى سىنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ . nL5cK:  
ئايال پاقىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ھاياجانغانلىقىدىن ئالدىراپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ھەمدە كۆڭلىدە سان بولغاچقا ، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئايال بولۇشنى ئويلايمەن دىدى . ?qP7Y nl  
پاقا دەرھال ئۇنىڭ گىپىنى بۆلدى : Q 8T]\6)m  
- ئىسىڭدە بولسۇن ئىرىڭمۇ ئەڭ كىلىشكەن ئەر بولۇپ قالىدۇ ، ھەتتا ئەپسانىلەردىكى جەزىبىدار يىگىتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىيىغا چۈشىدىغان ئاياللارنىڭ ئايىغى بىسىقمايدۇ . bLB:MW\%  
- بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك نىمىسى بار – دىدى ئايال مەن تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلانسام ، ئەجىبا ئۇنىڭ كۆزى مەندە بولماي باشقىلارغا چۈشەمدىكەن ! _t iujP  
ئۇ شۇئان تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلاندى . vleS2-]|  
- ئىككىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك دىدى ئايال ئۇلاپلا – جاھاندىكى ئەڭ باي ئايال بولماقچىمەن . ^ UciW  
- ئىسىڭدە بولسۇن ، ئىرىڭنىڭ بايلىقى سەندىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ . t#V!8EpBg  
- غەم قىلىش ھاجەتسىز – دىدى ئايال جاۋابەن – مىنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭغا مەنسۈپ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايلىقىمۇ ماڭا مەنسۈپ – تە . lAS#874dE  
ئۇ شۇئان جاھاندىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلاندى . +O"!qAiK  
- ئۈچىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك ..... – دىدى ئايال قوشۇمىسىنى تۇرۇپ ئويلانغىنىچە ، ئارقىدىن پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويدى ، - تاپتىم ، مىنى ئانچە ئىغىر بولمىغان ، بىر ئوپراسيە بىلەنلا ساقىيىپ كىتىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلغىن .... <->{  
بۇ ھىكايە بىزگە شۇنداق ساۋاق بىرىدۇ : ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

تۆتتاش 2012-09-12 23:47
كاللىسى ھەجەپ ئىشلەيدىغان ئايال ئىكەن.ئىرىنى دوختۇرخانىدىن چىقمايلا  داۋالانسۇن دىگەن چېغى،يەنە  نىمە شۇملۇقى باركىن.

tursun 2012-09-13 12:30
يىڭى دەۋرگە ماسلىشىپ كەتكەن«شوخ» ئايالكەندە-ئۇ؟   

tursun 2012-09-13 12:36
ئارىمىزدا ئەرلەردىن ھالقىپ كىتىۋاتقان ئەقىللىق ئاياللار ئاز ئەمەس. &|,s{?z2  
ئەرلەر قىلىشقا،بىر باشقا چىقىرىشقا تىگىشلىك ئەمما چىقىرالمىغان ئىش(خىزمەت) 1E^{B8cm  
لەرنىڭ ھوددىسىدىن بىمالال چىقىپ،قەلبىنى ھالاللىق بىلەن نۇرلاندۇرۇۋاتقان %QE5<2k  
ئاياللار(ئانىلار) ئاز ئەمەس.بۇلاردىن پەخىرلىنىشكە،ئۇلاردىن ئۇگىنىشكە `&G}  
ئەرزىيدۇ ئەمەسمۇ!؟     

شەھلا 2012-09-13 18:27
ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن ،مەن تېخى يولدىشىغا سادىق دەپ ئويلاپتىمەن.

akqolpan 2012-09-13 19:17
نىمە دېگەن ھىيلىگەر ئايال بۇ.

تۆتتاش 2012-09-13 21:28
ئەقىللىق ئاياللار زادى خەتەرلىك بۇلامدۇ  نىمە؟

akida228 2012-09-13 22:03
بەش قول تەڭ ئەمەس بولغىنىدەك ئەقىللىق ئاياللارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك بولمايدۇ ،بەزى ئەقىللىق ئاياللار ئەرلەر ئۇچۇن بەخىت،قەدرىگە يەتسىلا.....

تۆتتاش 2012-09-14 11:45
ئاياللارنى قەدىرلەش بىز ئەرلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى

danix 2012-09-14 16:43
   بۇ ئايال ئانچە ئەقىللىق ئەمەسكەن ، مەن ئايال بولغان بولسام ، ئالدى بىلەن ئەردىن ئاجرىشىش ئارزۇيۇمنى دەپ ، ئاندىن قالغان كاتتا ئارزۇلىرىمنى دەيتتىم .

tawpek 2012-09-14 17:00
ماڭا ئانچە يامان تەسىر بەرمىدىغۇ؟ q8J/tw?%v  
QZfnoKz  
ساقىيىپ كىتىدىغان يۈرەك كىسىلى ئارقىلىق مىھرىباننننننننننننننننننننننننننن Tp7?:YY|  
n|.;g!QDA  
~ocr^V{"<~  
راس 10 ھەسسە ئىغىر بولساااااااااااااااااااااااااا ]rS+v^@QH  
JpDkf$kM  
lQzrf"N'  
ئۇششانىڭ قوڭىدا ئىشتان قالماپتۇ دىگەندەك تۇللۇقنى تىلەپتۇدە.

تۆتتاش 2012-09-14 21:17
ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنىڭ مەڭگۈ كېسەل كارۋىتىدىن چۈشمەي ياشىشىنى تىلىگەنلەر تەۋپېققە ئانچە تەسىر قىلماپتۇدە؟

ئەرچىن 2012-09-15 09:56
ئاياللارنىڭ ئەقىللىق بولىشى ياخشى،بىراق شۇم نىيەت بولسا ئادەمنىڭ بىشىغا بالا بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئىھتىيات قىلساق بولغىدەك

لالىگۈل 2013-02-21 22:12
راستنلا يامانكەن ما ئايال..

nadiraay 2013-02-23 00:10
دانىش مۇئەللىم  : C_O 7  
خۇدايىم بىلىپ  تەپكەككە تۇياق، ئۈسكەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن.

ئەكبەرنىياز 2013-02-23 03:18
راستلا يامان ئايال ئىكەن ، ئايال كىشى شەيتان دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار .


查看完整版本: [-- سىز بىلمەيسىز ئاياللار سىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled