ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خىزمەت خۇلاسىسى
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خىزمەت خۇلاسىسى
مەن بۇ ماۋسۇم 3- ئوتتورامەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى،مەكتەپ مەمۇرىيىتى،مەكتەپ ئىلمى بۆلۇمنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن 3-يىللىق 1-،سنىپنىڭ خېمىيەدەرسى ۋە 1-يىللىق 2-سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىنى ئۆتۇش ۋەزىپىسىنى ئۇستۇمگە ئالدىم .
خېمىيەدەرسنىڭ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى 1 –ماۋسۇمدا%25 بولغان، 1-يىللىق 2-سىنىپنىڭ خنزۇتىلى دەرسىدە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى %26 بولغان.
3-يىللق1-سىنىپنىڭ خېمىيەدەرسنىڭ2-ماۋسۇمدىكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى %0 بولغان.
1-يىللق 2-سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىنىڭ 2-ماۋسۇمدىكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۈچلار نسبىتى% 29 بولغان.
يۇقارقى نەتىجىلەرد ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىى ىن شۇنى بىلىشكە بولۇدۇكى 3 –يىللىق1-سنىپنىڭ خېمىيەدەرسنىڭ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنى%25 تۆۋەنلىگەن شۇئارقىلىقخېمىيە دەرسنىڭ لايەقەتلىكىنى% 100گە يەتكۇزدۇم. 1-يىللىق2-سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى دەرسنىڭ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىى ئالدىنقى ماۋسۇمدىكدىن%3ئاشقان .
1-يىللىق2- سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى دەرسنىڭ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىىنىڭ ئېشپ كىتش سەۋەپلىرى؛
بۇ ئوقۇغۈچلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خەنزۇتىلى ئاساسى بىر قەدەر ئاجىز،دەرستىن كىينكى تەكىرار قىلشى يىتەرلك ئەمەس،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۈچلارنى يىتەكلىشى بەزىدەچىڭ بەزىدە بوش بولۇش قاتارلقلار.
3 –يىللىق1-سنىپنىڭ خېمىيەدەرسنىڭ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنى%25 تۆۋەنلىگەن شۇئارقىلىقخېمىيە دەرسنىڭ لايەقەتلىكىنى% 100گە يەتكۇزدۇم.
يۇقارقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ،تۆۋەندىكىدەك خزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدىم.
1) ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ يىتەكلەشنى كۇچەيتتىم .
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى قاتلاملارغا بۆلۇپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردىم
3) ئۇلارغا توغرا بولغان ئۇگىنش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بىرىپ ئايرىم تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە مەكتەپتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنى پەيدىنپەي يۇقۇتۇش ئۇچۇن داۋاملىق رىغبەتلەندۇرۇپ ماڭىدىم.
4) ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىك رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ۋە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بەردىم.
5) ئايرىم سۆھبەتنى كۇچەيتىش ئارقىلىق ئۇگىنىش ئىدىيىسى مۇجىمەل، ئۇگىنىش قىزغىنلىقى يۇق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيىنى كۇچەيتتىم
6) دەرىسخانا ئىچى- سىرتىدا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ يولۇققان تۈرلۈك قىيىن مەسىللىرنىڭ ۋاختىدا ھەل قىلنىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم.
7) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسى ۋە كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەنى ۋاختىدا كۈزىتىپ ئۈگۈنۈشكە توسالغۇ بولىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلەرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدىم .
8) دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ياش ئالاھىدىلىگىنى ئاساس قىلىپ ئۇلارغا ئايرىم تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ۋاختىدا تەكشۈرۈپ ،ئۆزگەرتىپ ، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدىم.
9) دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق دەرستە يىتىشىلمەيۋاتقان ،دەرستە ئىنتىزامسىزلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە تىل ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ بىلىم سۇپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۇرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدىم
10) دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ دەرسخانا ئىچى-سىرتىدا ئايرىم يىتەكلەش ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ روھىنى تىخىمۇ ئۇرغۇتۇپ ياخشى بولغان ئۇگىنىش كەيپىياتىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۇرتكە بولدۇم .
11) سىنىپ ئىچىدە رىقابەت تۈزۈمىنى ئورنۇتۇپ ئۇلارنى بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ ئۇگىنىش ئىرادىسىگە بىرلەشتۇرۇپ ئۆز-ئارا رىقابەت ئىلان قىلدۇرۇپ ۋاقتى-ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ئىلغارلارنى تەقدىرلەش ئېلىپ باردىم.
12) ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەپ ئىدىيىسىدە ساقلىنىۋاتقان ۋە ئۇگىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە كاپالەتكە ئىگە قىلدىم .
تىرشىش نىشانىم:
مەن بۇنىڭدىن كىيىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ يىتەرسىزلىكلەرنى تۇزۇتۇپ مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تىخىمۇ يۇكسىلىشى ئۇچۇن ھەرقايسى سىنىپىتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولماسلىقنى قولغا كەلتۇرۇشكەزور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
2009-يىلى 7- ئاينىڭ 22 -كۈنى
|