查看完整版本: [-- يېڭى لەتىپە(ھېكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> يېڭى لەتىپە(ھېكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nasirdin 2012-08-14 20:02

يېڭى لەتىپە(ھېكايە)

يېڭى لەتىپە I ~L Q1 _  
BhW]Oq&  
(ھېكايە) n>:c}QAJH  
نەسىرىدىن ھاپىز CS5jJi"pD3  
ساۋۇت مۇدىر دائىملىق خىزمەت ئادىتى بويىچە ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا    مەكتەپتە  پەيدا بولدى. ئۇ ئىشخانىسىغا كىرىپ تۇرۇشىغا، ئىلمىي مۇدىر ئابدۇللا خۇددى ساۋۇت مۇدىرنىڭ تاپىنىنى ماراپ تۇرغاندەكلا،ئۇنىڭ ئىشخانسىىغا سوڭدىشىپلا كىرىپ كەلدى. h:jI  
$^=jPk]+  
ـ ساۋۇت مۇدىر قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەتىگەندىن سىلىنى تاپالماي.... 4zqE?$HM'  
tw4am.o1]  
ـ ھە، شۇنداقمۇ؟ چۈشتىن بۇرۇن ناھىيەدە  ئېچىلغان ئىستىل تۈزىتىش خىزمەت يىغىنىغا قاتناشتىم، چۈشتىن كېيىن مەكتىپىمىزگە يېڭىدىن سالماقچى بولغان ئىشخانا بىناسى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىشلارنى بېجىرىش بىلەن بولدۇم. مۇشۇ كۈنلەردە يېتىشىپ بولالمايلا قېلىۋاتىمەن دېسە. #~URLN  
\e:FmG  
  ئابدۇللا گەرچە ساۋۇت مۇدىرنىڭ تاتىرىپ، سارغىيىپ كەتكەن چىرايى، رەتسىز تۇرقىدىن ئۇنىڭ ھېلىلا قايسىدۇ بىرەر سورۇندىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن چاندۇرمىدى. x|v[Dxf]  
 
ـ شۇڭا دەيمەن، يا يۇقىرىدىن مۇئاۋېن مۇدىردىن بىرەرنى سەپلەپ بەرمىدى، يا سىلىمۇ بىزدەكلەرنى ئۆستۈرۈشنىڭ يولىنى قىلمىدىلا، مۇشۇنداق چوڭ مەكتەپتە ھېلىمۇ ئۆزلىرى يالغۇز يېتىشىپ كېتىۋاتىدىلا. سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىسىلا جۇمۇ مۇدىر! L\:YbS~]  
@0UwI%.  
- ھە، كۆڭلۈمدە سان بار، ئېپى كەلسىلا،ئالدى بىلەن يۇقۇرىغا سىلىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە دوكىلات يوللايمەن، ئالدىرىماي تۇرۇڭلا، ھەر ئىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولىدۇ. خاتىرجەم ئىشلەۋېرىڭلا، ئالدىنقى قېتىم سىلىنى مەكتىپىمىزنىڭ تەكلىپلىك مۇئاۋېن مۇدىرلىق سالاھىتى بىلەن ئىشلەيدۇ،دەپ  ئېلان قىلدىمغۇ؟ يادىڭلىدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟- مۇدىر شۇ گەپنى دەۋېتىپ، تاماكا تۇتاشتۇرغاچ بىر دەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى – شۇڭا دەيمەن مەكتەپتىكى ئوقۇتۇشقا دائىر ۋە كادىرلار ئىنتىزامىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مېنىڭ ئورنۇمدا خاتىرجەم قىلىۋەرسەڭلار بولىۋېرىدۇ، ئاقىۋىتىگە مەن ئىگە!- مۇدىر ئاخىرىقى گەپلەرنى قولىنى سىلكىپ تۇرۇپ كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتتى. -wtTq ph'  
o >Rw}R  
ـ شۇ، مەنمۇ سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك ئىشلەي دەۋاتسام، بىر قىسىملار باشقۇرۇشۇمغا بويسۇنماي.... EAC(^+15K  
Y1yXB).AH8  
-نېمە، باشقۇرۇشۇمغا بوسۇنماي؟ قانداق دېگەن گەپ بۇ!؟ q-3J.VLJ5H  
kKxL04  
ساۋۇت مۇدىرنىڭ چىرايى جىددى تۈس ئېلىپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ،ساڭگىلاپ تۇرغان ئىڭەك گۆشلىرى لىپىلداپ كەتتى.  
U5On-T5  
- دەرھال كاتىپقا ئېيتىڭلا، رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگە خەۋەر قىلسۇن، ھازىرلا يىغىن ئاچايلى. مۇدىرنىڭ ئەلپازى بىردىنلا سۈرلۈك تۈسكە كىرگەن ئېدى. vGPf`2/j.  
fz<|+(_>J  
   ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىتىگە جايلاشقان كىچىككىنە مەجلىسخانىدىكى چىلانرەڭ يىغىن شىرەسىنىڭ ئەتراپىغا مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلام مەسئۇللىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقانىدى. ئېلىپپىس شەكىللىك يىغىن شىرەسىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچى تەرىپىگە قويۇلغان چۆرگىلىمە ئورۇندۇققا پاتماي دېگۈدەل ئولتۇرغان سا مۇدىر يېڭىلا قىردۇرۇپ مايلاپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدىغان سىلىق بېشىنى يېنىك بىر قۇر سىلاپ قويغاندىن كېيىن، كانىيىنى قىرىپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى. r|\5'ZMx  
EaM"=g  
- بۈگۈن يولداشلارنى بۇ يەرگە يىغىشتا جىق ئىش يوق، پەقەت مۇزاكىرە قىلىشقا تېگشلىك بىر قانچە  مەسىلە بار. =A0"0D{\  
DJ 1XN pm  
ساۋۇت مۇدىر «قېنى گېپىڭلىنى قىلمامسىلە» دېگەندەك بېشىنى يىنىككىنە كۆتۈرۈپ ئابدۇللاغا  مەنىلىك قاراپ قويدى. ="5k\1W1M  
lQp89*b?=U  
ئابدۇللا ساۋۇت مۇدىرنىڭ كۆز ئىشارىسىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇ دەماللىققا ئېغىز ئېچىپ كەتمەي، باشىقىلارنىڭ روھى ھالىتىنى كۆزىتىپ باقماقچى بولغاندەك بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. dT0^-XSY  
2p$n*|T&c  
- بۇ مۇنداق ئىش ئاغىىنىلەر،-دېدى ئابدۇللا چېكىپ ئاز قالغان تاماكىسىنى كۈچەپ بىر شورىۋەتكەندىن كېيىن،- بەزىلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرتكۈزۈپ، كەسپىي خاتالىق سادىر قىلغان. يەنە تېخى كەسپىي ئىشلەكلەرنى تولۇق ئىشلىمىگەن، خىزمەت تەقسىم قىلساق بويۇنتاۋلىق قىلغانلارمۇ بار! Hl^aUp.c  
4cXAT9  
ـ شۇنداقلارمۇ بارمۇ تېخى، بىر-بىرلەپ دەڭلا قېنى،-دېدى ساۋۇت مۇدىر ئابدۇللاغا قاراپ،- باشقىلار راۋرۇس ئىبرەت ئالغۇدەك  قاتتىق بىر تەرەپ قىلمىساق بولمىغۇدەك جۇمۇ بۇلارنى. '|YtNhWZ?  
sow bg 
-ئۇنىڭ بىرى ماتېماتېكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى راخمان،-دېدى ئابدۇللا قانداقتۇ يىغىن سەھنىسىدە ھاياجانلىق نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندەك جاراڭلىق ئاۋازدا،-ئۇ تۈنۈگۈن يېرىم كۈن خىزمەت قالدۇرغاننى ئاز دېگەندەك بۈگۈن قارىسام، ئىمتىھان قەغەزلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەكشۈرتكۈزۈپتۇ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەمغۇ بىر نۆرى، بۇنىڭغا قارىتا گەپ قىلسام، مەندىن چوڭ تېگىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىمقى ئىچكى ئىشلەكلەرنى تەكشۈرگەندىمۇ تاپشۇرۇق بېرىش قېتىم سانى، دەرس تەييارلىق دەپتىرىنىڭ بەت سانى، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ئەندىزە بويىچە تەييارلىنىشى ئۆلچەمگە توشمايدۇ! قەتئىي پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلمىساق بولمايدۇ جۇمۇڭلار. ~&wXXVK3  
i;[h 9=\/  
- يەنە بىرى كىم ئۇ؟- دېدى مەكتەپ مۇدىرى ئېرەنسىزلىك بىلەن كىمدۇ بىرىگە تېلېفۇن ئۇرماقچى بولغاندەك قول تېلېفۇنىنىڭ نومۇرلىرىنى بېسىپ تۇرۇپ. 96.IuwL*.s  
zrLhQ3V#>  
- يەنە بىرى، - دېدى ئىلمىي مۇدىر ئابدۇللا چالۋاقاپ،-ئەدەبىيات ئىشخانسىدىكى ئەخمەت. بۈگۈن ئۇنىڭغا تەربىيلىنىشكە كەتكەنلەرنىڭ دەرسىنى تەقسىم قىلسام، «خىزمەت مىقدارىم ئېشىپ كەتتى، باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا تەڭشەپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئويلىشپ باقساڭلار»دەيدۇ تېخى، ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۆرلەپ كەتتى! «نېمە دەيدۇ ماۋۇ تۈنۈگۈن كەلگەن ماڭقا ئادەمگە ئىش ئۆگىتىپ، ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ قىلساڭ قىل، قىلمىساڭ يوقال!» دېۋىدىم، «قولۇڭدىن كەلسە، كېسىۋال» دېگىنىچە ئالدىمغا ھۈرپىيىپ كەلدى، تاس قالدىم ئۇرۇپ سالغىلى، تەستە ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ يېنىپ چىقتىم! ,3wI~ j=  
20 jrv'f  
- راخماننىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەكشۈرتكۈزگەن ئىشى ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى سەلبى تەسىرىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىساق، كېىيىنكى خىزمەتلىرىمىزگىمۇ ئېغىر تەسىر يېتىدۇ،-دېدى ئابدۇللانىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ھەمدۇللا ئىلمىي مۇدىرنىڭ پىكىرىنى ياقىلاپ. PRMZfYc  
5 T!&r  
- مېنىڭچىمۇ بۇ كىچىك ئىش ئەمەسكەن، مۇۋاپىق چارە كۆرمىسەك بولمايدۇ! zXj>K3M  
EwTS!gL  
- شۇنداق قىلايلى، ھېچ بولمىسا پەسىللىك باھالاشتا لاياقەتسىز قىلساقمۇ بولىدۇ. 2;&mkc K'  
=fY lzZh  
ـ قەغەز تەكشۈرۈشكە كەتكەن ۋاقت بويىچە  سەۋەبسىز ئىش قالدۇرغان ھېسابلاپ، بەلگىلىمە بويىچە جېرىمانە تۆلىسۇن! G"}qV%"6"  
6(:)otz  
ـ بۇنداق قىلساق يېنىك بولۇپ قالارمىكىن، بۇ بىر كەسپىي خاتالىق تۇرسا! Tsu\oJ[  
4"LPJX)Q  
-ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئۆزىنى تەكشۈرسۇن! 8a7YHUL<3i  
K/DH / r  
يىغىن قاتناشچىلىرى راخماننىڭ ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە بەس-بەستە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. R j-jAH  
|n)<4%i8J  
ـ ئوبدان ئويلاپراق بىر نەرسە دەڭلا يولداشلار،-دېدى مالىيە مۇدىرى  ياسىن سۆز قىستۇرۇپ، - راخماننىڭ بىزگە ئەسقاتىدىغان تەرەپلىرىنىمۇ ئويلاڭلار، مۇشۇ بىر ئىشتا بۇنچە يەڭگىلتەكلىك قىلساقمۇ بولماس، X!o@f$  
Q< dba12  
مالىيە مۇدىر «بىزگە ئەسقاتىدىغان تەرەپلىرى» دېگەن ئىبارىنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى. دېمىسىمۇ، راخمان ئۆزىنىڭ چاقچاق،يۇمۇرلىرى  بىلەن سورۇننى چاڭ كەلتۈرىۋېىتىدىغان ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. مەكتەپنىڭ ھەر قانداق شەكىل ۋە نامدىكى چوڭ-كىچىك سورۇن، بەزمە-باراۋەتلىرىدە راخمان تەكلىپ قىلىنماي قالمايتتى.بۇ يەردە راخماننىڭ  مۇشۇ تەرىپى كۆزدە تۇتۇلغانىدى. hw*1gm  
%oR>Uo  
- ياسىننىڭ گېپى ئورۇنلۇق بولدى،- دېدى مۇدىر سىنچى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ،- راخماننى باشلانغۇچ مەكتەپتىن يۆتكەپ كېلىشكە ئاز كۈچ چىقارمىدۇق، ئەسلى ئۇنىڭغا دەرس تەقسىم قىلمىساقمۇ بولاتتى، لېكىن يولداشلار ئىچىدىكى تەسىرنى دەپلا  بىر سىنىپنىڭ دەرسىنى بەردۇق. ئۇنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا ئانچە ئارلىشىۋالمىساڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە راخماننىڭ ئاكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. CPVmF$A-  
]?M)NRk%S  
- ئۇنداق بولسا بۇ خىزمەتنى ئۆزەڭلەر ئىشلەڭلار، مەن ئىشلىيەلمىگۈدەكمەن، - دېدى ئىلمىي مۇدىر ئاچچىقلاپ،- مۇشۇنداق ئادەملەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بەرمىسەڭلار، مەن قانداق ئوقۇتقۇچىلارنى  باشقۇرىمەن؟ 'P,, 
~+=E"9Oo  
- ھەي، ھەي، ئۇنداق دېيىشىپ كەتمەيلى، ئەمدى بەزى ئىشلارنى بەك پىرىنسىپ بويىچە قىلىمىز دەپ كەتسەكمۇ ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىمىز، بەزىدە ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتمىساقمۇ بولمايدۇ! يا بولمىسا، راخماننىڭ دەرسىنى بىكار قىلىۋېتىڭلار، مەكتەپنىڭ باشقا قوشۇمچە ئىشلىرىغا ياردەملەشسۇن! ئەمدى  كېيىنكىسىنىڭ ئىشىنى دېيىشەيلى. q1jN]H  
brfKd]i  
- ئەخمەتنىڭ ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىپتۇ، مېنىڭچە ئويلىنىپ باقساق، بىر سىنىپ بىلەن ھەپتىسىگە 20 سائەت دەرس ئۆتۈش ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ،-دېدى ھەمدۇللا چۈشەندۈرۈپ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى قوش تىل بويىچە تەربىيلىنىشكە كەتكەندىن بۇيان ئىككى بالىسى بىلەن تېخىمۇ قىيىنچىلىقتا قالدى، مېنىڭچە ئۇنىڭ دەرسىنى  باشقىلارغا مۇۋاپىق تەڭشەيلى! YroNpu]s  
dGU8+)2cn  
- نېمىسىگە ئېغىر كېلىدۇ، بىزمۇ ياش ۋاقتىمىزدا شۇنداق ئىشلەيتۇق، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا، بىزگە نېمە ئامال، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق يوق؟ بىزنىڭ خەقنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز يوق-تە!-دېدى ئابدۇللا زەردە بىلەن. Hxn<(gd G  
%6Rn 4J^^  
- ئۆتكەندە  ئەخمەت ئىشخانامغا كىرىپ نېمە دەيدۇ دېمەمسىلە،-دېدى مۇدىر بىردىنلا قىممەتلىك بىرنەرسىنى تېپىۋالغاندەك ھىجىيىپ تۇرۇپ،- «مېنىڭ خىزمىتىمنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلرىمغا شارائىت يارىتىپ بەرسەڭلار» دەيدۇ. l^ Rm0t_  
GyuV %  
- بەللى، بەللى شۇنداقمۇ دەمدۇ تېخى؟  سىلى نېمە دەپ جاۋاب بەردىلە مۇدىر؟- دېدى سىياسى مۇدىر. F;-90w  
d+Ds9(gV  
ـ نېمە دەيتتىم؟ -دېدى مۇدىر چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ،- سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ئاۋۇتۇشقا بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز كېمەيتىشكە بولمايدۇ،ئىقتىدارىڭىزغا يارىشا  قانچە كۆپ دەرس ئۆتىسڭىز، ئوقۇغۇچىلار شۇنچە كۆپ مەنپەئەت ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىلىپ قېلىڭكى، بۇ يەر ئوقۇتۇش ئورنى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەمەس، سىزنى كىم يېزىڭ دەپ مەجبۇرلىدى؟ ياخسىسى يازىدىغان ۋاقتىڭىزنى خىزمەتكە سەرپ قىلىڭ، دېدىم 4~Dax)  
VyY.r#@  
- دېمىسىمۇ راست ئەمەسمۇ؟ يازسا ئۆزىگە يازىدۇ، بىزگە قىلىپ بېرىۋاتقاندەك دەۋاتقان گېپىنى! @iRO7 6m  
~ # q;bS  
ـ ھاي، ھاي ئۇنداق دەپ كەتمەڭلا ئاغىينىلەر،-دېدى مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۆز قىستۇرۇپ،- ئەخمەتنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرى  يېقىنقى  بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزۈڭلارمۇ كۆردۈڭلار، يېقىندا بىر ھېكايىلار توپلىمى نەشىر قىلىنىدى، ئاڭلسام بىر رومانغا تۇتۇش قىپتۇدەك، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەممەيلەننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس، مۇۋاپىق قوللاپ، ئىلھام بەرگەننىڭ نېمىسى يامان؟  بۇمۇ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق، مەكتىپىمىز ئۈچۈنمۇ  بىر شەرەپ ئەمەسمۇ؟ |(RZ/d 
GG+5/hU  
-قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق شەرەپ!- دېدى باياتىن تېلېفۇندا تورغا چىقىپ، ئويۇن ئويناپ گەپكە ئانچە ئارىلاشماي ئولتۇرغان مۇئاۋېن ئىلمىي مۇدىر،- ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ مەكتەپ بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ 8%-%AWF]  
@ hsbq  
- شۇڭا دەيمەن، كىتابى چىققان بىلەن بىرەر قېتىم مېھمان قىلىپمۇ قويمىدىغۇ بىزنى؟ m8HYW zN  
G0/>8_Q>Nr  
-ئۇنىڭسىزمۇ ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغۇ؟ بىرەر قېتىم داستىخىنىنى كۆرمىدۇق. :<%vE!$  
eE9|F/-L  
- ئۆتۈپ كەتكەن پىخسىق نېمە ئۇ؟ مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ كىتابتىن باشقىسىغا پۇل خەجلىگىنىنى كۆرمىدىم! ئاڭلىسام، ئايالى ئوقۇشقا كەتكەندىن بۇيان پىخسىقلىقىدىن تاماقنى ئۆزى ئېتىپ يەرمىش! ھا...ھا...ھا... -ek1$y9)  
v~`*(Hh  
- مەن بۇ ئاداشنىڭ ئازراق سارىڭى بارمىكىن دەيمەن، قانداق دېسەڭلا ئۆزى يا بىرسىنى مېھمان قىلمايدىكەن، يا سورۇنغا چاقرساق، ئۇنى-بۇنى باھانە قىلىپ بارمايدىكەن، پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدىغان يىتىمكىنا ئۇ؟ :o l6%Z's  
FF3&Y^+^"  
- «يازغۇچى دېگەننىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ، ئۆزى بىلەن ئارىلاەشمىغۇلۇق» دەپ ئاڭلىغانمەن. wI>h%y-%!  
U3N(cFXn  
- ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارىلاشسا ، ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويىدىكەن، ساڭا ھەدېسە ئەقىل ئۆگىتىمەن دەپلا تۇرغان! 5y}BCY2=/  
sxk*$jO[]  
-ئا جۈرىن  قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئويلىغان بولسا، شۇنداق قىلايلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئا جۈرىننى ھاقارەتلەپتۇ ئەمەسمۇ؟ p>&S7M/9  
19) !$Hl  
- قاتتىق بىر تەرەپ قىلمىساق بولمىدغۇدەك ئۇنداق بولسا. V $>"f(  
p&uCp7]U  
- بولدى، ئەخمەتنىڭ ئىشى كىچىك ئىش ئەمەسكەن، بۇ ھەقتە ئايرىم بىر كۈنى مەخسۇس يىغىن ئاچايلى،  ھازىر باشقا گەپنى قىلايلى!- دېدى مەكتەپ مۇدىرى كەسكىن  تەلەپپۇزدا،-ئاڭلىسام يېقىندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم ئېڭى سەل بوشاپ قاپتۇ دەيدۇ، خالىغان ۋاقىتتا سىرتقا چىقىپ كىرىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قاپتۇمىش، كىمكەن شۇ يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، خىزمەت تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمايدىغان؟! بۇ مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرمايلى، ئەتىدىن باشلاپ ھەممىمىز نۆۋەت بويىچە يولداشلارنىڭ خىزمەت ئىنتىزامىغا مەسئۇل بولىمىز،بولدى،  ئەتە مەندىن باشلايلى، كېچىككەن، بالدۇر قايتقان، خالىغانچە كىرىپ چىقىدىغانلار بايقالسا، بىر-بىرلەپ خاتىرىلەپ، يۈز خاتىرە قىلماي، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەمىسە يىغىن مۇشۇ يەردە تۈگىدى، باشقا پىكىر بارمۇ؟ Y6a$gXRT  
v?}pi  
- باشقا پىكىرغۇ يوق دېدى،-ئىلمىي مۇدىر ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ،- باياتىندىن بېرى بەك چارچىدۇق، - يىغىننىڭ ئاخىرىنى بىرەر يەردە سورۇن تۈزۈپ، پاراڭلاشقاچ چىقارمامدۇق؟ /xJY7yF  
UFL0 K  
-ياغدەك بەلەن گەپ قىلدىڭلار ئاداش! Nv{eE<<6  
7fUi?41XA  
- شۇنداق قىلايلى! Ae.]F)w_\  
GgT=t)}wu  
كۆپچىلىك تۇشمۇتۇشتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. FRc  |D  
8.PXTOhVL  
-ئۇنداق بولسا،-دېدى ساۋۇت مۇدىر مالىيە مۇدىرىغا،-دەرھال «ئارامبەخىش رېستۇرانى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھېلىقى «خانتاجى ئايرىمخانىسى»غا بىر ئۈستەللىك «خىزمەت تامىقى» ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ھە راست، راخماننى چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ! n|J.)E.  
py}.00it  
ئەتىسى مەكتەپتە نورمال خىزمەت باشلاندى، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن تەڭلا ئوقۇتقۇتقۇچىلار ئالدىراپ دەرسكە كىرىپ كېتىشتى. پەقەت ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ تۇرغان بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى ئۆز ئارا پەس ئاۋازدا پاارڭلاشماقتا ئىدى. G[y&`Qc)G  
,.J<.#D3 J  
ـ ھەي، بۈگۈن مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ ھېچقايسىسى كۆرۈمەيدىغۇ؟  
H f!9`R[  
-ھەمدۇللا بىلەن ئىشخانا مۇدىرىدىن باشقىسى يوققۇ راست! WT;.>F  
)i},@T8[  
- ئاخشام تاڭ ئاتقىچە ئىچىشىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. 6z1aG9G  
d#X&Fi   
-ئۇلار دائىم ئولتۇرۇش قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى چىقالمايدۇ، ھېچبولمىسا چۈشكىچە چىقمايدۇ ئاغىنىلەر. PR48~K,?  
DQL06`pX/  
-شۇنى دەيمەن،مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ھېچكىمنىڭ كارى يوق، بىز بىرەر ئىككى مىنۇت كېچىكىپ قالساق قەدەمدە بىر يوقلىما قىلىپ ئارام بەرمىگەن، بۈگۈن يوقلىما يوق كۈن بولىدىكەن-دە! ~YR <SV\{  
~(w=U *  
  كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ئاخىرىقى غازاڭلىرىنى ئۇچۇرۇپ باراتتى.بايا پاراڭلىشىپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدىكى گەپدان، سۆزمەنلەر ۋە پۇرسەت بولسىلا كۆزنى غەلەت قىلىپ، كوچا چىڭدايدىغانلاردىن بىرقانچىسى ئاللىكىملەرنىدۇر مازاق قىلىشقىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېتىشىۋاتاتتى. * K0j5dx  
FFD*e-i  

koksangun 2012-08-15 22:33
مۇشۇنداق ھېكايىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ، نەسىردىن مۇئەللىم . غەزەللىرىڭىزدىن بىر قانچىنى سۇنىۋەتمەمسىز؟

شاپ 2012-08-16 00:37
دەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.ئەسىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

kamalat 2012-08-16 11:24
خۇددى بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئىشتەكلا  يىزىلىپتۇ. ھەممە ئىش شۇ مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھەل بۇلۇپ كىتەرمۇ ئەمدى؟!

ئادىلە 2012-08-18 10:27
رەھمەت سىزگە...

tawpek 2012-08-18 12:10
بىزنىڭ مەكتەپنى يىزىپتۇ، Z%HEn$t  
.xc/2:m9  
مەكتەپ ئىشخانىسىدىكىدىن باشقا تورلارنى توختىتىڭلار، سىمسىز تورنىڭ مەخپى نومورىنى ھىچكىمگە دەپ بەرمەڭلار ، ئوقوتقۇچىلار ئامال بار مەكتەپكە خاتىرە كومپىيۇتىرىنى ئەكەلمىسۇن دىگەن سىياسەتتە مەكتەپتە تورغا چىقالماس بوپ قىلىپ باشقا ئوقوتقۇچىلار ئارامغا كىرىپ ماڭا بولسىمۇ شارائىت يارتىپ بىرىشنى ئىيىتقاندىمۇ شۇنداق دىگەنتى. z7us*8X{  
$=QGua V  
تور بەت ئىچىش شەخسى ئىش، مەكتەپ ۋە مائارىپ بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى. J^+$L"K  
ئۇنىڭ بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ قويۇڭلار توردىن ئىش چىقسا بىزنىمۇ سۆرەپ ماڭمىسۇن يەنە.ئاڭلىسام بىر پۇڭلۇق پايدىسى يوقمىش. ساراڭمىكىن دىسە تىخى. y\f8Ird  
1n5e^'z  
شۇندىن بىرى ئوپچىۋاي كىپ قالمىسا ئەسسالامغا قولۇممۇ يوق.

alga~nap 2012-08-20 13:52
引用第5楼tawpek于2012-08-18 12:10发表的 : بىزنىڭ مەكتەپنى يىزىپتۇ، مەكتەپ ئىشخانىسىدىكىدىن باشقا تورلارنى توختىتىڭلار، سىمسىز تورنىڭ مەخپى نومورىنى ھىچكىمگە دەپ بەرمەڭلار ، ئوقوتقۇچىلار ئامال بار مەكتەپكە خاتىرە كومپىيۇتىرىنى ئەكەلمىسۇن دىگەن سىياسەتتە مەكتەپتە تورغا چىقالماس بوپ قىلىپ باشقا ئوقوتقۇچىلار ئارامغا كىرىپ ماڭا بولسىمۇ شارائىت يارتىپ بىرىشنى ئىيىتقاندىمۇ شۇنداق دىگەنتى. تور بەت ئىچىش شەخسى ئىش، مەكتەپ ۋە مائارىپ بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى. .......
R;ug+N  
------ $B/cj^3  
«گەپكە گەپ كەلگەندە ئاتاڭدىن يانما دەپتىكەن »كونىلار .  ئىت قاۋار ،كارۋان يۈرەر . ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان يولدا ماڭسىڭىزلا بولدى. باشقىلار بىركۈنى ۋاقاپ توختايدۇ.

ayhenim926 2012-08-31 22:55
تېمىسى ئەجەپمۇ يارىشىپتۇغۇ

ئىدىقۇت 2013-12-13 15:28
ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن بۇ ، مائارىپ سىپىمىزدىكى بىر قىسىم قابىليەتسىز رەھبەرلىرىمىزنىڭ «ياخشى خۇلۇقلىرى » نەق يىزىلىپتۇ جۇمۇ!!


查看完整版本: [-- يېڭى لەتىپە(ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled