查看完整版本: [-- تەۋپىقداشلارغا يەنە بىر خۇش خەۋەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> تەۋپىقداشلارغا يەنە بىر خۇش خەۋەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2012-07-26 13:27

تەۋپىقداشلارغا يەنە بىر خۇش خەۋەر

مۇنبىرىمىز قايتا  قۇرۇلۇپ 2 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تور بىكىتىمىزدە يەنە بىر مۇنبەر قوشولدى.
ئۇ بولسىمۇ :


                                              چىچەن ئوقوغۇچىلار مۇنبىرى
ئادىرىسى:
                                     http://www.tawpek.cn/qiqan

تور بىكىتىمىز مائارىپ خاسلىقىغا ئىگە بولغاچقا مائارىپنىڭ ئوقوتقۇچىلارنىلا ئەمەس ئوقوغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تونوپ يىتىپ ئۆزقان ھەدىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە چىچەن ئوقوغۇچىلار مۇنبىرىنى روياپقا چىقاردۇق.
1.مائارىپنىڭ تەربىيلەش مەخسىتى ئوقوغۇچىلار يەنى ياش ئەۋلاتلار بولغانكەن ئۈشبۇ مۇنبىرىمىزگە يىغىلغان ئوقوتقۇچىللىرىمىزنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ قوشنا مۇنبەردىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلىسەك ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدۇق.
2. زامانىۋىيلىقنىڭ بالىلارغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرىنى ئازلىتىپ تور ئۇيۇنلىرىدىن ئۇ مۇنبەرگە تارتىپ ئەپچىقىپ قۇرداشلىرى ئارقىلىق زەرەتلەپ كىيىنكى تەرەققىياتىغا تۈرىتكە بولالىساق ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدۇق.
3.بۇ مۇنبەردىكى ئوقوتقۇچىلارنىڭمۇ ئۇ مۇنبەردىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ يازمىللىرى ئارقىلىق قەلىب دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ ھازىرقى زاماننىڭ ياشلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە شۇ ئارقىلىق ئوقوغۇچچىلارنى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆز كەسپىمىزدە يۈكلسىلىشكە پايدىسى بولار دەپ ئويلىدۇق.
4.شەھەرلىشى قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ يالغۇزسىنىپ قالغان ئوقوغۇچىللىرىمىزنىڭ تەڭتۇشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ مەنىۋىيتىنى بىيىتىۋىلىشىغا پايدىسى بولار دەپ ئويلىدۇق.
5.بالىلارنى تورغا چىقماسلىققا توسوپمۇ توسوپ بولالمىغاندا<< ئەمىسە چىچەنگە چىقىپ تەڭتۇشلىرىڭنىڭ ئىجادىيتلىرىنى ئوقوپ باق، سەنمۇ يىزىپ باق، ئوقوتقۇچىلاردىن، تەڭتۇشلىرىڭدىن بىلمىگەننى سوراپ باق ،قارا ئاۋۇ ساۋاقدىشىڭغا........>> دەپ يىراقتىكى ناتونوش ئۈلگىلەردىن كۆچۆپ يىقىندىكى رىئال ئۈلگىلەر ئارقىلىق تەربىيلەشكە پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلىدۇق.
6.بىز مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇپمۇ كەسىپكە ئىشتىياقى بارلار بىلەن زەرەتلىنىپ ئۆزىمىزنىڭمۇ ئىشتىياقلىرىمىزنىڭ خىلى كۈچىيىپ قالغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، ئەمدى ئاۋۇ چىچەندىمۇ بالىلار شۇنداق زەرەتلىنىپ تىرىشچان، ئەخلاقلىق بوپ كىتىپ ئەنسىرەشلىرىمىزنى تۈگىتىشكە پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلىدۇق.
7............................

يەنە جىق نەرسىلەرنى ئويلىدۇق، زىينىنىمۇ ئانچە مۇنچە ئويلىدۇق، لىكىن زىياندىن قورقۇپ پايدىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى تىخىمۇ ئويلىدۇق.

ھازىرچە مۇنبىرىمىزنىڭ ئىقتىدارلىق بالا ئەزاسى كەچۈرنى قۇماندان قىلدۇق،

ئەگەر تەۋپىقداشلار توغرا تاپسا بالىلىرىمىزغا، ئوقوغۇچىللىرىمىزغا تەشۋىق قىلىپ قويساق، ئۇ يەرگە توپلاپ مەكتەپتە بىرەلمىگەن تەربىيەنىڭ داۋامىنى بىرىۋەتمەمدۇق.

ئەلۋەتتە ئۇ مۇنبەرنىڭ يۆنىلىشىنى تەۋپىقداشلار يىراقتىن نازارەت قىلىپ بەلگىلەيمىز، ئەلۋەتتە كىچىكلەرنىڭ تىزگىنى يەنىلا چوڭلارنىڭ قولىدا ئەمەسمۇ.

زىرىككەن تىرىككەن چاغلىرىمىزدا ئۇلارنىڭ مۇنبەردىكى شوخ، مەردانىلىقلىرىغا قاراپ ياشلىق باھارىمىزنى ئەسلەپمۇۋالىمىز تىخى.

قىنى مەن دەپ بولالمىغان پايدىسىنى سىلەرمۇ دەپ بىقىڭلار قىنى، بىز ئويلىغاندەك، سىز ئويلىغاندەك بولسا يەنە قانداق ئەھمىيەتلىرى بولىدىكەن؟

گۈلزىبا 2012-07-26 15:25
بۇ خەۋەر بۈگۈنكى مەن ئەڭ خۇشال بولغان خەۋەر بولدى ، تورنى توختىتىۋىتەيلى دىسەم ،مەن چىدىمايمەن ،توختاتمايلى دىسەم بالىلىرىم مەن بىلەن بەسلىشىپ تور غا چىقىپ ئويۇن ئوينىۋىلىپ .ئەمدى ياخشى بوپتۇ،بالىلار ئۆزلىرى بىلىشكە تىگىشلىك ساۋاتلارنى ئۆزلىرى ئۆگەنسە ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولىدۇ .

xayda 2012-07-26 16:54
« زىمىندا يول يوق ئىدى، ئادەملەر مېڭىپ يول پەيدا بولغان. » لۇشۈن توغرا ئېيتقان. « تەۋپىق » ئاتامانلىرى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بىر بوشلۇق ۋە تەخىرسىزلىكنى بايقاپ، بۇ يېڭىلىقنى روياپقا چىقىرىپتۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە سەزگۈرلىكىگە ئاپىرىن! بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىزكى، « چىچەن ئوقوغۇچىلار مۇنبىرى » ئوماق قوي كۆزلەرنىڭ سىرداش ئائىلسى بولۇپ قالغۇسى. ئەلۋەتتە، بىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ  بۇ مۇنبەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىمىزدا گەپ يوق.

turkinaz0992 2012-07-26 17:11
بەك ياخشى بوپتۇ ، ئوغلۇم مېنىڭدىن بەكرەك خۇش بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن .

    < چىچەن ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى >  ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى دوستى ۋە ھەمراھى بولۇپ قالغۇسى !

kamalat 2012-07-26 20:22
بالىلار ئۆزلىرى بىلىشكە تىگىشلىك ساۋاتلارنى ئۆزلىرى ئۆگەنسە ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولىدۇ .

akida228 2012-07-26 21:25
بۇ بەكمۇ كاتتا ئىش بوپتۇ ،ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇنمۇ بەت ئېچىلىپ مۇنبىرىمىز ئىسمى جىسمىغا لايىق مائارىپ تورى بوپتۇ ،بۇنىڭ رولى چوقۇم ياخشى بولىدۇ

tursun 2012-07-26 22:03
اجايىپ سويۇنگىدەك يىڭىلىق بارلىققا كەپتۇ, بۇ سەھىپىنى بىيىتىش ۇچۇن چوقۇم
وقۇغۇچۇلىرىمغا تەشۋىقات سالمىقىنى اشۇرىمەن,تەۋفىققا الىي تەشەككۇر!     

ozqan 2012-07-28 21:31
تەۋپىق ئىنىم : بۇ سەھىپىنىڭ تېزلىك بىلەن  روياپقا چىققانلىقىغا  مۇبارەك بولسۇن ...
جاپا چەكتىڭىز ، بۇ جاپايىڭىز ئارقىسىدا نۇرغۇن پەرزەنتلىرىمىز خوشاللىققا ۋە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشكۈسى ...  ئەجرىڭىزدىن پورەكلەپ گۈللەر ئېچىلغۇسى ....

كەچۈر سىڭلىمىزنىڭمۇ  سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن ... قەھرىمانغا مەيدان كېرەك ئەمەسمۇ مەنچە بۇ ئورۇن سىزگە تولىمۇ ماس كەلدى ... سىزنىڭ ئەمدىلا تاماملىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىڭىزدىكى تەجىربە-ساۋاقلىرىڭىز ئاساسىدا ، ھەم  ھەممىگە ماھىر ھەم قابىللىقىڭىز ئارقىلىق بۇ مۇنبەرنى پات ئارىدا ئوماق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىللىق ، قىزغىن ئائىلىسىگە ئايلاندۇرالىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ھەم شۇنىڭغا ئىشىنىمەن ....

بارلىق ئارزۇلىرىمىز ئاستا-ئاستا روياپقا چىقىۋاتىدۇ . تەۋپىق مۇنبىرىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بالىلىرىمىز بولغاچقا ، بالىلار ئۈچۈن بىۋاستە خىزمەت قىلىدىغان بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇلۇشى تولىمۇ تەخىرسىز مەسىلە ئىدى . مانا ئەمدى روياپقا چىقتى . قۇرماق ئاسان ، ئەمما تەرەققىي قىلدۇرماق ھەم ئۇنى ئۇزۇنغا داۋاملاشتۇرماق نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارغا مۇھتاج ئەلۋەتتە ...
مۇنبىىرمىزدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ بۇ مۇنبىىر ئۈچۈن جانلىق تەشۋىقاتچى بولۇشىنى ھەمدە بالىلارنىڭ بۇ مۇنبىرىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ، ھەم نازارەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەر قاچان ئادا قىلىپ تۇرۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ، ھەم شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ....

ئۇيغۇرئوغلى 2012-08-06 14:54
بەك ياخشى ئش ئكەن چۈنكى بىزدەك  ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دايىرسىنى تىخىمۇ   كىڭەيتكىلى بولغۇدەك! سىلەرگە رەىمەت !

kaqur 2012-08-06 23:33
ئۇستازلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئەل قاتارى يۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ...
قوللىغىنىڭلارغا تەشەككۈر

tawpek 2012-08-07 02:29
[attachment=516]

مەلىكەبېلقىس 2012-12-19 22:55
ياخشى يوللار تېخىمۇ ئېچىلغاي،بالىلارغا سورۇن ھازىرلاپ ئولارنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن تەۋپىق يولىدا توختىماي ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

ئەكبەرنىياز 2012-12-20 00:51
بىزنىڭ مەكتەپتىغۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىشى قاتتىق چەكلىنەتتى ، شۇنداقتىمۇ بۇ ياخشى ئىش بولغاچقا مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ باقاي !!! ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ھەر بىر ئىش ياخشى نەتىجە بېرىدۇ دەيدىكەن چوڭلار . ئويلىمىغان مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ قالىمىزمۇ تېخى !؟

تاتلىق~ 2013-05-09 15:31
تۆھپىكار ئۇستازلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىپ قالغۇدەك.
بىزگە مۇشۇنداق پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئەزىزلەرگە تەشەككۈر!        

ئاچچىقگۈل 2013-05-09 15:38
خۇش بولدۇق.
ئانا تىلنى ۋاسىتە قىلغان مەرىپەت بوستانىغا ئايلانغۇسى.


查看完整版本: [-- تەۋپىقداشلارغا يەنە بىر خۇش خەۋەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled