(ئاپتۇر-ئىلى ئوبلاستتى چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
_uZVlu@
gM&4Ur
يۇرتىمىز گۈزەل ئانا يۇرت تەۋەسىدىكى قەدىمى يېزىلارنىڭ بىرى. سۇيى مول ،خەلقى خۇش –چاقچاق ،مېھماندۇستلىقى بىلەن يىراق- يىقىندا نامى بار . شۇڭىمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ بۇ يەردىن ئايىقى قىش –ياز ئۈزۈلمەيدۇ. @Uqcym.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر يىرىگە قورۇلۇش سېلىنىش باھانىسى چىقىۋىدى ، يېزىمىز شەھەرلىكلەربىلەن توشۇپ كەتتى. نېمىشقا دەمسىز ؟ شۇ ئۆيلۈك يەر ئېلىش ئىشى بىلەن بولمامدۇ؟ مانا نەچچە يىللاردىن بۇيان بىكار تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنىڭ ئەمدى قىممىتى چىققىلى تۇردى. بەزىدە توۋا دەپمۇ قالىدۇ كىشى . شەھەرنىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىدا ،پەقەت تۆت تامنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانلار بۇ ئاسمىنى كەڭ زىمىنغا چىقىپ ، ھەيران بولۇشتى. دېمىسىمۇ يىللاردىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان يەرلەر ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى يەرنى ئالغىلى تۇردى. دەسلەپ ساددا يېزىلىقلار بۇ يەرلەرنى ئەرزان باھادا ساتتى. كىيىنچە ئىش ئۇنداق بولمىدى. يەرباھاسى ھەسسىلەپ ئاشقىلى تۇردى. شۇ سەۋەپ بىلەن نۇرغۇ ن كۈلكىلىك ، ئېچىنىشلىق ئىشلار چىققىلى تۇردى. !_?#f|
يېزىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن بىر ئۆستەڭ قورلۇشى ئۆتۈش سەۋەبى بىلەن كونا قەبرىلەر كۆچۈرۈلدى. دەسلەپ بۇ ئىشقا كىشىلەر ئانچە ئېرەن قىلمىدى. كىيىن ھۆكۈمەت بىر قەبرىنى كۆچۈرگەنلەرگە مۇنچە پۇل بىرىمىز دېۋىدى ، بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىگىسى چىقىپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە يېزىمىزدا «قەبرە تالىىشش جېڭى »باشلاندى. ئاتا –بۇۋىسىنىڭ قەبرە بېشىنى ئۆمرىدە بىرەر قىتىممۇ يوقلاپ قويمىغانلار ، مۇشۇ كۈنلەردە ۋاپادار پەرزەنت بولۇشۇپ ،قان كېچىپ چىگرا ئايرىدى. ئاڭلىسام بىرى باشقىلارنىڭ كولاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، مەخسۇس تانا تارتىپ دائىرە بەلگىلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ دائىرىسىگە باشقا بىرىنىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسىمۇ كىرىپ كىتىپتىكەن ھازىر ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ زادى كىمنىڭ دادىسى ئىكەنلىكى توغورسىدا سوتلىشىپ يۈرەرمىش ... &"=
يېزىمىزدىكىلەرنىڭ ئاجايىپ بىر ئالاھىدىلىكى بار .ئۇبولسىمۇ لەقەم قويۇش . ئۇلار لەقەم قويۇشقا شۇنداق ئۇستىدىكى ،ئاي –ھاي ،بەزىدە قويغان لەقەمگە ھەيران قالسىز . شۇ سەۋەپتىنمۇ يېزىمىزدا لەقەمسىز يۈرگەنلەر تولىمۇ ئاز. بەزىدە ھەتتا بىر كىشىنىڭ لەقىمى بىر جەمەتنىڭ ،بىر مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ قالغان ئەھۋاللارمۇ بار تېخى. K QCF "
يوقۇرقى مەھەللىدە بىر قانچە چوكان ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ تەڭلا دېگەندەك تۇل قالدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىزنىڭ ھېلىقى قىزىقچىلىرى ئۇلارغا :« ئولتۇرۇپ قالغانلار مەھەللىسى »دەپ نام قويىۋالدى. بۇ ئىشنى ئېغىر ئالغان مەھەللىسىدىكى چوڭلار دەپ يۈرۈپ ، ھېلىقى چوكانلارنى قايتا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىدى. خۇددىي كېلىشىۋالغاندەكلا بۇ چوكانلارنىڭ تويى بىر ھەپتە ئىچىدىلا بولۇپ ھەممىسى ياتلىق بولۇپ كېتىۋىدى كىشىلەر ئۇلارغا :«توي بولدى مەھەللىسى »دەپ يەنە يېڭىچە نام بىرىشتى. قەبرە كۆچۈرۈشتە نامى چىققان بىر كوچىنى «ئەرۋاھلار كوچىسى »دەپ ئاتىۋالدى. مانا مۇشۇنداق «ساۋادسىزلار كوچىسى »، « كادىرلار مەھەللىسى »، « بويتاقلار كوچىسى » دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان كوچىلار ،مەھەللىلەر ئارقا –ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. BP=
بەزىدە ھەيران قالىمەن. يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىلمامدۇ ياكى خەلققە «ھۆرمەت »قىلامدۇ ،بىلمەيمەن.ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تېزىملاش دەپتەرلىرىدە يەنىلا مۇشۇ «يەرلىك ئىسىملار ». ھەتتا ماۋۇ توك ،سۇ پۇلىنى يىققۇچىلارمۇ تالۇننىڭ بېشىغا ئاشۇ چىرايلىق مەھەللە نامىمىزنى تولۇق ئەسكەرتىدۇ.توي –تۆكۈن ،نەزىر –چىراق بارغاقلىرىمۇ يەنىلا شۇ نام. v(l:N@L
بىزنىڭ ماۋۇ مەھەللىمىزنى ھەممىسى «يەكپايلار مەھەللىسى »دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭغا بىز كۆنۈك . بۇ نام بىزگە مۇشۇ مەھەللىلىك ، مەھەللە دوقمۇشىدا كىچىك دۇكىنى بار «ئابلا يەكپاي»نىڭ نامىدىن كەلگەن. Oe&gTXo
ئابلا يەكپاي مەھەللىدىكى تۇرمۇشى ھاللىقلارنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇ مەھەللىدىكىلەردىن بۇرۇن مەھەللىنىڭ دوقمۇشىغا كىچىك دۇكاندىن بىرنى سىلىۋالدى. ئاڭلىساق ھېلىقى قەبرە كۆچۈرۈشتە ئابلا يەكپاي جان –پىدالىق بىلەن نورغۇن ئىگىسىز قەبرىلەرنى ئىگەللەپ كۆچۈرۈپ خىلى پايدا ئاپتۇدەك. \;0UP+
ئابلا يەكپاينىڭ دۇكىنىدا ئالاھىدە ماللارمۇ يوق . شۇ شەھەرگە چۈشۈپ ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ئېلىپ چىقىپ دۇكانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرگەن ئادەم خۇددىي بىر مىلىچ مال دۇكىنىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. قىززىق يېرى شۇكى ،ئۇنىڭ دۇكىنىدىن جۈپى بىلەن بىر نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كىچىك بالىلىرىغا ئاياق ئالماقچى بولغانلارغا ئۇ قەيەرلەردىندۇر ئەرزان باھادا ئېلىۋالغان بىر خالتا ئاياغنى تۆكۈپ بىرىپ تاللىۋىلىشنى ئېيتىدۇ. تەلىيى بارلىرى جۈپى بىلەن تاپىدۇ.بىراق ئىش شۇنداقلا بولمايدۇ. تولىسى تاپالماي ،ئامال يوق ، رەڭگى ئوخشاشلارنى بىرجۈپ قىلىپ بالىلىرىغا كىيدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىچارە يېزا بالىلىرى بىر پۇتىغا 7ياشلىق يەنە بىر پۇتىغا 10ياشلىق بالىنىڭ ئايىقىنى كىيىپ خوشال ھالدا دۇكاندىن چىقىپ كىتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئابلا يەكپاي »دەپ چىرايلىق لەقەمدىن بىرنى قويۇشتى. كىيىنچە بۇ نام بىر پۈتۈن مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ قالدى. 7*@BCu6
ئابلا يەكپاينىڭ دۇكىنى مەھەللە دوقمۇشىدا بولغاچقىمۇ ياكى بۇ مەھەللىدىكى بىردىنبىر ئادەم كىلىدىغان سورۇن بولغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر مەھەللىدىكى كىشىلەر قولى ئىشتىن بوشىغاندا بۇ يەرگە يېغىلىپ پاراڭ سېلىشىدۇ. بۈگۈنمۇ مەھەللىدىكىلەردىن ئەمەت پوقاق ، زۇنۇن تەخسىكەش ،قاۋۇل خوش –خوش ،مىجىت ھەيرانلار بۇ يەرگە يېغىلىشتى. h!
wd/jR
- بۇدۇنيادا ئاجايىپ قىززىق ئىشلار بولىۋاتىدۇ ،-دەپ گەپ باشلىدى مىجىت ھەيران ،- تۆۋەندىكى مەھەللىدىكى ئىسكەندەرنىڭ ئايالى ئۈچنى تۇغۇپتىكەن ،ئارىدا بىرى خوراز چىقىپتۇ دەيدۇ. O[ug7\cl+
- ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى ، خوراز دېگىنىڭ زادى نېمىسى ؟ - ئەمەت پوقاق گەپ قاتتى. (
c +M"s
- شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭما ؟ ئىككىسى مىكىيان ،بىرى خوراز دېگىنى بۇنىڭ ، - قاۋۇل خوش –خوش شۇنى دەپ بولۇپ مىجىت ھەيرانغا قاراپ ئېيتتى، -نەدىكى ئىشلارغا ھەيران قالىدىغان ئاداشكەنسەن . -~]]%VJP|
- ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدىدە، ئۇنىڭ ئايالى تولىمۇ توغۇمچان ئايال ئىكەن.ئالدىنقى قىتىممۇ ئىككىنى بىراقلا ئاتقان .مانا بۇ قىتىم ئۈچنى ئېتىپتۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئىسكەندەربىچارىنىڭ ئۆيى بالا بىلەن توشۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ. –دېدى مىجىت ھەيران تېخىمۇ ھەيران بولغان قىياپەتتە. dQI6.$?
- مۇشۇ ئاياللارنىمۇ زە ، ئىككىنى توققاندىن كىيىن بولدى قىلسا بولىدۇ. ئوغۇل تۇغىمەن دەپ يۈرەپ ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىدىن قېچىپ يۈرۈپ دېگۈدەك تۇغۇپتىكەن.بىراقلا ئۈچنى قوزىلاپتۇ. ئاللا شەرىڭنى ،ھازىر ئىسكەندەر بىچارە پوق –سۈيدۈككە كۆمۈلۈپلا قاپتىدە . ^TAf+C^Ry
- ئوغول نېمە ،قىز نېمە . ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ ئەمرى بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدۇ. پەرزەنتىلەرنى ئوغۇل قىز دەپ ئايرىش ،ئۇلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس، - ئابلا يەكپاي ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاقىلانە بىر پىكىر قاتناشتۇرغىنىدىن مەمنۇن بولۇپ ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. 838@jip
- بۇ قىتىم يەكپاي تۇغۇپتىكەن ،شۇڭا خوشاللىقىڭنى باسالماي قاپسەندە ، -گەپ قاتتى ئەمەت پوقاق . $`_xP1bUT
- دۇكاندا كۈلگە كۆتۈرۈلدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغاندا دۇكانغا بىرى كىرىپ كەلدى. كىرگۈچىنىڭ تۇرقى تولىمۇ ۋەيرانەبولۇپ ، ئۈستىگە كونىراپ كەتكەن چاپان كىيگەن، ئىشتىنىنىڭ بىر پۇشقىقى تىزىدىنلا يوق ،بىشىغا نورغۇن ئىسىملار يېزىلغان شىلەپە كىيۋالغانىدى. چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ ئۇنى تېخىمۇ قورقۇنچلىق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. j~O"=?7!O
- ۋوي ،ۋوي كەل سەزگۈر ئاشىق ،- جاي بوشاتتى زۇنۇن تەخسىكەش دەرھاللا. =/bC0bb{i
كىرگۈچى ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى.ئارقىدىنلا ئابلا يەكپايغا قاراپ بىرنى ئالايدى. ئابلا يەكپاينىڭ قورقۇپ چىرايىدا قان قالمىدى. ھېلىقى مېھمان قاۋۇل خۇش –خوش تۇتقان تاماكىنى ئالدى دە، تۇتاشتۇرۇپ ئالدىرىماي ئىچىگە تارتتى. ?e[]UO
-ھە ئاشىق ، ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ =HHb ]JE
- مەن بەختىگۈلۈمنى ئىزدەپ يارباققا باردىم،- ئۇ تۇيۇقسىزلا گەپ باشلىدى، - بەختىگۈلۈم مېنى تولىمۇ سېغىنىپتۇ. قاچان كېلىسىز دەپ يېغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىشلىرىمنى تۈگۈتىپلا سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن دېدىم. بەختىگۈلۈمنى ئىزدەپ يولدا بەك ئاۋارە بولدۇم ،شۇڭا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم. ئاللا ،ھەممە بەندىسىنى پاناھىدا ساقلىسۇن .ئىمانسىز جۇھوتلارنىڭ ئەدىبىنى بەرسۇن. PGA
`R
ئۇئەنە شۇنداق باش –ئايىقى يوق بىر نەرسىلەرنى بىر ھازا سۆزلىدى. ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈش ئەمەس چىقىپ كىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي جىم ئولتۇرۇشتى. ئۇ بىر ھازا سۆزلەپ يەنە تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.ئۇ ئىشىك يېنىغا بىرىپ كەينىگە قايرىلىپ قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ ماۋۇئىككى شئىرىنى ئوقۇدى: #