查看完整版本: [-- كارىز ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> كارىز ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

turan69 2010-10-18 18:14

كارىز ھەققىدە

كارىز --- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيىتى، لىن زېشۈ بىلەن مۇناسىبىتى يوق! \RMYaI^+;  
ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قېنى ھېسابلانغان كارىز - بۇلاقلار يۇرتىمىز شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ كارىز ۋە بۇلاقلار ئارقلىق تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ يۇرتمىز شىنجاڭدا كارىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسەن قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى ناھىيەلەرگە، گۇما ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىلىرىگە تارقالغان. كارىزلارنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 5000~7000 كىلومېتىرغىچە بولۇپ يىللىق ئېقىن مىقدارى 900 مىڭ كۇپ مېتىر كېلىدۇ. jW2z3.w  
Rc?wIL)  
يىللىق يېغىن مىقدارى نۆل چامىسىدا بولغان تارىم ۋە تۇرپان، قۇمۇل تەۋەلىرىدە كارىز ئۆز رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرغان بولغىيتتى-ھە؟ rS(693kb  
=,gss&J!!  
1980- يىللاردىن بۇيان يۇرتىمىز شىنجاڭدىلا ئەمەس، مەملىكەت مىقياسىدا كارىزلارنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، بۇ ھەقتە بەس -مۇنازىرە ۋە تالاش -تارتىشلارمۇ قىزىپ كەتتى (مەخسۇس كارىز ھەققىدە 1939- يىلدىن 1987- يىلغىچە خەنزۇ تىلىدا 37 پارچە، ئۇيغۇر تىلىدا 10پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى). بۇ بەس-مۇنازىرىلەر جەريانىدا لىن زېشۈنىڭ خەلققە كارىز قېزىشنى ئۆگەتكەنلىكى توغرىسىدىكى فانتازىيەلىك ماقالىمۇ ئالاھىدە كۆز قاراش سۈپىتىدە مۇنازىرە سورۇنىغا ئېلىپ كېلىندى. g"# R>&P  
6sQ"go$}  
ھازىرغىچە شىنجاڭ كارىزلىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئىچىدە تاۋ تۈئەنجىننىڭ «لىن زېشۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى ۋە شىنجاڭنى ئېچىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى»، جۇڭ شىننىڭ «لىن زېشۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى»، نەن خۇنىڭ «لىن زېشۈ بېگىمنىڭ قۇدۇقى»، ليۇ جۇڭ شىننىڭ «كارىز _ قۇملۇقتىكى ھاياتلىق بۇلىقى» قاتارلىقلاردا، شىنجاڭدىكى كارىزلار لىن زېشۈنىڭ كەشپىياتى قىلىپ كۆرسىتىلىپ، ئۇ شىنجاڭغا پالانغاندىن كېيىن، يەرلىك خەلقلەرگە سۇ ئىنشائاتى قىلىشنى ۋە كارىز قېزىشنى ئۆگەتكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 5IdmKP|  
bS* "C,b~s  
بىراق، ياڭ گوجىن تۈزگەن «لىن زېشۈ پۈتۈكلىرى»، لىن زېشۈ يازغان «ئۆتكەن كۈنلەردىن خاتىرە»، ياڭ گوجىن يازغان ۋە جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تۈزگەن «لىن زېشۈ ماقالىلىرى توپلىمى» قاتارلىقلاردا لىن زېشۈنىڭ كارىز قازغانلىقى ھەتتا كارىز بېشىغا بارغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق سۆز-ئىبارىلەر يوق. Ej6vGC.,  
[gH vI  
يۇقىرىدا نامى ئېلىنغان خاتىرىلەردىن قارىغاندا، لىن زېشۈ خان يارلىقىغا ئاساسەن داۋگۋاڭنىڭ 22- يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى پالىنىپ شىئەندىن يولغا چىقىپ، 10- ئاينىڭ 9- كۈنى كۈرە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. پالانغان ئەمەلدارلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چامى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىنىپ، ئوردىغا خىزمەت كۆرسەتسە، ۋاقتى كەلگەندە قايتا خىزمەتكە قويۇلاتتى، لىن زېشۈنىڭمۇ بالدۇرراق خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇيۇش ئارزۇسى بار ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى سانغۇنى بويانتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بارماقچى بولغان، چۈنكى ئۇ يەرلەردە ئاھالىلەر ئاز، سۇ مەنبەسى كۆپ بولغاچقا شەنشى، سەنشى قاتارلىق جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ خانغا خىزمەت كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇ ھەقتە تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ خانغا سۇنغان، ئوردا دانىشمەنلىرى ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار پىلانىغا قارىتا خىزمەت كۆرسەتتى دەپ بېكىتىپ بەگلىك مەرتىبىسى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن لىن زېشۈ پالاندىلىق مۇددىتىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ئوردا بېگىلىك مەنسىپىگە ئالدىراپ شىنجاڭدىن كېتىپ قالغان. m./lrz  
B{c,/{=O  
ئۇ شىنجاڭدا تۇرغان چاغدا يازغان «ئۆتكەن كۈنلەردىن خاتىرە» دىمۇ كارىزدىن مەلۇمات يوق. 9:YiLoz?  
Tfs7SC8ta  
ئۇنداقتا، لىن زېشۈ قانداق قىلىپ سۇ ئىنشا'ئاتى قۇرلۇشى مۇتەخەسىسى، كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى بولۇپ قالدى ؟كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش شۇ بولدىكى، جوڭگو خەلقىنىڭ ئەپيۇن چېكىشىگە قارىشى باتۇرانە كۈرەش قىلغان لىن زېشۈ شىنجاڭدىكى سۈرگۈن ھاياتىدا كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى قىلىنىپ، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە ئاپتورلارنىڭ «باش قاتۇرۇپ» قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى بولۇپ قالغان. JBi 
 
