查看完整版本: [-- تالانتىڭىزنى بايقاشتىكى 8 سوراق جۈملە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> تالانتىڭىزنى بايقاشتىكى 8 سوراق جۈملە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ayhenim926 2012-09-01 19:03

تالانتىڭىزنى بايقاشتىكى 8 سوراق جۈملە

نۇرغۇن ؛ئادەم ،بولۇپمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئۆزىدىكى مەلۇم ئىقتىدارنى بايقاپ ھازىرقى بازار رىقابىتىدە تېزراق كۆزگە كۆرۈنۈشنى ئۈمىد قىلىدۇچۈنكى ھازىرقى ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرۇشقا ئەمەس،بەلكى كەسكىن پۇزۇتسىيە بىلەن قارار چىقىرىپ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا يۈزلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.مەن ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى كۈزىتىپ ئارزۇسىغا تېزراق يېتشىنى كۆزلەپ كىتاب كۆرۈش جەريانىدا يغىپ ساقلاپ قويغان تۆۋەندىكى قىممەتلىك جۈملىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن:
1-سۇئال: مەن قايسى 8خىل ئىشتا ئەڭ چوڭ چىدامچانلىق كۆرسىتەلەيمەن؟
2-سۇئال: مەن قايسى 8 خىل ئىشنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى قىلالايمەن؟
3-سۇئال:مەن قايسى 8 خىل ئىشنى ئۇيقۇ ۋە تاماقنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۈچ كېچە كۈندۈز ئىشلىسەممۇ يەنىلا جۇشقۇن تۇرالايمەن؟
4-سۇئال: مەن قىلغان قايسى 8 خىل ئىش مېنى دائىم باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلىدۇ؟
5-سۇئال:قايسى 8 خىل ئىش مېنى ئاڭلىغان ھامانلا ھاياجانغا سالىدۇ ياكى قەلبىمىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ؟
6-سۇئال:مېنىڭچە 5 يىلدىن كېيىن ،قايسى 8 خىل تەرەپتىن مەن ئەڭ نام چىقىرالايمەن؟
7-سۇئال: مەن چېكىنىشكە ۋە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان 8 ئىش قايسى ؟
8-سۇئال: مېنىڭچە،مەن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقاندا كىشلەر ئەڭ گۇمانلىنىشى مۇمكىن بولغان 8 ئىش قايسى؟
سىز يۇقارقى سۇئاللارغا تېپ تىنىچ ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويلنىلايدىغان بولسىڭىز ،جەزمكى، ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قالىسىز ھەم ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئۇخلاپ ياتقان دېنوزاۋېرنى ئويغتىشقا تەمشىلىسىز،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىپ قالسىڭىز بۇ ھاياتىڭىزدىكى تەسىرلىك بىر يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ. دوستۇم ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،ئارزۇىڭيز تېزراق ئەمەلگە ئاشسۇن

رەيھانگۇل 2012-09-01 22:10
ئاي خېنىم 926 ناھايىتى ئېسل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز...

غايىمىز، ئىرادىمىز، تىرىشچانلىقىمىز، بىلىمىمىز، ئىقتىدارىمىز قاتارلىقلاردا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىمىزنى سىنايدىغان خېلى چىڭ سۇئاللار ئىكەن بۇ. سىز ئېيتىقاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇشۇ سۇئاللار ئۈستىدە ئۆزىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە يۇرگۈزۈپ باقساق، ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ قالىدىكەنمىز.

ئەجرىڭىزگە رەخمەت. يەنە مۇشۇنداق ئېسل تىمالارنى بىزدىن ئايىمغايسىز.

ozqan 2012-09-01 23:07
ھەقىقەتەن ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك تېمىكەن بۇ ...
ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا رەخمەت ..

gulhan 2012-09-02 00:09
   جىمجىت ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا، ئۆز-ئۆزىمىزنى قايتا تۇنۇشقا تۈرتكە بولغىدەك سۇئاللار ئىكەن.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2012-09-02 12:59
1-سۇئال: مەن قايسى 8خىل ئىشتا ئەڭ چوڭ چىدامچانلىق كۆرسىتەلەيمەن؟

1. ئۇيقۇسىزلىقتا
2.ئاچارچىلىقتا
3.مەينەتچىلىكتە
4.نامراتچىلىقتا
5.توختىماي ئۇخلاشتا
6.توختىماي يىيىشتە
7.باياشاتچىلىقتا
8.پارقىراقلىقتا   

uzqak 2012-09-02 13:09
ئەھمىيەتلىك سۇئاللاركەن . ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان سۇئاللارنى چىقىرىپ كۈندە جاۋاب بېرىپ تۇرساق، تۇرمۇشتا ئۇچۇرايدىغان ئاۋارگەرچىلىكلىرىمىز ئازراق بولارمىكىن؟
ھارماڭ ئەزىز!

arzu 2012-09-03 17:22
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىۋىتىپ ئۆزۈمچە چاخچاق قىلغۇم كىپ قالدى. چاخچاق بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە راست ئىشلار.....


2-سۇئال: مەن قايسى 8 خىل ئىشنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى قىلالايمەن؟

1. سىياسىي ئۆگىنىشتىن تەسىرات يېزىشتا (بىر ئولتۇرۇپلا يېزىۋاتىمەن، ئاندىن يازغىنىم قولدىن قولغا ئۆتۈپ فۇيىڭلىشىدۇ)
2. دەرس تەييارلاشتا ( ئىلگىرى تەتىللەردىلا تەييارلىقنى قىلىپ تۈگىتىۋىتىپ، قالغان ۋاقىىتتا ماتىرىيال كۆرەتتىم، ئەمما ھازىر ئۆتۈپ كەتسە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بولۇش دېگەن تۈزۈمگە ئانچە - مۇنچە رىئايە قىلىدىغان بوپ قالدىم)
3.ئۆگىنىشتىن خاتىرە قالدۇرۇشتا(باشلىق قانچە تىز سۆزلىسىمۇ يېزىپ ئۈلگۈرىمەن)
4. دەرس ئاڭلاشتا (ئايلىق نورمامنى بىر كۈندىلا تۈگىتىۋىتىپ  خاتىرجەم يۈرىيمەن)
5. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشتە ( ئۈنۈمنى ھېسابلاشساق، نورما قالىدۇ، نورما قالسا جازاسى ئېغىر دېگەندەك، شەكىلۋازلىق سەۋەبىدىن  ھەممىمىزنىڭلا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشىمىز بەك تىز بولىۋاتىدۇ، ئەمما مېنىڭ كۆرۈنەرلىك   )
6.
7.
8........

شەھلا 2012-09-11 11:44
مەنمۇ مۇشۇ تىمىلاردا كۆپىرەك ئويلاشسام بولغىدەك .رەخمەت سىزگە!

ھېبىبۇللارۇزى 2012-09-11 12:24
بۇ تېمىنى يوللاپ ناھايتى ياخشى قىپسىز ، بۇ ئۆزىمىزنى سىنايدىغان ناھايتى ياخشى ھەم ئەھمىيەتلىك سىناقلار ئىكەن.

تارىمتوغرىقى 2013-05-27 03:12
مەن ئويلىنىشنى باشلىدىم ئەمىسە.

akqolpan 2013-06-06 11:06
  بەك ياخشى تېمىكەن. ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقساق بولغىدەك......

گۈلچىمەن 2013-06-17 14:18
  مەن  ئويلىنىۋاتىمەن.

ئەكبەرنىياز 2013-06-18 02:47
ھەقىقەتەن ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك ! ھارماڭ ئەزىز !!!

tawpek 2013-08-01 19:24
ھازىر نىمىش قىلاي؟ ھازىر مەن ئۈچۈن قايسى ئىشنى قىلىش ئەڭ ئەھمىيەتلىك؟



مەن يۇقارقى سۇئالغا كۆنۆك

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-01 22:21
غايىمىز، ئىرادىمىز، تىرىشچانلىقىمىز، بىلىمىمىز، ئىقتىدارىمىز قاتارلىقلاردا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىمىزنى سىنايدىغان خېلى چىڭ سۇئاللار ئىكەن بۇ. سىز ئېيتىقاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇشۇ سۇئاللار ئۈستىدە ئۆزىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە يۇرگۈزۈپ باقساق، ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ قالىدىكەنمىز.

ئەجرىڭىزگە رەخمەت. يەنە مۇشۇنداق ئېسل تىمالارنى بىزدىن ئايىمغايسىز.

ئايبىكە 2013-08-01 23:43
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر بىر قېتىم ئوقۇشقا تىگىشلىك يازما ئىكەن.

خەندان 2013-12-06 10:28
8بەك كۆپ بولۇپ كەتتىمۇ نىمە مەندە ئۇنداق كۆپ چىقمايدىكەن مەن ئىقدىدارسىزمۇ قانداق ؟


查看完整版本: [-- تالانتىڭىزنى بايقاشتىكى 8 سوراق جۈملە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled