查看完整版本: [-- سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە (تېكىست) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە (تېكىست) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2012-08-28 21:17

سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە (تېكىست)

سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە (تېكىست) G7N Rpr  
سۇۋادان تىرەك ھەقىقەتەن خىسلەتلىك ،مەن سۇۋادان تىرەكنى مەدھىلەيمەن ! jz$ ]"\G#  
ماشىنا بىپايان ئېگىزلىكتە ئۇچقاندەك كىتىپ بارىدۇ. نەزەردائىرىڭىزدە سېرىق ،يېشىل رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن چوڭ گىلەم يېيىلىپ ياتماقتا .سېرىقى-توپا،ئېچىلمىغان بوز يەر،نەچچە يۇز مىڭ يىللار ئىلگىرى ئۇلۇغ تەبىىئەت كۇچى دۆۋىلەپ ھاسىل قىلغان سېرىق توپىلىق ئگىزلىكنىڭ سىرتقى پوستى ،يېشىلىچۇ، ئىنسانىيەت مىھنىتىنىڭ تەبىئەتنى يىڭىپ ئىرىشكەن نەتىىجىسى –بۇغدايلىقلار .ئىللىق شامالدا ئۆركەشلىگەن يېشىل دولقۇنلارنى كۆرگىنىڭىزدە ،ئۆتمۈشتىكى كىشىلەرنىڭ «بۇغداي دولقۇنى»دىگەن تەسۋىرىگە چىن قەلبىڭىزدىن قايىل بۇلىسىز .ئەگەر بۇ ماھىر قەلەم ئىگىسىنىڭ خىىيالىغا تاساددىپىي كىلىپ قالغان تەسۋىر بولمىسا ،ھەقىقەتەن پىششىق يىتىلگەن تىل جەۋھىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىپايان ،تەكشى ئىگىزلىكتە سېرىق بىلەن يېشىل ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا،شۇتاپتا مۈرىلىرىنى مۈرىلىرىگە تىرەپ مىنگشىپ كەتكەن يىراقتىكى تاغ چۇققىلىرى ھۇشىڭىزغا كەلتۈرمىسە (بۇ تاغ چۇققىلىرىغائاددىي كۆز بىلەنلا قارىسىڭىز ،پۇتىڭىزنىڭ تىگىدە تۇرغاندەكلا كۈرىنىدۇ)،ماشىنىنىڭ ئىگىزلىكتە كىتىۋاتقانلىقىنى يادىڭىزدىن چىقىرىپ قۇيىشىڭىز مۇمكىن .مانا شۇ چاغدا بەلكىم سىزنىڭ تەسىراتىڭىزدا «ھەيۋەتلىك»ياكى «بۇيۈك»دېگەندەك تەسۋىرىي پەيدا بۇلىشى مۇمكىن ؛ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ،كۆزىڭىز بىر ئاز تالغاندەك ،ئالدىڭىزدىكى «ھەيۋەتلىك»ياكى «بۇيۈك»تن كۈزىڭىزنى ئۈزىسىزدە،كۆڭلىڭىزدە ئاستا-ئاستا باشقابىرتۇيغۇ ،يەنى «زىرىكەرلىك»ھىسسىيات پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن .شۇنداق ئەمەسمۇ ؟بىر ئاز زىرىكەرلىكقۇ؟ }l7@:ezZZ7  
لېكىن ،كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىىلىك ئارىلىقتا بېشىڭىزنى ئىتتىك كۆتۈرۈپ قارىغىنىڭىزدا ،ئالدىڭىزدا يىراقتا بىر قاتار ،ياق،تۆت-بەش تۈپ ياكى بىر تۈپلا خۇددى پوستتا تۇرغان ئەسكەردەك مەغرۇر قەد كۈتۇرۇپ تۇرغان دەرەخنى كۆرگىنىڭىزدە ،سىزنىڭ ھارغىن ،ئۇيقۇسىرىغان كەيپىياتىڭىز قانداق بۇلىشى مۇمكىن ؟مەن بولسام تەئەججۈپلەنگىنىمدىن ۋارقىرىۋەتكەن بۇلاتتىم . @hw e  
مانا شۇ سۇۋادان تىرەك غەربى شىمالدىكى ئادەتتىكىلا بىر دەرەخ،لېكېن ھەقىقەتەن خىسلەتلىك دەرەختۇر . !2F X l;  
ئۇ يۇقىرىغا ئىنتنلىدىغان دەرەخ.ئۇنىڭغۇلىمۇ ،شېخىمۇ قەلەم دەستىسىدەك تۈپتۈز.ئۇنىڭ غۇلىنىڭ بىر جاڭ ئگىزلىككىىچەبولغان ئارىلىقىدا ،ئادەتتە ،بىر كىم ياساپ قويغاندەك ،پۇتاقلىرى بولمايدۇ.ئۇنىڭ يان شاخلىرىنىڭ ھەممىسىلا يۇقىرىغا قاراپ ئۈھەسىدۇ ۋە قول بىلەن ياساپ قويغاندەك غۇچچىدە بۇلىدۇ. ھەرگىز قىيپاش ئۆسمەيدۇ.ئۇنىڭ كەڭ يوپورماقلىرىمۇ تامامەن دىگۈدەك يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدۇ،پەسكە ساڭگىلاپ تۇرغانلىرىغۇ ئەسلا يوق.ئۇنىڭ قوۋزىقى سىلىق،قوۋزاقتا كۈمۈش رەڭ خىرە ھالقىلار بۇلۇپ ،قوۋزاق كۈكۈچ كۈرىنىدۇ .بۇ شىمالنىڭ شىۋېرغانلىرىغا بۇيۇن ئەگمەي ،قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۇپ تۇرىدىغان بىر دەرەخ بۇلۇپ غولى ئادەمنىڭ يوتىسىغىچە كېلىدىغانلىرىمۇ تىرىشىپ يۇقىرىغا ئىنتىلىپ ،بىرەر-ئىككى جاڭ ،ھەتتا ئاسمان پەلەك بوي تارتىپ ،غەربى شىمالى نىڭ شاماللىرىغا قارشى قەتئىي ئىگىلمەي-سۇنماي كۆكرەك كېرىپ تۇرىدۇ.   mqK}y K^P]  
        مانا بۇ سۇۋادان تىرەك .غەربى شىمالدىكى ئادەتتىكىلا بىر دەرەخ لېكىن خىسلەتلىك دەرەختۇر. 8Z!Mad  
ئۇنىڭ جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان نازلىق قىياپىتىمۇ يوق، i:60|ngK  
ئەجدىھادەك تولغىنىپ تۇرىدىغان شېخىمۇ يوق.بەلكىم سىز ئۇنى گۈزەل ئەمەسكەن دەرسىز .ئەگەر گۈزەللىك «جىلۋە قىلىش»ياكى «يان تەرەپكە قاراپ قىيپاش ئۈسۈش »تىنلا ئىبارەت بولسا ،ئۇ ھالدا سۇۋادان تىرەك دەرەخلەر ئىچىدىكى ساھىپجامال ئاياللاردىن بۇلالمايدۇ.لېكىن ئۇ قاۋۇل ،تۈز،ساددا،سۈرلۈك.ئۇنىڭدا مۇلايىملىقمۇ بار.قەتىىي قەيسەرلىكى تىك،قەددى-قامىتىنى دىمەمسىز تېخى ،ئۇنى دەرەخلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سالاپەتلىك ئەر دىيىشكە بۇلىدۇ.

ئەنجۇر 2012-09-24 23:19
قۇربان ھىيتىمىز


查看完整版本: [-- سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە (تېكىست) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled