تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىزمەت پىلانى
پەيزاۋات ناھىيە 3-مەكتەپنىڭ 2011-2012-ئۇقۇش يىللىق خىزمەت پىلانى
1. مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى توۋەندىكىچە:
مەكتىۋىمىزئۈچ يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ .مەكتەپ مۇھىتى تىنىچ،پاكىز، بىر قەدەر ياخشى ئوقۇتۇش شارائىتىغا ئىگە بولغان تەربىيلەش بازىسى.
مەكتىپىمىز 1983 -يىلى قۇرۇلغان. مەكتۋىمىزدە بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سان1212 نەپەر ،جەمئىي 27 سىنىپ قىلىپ تەشكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز 3–يىللىق سىنىپ سانى9، ئوقۇغۇچى سانى 419 نەپەر،قوش تىل سىنىپ سانى 1، تولۇقسز 2- يىللىق سىنىپ سانى 8، ئوقۇغۇچى سانى371 نەپەر،قوش تىل سنىپ سانى 4، تولۇقسسز 1-يىللىق سىنىپ سانى 10، ئوقۇغۇچى سانى 422 قوش تىل سىنىپ سانى 4.
مەكتىۋىمزدە ھازىر بار بولغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 98 نەپەر بولۇپ، كەسپى ۋە پەنلەر ئايرىمسى بويىنچە 7ئوقۇتۇش گورۇپپىسىغا بۆلۈنگەن. ئۇقۇش تارىخىدا لاياقەتلىك بۇلۇش نىسبىتى %100، دائىملىق تەربىيە بويىچە تەربىيەلىنىش نىسبىتى %100
2. يىتەكچى ئىدىيە:
ماركىسزىم – لېنىنىزىم ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى ، دېڭشاۋپىڭ نەزىريىسى ، « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىددىيسىنى تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزىنىڭ قىبلىنامىسى قىلىپ ، ئىلمى
تەرەققىيات قارشىنى ئۈگۈنۈش ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلىم – تەربيە خىزمەتلىرىدە يىتەكچى ئىددىيە قىلىپ ، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجىرا قىلىش، مەكتەپنىڭ ئۇمۇمى نىشاننى چورىدەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمىيۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە زاماننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسى بىر قەدەر يۇقۇرى سەۋيىسىگە كۈتۈرۈش،يۈرەكلىك ھالدا ھەر خىل ئۈنۈملۈك يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ،مەكتەپ باشقۇرۇش قۇشۇن سەۋيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، قوش تىل ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش، ساپا مائارىپنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپتىنى تىرىشىپ يۇقۇرى كۈتۈرۈش،مائارىپ قانۇنى بۇيىچە ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپتىكى ھەرخىل خىزمەتلەرنى يەنە بىر پەللە كۈتۈرۈشدىن ئىبارەت.
3. 2011-2012-ئۇقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق تۈرلۇك خىزمەتلەردىكى نىشان ۋە كۆرسەتكۇچلەر توۋەندىكىچە:
1) پەيزىۋات ناھىيلىك 9-نۆۋەتلىك 6-ئۇمۇمىي يىغىن رۇھىنى ئەستادىل ئەمىللەشتۇرۇپ، ئۇقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا بۆسۇش ھاسىل قىلىپ ، بۇ يىل ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە 4 نەپەر ئۇقۇغۇچى ئەۋەتىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. ئۇقۇش پۇتتۇردىغان ---420--نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ ---220-- نەپىرىنى ناھىيلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە، --130-نەپىرىنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك كەسپى تېخىنىكا مەكتەپلىرىگە، --36- نەپەرنى ناھىيلىك كەسىپى تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپكە ئەۋەتىش نىشاننى ئۇرۇنلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
2)مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ تەنتەربىيە چىنىقىشىدا ئۆلچەمگە يىتىش نىسبىتىنى --100-- كە يەتكۇزۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
3) ئۇقۇغۇچىلار داۋامىغا يۇكسەك دەرىجىدە ئەھىمىيەت بىرىپ، ئۇقۇغۇچىلار داۋامىنى سىنىپ مۇدىرىلىرى ۋە مۇئاۋىن سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەت ئۇنىمىگە چېتىلىدۇرۇش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشش نىسبىتىنى % --97-- تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
4) كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ۋە رادىئۇ گىمناستىكىسىنى ئۇيناشقا ئىنىچكە تەشكىللەش، ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان تۈرلۈك ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئەمىلىي جانلىق ئېلىپ بىرىش ئارقلىق، كۆرۇش نىسبىتىدە %100 لىك سەۋىيە داۋاملىق ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتىكى ئۇرننى قەرەللىك تەكشۇرۇپ تۇرۇش مەسلە بايقالغان ھامان يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىش، مۇۋاپىق ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئىجىتىمائى ئەمەلىيەت ۋە ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ.
5) بۇ ماۋسۇم ئۇرتاق تەربىيلەش بىلەن ئايرىم يىتەكلەشنى ئورگانىڭ بىرلەشتۇرۇپ ، ئەلاچىلار ساننى ---90-- كە، ئەلاچىلار نىسبىتىنى %--7.5-- گە كۆتۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. بۇنىڭدا دەرسىنى يىڭى دەرسىلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىپ ئەتراپىلىق دەرس ئۇتۇپ، دەرستىن سىرىتىقى تەكرارغا ياخشى تەشكىللەپ ، تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتنى چىڭ تۇتۇش، تۈرلۈك كۈرژۇكلارغا ئۈنۈملۈك تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار قۇللىندۇ. مەكتەپنىڭ بارلىق پەنلەردىكى ئۆتكەن ماۋسۇمدىكى لاياقەتلىك نىسىبتى % 78---- بۇلۇپ، بۇ ماۋسۇم ھەربىر پەن ئۇقۇتقۇچىسىغا قارىتا نىشان كۆرسەتكۇچىنى بىكىتىش ، دەرس ئاڭلاش، باھالاش، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، تۈرلۈك كەسپى ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش، تىما تەتىقىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق لاياقەتلىك نىسبىتىنى % -81--- كە ، ئۆزلىششنى % --76-- يەتكۇزۇش ئۇچۇن تىرىشىمىز. ھەرقايسى پەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاپشۇرۇق نشان كۆرسەتكۇچىنى %100 ئەمىللەشتۇرۇشكە تىرىشمىز.
6) سىنىپ مۇدىرلىرىنى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ئىلغار سىنىپ كوللكىتىۋىنى --6--گە يەتكۇزۇپ، ئىلغارلىق نىسىبىتىن %--22--كە يەتكۇزىمىز. بۇ ماۋسۇم ئاساسلىق پەنلەردىن بىر قىېتىم زىھىن سىناش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر 15 كۇندە بىر قېتىم ھەر قايسى زۇلار بويىچە بىر ساندىن قارا دۇسكا ئىشلەيدۇ. ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ، گۇزەل ماكان بەرپا قىلىش›› تىمسىدىكى پائالىيتىنى ھەر ئايدا بىر قىتىم ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ، پىلاننىڭ ئەملىلىشش نىسبىتىنى %98كە كۈتۈرۇشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدۇ.
7) كىتاپ، ماتىرىيال، تەجىرىبە ، تەنتەربىيە ئۈسكۈنلىرىنىڭ نىسبىتى دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ئۆلچەم بۇيىچە %---- سەپلەنگەن، مەكتەپنىڭ ئىلكتۇرۇنلۇق ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنللىرىنىڭ ئۆلچەمگە يىتىش نىسبىتى %--100-- بۇلۇپ، مەكتەپ قىرائەتخانسىدىكى كىتاپلار ۋە تەجىرىبە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئۈنۈمدارلىقىنى تىغىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇپ ، پايدىلىنىش بىلەن ئاسراشنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ ئۇقۇتۇش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋرىسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە ئاساس سىلىنىدۇ.
4. يۇقارىقى نشاننى ئۇرۇنلاش ئۇچۇن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر تۈۋەندىكىچە:
1) مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش:
پارتىيە تەشكىلى رەھبەرلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزىمىنى ئىزچىل ئەمىللەشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ پارتىيە قۇرلۇشى خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ. پارتىيە ياچايكىسنىڭ سىياسى يادرولۇق رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرپ نازارەتچىلىك رۇلىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچلەرگە بولغان ئىددىيۋى سىياسى تەربىيسىنى كۈچەيتىش ئېلىپ بېرش ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۇلۇق جارى قىلدۇرلۇپ ھەممە بىر نىيەت بىر مەخسەتتە بۇلۇپ ئورتاق كۈچ چىقىرىلدۇ. مەكتەپ ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھۇقۇق مەسئۇلىيتنى ئېنىق ئايرىش ئىش تەقسىماتنى ئىنىق ئايرىپ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيتىلدۇ. ھەر قايسى بۆلۈملەر ۋەزىپىنى ئەستادىل ئىجرا قىلىپ، ئاكتىپ تەشەببۇسكار بولۇپ ،ئىجادچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. مەكتەپ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك قىلىش تۈزىمىنى يۇلغا قۇيۇپ ،ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى باھالاپ بىكىتىپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇشنى قىلىپلاشتۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلى نەتىجىللىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى نازارەتچىلىك قىلىش ۋە باھالاپ بىكىتىش ئېلىپ بىرىش ،قىممەتلىك تەلەپ-پىكىرلەرنى تىپىپ ساقلانغان مەسىللەرنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تاپىدۇ.
پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇقۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت مىقىدارى، خىزمەت ئۇنۈمىنى ئادىل باھالاپ، ئايدا بىر قېتىم ئاشىكارىلاش، پارتىيە ئىشىلىرى، مالىيە ئىشىلىرىنى ئاشكارىلاشنى ھەققىي كۇچايىتىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلىشىغا ھەققىي ئاساس سىلىنىدۇ.
2) ئەخلاق تەربىيەنى باشقۇرۇش:
①ئەخلاقى تەلىم - تەربيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەققى كۈچايتىش بىلەن بىرگە ، باشقۇرۇش ، يىتەكلەش خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرلىدۇ . ئەخلاقى تەربيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپسىدىكى بارلىق خادىملار ئۆز ۋەزپىسىنى تۇلۇق تۇنۇپ يىتىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلىدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ . يېڭى باھالاش پىرىنىسپ تەلەپلىرى بويىچە A1 ، A2 ، A3 ، A4 ، A5 كۆرسەتكۈچ خىزمەتلىرىگە ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىدىن يۇقۇرى خادىملار مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ يولغا قويۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەكتىۋىمىزنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشىغا ئاساس سىلىنىدۇ.
②. « ئۈچنى قوغداش ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش » تەربيسى ياخشى ئېلىپ بېرلىدۇ . بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ھەپتىدە بىر سائەت مەخسۇس تىمىدا لىكسيە سۆزلەش ، تەشۋىقات قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ، مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ، دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش مەزمۇنىدا تەربيلەش ئېلىپ بېرلىدۇ . ھەمدە ئوقۇتقۇچى ، مەكتەپ ، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا توختامنامە ئىمزالىنىدۇ . ھەر كۈنى رادىئو ئۇزۇلى ئارقىلىق دىنىڭ ياش ئۆسمۇرلەرنى زەھەرلەش ، خۇراپاتلىقنىڭ مىللەتنى چىكىندۇرۇش ، مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ خەلققە كەلتۇرگەن زىيىنى قاتارلىق ...... جەھەتلەردىن ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربيلەش خىزمەتلەرى ياخشى قانات يايدۇرلىدۇ . نوقتۇلۇق ئائىلىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلىشش ، نوقتۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنى تەربيلەش ، ئۇلارنىڭ تېگى تەكتىنى بىر قېتىم قايتا ئېنىقلاپ چىقىش ، ئۇلارنى ئايرىم ھەر ئايدا بىر قېتىم تەربيلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرلىدۇ .
③مۇقۇملۇق ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئەھميەت بىرلىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇقۇملۇق ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك كۈچايتىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرىگە ئېدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربيە پائاليتى كەڭ قانات يايدۇرلىدۇ . مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى ۋە « ئۈچ خىل كۈچ » لەرنىڭ ئەكسيەتچىل ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ . بولۇپمۇ ناھىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۈلەملىك « تەشۋىق قىلىش ، تەربيلەش ، ئېچىپ تاشلاش ، تەكشۈرۇپ تەتقىق قىلىش » پائالىيتىنى تۈرلۈك شەكىل ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق سېستىمىلىق ، جانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىپ ، كەڭ ئوقۇغۇچىلار ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلككە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنىڭ مۇھىملىقى ، تەخىرسىزلىكى ۋە ئۆتكۇرلىكىگە بولغان تۇنۇش چوڭقۇرلاشتۇرلىدۇ. يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا«تۆتىنى ئىنىقلاش،تۆتنى ئىگللەش » خىزمىتى مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئائىلەسۆھبەت تۇزۇمى ئۇمۇميۈزلۇك ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋاختىدا ئىگەللىندۇ. .
④ ئوقۇتقۇچلار كەسپى ئەخلاقى بويىچە تەربيلەش ، باشقۇرۇش ، يىتەكلەش خىزمىتى چىڭ تۇتىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق قۇرلۇشىنى ئورنىتىش ، تەلىم – تەربيە خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىپ ئوقۇتقۇچلارنى دەرسخانا ئىچى ۋە سىرتىدا سياسى جەھەتتىن ، كەسپى جەھەتتىن ، ئەخلاقى پەزىلەت جەھەتتىن باھالاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ۋەزىپە بىرلەشتۇرلۇپ قەرەرلىك ھالدا باھالاش ئېلىپ بېرلىدۇ . بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا جەميەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئائىلە باشلىقلىرىنى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ۋە باھالاپ بىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ ، ماۋسۇم ئاخىرىدا خۇلاسلاپ چىقىش ئەمەلگە ئاشۇرلىدۇ .
⑤ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپنى سۆيۇش، ئائىلىنى سۆيۈش ، ئۆز كەسپىنى سۆيۈش ، ئۆز مۇھىيتىىنى سۆيۈش ۋە قوغداش تەربيسى كۈچايتىلدۇ . ئۇلارغا ئەخلاقى ، غايە تەربيسى ، ئۆز غايسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا تىرشىپ ئۆگىنىش تەربيسى ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ، باشقىلارنى چۈشنىش ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆينىش شۇنداقلا ئوقۇغۇچلارنىڭ توغرا بولغان دۇنيا قارشى ، كشىلىك تۇرمۇش قارشى ، قىممەت قارشىنى تىكلىشىگە ھەققى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ .
⑥ پسخىكا ساغلاملىق تەربيسى خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشىلىنىپ، پىسخىك ساغلاملىقىتىن مەسلىھەت بىرىش ئورننىڭ رۇلىدىن ئۇنۇملۈك پايدىلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئايدا بىر قېتىم پىسخىكا – ساغلاملىق دەرسى ئۆتۇلىدۇ . ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ، ئۆزىنىڭ كەلگۇسىىنى ئويلاش ، ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلاش ، تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق قىلمشىلىرىدىن ساقلىنىش ، ئەدەپ – ئەخلاق ۋە ياشلىق مەزگىلى تەربيسى جەھەتتىن تەربيلەش خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرلىدۇ . قىز – ئاياللار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ياخشى ئېلىپ بېرىلىپ قىز – ئاياللار خىزمىتىنى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم خۇلاسلاش ، كۇرۇلگەن مەسللەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى يولغا قويىلىدۇ .
⑦ مەكتەپ رادىئۇ ئۇزىلى، تەشۋىقات دوسكسى، قارا دوسكىلارنىڭ رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسەت ۋە قانۇن نىزاملىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئىش ۋە پائالىيەتلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. بۇ ماۋسۇم 3سان مەكتەپ گىزىتى ئىشلىنىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ۋە تەلىم –تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە قۇلغا كەلتۇرگەن نەتىجىلەر، « ئۈچتە ياخىشى ئۇقۇغۇچى» لارنىڭ ئىش ئىزلىرى، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقىلىق، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش قاتارلىق ئىلغار تىپلار، ئىلغار ئىش-ئىزلار تەشۋىق قىلىنىدۇ.
3) ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنى باشقۇرۇش:
مەكتىپمىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2010-يىل 30-نۇمۇرلۇق، ناھىيلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ 2010-يىل 64-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن 2011 -يىلى 8-ئاينڭ 29- كۈنى باشلىنىپ 2012 – يىلى 1- ئاينىڭ 8 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ . جەمئى 19 ھەپتە بولۇپ بايرام ھەپتە ئىمتاھان ۋە خۇلاسە ھەپتىسىدىن باشقا ساپ دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ئون يەتتە يېرىم ھەپتە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مەكتۋىمىزدە بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 1167 نەپەر ،جەمئىي 27سىنىپ قىلىپ تەشكىللەندى.بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز 3–يىللىق سىنىپ سانى9، ئوقۇغۇچى سانى 367 نەپەر،قوش تىل سىنىپ سانى 3، تولۇقسز2- يىللىق سىنىپ سانى 8، ئوقۇغۇچى سانى384 نەپەر،قوش تىل سنىپ سانى 4، تولۇقسسز 1-يىللىق سىنىپ سانى 10، ئوقۇغۇچى سانى 416 قوش تىل سىنىپ سانى 4.
مەكتىۋىمزدە ھازىر بار بولغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 101 نەپەر بولۇپ، كەسپى ۋە پەنلەر ئايرىمسى بويىنچە 7ئوقۇتۇش گورۇپپىسىغا بۆلۈنگەن. ھەر قايسى ئوقۇتۇش گورۇپپىللرىنىڭ ھەپتىلىك دەرس مىقدارى تۆۋەندىكىچە:
ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى : ھەپتىلىك دەرس سائىتى
تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 126
ماتېماتكا،ئۇچۇر-تېخنىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 162
خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 198
بىئو- خىميە ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 54
تارىخ – جۇغراپىيە، سىياسەت – ئاتئىزىم شىنجاڭ ئونۋېرسال ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 207
تەنتەربىيە ،گۈزەل – سەنئەت،مۇزىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 135
فىزىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپسى 34
مەكتىپىمىزنىڭ ھەپتىلىك دەرس سائىتى 947سائەت.ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە دەرس سائىتى تەخمىنەن 10.07سائەت. ماۋسۇملۇق دەرس سائىتى 16667 سائەت بولۇپ پىلاندىكى دەرسلەر سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۇرۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئومۇمىي نىشان: مەكتىۋىمىز بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ كۆز قارىشىنى يەنىمۇ يېڭىلاپ ،دەرسخانا ئوقۇتۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ ،دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز . ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشتا ئىلمى، ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولغان مىخانىزىمىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈپ مۇستەھكەملەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپچانلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ بارلىقنى ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلاش روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىمىز. دەرس تەييارلاشتىن تارتىپ دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانىدا ئوقۇتۇش تەجرىبىسى كۆپ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى باشلامچى كۈچ، كەسپىي ئاساسى بىلىمى مول ، كەسىپچانلىقى يۇقۇرى ، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۇك ئوقۇتقۇچىلارنى تايانىچ ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسى كۈچ قىلىپ، كەسپىكە ،ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرىمىز. قوش تىل مائارىپ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ،ئاساسىي مائارىپ سۈپتىنى مۇستەھكەملەپ،ئاساسى مائارىپنىڭ سۇپىتىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇشكە يەنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئەمەلى ئۇنۇم يارتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىددىينى يەنىمۇ ئازات قىلىپ ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ مەكتەپ بويىچە ئوتتۇرىچە نۇمۇرىنى 76 گە، لاياقەتلىك بۇلۇش نىسبىتىنى %81 گە، ئەلاچلار نسبتىنى %7.5 گە يەتكۈزىمىز .
يوقۇرقى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىشلىندىغان كونكېرت خىزمەت ۋە تەدبىرلەر :
1. قانۇن بويىنچە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئېلىپ بېرىش ۋە يەنىمۇ باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.
1). ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم- تەربىيە پائالىيىتىگە تەشكىللەشتە ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن كۈندىلىك مەشغۇلىيەت ئۆلچەم ۋە تەرتىپ بويىنچە پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2). مەكتىپىمىز «قوش تىل» سىنىپلىرىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەجبۇرىيەت مائارىپى ‹قوش تىل› ئوقۇتۇش دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لاھىيەسى (سىناق نۇسخا)» ، (2011-يىلى 54-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى) نىڭ روھىغا ئاساسەن دەرس تەسىس قىلىنىدۇ. قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ئۆلچەم بويىنچە دەرسلەر تولۇق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
مەكتىۋىمىزدە ھازىر بار بولغان 9 قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا قوش تىل بويىنچە مەخسۇس تەربىيلەنگەن تايانچ ئوقۇتقۇچلارنى دەرس ئۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچلارنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ۋە يوقۇرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئاساس سېلىنىدۇ. قوش تىل سىنپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسدىن ياچايكا سىكىرتارى لى شۇجى يېتەكچىلىكىدە قوش تىل ئوقۇتۇش ئىشخانىسى مۇدىرى قەيسەر تۇرغۇن كونكېرت مەسئۇل قىلىندۇ. بۇ ماۋسۇم ئىچىدە قوش تىل سىنىپ دەرس ئوقۇتقۇچىللىرى بىلەن ئايدا بىر قېتىم سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش دەرس ئوقۇتقۇچلىرى ۋە ئوقۇغۇچلار بىلەن قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تۈردە سۆھبەت ئېلىپ بىرىپ ساقلانغان مەسىللەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرلۇپ بۇسىنپلارنى ھەرخىل ئوقۇتۇش ۋاستلىرىنى ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىندۇ. بۇ ئارقىلىق2011-يىلدىكى تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ ئوقۇغۇچى ئۆتكۇزەلمەسلىك ھالىتىگە قەتئى خاتىمە بىرىپ قوش تىل سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ 2011-2012-ئوقۇش يىلى ئاخىرىدا كامىدا 4 ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكۈزۈشكە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
2. دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇش ،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ.
1). ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، ھەربىر ئوقۇتقۇچىدا بىردىن دەرسلىك ئۆلچىمى بولۇش ، ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلاش، ياخشى ئۆتۈش، تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش ، تەكرارلاش ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ .يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكدە، ئىلمى مۇدىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس تەييارلاش قوللانمىسىنى يېزىش، كەسپىي ئۈگىنىش خىزمەت قوللانمىسىنى ئىشلەش، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت قوللانمىسىنى ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ . دەرس تەييارلىقىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ، يېڭى دەرس شارائىتىدىكى دەرس تەييارلاش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ دەرس تەييارلىقىدا «5 نى بىرلىككە كەلتۈرۈش » ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئوخشاش يىللىق، ئوخشاش دەرس تەييارلىقىدا كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش بىلەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مۇستەقىل دەرس تەييارلاش مۇۋاپىق ماسلاشتۇرىلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنى بىرلىك قىلىپ يىللىقلار بويىچە ماۋسۇمدا كامىدا ئۈچ قېتىم كوللىكتىپ دەرس تەييارلىنىدۇ.بۇنىڭغا مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قاسىم ئىسھاق، ئىلمى مۇدىر مۇتەللىپ سەيدۇللا يېتەكچىلىك قىلىدۇ . ھەپتە بۇرۇن تەستىقلاش تۈزۈمى قاتتىق ئىجىرا قىلىنىپ ، تەستىقسىز دەرسكە كىرىشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ھەپتە ئاخىردىكى دەرس تەستىقلاشتا شۇ ھەپتىدىكى تاپشۇرۇق بېرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىغا قاراش، دەرستىن كېيىنكى يەكۈننى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ياخشى يېزىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى گورۇپپا مەسئۇللىرى ۋە ئىلمى بۆلۈمدىن نۇرىمانگۈل تەڭ نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.
مەسلە كۆرۈلسە 1- قېتىم تەنقىدى- تەربىيە، 2- قېتىم مەسلە كۆرۈلسە ئۇمۇمىي ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ.
2). ئوقۇتۇش مېتودىنى ياخشىلاش، ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان دەرس ئاڭلاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەكتەپ ۋە ئىلمى بۆلۈم مەسئۇللىرى ھەپتىسىگە كامىدا ئىككى سائەت (ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا كەم بولغاندا 30 سائەت) ، خىزمەت سىتاژى 3 يىلدىن يوقۇرى ئوقۇتقۇچىلار ھەپتىسىگە كامىدا بىر سائەت (ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا كەم بولغاندا 20 سائەت)، خىزمەت سىتاژى 3 يىلدىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلار ھەپتىسىگە كامىدا ئىككى سائەتتىن (ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا كەم بولغاندا 35 سائەت) دەرس ئاڭلاش ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ. ھەر قايسى گورۇپپىلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گورۇپپا خاراكتېرلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۈش تەرتىۋىنى بېكتىپ چىقىدۇ. بۇ ماۋسۇم ئىچىدە 12 سائەت مەكتەپ خاراكتېرلىك دەرس (ئوچۇق دەرس، ئۆلگىلىك دەرس) ئاڭلىنىدۇ ۋە باھالىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ ۋە ئىلمى بۆلۈم مەسئۇللىرى قەرەلىسىز تۈردە ئىختىيارى دەرس ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ ئىختىيارى دەرس ئاڭلىشى بىر ماۋسۇم ئىچىدە 20 سائەتتىن كام بولماسلىق، ئىلمى بۆلۈم مەسئۇللىرىنىڭ 30 سائەتتىن كام بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىرمۇ ئۆلچەم بويىچە دەرىس ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇقۇتۇشقا چۇڭقۇر چۆكۈپ مەكتىۋىمىزنىڭ دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى چۈشۈنۈپ مېڭىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
3). ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى، پەن ئوقۇتۇشىدىكى قىيىن نوقتا ، موھىم نوقتىلارنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىپ ئوقۇتۇش تەلىم –تەربىيە سۈپىتى ۋە سەۋىيسىنى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى جەھەتتە ئايدا بىر قېتىم سىنپ مۇدىرلار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىلمى بۆلۈمدىن مۇتەللىپ سەيدۇللا كونكېرت مەسئۇل بولىدۇ .مىرىنسا مامۇت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ خاراكتېرلىك 12 سائەت ئوچۇق دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللنىدۇ، بۇنىڭغا ئىلمى بۆلۈمدىن مەمەت ئىسمايىل كونكېرت مەسئۇل بولىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي خىزمەت جەھەتلەردىن ئىزدىنىپ يازغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىلپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھام بىرىلىپ ھەر بىر ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسى ھەر ماۋسۇم كامىدا 5 پارچە ( بىئو- خىمىيە 3 پارچە، فىزىكا ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسى 2 پارچە، ئالاھىدە كەسىپ 3 پارچە) ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەتكە ئىلمى بۆلۈمدىن مۇتەللىپ سەيدۇللا كونكېرت مەسئۇل بولىدۇ .
(1).ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى ئوقۇتۇش گورۇپپىلىرى بويىنچە كەڭ قانات يايدۇرۇپ ئوقۇتۇش –تەلىم تەربىيە سۈپىتىنى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر قايسى ئوقۇتۇش گورۇپپىلىرىغا يېرىم كۈندىن كەسپىي ئۈگىنىش ۋاقتى ئاجىرتىلىپ بېرىلىپ دەرس ئۆلچىمنى ئۈگىنىش ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ، تېما تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ، دەرسنى قانداق تەييارلاش، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان پىداگوگىكا ، پىسخولوگىيە بىلىملىرىدىن ئۈگىنىش قىلىش قاتاتارلىق ئۇسۇل شەكىل ۋە جەريانلار ئارقىلىق تەلىم –تەربيە خىزمىتى كۆپ خىل شەكىلدە كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇلۇپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە ئاساس سېلىنىدۇ. گورۇپپىلارنىڭ كەسپىي ئۈگىنىش ئەھۋالىغا بولغان يېتەكلەش ، نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتىگە ئىلمىي مۇدىرى مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ يېتەكچىلىكدە ئىلمى بۆلۈمدىن مەمەت ئسمايىل تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلنىدۇ، ئۈگنىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا نازارەتچىلىك قىلىنىدۇ .
4). مەكتەپ ئىلمى بۆلۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتىگە ئائىت ماتېرياللىرىنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرىدۇ. بۇنىڭدا ھەر ئاينىڭ ئاخىردا ئىلمى بۆلۈم ئەزالىرى ۋە ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىر گورۇپپا تەشكىللەپ ئومۇميۈزلۈك بىر قېتىمدىن تەكشۈرۈش، باشقا چاغلاردا ئىلمى بۆلۈم ئەزالىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. دەرس تەييارلاشتا ئەستايدىل بولغان، تۈرلۈك ماتېرياللارنى ۋاقتى– ۋاقتىدا ئەستايدىللىق بىلەن يېزىپ ماڭغان ئوقۇتقۇچىلار ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسىدە ئىسمى ئاتىلىپ تەقدىرلىنىدۇ. دەرس تەييارلاشتا ئەستايدىل بولالمىغان، ئىشلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىشلەپ ماڭالمىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆرۈلسە ئايرىم يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىلمى بۆلۈم ئوقۇتقۇچلارنىڭ ئىشلەنگەن خىزمەتلىرىنى ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ خۇلاسلاپ مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ساقلانغان مەسىللەرنى ۋاقىتىدا ئىگەللەپ، ۋاقىتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
3.مەكتەپتە تەربىيلەش خىزمىتگە ھەقىقى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
1).مەكتەپتە تەربىيلەش خىزمىتى نۆۋەتتىكى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئىھتىياجى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيلەشتىكى يەنە بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. شۇڭا ئىلمىي بۆلۈم بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپتە تەربىيلەش پىلانىنى ئىلمىي، سىستىمىلىق تۇزۇپ ئوقۇتقۇچىلارنى خەنزۇتىلى ،كومپىيوتېر بىلىملىرى بويىنچە ھەر ھەپتىنىڭ 2-3- كۈنى تەربىلەشنى پىلانلىق، باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋى ئۇقۇتۇش ئۇسكۇنلىرنى ئىشلىتەلەيدىغان، دەرسنى خەنزۇچە تەييارلىيالايدىغان، ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم -تەربىيە خىزمىتىنى پىداگوگىكا، پىسخولوگىيە ئىلمى ۋە مائارىپ قانۇنىيەتلىرى بويىنچە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالايدىغان ئاساسىي قابىليىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپتە تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن كومپىيوتېر ئۆگۈنۈش ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈگىنشنىڭ ۋاقتى، ئورنى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پىلانى بولۇش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئايدا بىر قېتىم (ھەپتىنىڭ 3-كۈنى چارشەنبە) مەكتەپ خاراكتېرلىك كەسپىي ئۈگىنىشنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش، خەنزۇتىلى ئۆگۈنىشىدە ھەرقايسى ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىلىلىرى بىرلىك قىلىنىپ ھەپتىسىگە ئىككى سائەت خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈش قىلىنىدۇ. پىلانى، خاتىرىسى بۇلۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. خەنزۇتىلى ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسى «كۈندە بەش سۆز ، ئىككى جۈملە» نى كىچىك دوسكىغا يېزىش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگىنشنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىش كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، مەكتەپتە تەربىيلەش خىزمتىنى پىلانلىق ، قەدەم باسقۇچلۇق قانات يايدۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى يىڭى دەرس ئسلاھاتى بۇيىچە مەكتەپتە تەربىيلەشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچلار قۇشۇنىنىڭ كەسپى ئاساسى بىلىم سەۋىيىسى ئوقۇتۇش ۋە ئاساسى ماھارىتى، ئوقۇتۇش تەتقىقات قابىليىتى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بىرىش قابىليىتى، ئۆز-ئۆزىنى ئانالىز قىلىش قابىليىتى، يېڭلىق يارتىش قابىليىتى ۋە ئۈنۋىرسال ساپاسى يۇقۇرى كۈتۈرلىدۇ .
2). مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش قابىليىتى، تەتقىقات قابىليىتى ۋە دەرس تەييارلاش قابىليىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئۇقۇتۇش پائالىيەتلىرنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرساھە خىزمەتلەرنى ئايلار بويىنچە، ماۋسۇم بۇيىچە باھالاش ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان يىتەكچىلكى كۈچەيتىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي بۈلۈم ھەرقايسى پەنلەر بويىچە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش ماھىرلىرى مۇسابىقىسنى قانات يايدۇرۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى ماۋسۇم ئاخىردا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدۇ. مەخسۇس دەرىس ئاڭلاش، باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ مەكتىۋىمىزنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاختىدا بايقاپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىلدۇ . ياش ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىلىپ تەجىربىلىك ئۇقۇتقۇچىلار ياش ئۇقۇتقۇچىلارنى پەن تۈرى بويىنچە تەربىيەلەپ، يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ئەمىلىيىتىنى چۈشۈنىشىگە ياردەم بىرىپ ياش ئۇقۇتقۇچىلاردا مۇستەقىل ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى يىتىلدۇرۇلىدۇ.
3). ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى ھەپتدە يىرىم كۈن كەسپى ئۈگىنىش قىلىش، ئوقۇتۇش جەرياندا يولۇققان مەسىللەردىن خاتىرە قالدۇرۇش، پىداگوگىكا، پسخولوگىيە بىلىملىرىدىن ئۈگىنىش قىلىش، گورۇپپىنى بىرلىك قىلىپ ئوچۇق دەرسلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ماۋۇمدا گورۇپپا خاراكتېرلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۈش سائىتى بىر سائەتتن كام بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرلىدۇ ، بۇ ئارقىلىق، ئەنئەنۋى ئوقۇتۇش كۆزقارشىنى ئۆزگەرتىش، توغرا بولغان ئوقۇتۇش قارىشىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈش، ئۆز ئارا ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەجرىبىللىرىنى ئالماشتۇرۇش، تەجرىبە –ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ۋە تەجرىبىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يېڭى دەرس شارائىتىدىكى دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىغا نىسبەتەن تۇنۇشنى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، شۇ ئارقىلىق يىڭى دەرسلىككە ۋە مائارىپ ئەمەليىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىندۇ.
4. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە پائال تۈردە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇلىدۇ.
ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈنۋىرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئىندىۋدال ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈرژۈك ۋە 2- دەرسخانا پائالىيتىىگە تەشكىللەپ يېڭىلىق يارتىش ، قول سېلىپ ئشلەش ۋە ئىجاتچانلىق رۇھىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشكە ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ دەرس تەييارلىقى، يوقلىمىسى، تەستىقى بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ .بۇ خىزمەتكە ئىلمى بۆلۈمدىن نۇرىمانگۈل كونكېرت مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپ ئتتىپاق كومىتىتى ھەر تاق ھەپتىنىڭ تۆتىنجى كۈنى ( پەيشەنبە ) 8-سائەتلىك دەرس ۋاختىدا ئۇقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئتتىپاق – پىئونىرلار پائالىيتىگە تەشكلەيدۇ. بۇ پائالىيەت بىر ماۋسۇم ئىچىدە 5 قېتىمدىن كام بولمايدۇ ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇپ خۇلاسىسىنى ئىلىمى بۆلۈمگە يوللايدۇ . ئەدەبىيات ئۇقۇتۇش گۇرۇپسى بۇ ماسۇم ئىچىدە كامىدا 3 قېتىم مەشرەپ ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات –سەنئەت پائالىيىتىگە تەشكىللەيدۇ .بۇ خىزمەتكە ئىلمى بۆلۈمدىن ئايشەمگۇل كونكېرت مەسئۇل بولىدۇ . تەنتەربىيە ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسى ھەر جۇپ ھەپتىنىڭ تۆتنجى كۈنى ( پەيشەنبە ) 8-سائەتتلىك دەرس ۋاختىدا ئۇقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكلەپ خاتىرسىنى قالدۇرۇپ خۇلاسىسىنى ئىلمى بۆلۈمگە يوللايدۇ . بۇ پائالىيەت بىر ماۋسۇم ئىچىدە 7 قېتىمدىن كام بولمايدۇ.بۇ خىزمەتكە ئىلمى بۆلۈمدىن ئايشەمگۇل كونكېرت مەسئۇل بولىدۇ . ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى 7-سائەتلىك دەرس ۋاختىدا سىنىپ يىغىنى دەرسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ بىر ھەپتلك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ھالقىللىرىنى چۆردىگەن ھالدا ئوقۇغۇچلارغا بولغان ھەرخىل ئىددىيۋى تەربىيە، بىخەتەرلىك تەربىيسى پىلانلىق ،قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياخشى ئىشلىنىدۇ.
4)مالىيە باشقۇرۇش:
مالىيە خامچوتنى ئەستادىل تۈزۇپ، قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدا « مەكتەپ مالىيەسىنى ئىدارە باشقۇرۇش»، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇمۇمى ئىشلار خىراجىتىنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تەلىم-تەربىيە ئۇقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا سەرىپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
① مۇقىم مۈلۈك ۋە مەكتەپ ئارخىۋىنى باشقۇرۇشنى كۆچايتىپ، مەكتەپ مۈلۈك ئارخىپىنى مۇكەممەل تۇرغۇزۇپ، ئىلىمىي باشقۇرۇش، بۇزۇلغانلىرىنى ۋاخىتىدا رىمۇنىت قىلىش، تۇلۇقلاش، بىراك قىلىنغان نەرسىلەرنى يۇقىرىغا تەستىقلىتىپ بىراك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
② مەكتەپ مۈلۈكىنى تەستىقسىز باشقىلارغا ئارىيەت بىرىش، ئۆزگەرتىش، ئىگەللىۋىلىش قىلملىشلىرنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدا مۇلۈك باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتى قاتتىق ئىجىرا قىلىنىپ، ماۋسۇم ئاخىرىدا مۈلۈك ئامبىرى بىر قىتىم تەكشۇرۇپ ئاشكارىلىنىدۇ.
③ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان تەشكىلى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى تۇلۇقلاپ ۋە رىمۇنىت قىلىپ تۇرۇش مەسئۇلىيتىنى كىشى بېشىغا قەدەر ئەمىللەشتۈرۇش بىلەن بىرگە بۇ ماۋسۇم ئىچىدە بىخەتەرلىك تىمىسدا ئوت ئۇچۇرۇش مانۋىرى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىيەلىنىش مانۋىرى، توكتىن، كۆمۇردىن، گازدىن، سۇدىن مۇداپىيەلىنىش ساۋاتى، تۈرلۈك تەنتەربىيە تەجىرىبە دەرسلىگىدىكى بىخەرلىك ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشىنى 15 كۇندە بىر قېتىم ئەمىلى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
5) سەھىيە باشقۇرۇش:
سەھىيە باشقۇرۇش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىدۇ:
①مەكتەپنىڭ مۇھىت تازلىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش كۇچايتىلىدۇ. ھەركۇنى مەيدان، سىنىپ، ياتاق ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازىلىقى بىر قېتىم تەكشۇرۇلۈپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.مۇكاپات، جازا ئەملىلەشتۇرۈلىدۇ.
②تۇرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالىدىنى ئىلىش تەدبىر ساۋاتلىرى سۆزلىنىپ ، تۈرلۈك يۇقۇملۈك كىسەللىكنىڭ يامراپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ. ئۇقۇغۇچىلارنى قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەش، ھەممە ئۇقۇغۇچىنىڭ قايناق سۇ ئىچىش ئىستاكانى بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
④ مەكتەپ ئاشخانسىنىڭ يىمەك-ئىچمەك تازلىقى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ تۈرلۈك خام يىمەكلىك تازلىقى، قاچا-قۇچا تازلىقى، ئاشپەز، ناۋايلارنىڭ شەخسى تازلىقى ھەركۇنى تەكشۇرۇلىدۇ. مەسىلە كۈرۇلسە، بىۋاستە باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۇشتە قىلىنىدۇ. ھەر ماۋسۇمدا بىر قېتىم ئاشپەز، ناۋايلارىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۇرۇلۇپ ساغلاملىق كارتىسى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش قاتتىق ئەمىلىلەشتۇرۇلىدۇ.
پەيزاۋات ناھىيە-3 ئوتتۇرا مەكتەپ
2011-يىلى 8-ئايىنىڭ 26-كۇنى
|