查看完整版本: [-- مۇنبىرىمىز قايتا قۇرۇلغان 2- يىلىغا نەزەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> مۇنبىرىمىز قايتا قۇرۇلغان 2- يىلىغا نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2012-07-25 15:20

مۇنبىرىمىز قايتا قۇرۇلغان 2- يىلىغا نەزەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تور ئەھلى، جاپاكەش تەۋپىقداشلار !

تور بىكىتىمىز تۇنجى قىتىم 2009-يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى رەسمى قۇرۇلغان بولوپ مەلۇم جەريان ۋە تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن بولسىمۇ 5- ئىيول ۋەقەسى تۈپەيلى تاقىلىپ 2010- يىلى 5- ئايدا يەنە قايتىدىن تور دۇنياسىدا قەددىنى تىكلىگەن بولوپ مۇنبىرىمىز 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى قايتىدىن قۇرۇلغان ئىدى.

شۇ تاپتا بۈگۈن مۇنبەر قايتا ئىچىلغانلىقىنىڭ ئىككى  يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن تور بىكىتىمىزنى قوللاپ كىلىۋاتقان خالىس مىھنەتكەشلىرىمىزگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .

رەھمەت مىھنەتكەشلەر، ئىزباسارلىرىمىزنىڭ ئىستىقبال چىھرىدىكى كۈلكىدە سىلەرنىڭمۇ ھەسسەڭلار بار!

مۇنبىرىمىز قايتا ئىچىلغان ئالدىنقى بىر يىلدا  2168 تېما، 11086 پارچە يازما توپلانغان بولوپ  ئىلگىرى كىيىن بولوپ مەخسەتلىك ۋە مەخسەتسىز ئەزا بولغان 4468 نەپەر ئەزا ئىچىدىن تاللانغان 360 نەپەر ئەزا بۇ   يازما بايلىقلارنىڭ مىھنەت ئىگىللىرىدىن سانالغان ئىدى.
مانا ئەمدىكى 2- يىلىدا 5430 تېما 32174 پارچە يازما توپلانغان بولوپ مەخسەتلىك ۋە مەخسەتسىز ئەزا بولغان 31800 نەپەر ئەزا ئىچىدىن تاللانغان 830 نەپەر ئەزا بۇ يازما بايلىقلىرىنىڭ مىھنەت ئىگىللىرىدۇر.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە يەنە بىر قىتىم تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن،

رەھمەت سىلەرگە!

مەۋھۇم دۇنيادىكى بۇ  ئىزدىنىشلىرىڭلارغا تور بىكىتىمىز گەرچە ئالاھىدە بىر سوۋغا سالاملارنى تەييارلىيالمىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا مەۋھۇم دۇنيادا ئوخشاشلا مەۋھۇم ئالقىشلار بىلەن بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ  بىر يىلقى ئەزالارنىڭ مۇنبەردە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە بىرقىسىم ئەزالارغا تۆۋەندىكىدەك شەرەپ مىداللىرىنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئەزالارنى چىقىش قىلىپ تەسىس قىلىپ تارقاتتى.

1.مائارىپ تۆھپىكارى  :مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلىشىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى كۆرىنەرلىك بولغانلارغا بىرىلىدۇ.

2.نادىر تېما چولپىنى :مۇنبەرگە يوللىغان نادىر تېما سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئەزالارغا تارقىتىلىدۇ.

3.يازما يوللاش چولپىنى: مۇنبەرگە يوللىغان يازمىسى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئەزالارغا تارقىتىلىدۇ.

4.شەرەپ قۇچقان: مۇنبەردە  ئەزالارنىڭ  بىردەك ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن ئەزالارغا بىرىلىدۇ.

5.مۇنبەر كۈيچىسى: ئىجادى ئەسەرلىرى بىلەن مۇنبەر ئەھلىگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلغانلارغا بىرلىدۇ.

6.تۆھپىكار باشقۇرغۇچى: تۆھپىسى بىرقەدەر ياخشى بولغان باشقۇرغۇچىلارغا تارقىتىلىدۇ

7.ئالى تەتقىقاتچى ئۆزىگە خاس گەۋدىلىك بولغان تەتقىقات ماتىرىياللىرى يوللىغۇچىلارغا بىرلىدۇ.

8.مائارىپ خەزىنىدارى: مائارىپ بايلىقلىرىنى كۆپلەپ سۇنغانلارغا

9.ھەقىقى بىر تەۋپىقداش: تەۋپىق ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ تۇرغانلارغا

10. مائارىپ تەتقىقاتچىسى: مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا

11.ئالى تەرجىمان: تەرجىمە ئەسەر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا

12.ئىجادىيەت ئوردىنى: ئىجادىيەت تۈرلىرىدە ئۈنۋىرساللىققا ئىگە ئەزالارغا.

13.ئىلگىرلەش مۇكاپاتى: تىز سۈرەتتە ئىلەىرلىگەنلەرگە.



مىدالغا ئىرىشكۈچىلەر مۇنبەرگە ئەزا بولغان ۋاقىت تەرتىپى بويچە تىزىپ چۈشەندۈرلىدۇ. ئازالىق نامى ئالدىدىكى تىزىم تەرتىۋى.


2.تەۋپىق- ئۆزۆممۇ ئاراڭلاردىكى بىر تۆھپىكار بولوش سۈپىتىم بىلەن كەمتەرلىك قىلمايلا ئەجرىمگە لايىق بىر نەچچە مىدال ئىلىۋالدىم، يەنى:

1.مائارىپ تۆھپىكارى: بۇ سوروننى قۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ كۈچى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تورچىلىقىدىكى ئازراق بىر بوشلۇقنى تولدۇردۇم دەپ قارايمەن.
2.يازما يوللاش چولپىنى: مۇنبەردىكى ئەڭ كۆپ سۆزلىگىنىم كۆپچىلىككە ئايان.  
3.تۆھپىكار باشقۇرغۇچى: جايىغا يوللانمىغان تىمىلارنى يۆتكەپ بەك جاپا تارتىۋاتىمەن.
4.نادىر تىما چولپىنى؛خىلى باركەن.


23. ئۇيغۇرجان: يىنىمدا تۇرۇپ قوللايدىغان ماتىماتىك.
1. يازما يوللاش چولپىنى: يوللىغان يازمىللىرىڭىز بىلەن ھازىرمۇ ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەۋاتقىنىڭىز ئۈچۈن.

201. كۆكسانغۇن--مۇنبەرنىڭ يۈرىكى بولغان بۇ ئاكاش توغۇرلۇق كۆپ توختالمىساممۇ كۆپچىلىككە تونوشلۇققۇ دەيمەن.

1.مائارىپ تۆھپىكارى:  بۇ  نامنىڭ ئۆزىنىمۇ دەل سىزنى كۆزدە تۇتۇپ تەسىس قىلغان.
2.نادىر تىما چولپىنى؛سىزنىڭ تىمىللىرىڭىزنى  شۇنچە پىخسىقلىق بىلەن نادىرلايمەن بولمىسا.
3.شەرەپ قۇچقان: سىزنى باشقا ئەزالاردىن ئالاھىدىرەك پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلغان مىدال.
4.يازما يوللاش چولپىنى: گەرچە سىپىمىزگە كىيىنرەك قوشولغان بولسىڭىزمۇ ھەممىنى تاڭ قالدۇردىڭىز.
5.تۆھپىكار باشقۇرغۇچى: بىر نەچچە قىتىملىق مۇنبەردە يۈز بەرگەن ئىس تۈتەكسىز جەڭلەرنى تىنىچ يول بىلەن ئالىيجاناپلارچە ھەل قىلىۋەتتىڭىز، باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەردارى.
6.مائارىپ خەزىنىدارى: سۇنغان بايلىقلىرىڭىزغا قاراپ سىزنى ھەقىقەتەن بىر مائارىپ بايلىقلىرىنىڭ خەزىنە ئىگىسى دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز.
7.مۇنبەر كۈيچىسى: ئىسىل كۈيلىرىڭىزنىڭ ئۈزلۈپ قالماي قەلىب دۇنيايىمىزنى بىيىتىپ تۇرىشىغا تەشنامىز.


873. نازپەرۋەر: مۇنبىرىمىزدە تۇيۇقسىز كىرىپ لىرىك شىئىرلىرى بىلەن چاڭ كەلتۈرىۋاتقان شائىرە. ئەپسۇس سۇسلاپ كەتتى.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: ئىسىل دىتاللىرىڭىز ۋە مۇنبەردىكىلەرنىڭ چارچاشلىرىغا ئازادىچىلىك يارتىپ كىلىۋاتقان شىئىرلىڭىز ئۈچۈن
2. نادىر تىما چولپىنى: شىئىرلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى نادىرلاپ ماڭغاندەك بوپ قالماي دەپ كۆزۆمنى يۇمىۋالىمەن بولمىسا.
3.مۇنبەر كۈيچىسى: سىز بىر شىڭگىل كۈيلەپ قويسىڭىز مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىنى ئىنكاستىن ئۇسۇلغا سىلىۋىتىسىزدە.
4.يازما يوللاش چولپىنى: ئۆزىڭىزلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ بۇ جەھەتتە تۈرىتكە بولىۋىتىسىزدە.  

1216. ئاتتىلا؛   ئاز كىرسىمۇ ساز كىرىدىغان، ھەممە قايىل بولماي تۇرالمايدىغان تەتقىقاتچىمىز.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: ئەگەر ئىزدىنىشلىرىڭىز تىخىمۇ كۆپ باغۋەنلىرىمىزگە يەتسە بۇ  نامنى مۇنبىرىمىز ئەمەس پۈتۈن خەلق بىرىدۇ دە  سىزگە.
2.نادىر تىما چولپىنى: تىمىللىرىڭىز تۇغۇلۇشتىنلا نادىر بولوپ تۇغۇلامدىكىن دەيمەن.
3. ئالى تەتقىقاتچى: بۇ  مىدالنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بىردىنبىر ئەزادە سىز.
4.شەرەپ قۇچقان: مەيلى مائارىپ بايلىقلىرى بولسۇن ياكى ئىجادى ئەسەرلەر ۋە ياكى تارىخ تەتقىقاتى بولسۇن ھەممە ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ سىزنى.  
5.ھەقىقى بىر تەۋپىقداش: تەۋپىقنىڭ ھەر بىر تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ تۇرغىنىڭىز ئۈچۈن.

1273. تۇنيۇقۇق: ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىمىزدىكى تۈگۈنلەرنىڭ يەشكۈچىسى، دەرىس تىكىسىتلىرىنى ئىلىكتىرۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۆزگىچە يول تۇتۇپ مىڭىۋاتقان باغۋەن.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: بارنى يىغىش ئەمەس يوقنى بار قىلىۋاتىسىز.
2.نادىر تىما چولپىنى: ئىسىل ھەم ئۇزۇن ئەسەرلەرنى مائارىپىمىز ئۈچۈن بىر-بىرلەپ بىسىۋاتقان تۇرسىڭىز قانداقمۇ نادىرلانمىسۇن.
3.شەرەپ قۇچقان: ئۆزىڭىزگە خاس تۇتقان يولىڭىزدىن سۆيۆنمەي تۇرالمىدۇق.
4.يازما يوللاش چولپىنى: ئىزچىل يازما يوللاشلىرىڭىزدىن سۆيۆندۇق. مۇمكىن بولسا جاپانى تەڭ تارتىساق.

1326.ئانا يۇرىت905: بىركۈندا نەچچە 100 پارچە تىما يوللاپ بولالايدىغان دىتال يوللاش ئۇستىسى.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: تىخىمۇ كۆپ دىتاللىرىڭىزغا تەشنامىز.
2.يازما يوللاش چولپىنى: يىقىندىن بىرى يوقاپ كەتمىگەن بولسىڭىز ئىلگىرلەش مۇكاپاتىنىمۇ تەسىس قىلىۋىتەتتىڭىز.
3.نادىر تىما چولپىنى: نادىر دىتاللىرىڭىزنىڭ ئەرزىمەس سوۋغىسى

1335.ئەردەم: تولوقسىز قوشتىلنىڭ دەرىس لاھيىسى ۋە مائارىپ بايلىقلىرىنى مۇنبىرىمىزگە ئۈنسىز توپلاۋاتقان تۆھپىكار. ئەپسۇس يوقاپلا كەتتىڭىز.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: كۆپ پىكىر قاتناشتۇرمىسىڭىزمۇ يوللانمىللىرىڭىز سەرخىل.
2.نادىر تىما چولپىنى: ئاز يوللىسىڭىزمۇ ساز يوللايسىزدە.

1520.ئۆزقان:  بىجاندىل تىرىشىپ ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان ئىزدەنگۈچى، ئىسلاھاتچىمىز، جامائەت ئەربابى.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: مائارىپقا قوشقان تۆھپىللىرىڭىزنى مۇنبەردىلا ئەمەس تەشۋىقاتلاردىنمۇ كۆردۇق.
2.نادىر تىما چولپىنى: تىمىللىرىڭىز مەركەزدىن كەلگەن سادادەك كىلىۋاتسا قانداقمۇ نادىرلانمىسۇن.
3.شەرەپ قۇچقان: شانۇ شەۋكەتلىرىڭىزدىن مۇنبەردىكىلەر قىيىنچىلىققا يولوقساق بويون قىسىپ يولىڭىزغا ئۈمۈت بىلەن قارايدىغان بوپ كەتتۇق.
4.يازما يوللاش چولپىنى: قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ ئىرىنمەي يازما يوللاپ مۇنبەردىكىلەرنى يىراق مۇساپىلىق ھەقسىز تەربىيلەۋاتىسىزدە.
5.مۇنبەر كۈيچىسى: ئىسىل كۈيلىرىڭىزنىڭ ئۈزلۈپ قالماي قەلىب دۇنيايىمىزنى بىيىتىپ تۇرىشىغا تەشنامىز.
6.ئالى تەتقىقاتچى: سىزنىڭ تەتقىقاتلىرىڭىز كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئىزدىنشلىرىڭىز تىخىمۇ كەڭ دائىرلىك بولغاي.  
7.تۆھپىكار باشقۇرغۇچى: ئىسلاھاتلىرىڭىز ۋە دانا قۇماندانلىقىڭىز ئاستىدا تەۋپىقنىڭ بۈگۈنىنى كۆرىۋاتىمىز.

2808. ئۇزچاق: ئۆزگىچە يول تۇتۇپ مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سەركىمىز.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: مائارىپقا قوشقان تۆھپىللىرىڭىزنى مۇنبەردىلا ئەمەس تەشۋىقاتلاردىنمۇ كۆردۇق.
                              كۈندىلىك خاتىرلىرىڭىزدىن تىخىمۇ ئەينەن كۆرىۋاتىمىز.
2.نادىر تىما چولپىنى: باشقۇرغۇچىللىرىمىز تېمىڭىزنى نادىرلىۋىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىدىن سۆيىنىدۇ ئەمەسمۇ.
3. مائارىپ تەتقىقاتچىسى: نامدا كۈندىلىك خاتىرە بولغان بىلەن ئۈستى تەرىپىنىڭ قىزىل باشلىق بولوپ بىرىشىنى   ھەممە ئۈمىت قىلىدۇ ئەمەسمۇ.
4.شەرەپ قۇچقان: مەيلى مائارىپ بايلىقلىرى بولسۇن ياكى ئىجادى ئەسەرلەر ۋە ياكى مائارىپ تەتقىقاتى بولسۇن ھەممە ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ سىزنى.
5.ھەقىقى بىر تەۋپىقداش: تەۋپىقنىڭ ھەر بىر تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ تۇرغىنىڭىز ئۈچۈن.

4763. ئاقگۈل: ئالى باشقۇرغۇچىمىز ، تەرجىمان ۋە شائىرە.
1.مائارىپ تۆھپىكارى: مائارىپقا قوشقان تۆھپىللىرىڭىز مەكتەپتىلا ئەمەس تور دۇنياسىدىمۇ بولىۋاتىدۇ
2.نادىر تىما چولپىنى: ئىسىل تەرجىمىللىرىڭىز ۋە شىئىرلىرىڭىز نادىرلاش تامغىمىز ھەر ۋاقىت تەييار.
3. يازما يوللاش چولپىنى: ئىلگىركىدىن سۇسلاپ قىلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ يەنىلا 4 نىڭ بىرسى.
4. ئالى تەرجىمان:بۇ جەھەتتە مەلۇم بىر قوشون تەشكىللەپ ئىقتىدارىڭىزنى تىخىمۇ تولوق جارى قىلدۇرشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
5. مۇنبەر كۈيچىسى: ئىسىل لىرىكىللىرىڭىز ئۈچۈن.
6.تۆھپىكار باشقۇرغۇچى:باشقۇرغۇچىلىق ھوقوق مەجبۇرىيەتلىرىنى تولوق ئاداقىلىپ يىتىلگەن باشلامچىللىرىمىزدىن بولوپ قالغايسىز.

9716.تۇرسۇن: كۆپ تەرەپلىمە شەرەپ قۇچقان تېما يۆتكەش چولپىنىمىز .

1. مائارىپ تۆھپىكارى: خىزمەت ئورنىڭىزدىكى شان شەرەپلىرىڭىز ئۈچۈن.
2. نادىر تىما چولپىنى: ئىجاى يوللىغان تېمىللىرىڭىزنىڭمۇ بولغىنى ئۈچۈن.
3. يازما يوللاش چولپىنى:ئىنكاس ئاز بولسىمۇ مەنبەسىز تېمىلارنىڭ سەلدەك ئاققىنى ئۈچۈن.

10971. تۆتتاش: تىكەندىن ئۆزگەرگەن شائىر ئەزىمەت.

1.مائارىپ تۆھپىكارى: مائارىپ تۆھپىكارلىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىللىرىدىن بولوپ كىلىۋاتقىنى ئۈچۈن
2. نادىر تېما چولپىنى: ئىسىل شىئىرلىرىڭىز ئۈچۈن
3. يازما يوللاش چولپىنى: تېما ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ توختاپ قالمىغىنى ئۈچۈن
4.مۇنبەر كۈيچىسى: شىئىر ئىجادىيتىڭىز ئۈچۈن
5. ھەقىقى تەۋپىقداش: تور بىكىتىمىزگە بولغان سادىقلىقىڭىز ئۈچۈن.

15047. گۈلخان:  قەلبى ئويغاق شائىرە ، ..............
1. تېما يوللاش چولپىنى: كىچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ ئاز ۋاقىتتا يۇقىرى شۈھرەتكە نائىل بولغىنى ئۈچۈن.
2. ئىجادىيەت ئوردىنى: شىئىر بولسۇن ياكى نەسىر، ئۆزىڭىزگە خاس ئىجادچانلىقىڭىز ئۈچۈن.
3. ئىلگىرلەش مۇكاپاتى:كىيىن كىرىپ ئىلگىركىلەردىن ئىشىپ كەتكىنىڭىز ئۈچۈن.

21949.دانىش: ھۆرمەتكە سازاۋەر تارىخچىمىز .
1. تېما يوللاش چولپىنى: كىچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ ئاز ۋاقىتتا يۇقىرى شۈھرەتكە نائىل بولغىنى ئۈچۈن.
2. ئىجادىيەت ئوردىنى: شىئىر بولسۇن ياكى نەسىر، ئۆزىڭىزگە خاس ئىجادچانلىقىڭىز ئۈچۈن.
3. ئىلگىرلەش مۇكاپاتى:كىيىن كىرىپ ئىلگىركىلەردىن ئىشىپ كەتكىنىڭىز ئۈچۈن.
4. شەرەپ قۇچقان: مەيلى تور دۇنياسى بولسۇن ياكى رىئال دۇنيا بولسۇن ئوخشاشلا نامىڭىزنىڭ كەڭ تارالغىنى ئۈچۈن.

يۇقارقى 15 نەپەر ئەزا يۇقارقى مىداللارغا ئىرىشتى، بىز بۇلاردىن باشقا يەنە مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ئىزچىل تۆھپە قوشىۋاتقان ئەزالاردىن:

مۇنبىرىمىزدىكى ئالقىش قاتارى بويچە:
مىدالغا ئىرىشكەنلەر چىقىرىۋىتىلدى.
  
1                  5333                   ئەرك          
2                  4419                  kok-sultan
3                  abdumijit                  3984  
4                  yaxar                  3349  
5                  凶蛇                  2799    
6                  saman22                  2776

يازما قاتارى بويچە:

مىدالغا ئىرىشكەنلەر ۋە ئالقىش قاتارى بويچە نامى ئاتالغانلار چىقىرىۋىتىلدى.

1                            arzu                                343
2                            akkax                              336          
3                            kaqur                               325
4                            natiwan                            302

مۇنبەردە تۇرغان  ۋاقىت قاتارى بويچە:
مىدال، ئالقىش، يازما قاتارىدا نامى ئاتالغانلار چىقىرىۋىتىلدى.

1                                          laziya                      2477
2                                          gulnaz                      2061
3                                           akida228                    1940
4                                           yar130                     1695    
5                                           maaripqi                     1667
6                                           gulnar                      1153
7                                           muammar                      1022
8                                             mamatjan74                      979
9                                             abdurexit                      912
10                                           taxkin1                      892
11                                           nasirdin                      853


بۇ   ئايلىق يازما قاتارى بويچە:

يۇقاردا تىلغا ئىلىنغانلار چىقىرىۋىتىلدى.


1                                           ئائىشە سۇبۇرە                  74
2                                           گۈلزىبا                           33
3                                           زىيا                               28
4                                           مۇئەللىم                          20
5                                           گۈلەمقىز                           17
6                                           زۆھرە                              16
7                                             ataxkiz                           13
8                                             ipar                              13

  

بۇ ئايلىق تورغا چىققان ۋاقىت قاتارى بويچە:
يۇقاردا تىلغا ئىلىنغانلار چىقىرىۋىتىلدى.

1                                            ablat0997                   130
2                                            akqolpan                    120
3                                            kamalat                      113
4                                            ayziba101                   105
5                                           زىبا2                            102    
6                                             nazi                            90

قىزىق تېمىللىرى ئۈچۈن:
يۇقاردا تىلغا ئىلىنغانلار چىقىرىۋىتىلدى.


1                                           kapetan                            6
2                                           kokbilyartay                          5
3                                           tutya                                2
4                                           karwan                                2
5                                           tanhabora                             2
6                                           puxayman                             2
7                                           azat                                    2
8                                           1                                         لەيلى
9                                           hiyali                                    1
10                                         yadekar                                 1
11                                         boran327                                1
12                                         nargizguli                                1

جەۋھەر يازما قاتارى
يۇقاردا تىلغا ئىلىنغانلار چىقىرىۋىتىلدى.

1                                           qartikin                                16




يۇقاردا نامى ئاتالغانلارغىمۇ ئالاھىدە  رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە مۇنبىرىمىز ئۈچۈن قىسقىسى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.

ئاخىردا يۇقىردا تىلغا ئىلىنمىغان بارلىق كونا-يىڭى مۇنبەر ئەھلىگە ۋە مۇنبىرىمىزدە زىيارەتتە بولىۋاتقان تور ئەھلىگە تەشەككۇر.

كامالى ئىھتىرام بىلەن:
                                     تەۋپىق.

kaqur 2012-07-25 17:56
مىدالغا ئېرىشكەن بارلىق ئۇستازلارنى تەبرىكلەيمەن...
مائارىپ سېپىدا ئۈن - تىنسىز قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ۋە قوشىۋاتقان تۆھپەڭلار ئۈچۈن بۇ مىداللار ئازلىق قىلىدۇ، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشۇڭلارغا خۇشاللىق تىلەيمەن...

gulhan 2012-07-25 19:46
  ئالدى بىلەن مەن مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تور دۇنياسىدامەسئولىيەتچان، قەلبى ئۇيغاق ئۇستازلارنىڭ جەم بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئىنىمىز تەۋپىققە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.
   تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ ھەرخىل مىداللىرىغا ئېرىشكەن ،تىنىمسىز ئەمگەكلىرى بىلەن مۇنبەر ئەھلىنى تەربىيلەۋاتقان تۆھپىكار ئۇستازلارنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن.
بىز بۇ مەۋھوم دۇنيادا ئارمان-ئارزولىرىمىز بويىچە ئەسرا بولۇشقان زامانداش دوستلارمىز. ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادىكى مىداللار ھەر بىر مىدال ئىگىسىنىڭ باسقان قەدەملىرىنى ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزگە ئىلھام ، مەدەت ئاتا قىلغۇسى.
  ھەممىزنىڭ قەدەملىرى_ مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن.   

tawpek 2012-07-25 21:32
سىستىما سىتاستىكىللىرىغا قاراپلا يالغۇز كاللامغا تاينىپ مۇشۇنچىلىك قىلدىم.

ئادىل بولمىغان جايلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىزلەر.

koksangun 2012-07-25 21:39
ياخشى قىپسىز ، تەۋپىقداشلارنىڭ مۇنبەردىكى پائالىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى ...

tawpek 2012-07-25 21:42
چۈشۈپ قالغانلار بولسا دىسەڭلار قىتىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.

akida228 2012-07-25 22:55
تەۋپېق  ئىنىمىزنىڭ ھەقىقى مائارىپچىغا خاس ھالدا مۇنبەر پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققىنىغا كۆپ تەشەككۈر . ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ كىيىنكى بىر يىللىق مۇساپىدە مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ زور تەرققىياتلارغا ئېرىشتۇرەيلى

tawpek 2012-07-25 22:56
ئەقىدە خانىمنىڭ بىكىتىمىزنى قوللاپ بەرگىنىدىن خۇرسەنمىز.

kamalat 2012-07-26 00:19
ھەممىزنىڭ قەدەملىرى_ مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن。

arzu 2012-11-11 21:29
مىداللىرىڭلار دەھشەت يارىشىپتاااااااا.......     

tawpek 2012-11-11 22:53
引用第9楼arzu于2012-11-11 21:29发表的 : مىداللىرىڭلار دەھشەت يارىشىپتاااااااا....... [ئىپادە]   [ئىپادە]   [ئىپادە]

سىزمۇ تىرىشسىڭىز ئىسىپ قويىمىز.

بۇندىن كىيىن ئەزالارن ىڭ ئىپادىسىەە قاراپ ۋاختى ۋاختىدا بىرىپ ماڭساقمۇ بولىدۇ.

yar130 2013-11-19 17:18
تورداشلارنىڭ ئالغان ئالقىشلىرى ۋە نادىر ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئاز مىۋە بەرگەنلىكىمىدىن تولىمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن !!!

ئەكبەرنىياز 2013-11-20 00:12
يەنە بىر يىللىق خۇلاسىنى چىقىرىدىغان چاغمۇ كېلىپ قالدىمىكىن دەيمەن !؟

مىېھرىما 2013-11-26 22:47
مەنمۇ مىدال ئالسام بولاتتى


查看完整版本: [-- مۇنبىرىمىز قايتا قۇرۇلغان 2- يىلىغا نەزەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled