ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى (ناتىۋان)
تەۋپىقداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئايالىم يازغان خىزمەت پىلانىنى مۇنبىرىمىزگە يوللىدۇم. ئىجادىي پايدىلانغايسىزلەر .
............................مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى........نىڭ 2010-2011-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا 6- يىللىق 1-سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسنى ئۈستۈمگە ئالغان بۇلۇپ 6- يىللىقنىڭ ، ماتىېماتېكا، ئەخلاق ۋە جەمىئەت، مۇزىكا، گۇزەل-سەنئەت، شىنجاڭ، ئونىۋېرسال ئەمىليەت،5- يىللىقنىڭ ماتىېماتېكا ، مۇزىكا، گۇزەل-سەنئەت، شىنجاڭ، ئونىۋېرسال ئەمەلىيەت قاتارلىق دەرسنى ئۈستىمگە ئالدىم .ئۇمۇمي دەرس سائىتىم 21سائەت. دەرس تەييارلىقىم 11خىل. مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىزمەتكە بولغان مەسئۇليەتچانلىقىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى خىزمەت تەجىربەمنى يەكۈنلەپ ،ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان مەشىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دەرىستە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىىمەن.ماتېماتىكا دەرىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلاشقان ئاساستا ئۈتۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ماتىېماتېكا تەس دېگەن خاتا قاراشنى چىقىرىپ تاشلاپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە تىرىشىمەن . دەرىسىنى قانۇنيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش شۇنداقلا دەرس ئۆزلىشىش نىسبىتىنى مەركىزى مەكتەپ بىكىتىپ بەرگەن نىشانغا تۇللۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەۋسۈم بېشىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاقى تەربىيە توغرىسىدىكى مەخسۇس تەربىينى كۈچەيتىپ ، ھەمدە ئۈزۈمنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزۈمگە ئۈلگە قىلىپ ، يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىغا ئۇيغۇن ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدىكى خوجايىنلىق رولىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرۇپ ، مەۋسۇم ئاخىردا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن . 1› ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتمىگەن ئاساستا ھەر قايسى پەنلەردىن مۇۋاپىق دەرىجىدە ئائىلە تاپشۇرىقى بېرىپ ،دەرىسنىڭ ۋاقتىدا ئۆزلىشىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ،خۇلاسىلاپ ، ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ ماڭىمەن . 2› بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان تاپشۇرۇقلارنى لاھىيەلەپ ،ئۆتكەن دەرىستىن چوقوم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمەن . ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىپ ، ئولارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن سالمىقىنى تەڭشەپ يىتەكلىشنى ئاساس ، ئىلھاملاندۇرۇش ، رىغبەتلەندۇرۇشنى ۋاستە قىلىپ ، دەرىسنىڭ پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىىشىگە كۈچ چىقىرىمەن . ، دەرىسخانا كەيپىياتىنى جانلىق قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆز قارىشىنى دادىل ھالدا ئوتتۇرغا قۇيالايدىغان جۈئەتلىك قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشىمەن . 3› ئوقۇغۇچىلارنى دەرىستىن سىرىتقى تەكرارغا ئۇيۇشتۇرۇپ ،ۋە يىتەكچىلىك قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرىسنى ۋاقتىدا تەكرارلاپ تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۇرۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئارقىداقالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىتەكچىلىكنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىمەن . 4› مەن بۇ ماۋسۇمدا تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئۆز كەسپىمنى قىزغىن سۆيۈپ ، ئۆزەمنىڭ دەرىسخانىدىكى يىتەكچىلىك رولىمنى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدىكى خوجايىنلىق رولىنى تۇللۇق ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ ، كونا مائارىپ قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ ، يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىغا ئۇيغۇنلىشىپ ، يېڭى دەرىس ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يولغا قۇيۇپ ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن . 5› كەسپى سەۋىيەمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ماتىريال كۆرۈش بىلەن بىرگە ، ئوقۇتۇشقا چوڭقۇر چۈكۈپ تىرىشىپ، ئىزدىنىپ ئىش كۈرۈپ مەۋسۇم ئاخىردا ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىمەن . -5يىللىق ماتېماتىكا دەرسىدە : ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى ئۆزلىشىش نىسبىتى %13.8نى%20كە يەتكۈزۈشكە، 6- يىللىق ماتېماتىكا دەرىسىدە: ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى ئۆزلىشىش نىسبىتى%2نى%10 كە يەتكۇزۇشكە تىرىشىمەن. ئەخلاق جەمئىيەت دەرسىدە: ئۆزلىشىش نىسبىتىنى %65كە ئوتتۇرچە نۇمۇرنى 75كە باشقا يانداشما پەنلەردىنمۇ %70 تىن يۇقىرى دەرس ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن .
...........................مەكتەپتىن : .......... 2011.3.1 |