ayhenim926 |
2012-09-01 19:12 |
يۈز تېرىڭىزنى ئاسراشقا ئەپچىل رېتسىپ
1.سۈت بىلەن ئۇننى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ،تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 2.سۈت بىلەن تۇزنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ،تېرە كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3.سۈت بىلەن سۇلۇ ئۇنىنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە،يۈزدىكى داغ ،دانىخورەك،سۇلۇق قاپارتمىلارنى يوقىتىدۇ. 4.قېتىق بىلەن دۇفۇنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە،ئاپتاپتىن كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 5. قېتىق بىلەن قايماقنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ 20مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە ھەمدە بۇنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا،يۈزدىكى قورۇقنى يوقىتىدۇ. 6.سۈت بىلەن زەيتۇن مېيىنى ئۇنغا ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە،تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. 7.باناننى ئېزىپ سۈت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە،تېرىنى سىلىق قىلىدۇ. 8.ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ قېتىق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە،دانىخورەكنى يوقىتىدۇ. 9.بۆلجۈرگەننى ئېزىپ سۈت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ 20مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە ، تېرە قۇرغاقلاشمايدۇ. (ماتىرىيالدىن) |
|