«ئالا ئىت قىياسى» (دەرس تېكىستى)
ئالا ئىت قىياسى Iwt2}E(e
Kcw1uLb
(پوۋېستتىن پارچە) CS;W)F
1V**QSZ1
StyB"1y
< R|)5/9
چىڭغىز ئايتماتوف Y-%l7GErhL
wI@zPVY_i
&6\r ئالا ئىت قىياسى قولتۇقىنىڭ يېنىدىكى يېرىم ئارالسىمان تاغ قاپتىلىدا دېڭىزغا سىڭايان بىر قىيا كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. دەرھەقىقەت، يىراقتىن قارىماققا ئۇ دېڭىز بويىدا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بەھەيۋەت ئالا ئىتنىڭ بەئەينى ئۆزى. ئۇنىڭ بېلىدە يول - يول چاتقاللار بار. بېشىدىكى تۇرۇپ قالغان ئاق قارلار (يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدىمۇ ئېرىمەيدۇ) بەئەينى ساڭگىلاپ تۇرغان قۇلىقى، قورسىقىدىمۇ (تەسكەيدىكى ئويمان جاي) بىر تال ئاق بار. ئەتراپتىكى يىراق - يىراق جايلاردىن، مەيلى دېڭىز ياكى ئورمان ئارىسىدىن بولسۇن، ھەممىلا يەردىن بۇ ئالا ئىت قىياسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. {V%%^Zhwy قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن چاغ، نىۋخى لارنىڭ بىر كېمىسى ئالا ئىت قىياسىدىن دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى. كېمىدە ئۈچ ئوۋچى، بىر بالا بار ئىدى. ياش ھەم قاۋۇل ئىككى ئەر ئىككىدىن پالاق تۇتقان، كېمە قۇيرۇقىدا ئولتۇرغان بوۋاي غاڭزىسىنى ئالدىرىماي شورىغىنىچە رول باشقۇرماقتا. yulX| كېمىنىڭ تۇمشۇقىدا ئولتۇرغان قارا كۆز، 11 − 12 ياشلاردىكى بالا چوڭلارغا لايخورەككە ئوخشاش پات - پات قاراپ قوياتتى. بوۋاي كايىپ كەتمىسۇن، دەپ ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇراتتى. 8g[(nxI~ ئۇ ناھايىتى خۇشال، ھاياجاندىن بۇرۇن تۆشۈكلىرى لىپىلداپ، يۈزىدىكى سۇس سەپكۈنلەر تېشىغا تېپىپ چىققانىدى. بۇ، ئاپىسىدىن قالغان ئىرسىيەت، ئاپىسىمۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەن چاغلىرىدا يۈزىدىكى سۇس سەپكۈنلىرى شۇئان تېشىغا تېپىپ چىقاتتى. بۇ سەپەر ئۇنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا خۇشاللىقتىن قىن - قىنىغا پاتماي قالغانىدى ھەم بېشىنى لايخورەكتەك ئۇياق - بۇياققا تولغاپ، زور ھەۋەس، كۈچلۈك تەلپۈنۈش بىلەن ئەتراپىغا كۆز تاشلايتتى. مانا، قىرىسىق چوڭ بولۇپ تۇنجى قېتىم، ئەجدادلىرىدىن قېپقالغان كېمىدە ھەقىقىي ئوۋچىلار بىلەن پايانسىز دېڭىزغا ئوۋ ئوۋلىغىلى كېتىپ بارىدۇ. قىرىسىق ئالا ئىت قىياسىنىڭ بويىدا ئوينىغان چاغلىرىدا كۆرگىنى بىلەن دېڭىزنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ كېمىگە چۈشكەن چاغدا كۆرگىنى بىلەنمۇ قىلچە ئوخشىمايتتى. بۇ ئۇنى تاڭ قالدۇردى. بۇنى ئۇ كېمە دېڭىز قولتۇقىدىن لەپپىدە دېڭىزغا چىققان چاغدىلا بىلىپ بولغانىدى. دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ كەتكەن كۆز يەتكۈسىز بۇنداق مەنزىرىنى ئۇنىڭ تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. . QQ?w پايانسىز دېڭىز قىرىسىقنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ بۇنداق مەنزىرىنى كۆرىمەن دەپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئەسەبىيلەرچە داۋالغۇپ تۇرغان سۇ، گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىپ تۇرغان شاش دولقۇنلار. بۇ يەردە كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالىدىغان تەگسىز قاراڭغۇ، چوڭقۇر بىر ھاڭلا بار. بۇ يەردە ئاسمان − قول يەتمەيدىغان ئاپئاق بۇلۇتلار مەيىن ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمانلا بار. مانا بۇ پۈتكۈل دۇنيا. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە يوق، قىشمۇ يوق، يازمۇ يوق، ئېدىرمۇ يوق، سايمۇ يوق. Iuu<2#gb8" پۈتۈن جاھاننىڭ ھەممىلا يېرى سۇ. ^J#?hHz ئۇلار شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. توسۇن ئاتتەك بىر تەشنالىق ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان جايغا تېزرەك ئۈزۈپ بېرىشقا دەۋەت قىلماقتا … 3yHb!}F ئۇلار تيۇلېن ئوۋلىغان چاغدىلا دېڭىز ئۆزگىرىشكە باشلىغانىدى. مانا ئەمدى دولقۇنلار بارغانچە كۈچەيگىلى ھەم زورايغىلى تۇردى. دېڭىز ئېقىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك، لېكىن شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن. كېمە بارغانچە قاتتىق داۋالغۇماقتا. بولۇپمۇ ئوۋچىلارنى ئەڭ ساراسىمىگە سېلىۋاتقىنى يەنىلا ھاۋا ئىدى. بۇ ھاۋاغا نېمە بولغاندۇ؟ باھار پەسلى تۇرسا، ھاۋادا غەلىتە نەرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟ بىر خىل چاڭ - توزان يىراقتىكى ئوت كەتكەن قاراڭغۇ ئورماندىن كېلىۋاتقان ئىستەك يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە، كۆكۈچ پەردىگە ئوخشاش ئاسمانغا يېيىلماقتا ئىدى. گەرچە بۇ تۇمان ئاسماننىلا قاپلاپ ئۇلارنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى غەم بېسىشقا باشلىدى. T.Pklty − نەدىن كەلگەن تۇماندۇ بۇ؟ − دېدى ئورگان ئەتراپىغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆز - ئۆزىگە. yN 9$gfJC^ ئۇلار ئالدىراش پالاق ئۇراتتى، ھەربىر پالاق ئۇرغاندا ئوتتۇرانچى كۆكرەك ئارىلىغا كەلدۇقمىكىن دەپ ئالدىغا قارايتتى. ئۇ، ئۈچ كۆكرەك ئارىلى ئىچىدىكى ئەڭ قۇلايلىق، ئەڭ ئىشەنچلىك جاي ئىدى. DnNt@e2| قارامتۇل كۈل رەڭ قويۇق تۇمان خۇددى غايەت زور سېپىلغا ئوخشاش، ئۇپۇقنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك توسۇۋالغان، دېڭىز بويلاپ ئۇلار تەرەپكە شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەنە، تۇمان دېڭىزدا زور قايناملارنى ياساپ ئەسەبىي شىردەك ئېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى كېمە، كېمىدىكىلەر، كۆرۈنۈپ تۇرغان ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان جىمى مەۋجۇداتنى يۇتۇۋېتىش. تۇمان دەل ئۇلار ئارال دەپ خاتا ئويلاپ قالغان ھېلىقى جايدىن كېلىۋاتاتتى. ئۇ دەل قىرىسىق تۇنجى بولۇپ بايقىغان ھېلىقى تۇتۇق، جىمجىت نەرسە ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ جاھاننى بىر ئېلىپ ئۇلارغا ئۈن - تىنسىز بېسىپ كەلمەكتە ئىدى. |