查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-09-05 18:39

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى

                    ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى
                                      ئۆزخان
ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. no eb f  
       1. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى \xy:6gd:  
ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئاغزاكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان بولسا ، شۇخىل ئاغزاكى نەرسىلەرنى يازما ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە بولۇپ قالدى.بۇ ھادىسە دەل مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىدى.ئۇنداقتا بۇ يەردە بۇ كەشپىياتنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قايسى مىللەت ياراتقان،دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئارخىئولوگى قۇربان ۋەلى مۇنداق يازىدۇ:«دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە،سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بى شىڭ دىگەن كىشىنىڭ 1041-1048-يىللىرى تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بىسىلغان(خوتۇن قىزلار رىسالىسى)دىگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بىسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار ئىدى»(«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ئۇيغۇرچە نەشىرى،201،202-بەتلەر)بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدىكى 7-ئەسىردىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە،يەنى 5-ئەسىردە تۇرپاندا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت ئويما مەتبەئە بار ،دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،تۇرپاندا ئويما مەتبەئەنىڭلا ئەمەس يەنە تامغا مەتبەئەنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.بىز يەنە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغانلىق توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:ئابلىز مۇھەممەت سايرامى «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»دىگەن ماقالىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990-يىللىق12-ئاۋغۇست سانىدىكى مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:«1990-يىلى دۇنخۇاڭدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئالتە دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى.ئۇ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگەقوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى» («شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »1993-يىللىق 3-،4-سان،43-بەت). بۇخىل ئارخىئولوگىيىلىك ئىسپاتلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ تىپىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ،دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار،دىگەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ. ZKVp[A  
+ # m   
       2. زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ZS07_6.~  
بىز ئەمدى زەمبىرەكنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: 37GHt9l  
ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى «تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:«ئەينى زاماندا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ھەربىي ياراقنىڭ نامى>ئۇيغۇر زەمبىرىكى<ئىدى.ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يىڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالغان.جۇڭگۇ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانىدى.>ئۇيغۇر زەمبىرىكى< دىگەن بۇ نام مىلادى 1182-يىلى بارلىققا كەلگەن». P#M 
دىمەك،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى تۈستە ئىلىپ بىرىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتۇم دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان پارتلاتقۇچ زەمبىرەك مۇئەييەن رول ئوينىغان.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زەمبىرەك ياسىغان دەۋرىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يادرولىشىش باسقۇچىنىڭ بىر ئۈندۈرمىسى دەپ قارىيالايمىز. P7M0Ce~iW  
B$iMU?B3  
         3. راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى Y+S~b  
ئۇيغۇرلارنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۆھپىسىمۇ زور بولۇپ،قايتا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى راك كېسىلىگە شىپالىق دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ،رەسمىي داۋالاشنىڭ رېتسېپىغا ئايلانغانلىقىدۇر.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىسپات بار:«قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن داڭلىق تېۋىپ مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ئۇيغۇر ئالىمى،ئاستىرونۇم ھۈسەيىنخان تەجەللى (1848-1927)نىڭ بىردىنبىر تېبابەتچىلىك رېتسېپلىرى توپلىمى <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.ئۇنىڭدىن <سەراتان>نى داۋالاش،يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئادەم بىھوش قىلىش، ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ياساشقا ئائىت رېتسىپلارمۇ بار ئىكەن. مەرھۇم خەلپىتىم ئەينى ۋاقىتتا <سەراتان>دەپ ئاتالغان كېسەلنىڭ ھازىرقى راك ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قالغانلىقى سەۋەبلىك ،ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى رېتسېپىغا دىققەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى».(«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»)ژۇرنىلى 1994-يىللىق 1-سان،22-بەت) .>cL/KaP  
دېمەك دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەل-راك كېسىلىنىڭ شىپالىق رېتسېپى ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى تەرىپىدىن ياسالغان بولسىمۇ،ئاپەتلىك يىللاردا كۆيدۈرۋىتىلىپ،پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن راك كېسىلىنىڭ يەر شارى يۈزىدىن يوقىلىشىغا زور توسقۇنلۇق بولغان.گەرچە مەزكۇر رېتسېپ تېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل (1927-يىلىدىن بۇرۇن )كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردە ھازىر مۇنۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛تەجەللى ئۆز ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئەرەپ-پارس تىللىرىدا يازغاچقا،بۇ ئەسەرلەر خەلققە تارقىلىش داۋامىدا ھازىرمۇ ئەرەپ-پارس تىللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئاشۇ رېتسىپمۇ خەلق قولىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى 1958-يىلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئالىمنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر پارچە ئەسىرىنى ئېلىپ كەتكەن قاتاردا ئېھتىمال مۇشۇ رېتسېپقا ئائىت مەلۇماتلارنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە نەزىرىمىزگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .  
J{v6DYhi  
                                                                                                                       مەنبە:  تەرمىلەر تورى

akkax 2012-09-05 20:46
   قەغەزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟ 9=sMKc%!-  
« بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز » دا بۇ مەلۇماتلار بارغۇ دەيمەن ؟  قەغەزمۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرى.

akkax 2012-09-05 20:48
كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ بۇ تېمىنى ئۆزىڭىز يازمىغانلىقىڭىزغا سەپسالماپتىمەن .

ㄒαη┞┦á 2012-09-05 22:09
تەشەككۈر   

maaripqi 2012-09-05 22:54
ھەي، ئاپەتلىك يىللار! ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كەشپىياتنى يوق قىلىۋەتكىنىڭنى قارا

tursun 2012-09-13 12:45
ئەتلەسچىلىك تىخنىكىسىمۇ ھەم شۇنداق،جۇۋاز،تۇگمەنلەرچۇ-تىخى...!يىپ ئىگىرىدىغان چاق.......سانايدىغان بولساق بەكلا كوپ....ئەپسۇس! p6`Pp"J_tr  
دانىشقا ئالىي ئىھتىرام!!!     

ئەكبەرنىياز 2013-10-19 00:16
ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر روھتا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ياشاپتىكەندۇق ! دانىش ئاغىمىزغا كۆپ رەھمەت !!!

ياسىنجان510 2013-11-03 14:34
مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئىنتايىن ئەقىللىق،ئىشچان،ئەقىل-پاراسەتلىك ،ئىجاتكار مىللەتئىدى.نەچچىمىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا  باشقا مىللەتلەرنىڭ قىززىقىشنى ،ھۆرمىتىنى قايىللىقىنى قوزغىغان ئېسىل،قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن پەخىرلىك مىللەتكە ئايلانغان ئىجاتكار ،ئىلغار مىللەت.ئەگەر تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قادۇرۇپ كەتكەن بۈيۈك،ئۆلنەس تۆھپىلىرىدىن سۆيۈنۈپ ،كۆڭلىنىزگە تەسەللى تېپىپ چەكسىز ئىپتىخارلىق ھىس قىلىمىز،نۆۋەتتە بىز كېيىنكى ئەۋلاتلارغا نېمە قادۇرىمىزكىن....


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled