yaxar |
2012-07-29 23:53 |
قانداق ئەھۋالدا ئىش ئۈستىدە يارىلاندى دەپ...
ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن تولۇق خەۋەر تىپىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا يارىدىمى بولۇپ قالار دىگەن مەخسەتتە بۇ تىمىنى قاشقەر گىزىتىدىن كۆچۈرۈپ يوللىدىم، مۇنبەرداشلارنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا (ھەر بىر قىرىندىشىمىزغا خاتىرجەملىك نىسىپ بولسۇن) پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىش ئۈستىدە يارىلاندى، دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ؟
1. ئىش ۋاقتىدا ياكى ئىش سورۇنىدا خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانسا. 2. ئىش ۋاختىنىڭ ئالدى- كەينىدە، خىزمەت سورۇنىدا، ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانسا. 3. خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت سورۇنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋىتىپ، زوراۋانلىق قاتارلىق تاساددىپىي ۋەقەلەرگە ئۇچراپ يارىلانسا. 4. كەسپىي كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولسا. 5. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا چىقىپ يارىلانسا، ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز- دىرىكى بولمىسا. 6. خىزمەتكە كىلىش، كىتىشتە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانسا. 7. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا خىزمەت جەريانىدا يارىلاندى، دەپ بىكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا.
«قەشقەر گىزىتى» 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 28 كۈنىدىكى سانىدىن ياشار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلدى |
|