查看完整版本: [-- دۇنيادىكى  ئەڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> دۇنيادىكى  ئەڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yumran 2012-08-28 18:54

دۇنيادىكى  ئەڭ

        دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن كەسىپ_ قانداق ئادەم بۇلۇش.
        دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە_ يوقسۇزلۇق ۋە مۇھتاجلىق.
        دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل خىسلەت_سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق.
        دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەخلاق _ ئەپۇچانلىق.
        دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خۇلۇق_سەۋىرچانلىق.
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ غۇرۇر_لەۋزىدە تۇرۇش.
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقيەت_ئۆزىگە ئىشىنىش.
         دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلىق_سالامەتلىك.
        دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە_ ۋاقىت.
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىسەل_ دىل يارىسى.
        دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۆلمەس تېما_پاك ئىنسانىي سۆيگۈ.
        دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان_ ئانا.
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا- ئۆمۈر سودىسى.
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخىت_ تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك.
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق_ ھايا.
       دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇقۇشماسلىق_ تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش.

danix 2012-08-28 19:04
     ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە !

akkax 2012-08-28 22:10
  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇقۇشماسلىق - تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش.
  بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئاشخانا ، ساتراچخانىلارنڭ تاملىرىدىن كۆرگەندە تازا كاللامدىن ئۆتمىگەن. قارىغاندا ماڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلار چىقىدىغان ئوخشايدۇ. تۇغۇلۇشنى ئۇقۇشماسلىق دېسە قوبۇل قىلغىلى بولىدىكەن. بىراق، ئۆلۈشمۇ ئۇقۇشماسلىقمۇ ئەمدى ؟
  مەنچە دۇنيادىكى ھەقىقىي كۈتۈش - ئۆلۈمنى كۈتۈش.

akkax 2012-08-28 22:13
  ئاشخانا ، ساتراچخانىلارنىڭ تاملىرىدىكى ھۆسىنخەتلىك چاپلىمىلارنى دېمەكچىدىم، ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم.

نىشان 2013-06-19 20:36
بەك  ياخشى  تىمىكەن  ھەرمىغايسىز   رەھمەت  سىزگە    

ياپراق 2014-03-19 21:42
ياخشى تېمىكەن كوپىرەك ئادەملەرنىڭ كۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن .

رەيھان 2014-04-21 16:43
ياخشى تېما يوللاپسىز.

تەۋپىقنىسا 2014-04-30 16:51
danix:     ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە ! [ئىپادە] (2012-08-28 19:04) 

مەن بۇلارنى خاتىرەمگە يېزىۋالدىم.رەخمەت سىزگە.

نوزۇگۇم 2014-06-13 10:55
دۇنيادىكى    ئەڭ چوڭ دەريا ،  ئەڭ ئگىز ئادەم ، ئەڭ پاار ئادەم   قاتارلىق  ‹ئەڭ›لەرنى  كۆپ ئاڭلاپتىمەنكەن   ، مۇنداق  ياخشى  ئەڭلەنى  كورۇ  پ   خاتىرە  قالدۇردۇم  رەھمەت  سزگە

نوزۇگۇم 2014-06-13 11:05
. ئەڭ ئېگىز            ئەڭ پاكار ئادەم  دەپ ئوقارسىلەر


查看完整版本: [-- دۇنيادىكى  ئەڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled