查看完整版本: [-- بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2012-09-05 00:12

بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟

بۇ  يازمىنى  ،ماتىريال ئىزدەۋېتىپ ئۇچۇرتۇپ قېلىپ يوللاپ قويغۇم كەلدى . كۈچۈرمىكەشلىك بولۇپ قالماس ؟ $)PNf'5Zg  
مەنبە:ئىنتىل تورى %40|7 O  
`A?/Ww>;  
بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟ d+z8^$z"  
1- توقۇم --ئىشەكنىڭ ئىگىرى،ئىشەككە مىنىپ سەپەرگە چىققاندا ئادەمنىڭ كاسىسى ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن ئىشەك ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان شال پاخىلىنى ئىچىگە قۇيۇپ ياسالغان نەرسە( ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ، ئۇر تۇقۇمغا) HjL+Wg  
2- ئىگەر-- ئاتقا مىنگەندە ئىشلىتىدىغان ۋە مىنگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئات ئۈستىدىكى ئۇرۇندۇق. Lw2EA 5  
3- توقۇناق-- ئارقاننىڭ چىگىش جايى،بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز يۈك توشۇغاندا ئىشلەتكەن قاتتق ياغاچتىن ياسالغان ئىلمەك، ئادەتتە ئارغامچا ئۇچچىغا باغلاپ ئىشلىتىدۇ. }eSaF@.  
4- جۇمبۇ - - ئىشەكنىڭ بوينىدىكى نەرسە.ئات ،ئىشەك ، قېچىر قاتارلىقلارنى ھارۋىغا قاتقاندا ئات،ئىشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان ئىچىگە شال پاخىلى تىقىلغان يۇمىلاق نەرسە ، بۇنڭ ئالاھىدىكى: ئات ئىشەكنىڭ كوكسىنى يېغىر بولىشتىن ساقلاش، qgDd^0  
5- خەندەك -- سىپىلنىڭ تېشىىكى ئايلانما ئۆستەڭ ( سۇ بار ياكى يوق) `Z0FQ( r_  
6- تاقا-- ئات-ئىشەكنىڭ پۇتىنىڭ تۆمۈر پاشنىسى.ئات،ئىشەك، قېچىر قاتارلىقلارنىڭ پاچىقىنى ئاسراش ئۈچۈن ياسالغان يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى تۈمۈر. G[@RZ~o4  
7-چۇلۋۇر--؟؟ :)p\a1I[*  
8- قامچا ئات ئىشەكلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاياق ئۇچچىغا خۇرۇم چەمە قاتاررلىقلاردا ياسىلدىغان قۇرال. lvY[E9I0  
9- دەررە -- ئادەم جازالايدىغان قورال. kc-=5l  
10- قازى-- بۇرۇنقى زامانلاردىكى سوتچى. l|9' M'a  
11- چوقا-- ئات،ئىشەك ھارۋېلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۇتقۇچىسى. ئادەتتە بۇنىڭ شەكلى (^) مۇشۇنداق ياسىلىدۇ. xhK8Q  
12- ئۇچۇلۇق- ئات، ئىشەكنىڭ يېپىنچىسى ( يۈك ئارتىشتىن بۇرۇن ئۇچۇلۇق ياپىدۇ) ~t^ Umx"Ew  
13- خەندەك--؟؟ \2)D  
14- دۇبۇلغا بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز قىلىچ، نەيزە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلەتكەن تۈمۈر باش كىيىم. `,QcOkvbC  
15- ساۋۇت- جەڭ كىيىمى. }C4wED.  
16- غەلۋىر-- دانلىق زىرائەت تاسقايدىغان نەرسە. M8nfbc^  
17- ئەلگەك-- ئۇن تاسقايدىغان نەرسە.ئادەتتە تالقان ھالەتتىكى نەرسىنى تاسقاشقا ئىشلىتىدۇ. I+=+ ,iXhB  
18- ئۆتكەمە- ئەلگەكتىن شالاڭ، غەلۋىردىن قېلىنراق بولغان، تاسقاش ( ئىلغاش ) قورالى. i/j53towe  
19- قىسماق-- ئوۋچىلار قۇش تۇتىدىغان نەرسە، كەپتەر،قۇشقاچ، ۋە باشقا قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. *5IB@^<  
20- قاپقان-- ئوۋچىلار ھايۋان تۇتىدىغان نەرسە،چوڭ ھايۋانلارنى يەنى تۈلكە، توڭغۇز، جەرەن قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلدۇ. .G.WPVE  
21- جىلە -- ياۋا ئۆردەك ، ياۋا غاز، ياۋايى قۇشلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلدىغان يىپ( يەنى ياۋايى قۇشلارنىڭ ماڭار يولىغا قۇيۇپ قويۇلىدۇ) Kv|L  
22- سۇپۇر-- ئۇن تاسقاش، خېمىر يۇغۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان داسقان.بۇرۇنقى ئانىلىرمىز ئۇن تاسقايدىغان ۋە خېمىر يۇغۇرۇپ ئۈن كىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان قېلىن رەخىت. {`QA.he.  
23- گەزنە-- ناۋايلار ئىشلىتىدىغان نان ئالقىنى،ناۋاي ۋە ئائىلىدە تۇنۇرغا نان چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 9w$m\nV  
24- تۈكچە-- ناۋاي نانغا گۈل چىكىدىغان نەرسە،نانىڭ يۈزىگە ئۇرۇپ ناننىڭ چىرايلىق ۋە تىز پىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مىخلىق توخماق( بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنى تۈكۈچ دەيدۇ، بۇ ئىككى خىل بولۇپ ،بىرخىلىنى تۇخۇ پېيىدىن ياسايدۇ ئۇنى كاكچا نانغا ئىشلىتىدۇ. يەنە بىرخىلىنى ياغاچچى ئۇستاملار ياسايدۇ ئۇنى توم نان (توقاچ) قا ئىشلىتىدۇ) h);^4cU  
25- خۇرجۇن- -دۇنيادىكى تۇنجى چامادان ( سومكا)،بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز سەپەرگە چىققاندا يىمەكلىك سالىدىغان سومكىسى، مۇرىسىگە ئارتىۋېلىپلا يولغا چىقىدۇ. ( ھازىر بۇنى شۇ تىلەمچىلەر ئىشلىتىدۇ) L RVcf  
26- چۇراڭ بۇ تۇشۇكى يوغان نەرسىلەرگە قارىتىلغان سۆز ( چۇراڭ سىۋېتىڭلىنى نېرى تارتىڭلا دىگەندەك). SRwD`FF  
27- مىشكاپ--؟؟؟ TjyL])$  
28- تورۇز ئادەم ئالدىغىلى بولمايدىغان جىڭ ( ئۆشرە بىرەي دىسە تورۇزىڭىز كامكەن دەيدىكەن سىز) `PC9t)%.pV  
29- پىيما كىگىز دە ياسالغان ئۈتۈك =5q<_as  
30- چورۇق چىغ ۋە تىرە قاتارلىقلاردا ياسالغان ئاياغ. H/c (m|KK  
31- مورا- ئۆيدىكى ئوچاقنىڭ ئىسىنى سىرتقا چىقىرىدىغان، تامنىڭ ئارىسىدىكى ئىس يولى. Y3Fj3NwS  
32- تەكچە- تامنى ئويۇپ ياسالغان، تۇرمۇش بۇيۇمىنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان جاي ( ئىشىكى يوق جاۋەن، ئىشكاپ) uMJ \  
33- تەڭلە- ياغاچنى ئويۇپ ياسالغان. خىمىر يۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان داس. G3~`]qf  
34- كاساڭ- ياغاچتا ياسالغان چوڭراق قاچا. bC/":+s& p  
35- كاسا- بۇمۇ ياغاچتا ياسالغان قاچا. z aqX};b  
36- جام- شاراپ ئىچىشكە ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. ?, S/>SP  
37- كۇلۇڭ-- ئوچاقتىكى ئوتنىڭ كۈلىنى تارتىپ قويىدىغان جاي *\sPHz.  
38- لاخشىگىر-- چوغ قىسقۇچ Oynb "T&8  
39- كۆسەي-- ئوت چوخچىلىغۇچ. #Wk=y?sn  
40- يەڭلىك- تونۇرغا نان ياپقاندا بىلەكنى ئوتتىن ساقلاش ئۈچۈن قولغا كىيىۋالىدىغان نەرسە. $ik*!om5  
41- زۇۋۇلا- نان. مانتا، چۆچۈرە دېگەندەك تاماقلارنىڭ ھەر دانىسى ئۈچۈن ئالدىن بۆلۈۋالىدىغان خىمىر. i%hCV o  
42- كاكچا- بۇ نىپىز ھەم چوڭ نانغۇ دەيمەن. ( خوتەن تەۋەسىدە ئىشلىتىلىدىغان چوڭ نان) #BC"bY  
43- توقاچ- چوڭلۇقى مۇۋاپىق كەلگەن نان. ( گىردە نان ئەمەس). J2YQdCL  
44- قاتلىما- ياغ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تونۇرغا يېپىپ پىشۇرۇلغان نان. P@{ x@9kI  
45- گىردە- ئوتتۇرىسى ئويمان توم نان. ;_o]$hV|  
46- گۆش گىردە- ئارىسىغا گۆش قوشۇپ پىشۇرۇلغان گىردە نان. x:Y9z_)O  
47- چىگىردەك- قوينىڭ يېغىنى قاينىتىشتىن قالغان ياغ دانىچىسى. !wAT`0<94F  
48- قىژماق-- تاماقنىڭ كۆيىكى. )t6]F6!_  
49- گۆش--ئەت ،مۇسكۇل (بۇ ھەممىمىز بىلىمىز) JK k0f9)  
50- زاغرا- قوناق ئۇنىدا ياپقان نان. i5,iJe0cA  
51- كىگىز- قوي يۇڭىنى چىڭداپ ياسالغان، ئۆي- جاينىڭ سېلىنچىسى. يۇڭ ئەدىيال، مىترو دېگەندەكلەر گە ئوخشاش 5)[~ T2j!  
52- شىرداق-- گۈللۈك كىگىز ( كىگىزنىڭ ئەتلىسى ) nxLuzf4U5  
53- گىلەم-- نەقىشلىك كىگىز. qQ@| Cj  
54.زەدىۋال- تامنىڭ بېقىنىغا تارتىلىدىغان رەخت، تامغا گىلەم ئاسقاننى كۆرگەنمۇ؟ گىلىمى يوقلار سۇپىنىڭ يۇقىرىسىغلا، ياكى سۇپىسى.بولمىسا ئۆينىڭ ئاستىدىن تەخمىنەن بىر مېتىر ئىگىزلىككىچە تارتىدىغان رەخت، ھازىرقى بىنا ئۆيلەردىكى پارنىڭ ئېگىزلىكىگە تەڭ، ھەم شۇنچىلىك تارتىلىدۇ(ئۆينىڭ ئىچكى ئايلانمىسى تولۇق ئايلاندۇرۇلۇپ تارتىلىدىغان گۈللۈك رەخت) #6`5-5Ks;  
55..تاۋاق- ساپالدىن ياسالغان چىنە ياكى قاچا، بۇ نەرسىنى ئىشلەتسىڭىز تاماق سوۋۇتۇشتىن غەم يىمەيسىز، ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىكاردىن- بىكار ئىشلەتكەن ئەمەس ئۇنى. +mQ5\14#  
57.56كوزا-كۈپ- بۇمۇ ساپالدىن ياسالغان سۇ ياكى باشقا سۇيۇق نەرسىلەرنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بويۇم.كۈپ دېگىنى كوزىدىن چوڭراق، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغاندىكى ئېدىش شۇ، مەن كىرسەممۇ پاتىمەن ئۇنىڭغا. بۇ نەرسىنى ئادەتتە ئۇزاق ساقلايدىغان مەسىلەن تۇز ياكى چىلىغان سەي قاتارلىقلارنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، بىزنىڭ مەھەلىدە ئادەتتە سۇ ساقلايمىز، تەبىئى توڭلاتقۇ دىسەكمۇ بولىدۇ. 0-2|(9 Kc  
58--؟؟؟ mH*ldf;J;=  
59-جاكا- بوۋاقلارنىڭ تەرەت قاچىسى، بۆشۈكنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىدۇ.بۇمۇ ساپالدىن ياسىلىدۇ. s**<=M GK  
60-خام- ساپ پاختىدىن توقۇلغان رەخىت، قولدا توقۇلىدۇ، مۇشۇ يەرگە بىر قىستۇرما سۈرەت چىقىرىپ قوياي دىگەن، 30-40- يىللاردىكى كىيىم كېچەكلەر ئاساسەن ئاشۇنىڭداقىلىناتتىكەن. _|k$[^ln^  
61.گەزمال-مېنىڭچە رەختنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. توقۇپ چىقىرىلغان رەخىت. T$Z9F^w  
62.بۆز- ساپ پاختىدىن توقۇلغان خامدىن سىلىقراق رەخىت. )6|L]'dsZ  
63. يەكتەك- ئەرلەرنىڭ كۆڭلىكى، ئادەتتىكى كۆڭلەكتىن ئۇزۇنراق كېلىدۇ.(ئاياللارنىڭكىدەك ئۇزۇن ئەمەس جۇمۇ،ھازىرقى hep-hopچىلار كىيىۋالىدىغاندەك بەلدىن سەل تۆۋەنگە ئىشىپ تۇرىدىغان كۆڭلەك) &L o TO+  
64.تون- بۇنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار،ئۇزۇن چاپاننى(رەخىتى ئالاھىدە)شۇنداق دەيدۇ. 9zaN fs  
65.پەرىجە- نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كىنوسىنى كۆرگەنلەر ئاسانلا چۈشىنىدۇ بۇنى، بۇ خىل ئۈست كىيىمدە ياقا، يەڭدىن باشقا ئالاھىدىلىك يوق، لېكىن بىرسى بولسا بىر ئۆمۈر كىيىشكە يېتىدۇ،(چاقچاق قىلمىدىم،بۇخىل كىيىمنىڭ رەختى ئالاھىدە چىداملىق، بەزىلىرىنىڭ ئىنتايىن نەپىس كىلىدۇ) GP: 
66.جىلىتكە-يېڭى يوق ئۈست كىيىم(ھازىرقىسى)جۇيازا دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرسى بار تېخى، قىشتا كىيىدىغان پاختىلىقىنى شۇنداق ئاتايمىز. t,/ G  
67.تەلپەك- تۇماق، ياكى شۇنىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان باش كىيىم. kY0HP a  
68.تامبال-ئىشتان،(ئىغى بار ئىشتان، كىچىك باللار كىيىدىغان ئاچىماق ئىشتان ئەمەس) sdp&D@  
69.چوغ- تېخى ئۆچمىگەن، يېلىنجاپ تۇرغان ئوتۇن ياكى كۆمۈرگە تۇتىشىپ تۇرغاندىكى ئوت. F(")ga$r  
70.كۈل.ئۆچكەن چوغ، ياكى ئوتنىڭ قالدۇقى. %nA})nA7=  
71.ئوتقاش- مەشئەل r(,U{bU<  
72.گۈلخان- چوڭراق دائىرىگە ئوتۇن،شاخ-شۇمبىلارنى دۆۋىلەپ ھاسىل قىلىنىدىغان ئوت دۆۋىسى. `Rq=:6U;3  
73.كات- بۇ مەخسۇس ئاشلىق ساقلايدىغان ياغاچتىن ياسىلىدىغان ئامبار، بىر كاتقا تەخمىنەن بىر توننا ئەتراپىدا ئاشلىق سىڭىدۇ، شەكلى پاراللىلپېپىد شەكىلدە، بىر ياكى ئىككى ئىغىزى بولىدۇ. >XN[KPTa  
74.جىنچىراغ-بۇرۇن توك يوق زاماندا ئىشلىتىلگەن، پاختىدىن پىلىك ئېشىپ،قوي مېيى، ياكى ئۆسۈملۈك مېيىنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىلگەن چىراق،يەرلىك شام، پىلىك- پاختىنى قول قول بىلەن ئىشىقلاپ ياسىلىدىغان يىپ. c:Ua\$)u3,  
75.پەنەر-بۇ بىزگە سوۋىتتىن كىرگەنغۇ دەيمەن، كىرسىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان چىراق. !$I~3_c  
76.سۇپا-ئۆي ياكى پېشايۋاننىڭ ئاستىغا يەردىن40-50سانتىمىتى ئېگىزلىكتە تام قوپۇرۇلۇپ تۆت تەرىپى توشۇلۇپ ئوتتۇرىسىغا توپقا قۇيۇلۇپ تىندۇرۇلىغان قەدىمكى كىرىسلو. _[:6.oNjIe  
77.مىھراب-ئۆينىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر يېىرى، بولسا مۇشۇيەرگىمۇ رەسىم قىستۇرىدىغان ئىشكەن، ئۆيدىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى تىزىش ئۈچۈن تامنى ئويۇپ ياسىلىدىغان تەكچە. d3%qYL_+a  
78.پىشايۋان،ئۆينىڭ ئالدىغا ياسىلىدىغان لەمپە شەكىللىك ئىمارەت، بۇ ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە بولمىسا بولمايدىغان قۇرۇلما. چەللە دەپ يەنە بىرسى بار . بۇ سەل قول ئىلىكىدە يوقىراقىلار، شاخ-شۇمبا بىلەن ياسىۋالىدىغان پىشايۋان دىسەكمۇ بولىدۇ. f\&X$g  
79.لىم- تۈۋرۈك 6@]o,O  
80.جەگە-ۋاسا-ھاراق- بۇنىڭ ھەممىسىنى بىرلا چۈشەندۈرسەم ئاسانراق، جەگە دىگىنىمىز ئۆينىڭ <<خا>> دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى ياغاچ، ۋاسا بولسا جەگىنىڭ ئۈستىگە تىزىلىدىغان ئۇزۇنلۇقى35-45سانتېمىتىر كېلىدىغان ياغاچ. ھاراق بولسا ئۆينىڭ تام ئۈستىگە hY}Q|-|  
جەگىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قويۇلىدىغان ياغاچ. xU'z>y4V$  
81.ئايۋان-ساراي. دەھلىز- مەخسۇس مىھمان كۈتۈشكە ئىشلىتىلىدىغان چوڭراق، كاتتا ياسالغان ئۆي. -"-.Z&#  
82.قازناق، بۇنىڭ بىرىنچى رولى ئۆيدىكى ئامبار، يەنە بىرى غۇسلى قىلىش ئۈچۈن ياسىلىدىغان ، ئاي كۈننىڭ يورۇقى چۈشمەيدىغان مۇنچا. ~cU1 /CW8  
ئىچىگە تاشتىن قوپۇرۇلۇپ ئۈستىگە تاختاي يېپىلىپ يەر ئاستى سۇ يولى ياسىلىدۇ. 4Kqo>|C  
83.بالىخانا- ئوينىڭ دەرۋازىسى ياكى ئۆگزىسىگە ياسالغان ئۆي، ياكى كىچىكرەك قىلىپ ياسالغان ئۆي. ]*dYX=6  
84.پەگاھ-تۆر-- پەگاھ دىگىنىمىز سۇپىغا چىقىدىغان . ياكى ئۆينىڭ پول قىسمى، تۆر دىگەندە ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك مىھماننى باشلايدىغان ئورۇن، ياكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىكى ئەزىز مىھمانغا راسلانغان ئالاھىدە ئورۇن. مىھمان بولغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا ،سەھرالىقلار قائىدە ئۇقمايدىكەن دەپ رەنجىيمىز جۇمۇ. /gAT@ Vx  
85. تەسۋىي- (مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم) سۈرە-ئايەت ئوقۇغاندا بىللە سىرىپ ئوقۇيدىغان مارجان، ئادەتتە سانى 39-ياكى41بولىدۇ.بۇ ھەرخىل دىندا بار نەرسە ، تاڭسىڭ،شاسىڭلارنىڭمۇ مۇشۇنداق نەرسىلىرى بارغۇ... p22AH%  
86.ياستۇق-ئاخشىمى ئۇخلىغاندا باش تەرەپنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان بويۇم، بۇنىڭمۇ تۈرى 5-6خىل بولىدۇ. 3ynkf77cn  
87.شۈمەك-بوۋاقلارنىڭ كىچىك تەرەت تۇرىبىسى،(ئۆتكەندە بىر خەنزۇ دوستۇم بىلەن ئۆستەڭ بويىدا بازار ئايلانغىچە مۇشۇ نەرسە ئۇچراپ قېلىپ، مەندىن نىمە بۇ دەپ سوراپ تۇرىۋالدى، مەن نىمىدەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەي، ئاخىرى سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدىغان تۇرىبا دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ تېخى تاماكا چېكىدىغان نەرسە بولسا دادامغا بىرنى ئالغاچ كىتەي دىگەن دەىۋىدى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.) خەنزۇچىسى ئىككىلا خەت، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنى ئايرىم بولىدۇ، ئوغۇللارنىڭ غاڭزىغا ئوخشايدۇ.ياغاچتىن ياسىلىدۇ، قىزلارنىڭ سەل سىپتا تۈزرەك كېلىدۇ، سۆڭەكتىن ياسىلىدۇ. tSy 9v  
88.چۈك-(ۋاللەي)(چۇكچۇك كالتەك)- بۇ ئۇيغۇر باللار ئويۇنىلىرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ھازىرقى كالتەك توپقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ھەر قايسى يۇرىتلاردا ئاتىلىشى ۋە ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئادەتتە بىرتال كالتەك بىلەن بالىسى(چۈك) نى ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن. ھازىر ھىچكىم ئوينىمايدۇ. Na@bXcz)  
89. ئىغىل، قوتان- بۇ ھەر ئىككىسى بىر- بىرىنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ- چارۋا-ماللارنىڭ ئۆيى. loA/d  
90.كاتەك- توخۇنىڭ ياكى ئۆيدە بېقىلىدىغان قۇش ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ياساپ بىرىلگەن تۇرالغۇسىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. Gf8^nfr  
91.قۇما- كەپتەرنىڭ كاتىكى. R*GBxJaw  
92.قىغ-ماياق- تىزەك- بۇنىڭ ھەممىسى ھايۋانلارنىڭ(ئادەملەرنىڭمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چىقىرىندىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت ۋە ،ئوخشىمىغان زامان -ماكاندىكى ئاتىلىشى. re*Zs}(N\  
93.زەمبىل- سۆگەت ياكى يولغۇن-توغراق چىۋىقلىرىدىن توقۇلىدىغان، ھازىرقى زاماندىكى جىرغا شەكىللىك، نەرسە-كىرەك توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان. -9vNV:c  
94.سامان- بۇغداينىڭ غولىنى خاماندا يۇمىشتىپ ئاندىن، شامالغا سېلىپ توپا -توزۇندىلىرىنى ئايرىپ بولغاندىن كىيىن ھايۋانلارغا (ئوتخۇر)يەم-خەشەك ئورنىدا تەييارلانغان نەرسە، -ھەلەپ- دەل شۇ سامانغا كېپەك ،كۈجۈرە دىگەنلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ئىتىلىدىغان، يەم-خەشەك. G#[A'tbKk  
95.پاخال- بۇغداي- ياكى شال خامان قىلىنغاندا سامان ھالىتىگە يەتمىگەن غول قىسمى. zS:2?VXxq  
96.چاۋار- ئوتۇنننىڭ ئۇۋىقى. YPx+9^)  
97.كۈنجىرە- مايلىق زىرائەتلەرنى جۇۋاز ياكى جۇۋازغا ئوخشاش ماي ئايرىيدىغان مىخانىكىلىق قۇرۇلمىلار ئارقىلىق تەركىبىدىكى ماي سىقىپ چىقىرىۋىلىنغاندىن كىيىن قىپ قالغان قىسمى.جۇۋاز- ماي ئايرىشتا ئىشلىتىلىدىغان يىرىم ئاپتوماتىك قۇرۇلما، بۇنى بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرمەك قىيىن، ۋاقتىنچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي. CUJq [  
98.رەۋەندە- مەخسۇس تۈگمەن ھەيدەيدىغان، ياكى ئاشلىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم. \k5"&]I3  
99.پوكانچى-مەخسۇس كالا قوي سويۇدىغانلار(ئەمدى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كالا قوي سويغاچ ئاز تولا ئۇ يەر بۇيەرنىڭ گۆشلىرىدىن بىرەر يىرىم جىڭدىن كىسىپ قويان يانچۇققا سىلىپ ئەكىتىپ ئۆيىدە ئىشلىتىدىغان ياكى سىتىپ پۇل قىلىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ ) (F^R9G|  
100.بۆتچى-باشقىلارغا بۆھتەن چاپلىغىلى ئامراق ئادەم .Wt3|?\=nd  
101.باققال- مىۋە -چىۋە ساتىدىغان سودىگەر. ?98!2:'{9  
102.بىدىك-سالاچى- مال بازىرىدا ئېلىم-سىتىمغا ئارلىشىپ ئارىدىن پايدا ئالىدىغان كىشى،دەللال. &|Wqzdo?#  
103.شەرەنداز-چىۋەر چاققان ئادەملەرنى سۈپەتلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. #czTX%+9(e  
104.باجا- ئاچا سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى.مەسىلەن مېنىڭ ئىككى قىزىم بولسا ،مەن ئۇلارنى ئىككى يىگىتكە ياتلىق قىلغان بولسام، ئۇلار كىيىنلىككە تۇغقان سانىلىپ باجا دىيىلىدۇ. R*vQvO%)h  
105.توي قىلغان، ئكزىنى توختاتقان ئايال كىشى. WzstO}?P(  
106.سىكىلەك-چاچنىڭ چىكە قىسمى، بەزىدە سۈپەتلەش مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. |&"aZ!Kn  
107.كەمپىر- بوۋايلارنىڭ رەپىقىسىنى ئاتىغاندا ئىشلىتىدىغان سۆزى. FzEs1hpl  
108.موزاي،كالا،ئۆكۈز،ئىنەك، بۇقا- ھەممىسى كالا ئائىلىسىدىكىلەر- موزاي، كالىنىڭ بالىسى، ئىنەك- موزاينىڭ ئانىسى، بۇقا- موزاينىڭ دادىسى،ئىنەكنىڭ يولدىشى، ئۆكۈز- مەخسۇس يەر ھەيدەش ئۈچۈن ئۆندۈرۈلگەن بۇقا. c#TY3Z|  
109.پاقلان،قوچقار،ساغلىق،ئىرىك،قوزا=تۆل--- قوي ئائىلىسىدىكىلەر،پاقلان=قوزا=تۆل-قوينىڭ بالىسى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدىكى نامى، ساغلىق -قوزىنىڭ ئانىسى،قوچقار-قوزىنىڭ دادىسى، ئىرىك- ئاقتا قىلىنغان قوچقار. |dQz(z&6{5  
110.تىكە،ئوغىلاق- ئۆچكە ئائىلىسىدىكىلەر، ئوغىلاق ئۆچكىنىڭ بالىسى،تىكە-(دەماللىققا ئىسىمگە كەلمەي قويدى) XA 
111.تاي،ئايغىر،بايتال-ئات ئائىلىسىدىكىلەر،تاي- ئاتنىڭ بالىسى، بايتال، ئاتنىڭ ئانىسى،(ئايغىر بۇنىڭغا دادامدىن سوراپ بىرنىمە دەي) 2$Xof  
112.ئۇستۇرا- بۇرۇن ماۋۇ tirg چىقماستا ئەجداتلىرىمىز ئىشلەتكەن ساقال ئېلىشتا، چاچ چۈشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سايمان.كاپلىغۇچ- ئۇستۇرىنى بىلەشتە(تىغىنى ئۆتكۈرلىتىش ئۈچۈن) ئىشلىتىدىغان نەرسە. IDn<5#  
113.كۆمەچ- خىمىرنى تونۇرغا نان قىلىپ ياقماي، چوغدا پىشۇرغان يىمەكلىك. .^*;hZ~4%  
114.گۈلە-قاق-- ئۆرۈك ياكى شاپتۇلنىڭ پىشقان مىۋىسىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتقاندىن كىيىن تەييارلانغان قۇرۇق يىمەكلىك. V\m"Hl>VIU  
115.مونەك-؟؟ K?J_cnJ`  
116.غوراپ-؟؟ e4Nd  
117.غۇجۇم-؟؟ AuK$KGCI=  
118.بەگە--قەلەمتۇراچ_ بەكە.كىچىك قاتلىنىدىغان پىچاق . ViiJDYT>E<  
119.تىلىم- قوغۇن ياكى تاۋۇز يىگەندىكى پارچىلانغان قىسمى، پارچىلاش بىرلىكى. _!1LV[x!s  
120.كاسا- قوغۇن ياكى تاۋۇزنى ئىككى پارچە قىلغاندا ھەر بىر پارچىسى بىر كاسا بولىدۇ، يەنەبىر مەنىسى، داس سۆڭەك جايلاشقان قىسىم (بەدەننىڭ)، يەنە بىر مەنىسى ياغاچتىن ياسالغان چىنە. -9FGFBm4]  
121.سويما- پىشمىغان قوغۇن ياكى تاۋۇزنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. (ئادەمنىڭ پىشمىغانلىرىنى ئاتاشتا قوللىنىلىدىغان سۈپەت) ]?+i6 [6U  
122.كۇس=سويما- پىشمىغان قوغۇننى مۇشۇنداق ئاتايدۇ. Fn .J tIu  
123.بادىرا-دەل-دەرەخلەرنىڭ پاقالچەكچىلىك كېلىدىغان شېخى، ياكى غولى. pk9Ics;y  
124.چىۋىق-دەل-دەرەخلەرنىڭ كىچىك شاخچىسى.  7q y PI  
125.بونجا- جىرىم- دەل -دەرەخلەرنىڭ تېخى يەرگە تىكىلمىگەن چاغدىكىسىنى جىرىم دەيمىز.( باشقا يەرگە كۆچۈرسە بولغۇدەك يوغىنىغانلىرىنى) avq$aq(3&  
يېتىلمىگەن دەرەخنى بونجا دەيمىز. =_pSfKR;  
126.يېرىندا- ئوتۇننىڭ پارچىسى. `{:Nt#7  
127-پوشكال_نىپىز يېيىپ ئارسىغا ماي بىلەن قايماق ئېلىپ قاتلاپ ،ھوردا(قاسقاندا) پىشۇرۇلىغان تاماق. Oe;#q  
x4_MbUe  
RJ@79L *#  
مەنبە:ئىنتىل تورى . 2>9\o]ac4  
_ +DL   
4,LS08&gh  
Oq~{HJ{  

danix 2012-09-05 10:54
       ئۇزچاق ، بىز تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن بەكمۇ موھىم قىممەتكە ئىگە تېمىنى يوللاپسىز . سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ! E>QS^)ih  
n R,QG8  
مەنمۇ بىرنەچچە ئاتالغۇنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتەي : HE+'fQ!R  
4- جۇمبۇ - - ئىشەكنىڭ بوينىدىكى نەرسە.ئات ،ئىشەك ، قېچىر قاتارلىقلارنى ھارۋىغا قاتقاندا ئات،ئىشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان ئىچىگە شال پاخىلى تىقىلغان يۇمىلاق نەرسە ، بۇنڭ ئالاھىدىكى: ئات ئىشەكنىڭ كوكسىنى يېغىر بولىشتىن ساقلاش. (بۇنى بىز « بوغا» دەپ ئاتايمىز  ) @@\qso  
m#BXxS#B<_  
7-چۇلۋۇر--ئات ، ئىشەكلەرنىڭ بوينىغا باغلىنىپ ، ھارۋا ياكى شۇ ھايۋانلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۇلارنى ئوڭ ، سولغا ماڭدۇرۇشتا ياكى توختىتىشتا تارتىدىغان ئاغامچا يەنى نۇقتا . ئاتلارنىڭ ئاغزىغا سېلىنىدىغان يۈگەنگە باغلىنىدىغانلىرىمۇ بار . {D8opepO)  
44- قاتلىما- خېمىرنى لېگەننىڭ چوڭلىقىدا يېيىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ ، توغرالغان پىياز ،گۆشلەرنى يېيىتىپ ، ئۇنى  ھورنان چوڭلۇقىدا يۇمىلاق قىلىپ ، ئۇنى يەنى يېيىپ تەخسە چوڭلۇقىدا قىلىپ ، قىزدۇرۇلغان قازانغا ئازراق ياغ قويۇپ تەخسىدەك چوڭلۇقتىكى يايمىنى قازانغا سېلىپ بىر تەرىپى پىشقاندا يەنى بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ پىشۇرىدىغان يىمەكلىك . ئۇنىڭ تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلغانلىرىنى قاتلىما نان دەيمىز . =M?+KbTJ3  
53- گىلەم-- يۇڭ يىپلاردىن توقۇلىدىغان نەقىشلىك كىگىز. :7X4VHw/  
72.گۈلخان- چوڭراق دائىرىگە ئوتۇن،شاخ-شۇمبىلارنى دۆۋىلەپ ھاسىل قىلىنىدىغان يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت دۆۋىسى. % m6qL  
77.مىھراب-ئۆينىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر يېرى يەنى تۆرىدىكى تامنى ئۇيۇپ چىقارغان يېرى. مەسچىتلەرنىڭ قىبلى تېمىنى ئۇيۇپ چىقارغان ، ئىمام نامازغا قوماندانلىق قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان يېرى . 02EX_tt),  
79.لىم- (ھازىرقى خىش ، بىتۇن قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ دالىئاڭى) يەنى يەنى كېسەك ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ئۈستىنى يېپىش ئۈچۈن ئىككى ئۇچىنى قارىمىمۇ قارىشى تاملارنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان يوغانلىقى ئۆينىڭ چوڭ كىچىكلىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان ، يوغانلىرىنىڭ ئايلانمىسى 100سانتىمېتىر كېلىدىغان يوغان ياغاچ . تۈۋرۈك تىك(| ) شەكىللىك قويۇلسا ، لىم گورژىنتال        ( __) شەكلىدە قويۇلىدۇ . لىم ئۈستىدىكى چەنزە ، بور ، شاخ -شۇمبۇ ۋە لايلارنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان غوللۇق ياغاچ . ;rL>{UhG  
111.تاي،ئايغىر،بايتال-ئات ئائىلىسىدىكىلەر،تاي- بەيتالنىڭ بالىسى، بايتال-تاينىڭ ئانىسى، ئايغىر _ تاينىڭ دادىسى . d1. @v;  
115.مونەك- ئۆسمە ، ئۇششۇق. Fp?M@  
117.غۇجۇم-ھۇجۇم .

kuyax 2012-09-05 11:37
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.بېرىلگەن سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن ئۇنتۇلۇپ كېتىپتىكەن.بىلىۋالغىنىمىز ياخشى بولدى.

akqolpan 2012-09-05 12:22
نىمىدىگەن تەپسىلى چۈشەنچە بۇ. ھارمىغايسىلەر، ئەجرىڭلردىن گۈل ئۈنسۈن.

akkax 2012-09-05 13:13
  كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! S"joXmJ/-C  
خەندەك - ئۆستەڭ. ھازىر ئاساسەن ئېتىز  بويلىرىغا ئويۇلۇپ، يەر ئاستى سۇلىرىنى ئېتىزلارنىڭ شورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئشىلىتىلىۋاتىدۇ. قەدىمدە قەلئە ، شەھەر ئەتراپلىرىغا ئويۇلۇپ، مۇداپىئە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. y e1hcQ  
مىشكاپ - تاغار. غۇلجا شىۋىسى. d+:pZ  
تاقىغا بېرىلگەن ئات- ئىشەكنىڭ پاچىقىنى ئاسرايدۇ، دېگەن تەبىر كىشىگە شەھەردە ياشاپ، شەھەردىن چىقماي ئات - ئىشەكنى كۆرۈپ باقمىغان ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىنى بېرىدىكەن. تاقا ئات - ئىشەكنىڭ تۇيىقىغا قېقىلىدۇ. تۇياقنى ئاسرايدۇ.

uzqak 2012-09-05 15:25
بىلگەنلىرىمىزنى يېزىپ باقساق خېلى توپلىنىپ قالغۇدەك...     ھارمىغايسىلەر!

شەھلا 2012-09-05 18:43
خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم . رەھمەت سىلەرگە! بەزىبىر ئاتالغۇلارنى قەتئىيلا بىلمەيدىكەنمەن .

ㄒαη┞┦á 2012-09-06 22:58
تەشەككۈر

qirak 2012-09-06 23:52
تەشەككۇرلار بولسۇن! Cc?BJ  
1- توقۇم --ئىشەكنىڭ ئىگىرى،ئىشەككە مىنىپ سەپەرگە چىققاندا ئادەمنىڭ كاسىسى ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن ئىشەك ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان شال پاخىلىنى ئىچىگە قۇيۇپ ياسالغان نەرسە( ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ، ئۇر تۇقۇمغا) ". \(PC#H%  
   مېنىڭچە، چۈشەندۇرۇش تازا توغرا بولمىغان.«ئىشەكنىڭ ئىگىرى،ئىشەككە مىنىپ سەپەرگە چىققاندا ئادەمنىڭ كاسىسى ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن ئىشەك ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان شال پاخىلىنى ئىچىگە قۇيۇپ ياسالغان نەرسە»ئەمەس، بەلكى تومۇردىن ياسالغان، ھارۋىنى قاتقاندا ياكى ئىشەككە قوشقاندا ھارۋىنىڭ بەلبېغىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئېشەكنىڭ (كالىنىڭ، ئاتنىڭ ،قېچىرنىڭ) دۈمبىسىگە قويۇلىدىغان،تۆمۈردىن ياسالغان ( قىسمەنلىرى ياغاچتىنمۇ ياسىلىدۇ) ھارۋا جابدۇقى. تۇقۇمغا ئولتۇرمايدۇ. زورلاپ ئولتۇرسا، تازا راھەت ئەمەس.ئادەم ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغىنى بولسا «ئۇچۇلۇق» دېيىلىدۇ. بۇ يەردىكى چۈشەندۇرۇشتە «ئۇچۇلۇق» بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويغان.

gulhan 2012-09-07 00:34
ئۆزقاننىڭ ھەم باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ ئەجرىدىن ياخشى پايدىلىنالىغدەكمىز. كۆپ تەشەككۈر سىلەرگە ئەزىزلەر.

tursun 2012-09-11 13:12
ئۇزچاكنىڭ ئەجرىگە ئالىي تەشەككۇر! G}aw{Vbg_  
8d9&LPv  
«مونەك»نىڭ يەنە بىر«موندىلەك» دىگەن ۋارىيانتىمۇ بولۇپ،مەنىسى: @OOnO+g  
-قوناق ئۇنىدا  ياڭاقچىلىك چوڭلۇقتا زۇۋۇلا ئۇزۇلۇپ ئىچىگە قىيما سىلىپ BZy&;P  
ئىتىلىدىغان تاماق تۇرى.     

ئەلدىيار 2014-03-31 23:27
بۇلارنى كۆپىنچىمىز بىلمەيدىكەنمىز。رەھمەت。ياخشى ماتىرىيالكەن


查看完整版本: [-- بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled