查看完整版本: [-- ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ayhenim926 2012-09-01 19:09

ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر

◆ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن،گۈزەل ئەمەلىيىتىگە باغلىق.
◆زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر موھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان،دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن،بىناۋالارنىڭ كوڭلىنى ئالغان،ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.
◆توغرا سۆزگە ئىشەنمەي خاتا سۆزگە ئىشىنىپ،ئوزلىرىنىڭ ئىشەنچىىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان مىللەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىشىدىن ئۈمۈد كۈتۈش قىيىن.
◆كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل،سەن باشقىلارنى ھۆرمەت قىلساڭلا،ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.
◆بىلىڭلاركى،بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس،ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈكنىڭ زامانىسىدۇر.جاھىللىق ۋەنادانلىق دەۋرى ئەمەس،ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر.سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس،تىرىشىش ۋە غەيرەت ئجتىھات ۋاقتىدۇر.
◆گۈل شۇنچە باراقسان خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ،ئاخىر توزۇپ چېچىلىشتىن خالىي قالمىدى.ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدىن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر،مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي،كۆڭۇللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟؟؟
◆ئەي،ئالىي مەرتىۋە ئىگىلىرى،ئالىيلىق بىلەن مەغرۇرلانماڭلار.كالا بىلەن چۆرگىلىدىغان بۇ دۇنيا قانۇنىيەتسىز ئەمەس.
◆مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بىرى،بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق،يەنەبىرى تەپرىقىچىىلىق ۋە ئختىلاپ سەۋەپتۇر.
◆ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە،سەن ئۇ كۆزۈڭگە <باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار>دېگىن.ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ،باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ.ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىبنى كۆرەلىسەڭ،بۇ ئەيىبىڭ بىلەن جىم بولاتتىڭ.
◆بىر مىللەتتە ئۇلۇغ ئتتىپاقلىققا يېتەكلىگۈچى مەنىۋى رەھبەر بولمىسا،بۇ قوۋم كىشىلىرىنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان.(ئەدەپ-ئەخلاختىن تەۋسىيلەردىن)

رەيھانگۇل 2012-09-01 22:00
بۇ جۈملىلەر ماڭا بەكمۇ ياقتى...

◆بىلىڭلاركى،بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس،ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈكنىڭ زامانىسىدۇر.جاھىللىق ۋەنادانلىق دەۋرى ئەمەس،ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر.سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس،تىرىشىش ۋە غەيرەت ئجتىھات ۋاقتىدۇر....

◆ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە،سەن ئۇ كۆزۈڭگە <باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار>دېگىن.ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ،باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ.ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىبنى كۆرەلىسەڭ،بۇ ئەيىبىڭ بىلەن جىم بولاتتىڭ.

koksangun 2012-09-02 18:40
تولىمۇ دۇردانە ھېكمەتلەركەن ، تەكرار ئوقۇيدىغانلارغا باستۇرۇپ بەرسەم يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىدە پايدىلانسا بولغۇدەك ...

ئەكبەرنىياز 2012-12-11 02:40
◆زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر موھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان،دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن،بىناۋالارنىڭ كوڭلىنى ئالغان،ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.
◆توغرا سۆزگە ئىشەنمەي خاتا سۆزگە ئىشىنىپ،ئوزلىرىنىڭ ئىشەنچىىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان مىللەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىشىدىن ئۈمۈد كۈتۈش قىيىن.

بۇ ھېكمەتلەر ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى ، ھارمىغايسىز !!!

بابۇر0725 2014-02-19 20:14
مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بىرى،بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق،يەنەبىرى تەپرىقىچىىلىق ۋە ئختىلاپ سەۋەپتۇر.
مانا بۇ بىزگە ئەڭ مۇھىم قۇرلاردۇر

نۇرسىمانگۇل 2014-02-20 00:13
دۇردانە ھېكمەتلەركەن

قەدىر 2014-04-24 18:24
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز .ئەگەر ھەمىمىز ئەمەل قىلالىغان بولساق دۇنيا گۇزەللىككە تولغان بولاتتى  

ئارزۇيۇم 2014-06-09 12:41
ئېسىل ھىكمەتلەركەن.پايدىلانساق بولغۇدەك،

ھاتەھاتەم 2014-06-24 12:47
ياخشى ماتىريال يوللاپسڭز.ئەجرىڭىزگە رەخمەت


查看完整版本: [-- ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled