nawbar |
2012-07-31 19:50 |
ئىككى نەسىر
Tg"? TZO~ n42\ty9 [ 3~bB2APk ئىككى نەسىر w&p(/y ئاپتۇرى: ئامىنەم(كەۋسەر) O=V_7I5 ئاي گۇۋاھ "FA.T7G بىلەمسەن گۈزىلىم ، مەن سىنى ئۇچراتقاندا سەن ئەمدلا توققۇز ياشلاردىكى مەسۇمە قىز ئىدىڭ ، مىنىڭدىن نەچچە ياشلا كىچىك بۇلشىڭغا قارماي بىر خىل تەمكىنلىك بىلەن ئىككى ئۇكاڭغا قاياش بولاتتىڭ .ئۇلار چۇلدۇرلاپ ئەتراپىڭدا ئايلىنىپ ئەمدىلا نەچچە قامدلىپ ئۇرۇلگەن چاچلىرىڭنىڭ ئۇچىنى تارتىپ ئەركىلەيتتى .، سەن كەم سۆز ، خىيالچان قىز ئىدىڭ .مەن شوخلۇقۇمدىن قېن قېنىمغا پاتماي جاھاننى ئوڭ تۇتۇر قىلغۇدەك ئەلپاز بىلەن ئانامنى ئەنسىرەتكەن ۋاقىتلىرىمدا خوشلۇقۇمدىن ئاھايلاپ كۈلەتتىم پەقەت سىنى كۆرسەملا كۈلكەم چىپپىدە توختاپ ساڭا قاراپ تۇرۇپ قالاتتىم چۈنكى مەن سىنى كۈلۈشنى بىلمەمدىغاندۇ ، دەپ ئويلىغاچقا كۈلكۈم ساڭا يۇچۇن كۆرنىدغاندەك چۆچۇپ قالاتتىم ئەمما دائىم سىنى مەسخىرە قىللاتىم مورىمەس كالىغا ئوخشايدۇ دەيتتىم . ئاشۇ كۈنى بىلمىدىم قايسى تەغدىرنىڭ چاخچىقكن ، ئانام مىنى سىلارنىڭ ئويدىن چاي ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇپ قالدى ، كىرسەم سەن پۇتۇڭغا كىچىك كۇرسىنى قۇيۇپ قازان بېشىدا تاماق قىلۋاتقان ئىدىڭ ،ئالدىڭدىكى پەشتاماڭ چوڭ كىلىپ قالغاچقا ئاياقلىرىڭدا يۆگشىپ تۇراتتى. Sx QA*}N - ھەي مىھرىبان، ئاپام سىلەرنىڭكىدە چاي بولسا بىرىپ تۇرسۇن دىگەن ئىدى،- دىدىممەن. سەن كەينىڭگە بۇرۇلۇپ قارىدىڭ ، كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كەتكەن ، كىرپىكلىرىڭگە ئېسىلىپ قالغان ئىىكى تامچە ياش لىغىرلاپ ياقۇتتەك جۇلالايتتى ،قىزارغان مەڭىزلىرىڭ بىلەن سەن كۈزۈمگە باشقىچىلا كۈرۈنۈپ كەتتىڭ ، سەن ۋەزمىنلىك بىلەن كەينىڭگە بۇرۇرلۇپ ئويگە كىرىرپ كىتىپ چاي خالتىسىنى كۆتىرىپ چىقتىڭ ۋە بىر سىقىم چاينى قۇلۇمغا قويدۇڭ ، قۇلۇڭ قۇلۇمغا تەككىنىدە بەدىنىمگە ئوت تۇتاشقاندەك شۇۋۇلدىغان بىر سىزىم بىلەن تىترەپ كەتتىم ، يېنىپ چىقۋېتىپ ھەيران قالدىم . ھەمدە مۇنۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم ، توۋا ...توققۇز ياش ھە ئۇ نىمە ياش تېخى ، قارمامدىغان ئۇنىڭ پىشىقلىقنى . مەن ساڭا قايرىلىپ قارغاندا سەن تۇۋاقنىىڭ ئۈستىگە خىمپەشنى [قازان ياپقۇچ، ھازىر بۇ ئاتالغائىشلىتىلمەيدۇ }يېپىپ چۆرىسىنى قىمداۋاتاتتىڭ ، كىچىك سىڭلىڭ ئوچاقتىكى ھۆل سوك سوكنى تۇتاشتۇراماي ھەدەپ پۇلەيتتى ، ئىستىا يۈزلىرى قاپقارا بوپ كەتكەن سىڭلىڭغا قاراپ كۆلگۈم كەلگەن ئىدى لىكىن كۈلەلمدىم، دەررۇ ئاپامنىڭ يەنە بىر گىپىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ئىسىمگە ئېلىپ ساڭا قاراپ دىدىم: Pb>/b\&JS -ئاپام سىلەرنى بىزنىڭ ئۆيدە تاماق يىسۇن دىگەن، ئۇكلىرىنى ئېلىپ چىقسۇن دەيدۇ . } L55UeP\ سەن يەنە شۇ ئادەمنى جىلە قىلىدغان تەمكىنلىكىڭ بىلەن: z8ZQL.z%h - ئاپام كەلسىلا چىقايلى ، دىدىڭ ۋە كەينىڭگە بۇرۇلۇپ ئىشىڭغا تۇتۇندۇڭ .ئاشۇ دەقىقە .......... ئاشۇ بىر كۈن سىنى ئويلاپ چىقتىم . ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ نىمىسى بىلەندۇ سىنى سېغىنىدغان ، سىنى بىر كۆرمىسەم كۈنلەر مەنسىىزى بىلىندىغان بولۇپ قالدى . سىنى چۈشەپ ئويغانغان دەملەردە ھويلاڭنىڭ ئەتراپىدا پەرۋاندەك ئايلاندىم ، يولغا قارايدىغان دېرىزلەرنىڭ ھىم ئىتىلگگن قاپقاقلىرىغا ، سۇۋادان تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ھويلا ئىچلىرىگە ھىرىسمەنلىك بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كېتەتتىم ، بۇنداق چاغلاردا شامال چىقسا سۇۋادانلارنىڭ شالدىرلاشلىرى سۈرلۈك ئاڭلىنىپ كۆڭلۈمدە چوڭلار دەپ يۈرردىغان شىۋىقەدرى كەلدىمكىن دەپ قوققنىمدىن بەدەر قاچاتتىم .ئەمدى بىلسەم ئاشۇ چاغلاردا مەن ساڭا ئاشىق بوغانكەنمەن . قاچانلاردا بۇنچە رەڭ تۇزەپ كەتكىنىڭنى بىلەلمىدىم بىر كۈنى مەكتەپ يولىدا روبىرو ئۇچرۇشۇپ قالدىم ، ئەمدى ئەسلىدىكى ئاشىقلىق بالاسى مىنى ساراڭلىق دەرجىسىگە يەتكۈزدى ، قاچانلا كۈزۈمنى يۇمسام سەن كۆز ئالدىمدا ، نازۇك سىمايىڭ . شەھلا كۆزلىرىڭ ، مۇلايىم تارتىنچاق تۇرقۇڭ كۆز ئالدىمغا كەلسىلا ئۇزۇمنى تولىمۇ بەختىيار ھىس قىللاتىم . كېچىلەر بىدار تاڭ ئاتقۇزغاننى ئاز دەپ كۈندۇزلىرىمۇ ئەتراپىڭدا پەرۋانە بوللاتىم ، مەن ئەمدى ئۆزگەردىم ئاناممۇ مىنى ماختاپ كېتدغان بۇلۇپ قالدى ، توۋا ئوغلۇم چوڭ بوپتۇ دادسى قارىسلا ، شۇنچە تەمكىن ، شۇنچلىك چوڭ سۇپەت ، دەپ كەتكەن مىنۇتلەدە بۇ قىلىقلىرىمدىن سۇيۇنگەن ئاپامغا ھەقىقى ئەھۋالنى دەۋەتكلى تاسلا قاللاتىم . مەن ساڭا يۇشرۇن كۇيۇپ يۇرگەن ئاشۇ يىللارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتالالمايمەن مىھرىبان ، چۈنكى سەن ماڭا مۇھەببەتنىڭ نىملىكنى بىلدۇرگەن تۇنجى قىزسەن. بىلمىدىم تەغدىرىم شۇنداقمۇ شۇ يىلى قىزىل يامراپ ھەر ئۈچ ئۆيدىن بىر بالا قىزىلدا تۈگەپ كتۋاتقاندا تەغدىر سىنى كۆز ئالدىمدىن يۇلۇپ كەتتى ، مىنڭ ىسىنى سېغىنىشلىرىمغا گۇۋا بولغان ئاي يەنىلا شۇنداق يارقىن ، يەنىلا شۇنداق جەزبىلىك ھالدا مەين نۇرلىرىنى سىپىپ تەمكىن كۇلۇمسىرەيتتى ، خۇددى سىنىڭدەكلا . مەن سىنى مەڭگۈلۈك يوقاتقىنىمنى بىلگىنىمدە قانچىلىك خۇدۇمنى بىلمىگنىمنى ئەسلىيەمەيمەن . ئەمما ھۇشۇمنى بىلگەندە بولسا نىمجان تىنىمدە ماغدۇر يوق ھالسىز ھالدا يەنە سىنى ئەسلىگنىمنى بىلمەن ، يىىللار ئۇزاپ يارقىن نۇرلار ئۆز رەڭگنى يوقاتقان بوسمۇ ئەمما سىنىڭ سىمايىڭ سۇسلىغىنى يوق مىھرىبان ، بۇنىڭغا ئاي گۇۋا ،ئاشۇ مىسكىن بېقىشلىرى بىلەن بارلىق تۇنجى سۆيگۇ ساھىپىلرىغا مەشۇغىنى ئەسلىتىدىغان مىسكن ئاي ھەممىگە گۇۋالىق بەرگۈسى. /Yp#`}Ii يار سوغىسى }q@#M8 b مەن سىنى سۆيەتتىم . پۇتۇن ۋۇجۇدۇم ۋە بارلىق كىلىتكىلىرىمدىمۇ سىنىڭ سىمايىڭ ئەكىسلىنىپ تۇراتتى ،ساڭا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ساڭا بەرسەم دەپ ئويلايتىم ، چۈنكى سەن بۇلارغا ئەرزىيتىڭ . ئەي جىگدە ئورمانلىقىدا يىلىم كولاۋاتقاندا ئۇچراشقان قىز.تارتىنغان تۇيغۇلىرىڭ بىلەن كۆزلىرىڭدىن بالقىغان ھودقۇش ۋە چۆچۇشلىرىڭدىن يۈرگۈم شۇۋۇلداپ كېتەتتى ، سەن مىنى كۆرسەڭ قاچاتتىڭ ، مىنى ئارماندا قۇيۇپ . &>*f J ^r\rpSN جىسمىم ئۈزۈمگە بوي سۇنماستىن سىنى ئىختىيار قىللاتىكى دىمغىمدىن تۇتۇنگە ئوخشاش بىر نەپەس چىقاتتى ، يۈرگۈمدە بىر ئوت يېلىنجاييتى. بۇرۇن بىر پادىشا مەشۇغىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاسمان پەلەك مۇنار ياساپ پۇتۇن دۇنياغا ئۆز سۆيگۈسىنى جاكالغانكەن، مەن قانداق قىلسام سۆيگۈمنى ساڭا بىلدۇرەرمەن دىلبەر؟ I$xZV?d. سەن نىمە ئېلىشنى ئىزدەيسەن ؟ سەن ساپ، ساددا سەھرا قىزى سەن . ساڭا ئارتۇقچە ھەشەم دەرەملىك ئالىي تۇرمۇشنىڭمۇ پۇل- پۇچەكنىڭمۇ كېرىكى يوق، بۇنى بىلمەن. ئەمما ساڭا بولغان سۆيگۈمنى ، سېغىنىشلىرىمنى ، ئەقىدەمنى مىھرىبانلىقمنى تەسەددۇق قىلسام. كۆڭۇل تۆرىمدىكى سۆيگۈدىن ياسالغان ئالتۇن تەخىتتىن ئۇرۇن بەرسەم قەدرىمگە يېتەرسەنمۇ قىزچاق ... مىنىڭچە بۇلارمۇ يەنىلا ساڭا ئازلىق قىلىدىغاندەك ، سىنىڭ پاكلىقىڭ ، ساددلىقىڭ ئالدىدا ھەممە نەرسە چۆكىنەم كۆرىندىغاندەك قىللاتتى ، مەن سىنى بۈيۈك بىر خانىشنى كۈتكەندەك تەۋەززۇ بىلەن ئالقانلىرىمدا پەپلەپ ئۇخلاتسام، ئارزۇلىرىڭغا ئارزۇلىرىمنى قاتسام ، كۆڭۇل تارىڭدىكى ئەڭ مەستخۈش كۇيلىرىڭنىڭ مۇڭىغا چۆمسەم... بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كېتەرمەنمۇ قىزچاق؟ مەن ساڭا سوۋغاتلىققا ئۆز ۋۇجۇدۇمدىكى بۈيۈك ئىستەكلىرىمنى سوۋغا قىلىمەن ، بۇ پادىشانىڭ نەچچە قەۋەت مۇناردىنمۇ ، ئالتۇن جابدۇق ، پۇل- پۇچەكتىنمۇ قەدىرلىك بولغان مەڭگۇلۇك ئەقىدەم ، سوغامنى قۇبۇل قىلارسەنمۇ قىزچاق؟ k
`-L?x2)U
l/X_CM8y~
|
|