danix |
2012-09-06 14:37 |
دۇنياۋىي كەشپىياتلىرىمىز يەنى بار (دانىش)
دۇنياۋىي كەشپىياتلىرىمىز يەنى بار !]b@RUU دانىش Yp5L+~J[ ئۆز خان يوللانمىسىدا مىخ مەتبە ، زەمبىرەك ، راك كېسىلىنىڭ رىتسىپى قاتارلىق دۇنياۋىي كەشپىياتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان. |4>:M\h
مېنىڭچە ، بىز ئۇيغۇرلار ياراتقان دۇنياۋىي كەشپىياتلار بۇلارلا ئەمەس ، يەنى بار . مەسىلەن : #Z9L_gDp ھارۋا _ بىز ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قاتناش قورالى . ھارۋىنىڭ كەشپ قىلىنىش جەريانى << ئوغۇزنامە >> ئىپوسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : " ئوغۇزخان ئۆزىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇلغان قوۋمغا ' ئۇيغۇر ' دەپ نام بەردى ، بۇ تۈركىي تىلىدا ' ئىزىدىن ماڭغان ، ئۇيغۇنلاشقان ' دېمەكتۇر . ئوغۇزخان بۇ قوۋمنىڭ ياردىمىدە بەزىدە قۇياش ئاي - ئايلاپ كۆرۈنمەيدىغان جايلاردىن تارتىپ ، بەزىدە قۇياش نەچچە ئايلاپ پاتمايدىغان جايلارغىچە ئىگەللەپ ، ھېساپسىز ئولجىلارنى قولغا چۈشۈردى . بۇ ئولجىا - غەنىمەتلەرنى توشۇشقا يالغۇز ھايۋان كۈچى يېتىشمىگەندە ، ئۇيغۇر قوۋمىنىڭ دانىشمىنى يۇسۇن بىلىك ( كېتىپ بېرىپ بىلگۈچى ) بىر ' قاڭلى' (ھارۋا)ياسىدى . مۇندىن ئىلگىرى چاق يوق ئىدى . يۇسۇن بىلىكنىڭ ئۈگىتىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەمرالىرىمۇ قاڭلى( ھارۋا )ياسىدى. قاڭلى(ھارۋا)نى ئەڭ دەسلەپ شۇلار ياسىدى . لازىمەتلىكلەرنى ، ئېغىر يۈكلەرنى قاڭلى ( ھارۋا ) بىلەن توشۇدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇزخان ئۇلارغا ' قاڭقىللار' ( ھارۋىلىقلار ) دەپ نام بەردى ." h)dRR_ تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئوغۇز خاننى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى . باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200 - يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان . بۇلارغا ئاساسلانغاندا ئەجدادلىرىمىز ھارۋىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200- يىللاردا كەشپ قىلغان بولىدۇ . ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بولغان ،قاڭقىللار( ھارۋىلىقلار ) دەپ ئاتالغان قەبىلە تۇرپاننىڭ يارغولنى مەركەز قىلىپ ، " قاڭقىل خانلىقى"نى قۇرغان . شۇ قاڭقىللار كەشپ قىلغان چوڭ چاقلىق ھارۋا << ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يۈز چوڭ مەشھۇر كەشپىات >>نىڭ 5- سى بولۇپ تېلىۋېزوردا كۆرسىتىلگەن . d*-
Xuv مىللەتلەر نەشرىياتى 1999-يىلى 3- ئايدا نەشر قىلغان ، ئەنىۋەر بايتۇر ، خەيرىنسا سىدىقلار تۈزگەن << شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى >> دېگەن كىتابنىڭ 456- بېتىدە " قاڭقا(ھارۋا)نىڭ كەشپىياتچىسى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردۇر " دېيىلگەن . ^k72{ 3N( قەغەز _ مېنىڭچە قەغەزنى يەنى خوتەن قەغىزىنى بىز ئۇيغۇرلار مىخ مەتبەدىنمۇ ئىلگىرى كەشپ قىلغان . << تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمىي ھۈججەت ۋە ۋەسىقىلەر >> دېگەن ئەسەردە 5- ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ، مىخ مەتبەئەدە قەغەزگە بېسىلغان مۇنداق بىر ۋەسىقەنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان : " ...نىڭ ئۆيىدە بىر غالجىر ئىت بايقالدى . بۇ يەردىن ئۆتكۈچىلەر ئېھتىيات قىلغاي ." R^tcr)( دېمەك مۇشۇنداق ئاددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئېلانىنىڭ مىخ مەتبەئەدە ئىشلەنگەنلىكىگە قارىغاندا ، ئەجدادلىرىمىز 5- ئەسىردە مىخ مەتبەنى ئىجات قىلىشتىن بۇرۇنلا مىخ مەتبە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قەغەزنى كەشپ قىلىپ بولغان . r)B3es&& كېيىم كىيىش _ كېيىم كىيىش يەنى ھايالىق جايلىرىنى ئېتىش _ ئىنسان بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم بەلگە ! t9D
S]Li << شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى >> دېگەن كىتابنىڭ 7 - بېتىدە " بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان ' ئاتۇش ئادىمى ' بېيجىڭ جۇكۇدىيەن ئادىمى بىلەن زامانداش " دېيىلگەن . تارىخ كىتابتا بېيجىڭ ئادىمىنىڭ ئۈستىدە ھېچقانداق كېيىم يوق ( ھايالىق جايلىرىنىمۇ ئەتمىگەن ) ، قولىغا كۆتۈرىۋالغان توقماققا بىر توشقاننى ئېلىۋالغان رەسمىنى كۆرگەن ئىدىم . لېكىن شۇ بېيجىڭ ئادىمى بىلەن زامانداش بولغان ئاتۇش ئادىمى بولسا ، ئۈستىگە يۇڭ -تېرىدىن كېيىم كىيگەن ! بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا كېيىم كىيىشنى بىلگەن . بېيجىڭ ئادىمى يالىڭاچ يۈرگەندە كېيىم كىيىشنى بىلەن ئەجدادلىرىمىز بەلكىم ، دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ بۇرۇن كېيىم كىيگەن كىشىلەردۇر ! دېمەك ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم كىيىش ياكى كىيىمنى كەشپ قىلىشى بىلەن دۇنيادىكى ئىنسانلار كېيىم كىيىپ ھايۋانلاردىن پەرقلەنگەن !!! %ck`0JZAP بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋىي كەشپىياتلىرى بۇلارلا ئەمەس ، يەنى بار 1 يەنى بار ! o*_g$ يەنى بار !!! يەنى بار !!! قېنى ئىزدىنىپ كۆرەيلى قېرىنداشلار ! |
|