مەن يۇرتىمىزدىكى كارىزلارنىڭ كەشپىياتچىسى ھەم قانۇنلۇق مىراسخورى شىنجاڭلىقلار-قەدىمقى شىنجاڭنى ئېچىپ باغۇ- بوستان قىلغان ئۇيغۇرلار، دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرۈپ ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن: ,C(")?4aJ  
?s p  
1. 1954-يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان چەتئەل تىلى لۇغىتىنىڭ كارىز بابىدا: كارىز تۈركچە (ئۇيغۇرچە) سۆز، ئۇ نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان، دېيىلگەن. f:Ju20D  
8Ay#6o  
2. سابىق سوۋېت قىرغىز ئالىمى دوكتور نارىنبايېۋ 1988- يىلى نەشىردىن چىققان «ئۇيغۇرلارنىڭ 19- ئەسرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى پەلسەپىۋى تەپەككۈرى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردە كارىزنى كەشىپ قىلغان، دېيىلگەن. &7|=8Z[o  
q;t T*B W  
3. سابىق سوۋېت ئالىمى گروم گروزھمايلو 1890- يىللىرى تۇرپانغا كېلىپ كارىزنى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىب پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلغان كەشپىياتى كارىز __ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ شۇ قەدەر تەرەققىي تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ يازغان. v[35C]gS  
.5KRi6  
4. 1939-يىلى موسكۋادا نەشردىن چىققان ۋ. س. ئودولوف يازغان يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ تەمىناتىغا ئا'ئىت كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە: تۈرك خەلقى مىلادىدىن 3000يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىراققا بېرىپ سۇ بىلەن تەمىلەش ئۆستەڭ تورىنى قۇرغان، دەپ يازغان. w*$nG$  
6_`x^[r  
5. توقسۇننىڭ كۆجەي يېزىسى تەۋەسىدە تېپىلغان تاش خەرىتىگە 60 نەچچە سۇ، ئېقىن ۋە كارىز، بۇلاقلارنىڭ خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن. B5zu?AG  
h*h+VM  
دېمەك، يۇقىرقى پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ كەشپىياتچىسى يەرلىك مىللەت --- ئۇيغۇرلاردۇر. mS&[<[x  
=TwV_Dro~  
ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچى لىن زېشۈ شىنجاڭغا پالىنىشتىن بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىز كارىزنى كەشىپ قىلغان، ھەتتا خەرىتىگىمۇ كىرگۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياراتقان كەشپىيات مۇۋەپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلىگەندە قانداقتۇ «بۇ مەدەنيەت ئىلگىرى باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مومكىن»، «پالانى ئۆلكىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئوخشايدۇ»، «پوكۇنى يەردىن كەلگەن جاڭ ئۇستامنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ئۆگىتىشى بىلەن بارلىققا كەلگەندەك تۇرىدۇ» دەيدىغان بىر تەرەپلىمە «يەكۈن» لەر ئەمدى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ كەتسە بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. 3Ki`W!C  
Rfeiv  
پايدىلانما: «توقسۇن تارىخ ماتېرياللىرى»، سەدۇللا تاھىرى ماقالىسى. 3yZtyXRPn  
S2;{)"mS  
ئەسلى مەنبەسى ئۆزۇم. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 1992- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
`i,ZwnLh{  
( بۇ ماقالە ئاپتونوم رايون بويىچە باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.) EYcvD^!1g  
2fFNJ  
C>:F4"0  
#f zvK+  
[o*u!2 r  

tawpek 2010-10-18 21:27
تۇران 69     ئاداش! 5#80`/w^U  
كۈندىن كۈنگە ياخشى تىمىلار نى يوللاۋاتىسىز. كۆپ رەھمەت. بۇ تىمىنى ئوقوپمۇ شۇنداق خوش بولدۇم. >#$( M5&}-  
P9B@2 #  
ياخشىراق ئەسەر ئوقوسام كىم يازغاندۇ دەپ قالىمەن. مۇئەللىپنىڭ ئىسىم زاتى نىمىكىن؟

ئۇيغۇرجان 2010-10-18 23:08
نىمە گۇمىدىمۇ كارىز بار توۋا ئىزدەپ باقاي جۇما!

tawpek 2010-10-19 23:43
引用第2楼uygurjan于2010-10-18 23:08发表的 : نىمە گۇمىدىمۇ كارىز بار توۋا ئىزدەپ باقاي جۇما!
Sw5H+!  
ئەلۋەتتە بار. بىزنىڭ سانجۇ دىيارىغا كىرسىڭىز كۆرىسىز. YgM6z K~  
ئۆيىمىزنىڭ تۆۋىنىدىكى بىشى يوق چىپىلغان ئۆستەڭدىن بارغانسىرى سۇ ئۇلغىيىپ 2-3 كىلومىتىر تۆۋىنىگە بارغىنىدا راۋرۇس بىر ئۆستەڭ سۇ ئاقىدىغان . بۇنى خۇددى بۇلاقلار توپى دىيىشكىمۇ بولاتتى. بەزى يەرلىرىدىكى بىرتال بۇلاقنىڭ سۈيىمۇ خلى چوڭ ئىرىقلارغا لىقمۇ -لىق كىلىپ ئاقاتتى. قىشتىمۇ سۇغا چۈشسەك ئارشاڭنىڭ ئۆزى ئىدى. لىكىن ھازىر قۇرۇپ كىتىپتۇ. بۇدا بارغىنىمدا قارىسام يەنە سۇ بۇلدۇقلاپ چىقىۋىتىپتۇ، يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرلىغان ئوخشايدۇ دىسەم كۈزدە پەيدا بولىدۇ باشقا چاغدا يوق دەيدۇ. c}QQ8' _  
,P auP~L  
ئۈستى يىپىلمىسىمۇ يەر ئاستى سۈيىنى ئۈستىگە باشلاپ سۇغىرىش ئىنشائاتىنى كارىز دەپ ئاتاۋىردىغان ئوخشايدۇ.

gulbar 2010-10-20 14:25
مەن گۇمىدا كارىز بار دەپ تۇنجى قىتىم ئاڭلىدىم ، بولمىسىغۇ سانجۇ دىيارىغا نەچچە رەت باردىم بولمىسا .

ئەكبەرنىياز 2013-06-15 15:56
ئېسىل يازما ئىكەن ، ئىلىم دۇنياسى ياسالمىلىقنى قۇبۇل قىلمايدۇ ئەلۋەتتە !!!

ئەلدىيار 2014-03-27 00:24
كارىز ھەقىقەتەن كاتتا بىر مۆجىزە.قالتىس


查看完整版本: [-- كارىز ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled