چېلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم
چېلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم Rh^$0Q*2
فىرانىز كافكا (ئاۋسترالىيە) U)6JJv b87d'# . كۆمۈر قالاپ بولۇندى. چېلەكتە كۆمۈر يوق. كۆمۈر ئۇسىدىغان گۈرجەكنىڭمۇ رولى قالمىدى. ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپ كەتكەچكە، ئۆي ئىچى سوغۇق ئىدى. دېرىزە سىرتىدىكى دەرەخلەرنى قېلىن قىرو باسقان، ئاسمان خۇددى كۈل رەڭ قالقاندەك، خۇدادىن مەدەت تىلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىلىكىنى توسۇپ تۇراتتى. ئازراق كۆمۈرنىڭ ئېپىنى قىلمىسام بولمايتتى، چۈنكى قاراپ تۇرۇپ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشنىڭ ئورنى يوقتە. كۆمۈرخانا خوجايىنىدىن ياردەم سورىماي ئامال يوق. ئەمما، ئۇ يېلىنىپ - يالۋۇرۇشلىرىمغا پەرۋا قىلماس بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا ئۆيۈمدە كۆمۈرنىڭ ئۇۋىقىمۇ قالمىغانلىقىنى دەي، دىۋانىدەك يالۋۇراي، غەزىپى كەلسىمۇ، ئىچ ئاغرىتىپ چېلىكىمگە بىرەر گۈرجەك كۆمۈر ئۇسۇپ بەرسە ئەجەب ئەمەس. )LUl? قانداق يوسۇندا بېرىشىم ئىشىمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش - چىقماسلىقىنى بەلگىلەيتتى. شۇڭا، چېلىكىمگە مىنىپ كۆمۈرخانىغا قاراپ يول ئالدىم، چېلەككە مىنىپ، چېلەكنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، بىنا پەلەمپىيىدىن دومىلىدىم. ئەمما، بىنادىن چۈشۈپ بولۇشۇمغا، چېلىكىم يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە باشلىدى. توۋا، ئاجايىپ قىزىق ئىشتە بۇ؟! چېلىكىم خۇددى چۆكتۈرۈپ قويۇلغان تۆگە ئىگىسىنىڭ قاتتىق ئۇرۇشى بىلەن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتكىنىدەك يۇقىرىغا ئۆرلىدى، ئاندىن تېز سۈرەتتە سوغۇق كوچىنى كېسىپ ئۆتتى. مەن ئىككى قەۋەت ئېگىزلىككىچە كۆتۈرۈلدىم، ئەمما زادىلا رەت - رەت بىنالارنىڭ ئىشىكىگىچىە پەسلىيەلمىدىم. مەن كۆمۈرخانا خوجايىنىنىڭ ئۆيى ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرەتتىم. كۆمۈرخانا خوجايىنى ئۆيدىكى كىچىك شىرەسىگە دۈمچىيىۋېلىپ خەت يېزىۋاتاتتى، ئۆيى ئىسسىپ كەتكەندەك ئىشىكنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتكەنىدى. #B[>\D"* _ خوجايىن! - دەپ ۋارقىرىدىم مەن. جىددىي چاقىرغان ئاۋازىم ئاغزىمدىن چىققان ئىسسىق ھور بىلەن قوشۇلۇپ قاتتىق سوغۇقتا بۆلەكچىلا ئاڭلىنىپ كەتتى، - خوجايىن، ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا ئازراق كۆمۈر بەرسىلە؟ قولۇمغا پۇل كىرگەن ھامان بېرىۋېتىمەن. XafyI*pOX كۆمۈرخانا خوجايىنى بىر قولىنى قۇلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى. NgQl;$ _ خاتا ئاڭلاۋاتمايدىغاندىمەن - ھە؟ _ دەپ سورىدى ئۇ ئوچاق يېنىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پوپايكا توقۇۋاتقان خوتۇنىغا بۇرۇلۇپ ، _ خاتا ئاڭلاۋاتمايدىغاندىمەن؟ بىر خېرىدار چاقىرىۋاتامدۇ نېمە؟ muLTYgaM _ مەنغۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىم، _ دېدى خوتۇنى قولىدىكى ئىشنى توختاتماي خاتىرجەم ھالدا. fr7/%{s _ بۇ مەن، كونا خېرىدارلىرى، ئەزەلدىن ۋەدەمدە تۇرۇپ كەلگەنمەن، ئەمما شۇ تاپتا قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى. [S% _ ھوي خوتۇن، _ دېدى كۆمۈرخانا خوجايىنى، _ راستكەن، بۇ يەردە ئادەم باردەك قىلىدۇ، خاتا ئاڭلىمىغان ئوخشايمەن. گېپىنىڭ يۇمشاقلىقىغا قارىغاندا چال بولسا كېرەك. WC
*e#QP _ سىلىگە نېمە بولدى، دادىسى؟ _ دېدى خوتۇنى توقۇۋاتقان پوپايكىسىنى كۆكرىكىگە قويۇپ بىر دەم دېمىنى ئېلىۋالغاچ، _ ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ، كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق، ھەممە خېرىدارلارغا كۆمۈر بېرىپ بولدۇق. ئەمدى ئىشىكنى تاقاپ، بىر نەچچە كۈن دەم ئالساقمۇ بولىدۇ. o:8*WCiqrN _ مەن شۇ تاپتا كۆمۈر چېلىكىنىڭ ئۈستىدە، _ دەپ ۋارقىرىدىم مەن يەنە. قاتتىق سوغۇقتىن ئىختىيارسىز چىقىۋاتقان ياش كۆزۈمنى خىرەلەشتۈرىۋەتكەنىدى، _ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قارىساڭلار مېنى كۆرەلەيسىلەر، سىلەرنى بىر گۈرجەك كۆمۈر بېرەمدىكىن، دەپ كەلگەنىدىم. مۇبادا ئىككى گۈرجەك بېرىۋەتسەڭلار سىلەردىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كېتەتتىم. باشقا خېرىدارلارنىڭ ھەممىسىگە كۆمۈر بېرىپ بوپسىلەر، ئەمدى ماڭىمۇ بېرىۋەتسەڭلار بوپتىكەن. _I1:|y _ مانا ھازىر، _ دېدى كۆمۈرخانا خوجايىنى. ئۇ دىقماق پۇتىنى پەلەمپەيگە ئېلىپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، خوتۇنى يېنىغا كېلىپ بىلىكىدىن تارتتى: eK)R=M@i _ سىلى بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسىلا، چىقىمەن دەپ تۇرۇۋالسىلا مەنلا چىقىپ قاراپ باقاي، تۈنۈگۈن كېچە قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىلىغۇ؟! ئۆپكىلىرىگە سوغۇق تېگىپ قالمىسۇن يەنە. Ub_!~tb}? _ ئەمىسە سەن چىقىپ ئۇنىڭغا كۆمۈرخانىدىكى كۆمۈرلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى دېگىن. مەن ساڭا باھاسىنى دەپ بېرەي. t5"g 9`A L _ بولىدۇ، دېدى خوتۇنى. V~%C me ئۇ كوچىغا چىقىپ مېنى كۆردى. + <4gJoI _ خانىم، _ ۋارقىرىدىم، _ سىلىگە سەمىمىي سالام! ماڭا پەقەت بىر گۈرجەكلا كۆمۈر لازىم ئىدى. كۆمۈرنى مۇشۇ چېلىكىمگە ئۇسۇپ بەرسىلە بولىدۇ. ئۆزۈم ئېلىپ كېتىمەن، ئەڭ ناچار كۆمۈر بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. قانچە پۇل بولسا تولۇق تۆلەيمەن، ئەمما ھازىر بېرەلمەيمەن. j' }4ZwEh
_ ئۇ نېمە ئالىدىكەن؟ _ سورىدى كۆمۈرخانا خوجايىنى. R}E$SmFg _ ھېچنېمە، _ دېدى خوتۇنى ئۈنلۈك ئاۋازدا، _ سىرتتا ھېچكىم يوق ئىكەن. ھېچنېمىنى كۆرمىدىم، ھېچقانداق ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىدىم. پەقەت سائەتنىڭ ئالتىگە جاڭ ئۇرغانلىقىنىلا ئاڭلىدىم شۇ. ئىشىكنى تاقىۋېتەيلى، نېمىدېگەن سوغۇق بۇ. قارىغاندا، ئەتە يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمىز. /)*si ئۇ ھېچنېمىنى كۆرمىدى ھەم ئاڭلىمىدى. ئەمما، پەرتۇقىنى يېشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۇچۇرىۋەتمەكچى بولدى. دېگەندەك راستىنلا ئۇ ئۇچۇرىۋەتتى. چېلىكىم تۇلپارغا ئوخشاش خىسلەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئىدى، بەكلا يېنىك ئىدى. شۇڭا، بىر ئايالنىڭ پەرتۇقى ئۇنى ئۇچۇرۇۋەتكەنىدى. #\l#f8(l _ ھۇ بۇزۇق، _ دەپ ۋارقىرىدىم مەن ئۇ ئايال مېنى كۆزگە ئىلماي كىرىپ كېتىۋاتقاندا، _ ھۇ بۇزۇق، ئەڭ ناچار كۆمۈردىن بىر گۈرجەك بەر دېسەممۇ ئۇنىمىدىڭ - ھە! 8O| w(z شۇنداق قىلىپ مەن مۇز تاغلار ئارىسىغا ئۇچۇپ بېرىپ كۆزدىن مەڭگۈ غايىپ بولدۇم. #9rCF 3P %zYTTPLZ 4K0Fc^-
تىل - ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك 3 (پروزا) |