ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىلمىيلىكى زادى نەدە؟
ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىلمىيلىكى زادى نەدە؟ ① <) * U/r
+\=g&G,
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات LL
,dRaV2
ئىلمىي مۇدىر تۈرلۈك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرىنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولغان شەخىس. شۇڭا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تۈرلۈك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمىنى تاللاشتا خېلى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، بەلگىلىك ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى بار، شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئورتاق ھېمايەت قىلىدىغان، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي باھا بېرەلەيدىغان، ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك، دەۋرىيلىك، ئىزچىللىق ۋە كۈچلۈك ئىلمىيلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي خىزمەتنى ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن نەتىجىلىك داۋاملاشتۇرالايدىغان ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە ھەقىقىي ئىلمىي كىشىنى بۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلىدۇ. ئىلمىي مۇدىرلىققا ئەنە شۇنداق كىشى مەسئۇل بولسا، ئاندىن نۆۋەتتىكىدەك رىقابەت ۋە خىرىس تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە جانلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنىڭ ئىجراچىلىرى، كۆزلىرىمىزنىڭ قارچۇقى، يۈرەكلىرىمىزنىڭ پارىسى بولغان سەبىي بۇغۇنلارنى دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدىكى ساپاغا ئىگە ياراملىق قۇرغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. FC0fe_U(F ^Iw$( دەرۋەقە، ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئىلمىي خىزمەتكە مەسئۇل بولىدىغان ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم باشلامچى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇپ يەتكەن خېلى كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە بۇ خىزمەت ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قولىدا نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى مەكتەپلەردە «ئىلمىي مۇدىر»نىڭ ئىلمىيلىكىنىڭ زادى ئۇ ئىشلىگەن ۋە ئىشلەۋاتقان قايسى خىزمەتتە ئاز-تولا بولسىمۇ، ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقىنى ئىزدەپ تېپىش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. ئۇنداقتا، سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۆزۈم ئون نەچچە يىللىق كۈزىتىش، تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، ئورتاقلىشىش داۋامىدا بۇ جەھەتتە يەكۈنلەپ چىققان تۆۋەندىكى ئەمەلىي بايانلارغا بىرلىكتە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى. M 5#wz0 ` GF w?G 1.مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان پەنلەرنىڭ تۈرى ئون نەچچىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا، ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىر ياكى بىرنەچچە نەپەر خادىمىنىڭ بۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقى دەر ھەقىقەت. ئادەم ھەر قانچە بىلىملىك بولسىمۇ، جۈملىدىن، بارلىق پەنلەرگە دېگۈدەك چىشى پاتىدىغان ئىلمىي مۇدىرلار بار دېيىلگەندىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەلۇم بىر ئىلمىي مۇدىرنىڭ بارلىق پەنلەر ئوقۇتۇشىغا ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىپ بولالىشى ناتايىن. چۈنكى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي مۇدىرلار «ھەممىگە ئۆزى يېتىشىپ بولالايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى»نى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا ئانچە كۈچەپ كەتمەي( شۇنداق قىلسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ھورۇنلۇق قىلدى، دەپ قارىمايدۇ) ھېچ بولمىسا، ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ئەلمى-تەلمىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا مەسئۇللىرىدىن بولامدۇ ياكى « ئىلمىي بۆلۈم خادىمى » نامىدىكى ياردەمچى خادىملاردىن بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەر قايسى پەنلەردىن ياخشىراق خەۋىرى بارلارنى ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنى نازارەت قىلىشقا چىداپ تۇرۇپ ياردەملەشتۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، ئۇ قانداقمۇ ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىغا ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلالايدۇ؟ ناھايىتى روشەنكى، ئۇلار بۇنداق قىلغانغا، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى كىچىكلەپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئوقۇتۇشتا ئۈنۈم يارىتىش قەدىمى تېزلىشىدۇ. 'rhgM/I oc1BOW z تولىمۇ ئەپسۇس، گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى شۇ قەدەر ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە بىلىم ئەھلى دەپ قارايدىغان بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ ئۆز كەسپى بىلەن قىلچە چېتىشلىقى بولمىغان بەزى پەنلەرنى قانداق ئوقۇتۇش، تاپشۇرۇقلىرىنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، قانداق خۇلاسىلەپ بېرىش، ئىمتىھان سوئالىنى قايسى مەزمۇنلاردا نەچچىلىك نىسبەتتە، قانداق شەكىلدە قانداق چىقىرىپ، قانداق تەكشۈرۈپ-خۇلاسىلاش كېرەكلىكى ھەققىدىكى دانىشمەنلەرچە كۆرسەتمىلىرى ئەنە شۇ پەن ئەھلىلىرىنىڭ ھەم كۈلكىسىنى قىستىماقتا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆتىۋاتقان پەنلەرنىڭ خاراكتېرىنى نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى، يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش- خاراكتىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆتۈشتىن مەھرۇم قىلماقتا. 5RPG3ppS 3)G~ud بىزدە«پىلانسىز ئىش-قىلىپسىز خىش» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا ئىلمىي مۇدىر بولغان كىشى ھېچ بولمىغاندا، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ «دەرس ئۆلچىمى» ھەققىدە ئەقەللىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، شۇ ئارقىلىق ھەر قايسى پەنلەرنى ھەپتىسىگە زادى نەچچە سائەتتىن، قانداق شەكىللەردە، قاچانغىچە ئۆتۈپ تۈگىتىپ، ئۇنى قانداق خۇلاسىلاش ھەققىدە دەسلەپكى تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. Pb&tWv\ql .UPh
2. مەكتەپلەرگە نىسبەتەن مۇئەييەن مەقسەتتە سېستىمىلىق تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش مەكتەپ خىزمىتىدىكى ئاڭ مۇھىم ھالقا. ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ پىلانىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە. لېكىن بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ دەرسنى زادى قايسى ۋاقىتتا باشلاپ، قاچانغىچە قايسى مەزمۇنلارنى ئۆتۈپ بولۇپ، قەيەرگىچە بولغان مەزمۇنلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلاشنى ئالدىن مۇۋاپىق پىلانلىماي دەرس ئۆتۈش، ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلاشنى سېستىمىلاشتۇرماسلىقى «پىلانسىز ئىش، قىلىپسىز قىش » بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. يەنى دەرسنى توپلاپ-يىغىپ تېز ئۆتۈش سەۋەبىدىن دەرس بۇرۇن تۈگەپ كېتىپ، بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ۋاقتى يېتىپ كەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىمتىھاننى ۋاقتىدا ئالالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرى خېمىغا يېنىپ قېلىش سەۋەپلىك، نەتىجە تۆۋەن چىقىپ قېلىش ياكى دەرس پىلانسىز ھالدا سالماقلىق بىلەن ئالدىرىماي ئۆتۈلگەنلىكتىن دەرس ئېشىپ قېلىپ، بىر تۇتاش چىقىرىلغان سوئاللاردا تېخى ئۆتۈپ تۈگىمىگەن مەزمۇنلاردىن سوئال چىقىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمۇ ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئكلەشتۈرۈش نەتىجىسىگە دەخلى يېتىش. !q\8`ss ]}3s/NJi ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئىلمىي مۇدىرنىڭ كۆڭلىدە ھەم قولىدىكى ئوقۇتۇش پىلانىدا قايسى ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا، قايسى يىللىققا، قايسى كىتاب-ماتېرىيال دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ؟ ئوقۇش باشلاش پەيتىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەمىنلەشكە كېرەكلىك زۆرۈر بولغان لازىمەتلىكلەر مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم ئامبىرىدا زادى تولۇق بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك ئوقۇتۇشقا بىۋاستە چېتىلىدىغان مۇھىم خىزمەت پىلانلىرى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما بەزى « ئىلمىي مۇدىر»لارنىڭ بۇ نازۇك ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى ئىنىچكە ئېنىقلىماسلىقى سەۋەبىدىن كىتاب بولسا، تەييارلىق يوق، تەييارلىق بولسا، قوللانما يوق، قوللانما بولسا،بور يوق، بور بولسا يەنە بىرسى يوق... قاتارلىق مۇشۇنداق ئىلمىي بولمىغان گۈلدۈر-گۈپپاڭ ئىشلار نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇشنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تولىپى بويىچە ئۆز قەرەلىدە نەتىجىلىك ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ بويىچىمۇ ئېلىپ بېرىلماسلىق ئەھۋاللىرى ھەقىقەتەن ساقلانماقتا. 6ll!7U(9(
[
<X% 3. بەزى پەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن بىنورمال بولۇپ قالغانلىقتىن، بەزى ئوقۇتقۇچىلار بەزى كۈنلىرى كۈن بويى دەرس ئۆتسە، بەزى كۈنلىرى كۈن بويى دەرس ئۆتمەي بىكار قېلىش، ھەتتا بەزى پەنلەر بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئارقا- ئارقىدىن ئۆتۈلۈپ، ھەپتىلىك دەرس سائىتى بىر-ئىككى كۈندە ئاخىرلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت چىقماسلىق ۋە ھەر قايسى پەنلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىزچىل ئۆگىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقتىن ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئىزچىللىق ئاساسىدا ئۇدۇللۇق قوبۇل قىلىش ئارىلىقى بەك زىچ بولۇپ قېلىپ، ئاقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتۈلىۋەرگەن دەرستىن ئوقۇغۇچىلار بىزار بولۇش، يەنە بەزى پەنلەرنىڭ ياكى بەزى سىنىپلارنىڭ دەرسىنىڭ پەقەت ھەپتىنىڭ بېشى ياكى ئاخىرىغا ياكى بىر كۈندىكى ئارقىمۇ-ئارقا سائەتكىلا توپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزچىل ئۆگىنىشىنى كاپالەندۈرەلمەسلىك ياكى ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىغاندەك ئارقىمۇ-ئارقىدىن زەپلەپ ئۆتۈلىۋەرگەن بۇ دەرسلەر ئۇلارنىڭ شۇ پەنلەردىن زېرىكىشىنى كەلتۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ چارچىتىپ- ھالسىزلاندۇرۇپ قويۇش. ;1(^H:7T ABCm2$< 4.دەرس سېتكىسىنى ۋاقتىدا، ئۆلچەملىك تەييارلاپ ئاشكارىلىماسلىق ۋە دەرسلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق. دەرس سېتكىسى مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ماياك بولۇپ، ئۇ خۇددى قاتناش قوراللىرىنى ھەيدەپ ماڭغۇچىلارنىڭ يول خەرىتىسىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇ خەرىتە ۋاقتىدا سىزىپ-تەييارلىنىپ، نىشان ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ قوللىرىغا دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىلمىسە، ئۇلار مەنزىلدىن ئادىشىپ قالىدۇ، ھېچ بولمىغاندا، گاڭگىراپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا چوقۇم ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلدە بولۇش تولىمۇ زۆرۈر. = wz}yfdrC s|\)Y*B` بىر ئوقۇتقۇچىغا بىر كۈندە ئۇدا يەتتە-سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئويلاشمايلا يۈكلەپ قويۇش ئارقىلىق ئوقۇتۇشنىڭ نورمال قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش. دەرۋەقە، بىر كۈندە يەتتە-سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەر بار. ( بۇ ئاساسەن ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان نورمال ئەھۋال ).ئەمما ئېلىمىز ياكى رايونىمىزنىڭ ئەڭ چەت-ياقا، تاغلىق، نامرات، ئوقۇتقۇچى مەنبەسى يېتىشمەيدىغان يۇرت-ماكانلاردا بىرىنچى سائەتتىن باشلاپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى 7-،8-سائەتكىچە دەرس ئۆتۈدىغان مەكتەپلەر باردۇر، ئەمما بىر-ئىككىلا ئادەم ئىشلەيدىغان بىرەر دۆڭلۈك ئارىسىغا سېلىنغان مەكتەپ بولغان تەقدىردىمۇ، گەرچە بىر كۈندە ئۇدا 7-8 سائەت دەرس ئۆتۈلگەن ھالەتتىمۇ، ئەمما شۇ 7-8سائەتنىڭ ھەممىسىدە بىرلا ئوقۇتقۇچى بىر-ئىككى خىللا دەرسنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتىدۇ...دېسە، بۇنىڭغا سىز ئىشىنەرسىزمۇ؟! ئەمما مەن بىلىدىغان، ۋىلايەت،ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى، مەكتەپ شارائىتى ۋە باشقا جەھەتلەردە خېلىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەزى مەكتەپتە ئەھۋال دەل شۇنداق.( ھەپتىدە ئۆتىدىغان 10 نەچچە سائەت دەرسنىڭ 5-6 سائەتلىك دەرسنى بىر كۈندە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتۈپ، قالغانلىرىنى باشقا كۈنلەردىكى خالىغان ۋاقىتلارغا چېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتتا بىر-ئىككى سائەتتىن ئۆتۈپ تۈگىتىدۇ. ئەسلى تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتېكا، خەنزۇ تىلى، فىزىكا....قاتارلىق بىر قىسىم ئاساسىي پەنلەر ئوقۇتۇشى شۇ پەنلەرنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىككى سائەتتىن جۈپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، بىر سائەت-بىر سائەتتىن بۆلۈپ-بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرغاندىكىگە قارىغاندا، كۆپ ياخشى بولاتتى. چۈنكى شۇنداق بولغاندا، ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي، مەزمۇن چېچىلىپ كەتمەي، ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئىزچىل يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلۈشىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولاتتى. بۇنى ئاز دەپ، تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت-مەركىزى تازا يىغىلغان، كاللىسى ئوچۇق، تەپەككۇرى سەگەك بولغان چۈشتىن بۇرۇنقى مەشغۇلىيەت ۋاقتىغا ئوقۇتۇش قانۇننىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتېكا، خەنزۇ تىلى، فىزىكا، خىمىيە...قاتارلىق ئاساسىي پەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چۈشتىن كېيىنكى سائەتلەرگە باشقا پەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەقەللىي ساۋات ئىدى. لېكىن بەزى «ئىلمىي مۇدىر»لارنىڭ ھەممە پەنلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە قارىشىنىڭ بەكلا ئىلمىيلىشىپ كەتكىنىدىن بولسا كېرەك، ئەتتىگەندىكى بىرىنچى-ئىككىنچى سائەتلەرگە تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت دەرسلىرىنى، ئوقۇغۇچىلار چارچاپ-ھېرىپ، دىققىتى چېچىلىىدىغان يەتتىنچى، سەككىزىنچى سائەتلەرگە ئاساسىي پەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىنى قانداقمۇ بىر ئىلمىيلىك دەپ قاراش مۇمكىن. گەرچە بۇ ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىش ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق نامۇۋاپىق ئىشلار مەكتەپلەردە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى مەلۇم بىر «ئىلمىي مۇدىر»نىڭ دېيىشىچە، ئەگەر دەرس مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، ئۆزئارا دوقال كېلىپ قالارمىش، شۇڭا كومپىيۇتېردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سەتكىنى قايتا رەتلەپ-تۈزۈتۈش مۇمكىن ئەمەسمىش!!!! توۋا، بىر مەكتەپتىكى 40-50 سىنىپىنىڭ دەرس سەتكىسىنىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق نەچچە ئونلىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ شۇنچە كۆپ مۇسابىقىلىرىنى بىر-بىرىگە دوقال قىلماي، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا قادىر شۇ كومپىيۇتېرنىڭ مۇشۇنچىلىك دەرس سەتكىسىنى ئورۇنلاشتۇرالمىغىنى بەكلا ھەيران قالارلىق ئىش، راستىنلا شۇنداق!!!! jrp>Y: bv4umL / بولۇپمۇ، نۆۋەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندۇۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلىدۇرۇش كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىۋاتقاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش-ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئىختىيارىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق دەرسخانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتلارنىمۇ تولۇق كونتىرول قىلىۋېلىپ، بىر كۈندە ئۇدا سەككىز سائەتلەپ دەرس ئۆتۈشنى قېلىپلاشتۇرىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئۆگەنگەنلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرى بويىچە 2-دەرسخانا پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان شەرت- شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە يوق، ئەكسىچە ئۇنى مونۇپۇل قىلىۋېلىش ھەقىقەتەن مائارىپقا قىلىنغان ئېغىر زىيانكەشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ` @ QZK0Ox @;egnXxF< |