查看完整版本: [-- ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا»قۇبۇل قىلىش باشلاندى! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا»قۇبۇل قىلىش باشلاندى! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2012-07-25 12:50

ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا»قۇبۇل قىلىش باشلاندى!

          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور بېكىتىمىزنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىللىرى ، سىلەرنىڭ تەۋپىق تور بېكىتىمىزنى قوللاپ بەرگىنىڭلارغا ئالى تەشەككۇر.
            تور بېكىتىمىز يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ بارغانسىرى كىڭىيىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئۆزىگە خاس خاسلىق يارتىپ مەلۇم بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلمەكتە.
سىلەرنىڭ قوللاشلىرىڭلار نەتىجىسىدە بىز تەۋپىقنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتچىللىرىمۇ نۇرغۇن ئۈمىتلەرگە تولدۇق ۋە بىر قىسىم نىشان تەدبىرلەرنى ئويلاشتۇق ۋە ئويلىشىۋاتىمىز. تورداشلارنىڭمۇ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىتلىرى بارغانسىرى ئىشىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە
   ئالدىنقى قىتىم ناتىۋان قىرىندىشىمىز ، بۇدا قىتىم ئاتەشقىز مۇئەللىمە مۇنبەردە دادىللىق بىلەن تەكلىپ سۇنۇپ تورداشلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى، مۇشۇنچىلىك بىر سەرخىل قوشوننىڭ بۇ مەۋھۇملۇقتا بولسىمۇ توپلانغانكەن تىخىمۇ ئۇيۇشۇپ بىر مەخسەتتە تىخىمۇ پائالىيەتچانلىق بىلەن ياشاپ ھاياتىمىزنى تىخىمۇ مول مەنالارغا ئىگە قىلىشنىڭ زۆرۆرلىكىنى ئوتورغا قويۇپتۇ.
مەن ئالدى بىلەن بۇ قىرىنداشلىرىمىزغا ۋە تور بىكىتىمىزگە مۇشۇنداق تەكلىپلەرنى سۇنماقچى بولىۋاتقانلارغا ۋە مۇنبەر پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشىۋاتقانلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

نەخ گەپكە كەلسەك سۇنۇلغان تەكلىپنىڭ يادرۇسى بولغان پۇل مەسىلىسىنى مەن بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى لايىق كۆردۆم.
يەنى شۇنداق جاكارلايمەنكى:

                        تەۋپىق ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا»قۇبۇل قىلىش باشلاندى!

ھەقلىق ئەزا قوبول قىلغانكەنمىز تۆلىگەن ھەقكە چۈشلۇق تور بېكىتىمىز سىز ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەت قىلىدۇ.

1. ھەرقانداق بىر ئوقوتقۇچىلىق كەسپىگە ئائىت ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش
  بىر تۈركۈم ئوقوتقۇچىلار قوشونىمىز سىز ئۈچۈن كەسپىڭىزدە زۆرۆر بولغان دەرىسلىك دىتال، تەييارلىق، ئىمتاھان سۇئالى دىگەندەك ماتىرىياللارنى تەييار قىلىپ بىرىدۇ.

2. تەۋپىق تور بېكىتىمىز تور بېكىتىمىزنىڭ ھەقلىق ئەزالىرىغا تور بېكىتىمىزنىڭ ئىلان ئورنىنى بىر يىلغىچە ھەقسىز بەھرىمەن قىلىدۇ.  پەقەت يۈز يۈەن(100.00)
  سىز بۇ ئورونغا تىجارەت ئورنىڭىزنىڭ ئىلانىنى، خىزمەتچى ئىزدەش ئىلانىنى، مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ئىلانىنى قويالايسىز.
ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ شۇ ۋاقىتتىن كىيىن تىزىملاتقانلارغا نىسبەتەن بۇ ھەق سوممىسى ئۆسۆپ ماڭىدۇ.
                 تور بېكىتىمىز ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئىلان بەرگۈچىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
3. ھەقلىق ئەزا بولغانلار مۇنبەرنىڭ ئالاھىدە ئەزالار ھوقوقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يىڭى تىزىملاتقان ئەزالار بولسا ئەزالىق نامىغا 100 تەۋپىق دوللىرى قوشوپ بىرلىپ تېما كۆرۆش چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ.


تىزىملىتىش داۋاملىق داۋاملىشىدۇ،  ھەقلىق ئەزا بولماقچى بولغانلار تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ.

تۆۋەندە ھەقلىق ئەزا بولۇش تەرتىپىنى سۆزلەپ ئۆتەي:

1. مۇنبىرىمىزدىن ئەزالىق نامىدىن بىرنى تىزىملىتىش( ئامال بار باشقىلارغائوخشىشىپ قالىدىغان ئىسىم بولمىسۇن، بۇرۇن تىزىملاتقان بولسىڭىز قايتا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق)
2. توۋەندە ئېلان قىلىنغان بانكا كارتىسىنىڭ خالىغان بىرسىگە ئەزالىق ھەققىنى تاپشۇرۇش.
3. بىز بىلەن  ئامال بار تېلېفوندا ئالاقىلىشىڭ. كوت كوتتا ، ياكى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىزمۇ مەيلى.

تەۋپىق--يەنى مەن : مەمەتئىلى توختى
                            گۇما ناھيە سانجۇ يىزىسىدىن، موكويلا ئوتتورا مەكتەپتىن.
تىلفۇن:13399792951
كوت كوت: 136257746

كۆكسانغۇن:---------رىھىمجان ئابدۇراخمان
                                خېجىڭ ناھىيلىك  تولوق ئوتتورا مەكتەپتىن
تىلفۇن:13779670819
كوت كوت:554717434

ئۆزقان:--------ئامىنە بارات
                        ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتورا مەكتەپتىن
تىلفۇن:18999127979
كوت كوت:1075280738

4. بىز ئەزالىق نامىڭىزنىڭ ھەقلىق ئەزالىق ھوقۇقىنى ئېچىۋاتىمىز.
5. ھەقلىق ئەزالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالايسىز.

ئەگەر يەنە تور بېكىتىمىزنى بۇنىڭدىن سىرىتمۇ قوللاپ بەرمەكچى بولسىڭىز تور بېكىتىمىزگە يوللانغان تولوق، تولوقسىزنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىنىڭ دىتال، تەييارلىق، سۇئال دىگەندەك ماتىرىياللىرى دىسكىغا ئويۇلۇپ تەييار قىلىنغان ، بۇنىڭ ئايرىم باھاسىنى كۆكسانغۇن ئاكىمىز ۋە ئۆزقان ھەدىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇقسىڭىز ئادىرىسىڭىزغا ئەۋەتىپ بىرىدۇ.

ئەلۋەتتە، بىزمۇ ھەقلىق ئەزالارغا يولاققان قيىنچىلىقلارغا  ياردەم قىلىمىز ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناۋادا شارائىت يار بەرسەيېرىم يىلدا ياكى بىر يىلدا بىر قېتىم سۇرۇن ھازىرلاپ قاتنىشىشقا شارائىتى بار ئەزالارنى تەكلىپ قىلىپ،ئۆز - ئارا پىكىرلىشىش، ئۆز - ئارا تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارتىپ ھەقلىق ئەزالارئۇچۇن  تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىمىز !
باشقا ئىشلارنى بۇنىڭدىن كىيىن ھەممىمىز ئورتاق مۇزاكىرلىشىپ
بېكىتسەك بۇلىدۇ !
ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا»لىق تۈزىمى رەسمىي باشلاندى.
ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! ئەزالىققا تىزىمىلىتىش جەريانىنى بىلەلمىگەن تورداشلىرىمىز بولسا، مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ياكى تېلېفون ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسا مەن ئۆزەم ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرىمەن.
بۇرۇن تىزىملىتىپ بولغانلار قايتا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىدەك:

1.ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» لىق ھۇقۇقى بىز پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئېچىۋېتىلىدۇ.
2. ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» بولغانلارنىڭ تېما يوللاش، ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىغا تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئېلىۋاتتۇق، تورداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ،ئۆزى يولۇققان مەسىلە يېكى ماتېرىياللارنى يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،
قانۇنسىز، قۇتراتقۇلۇق مەزمۇندىكى تېما، ئىنكاسلارنى يوللىشى بىردەك چەكلىنىدۇ،ئەگەر بايقالسا تور بېكىتىمىز VIPئەزا نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ !
3. ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» بولغانلارنى تور بېكىتىمىز ،تەمىنلگەن، ئېلان ئورنى ،مائارىپ ئۇچۇرلىرى ۋە ئوقوتۇشقا ئائىت ماتىرىياللار مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

تىزىملىتىش شەرتى: بېكىتىمىزگە ئەزا بولغان ھەمدە ئەزالىق ھەققى تۆلىگەن
بولىشى كېرەك.

تىزىملىتىش ۋاقتى :  مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ.


ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» ھەققى :100 يىۋەن

رەسمىي يولغا قۇيۇلىدىغان ۋاقىت : 2012 - يىلى 7- ئاينىڭ 25 - كۈنى
( يەنى : بۈگۈندىن باشلاپ)

ھەق تۆلەش بانكا كارتا نومۇرى :

1. جۇڭگۇ يېزا - ئىگىلىك بانكىسى 中国农业银行
كارتا نومۇرى:6228483700731226215
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : مەمەتئىلى توختى، خەنزۇچە يېزىلىشى : 麦麦提艾力.托合提

2. ئالىپەي(جېفۇباۋ)
tawpek@sina.com
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : مەمەتئىلى توختى، خەنزۇچە يېزىلىشى : 麦麦提艾力.托合提

3. پوچتا بانكىسى
كارتا نومۇرى:6221888960000865640
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : مەمەتئىلى توختى، خەنزۇچە يېزىلىشى : 麦麦提艾力.托合提

4 . يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋى 农村信用社  
كارتا نومۇرى :  6210088780020945
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : مەمەتئىلى توختى، خەنزۇچە يېزىلىشى : 麦麦提艾力.托合提

پۇل سېلىشتىن بۇرۇن بىز بىلەن بىر ئالاقىلىشىپ جەزىملەشتۈرۈپ بولغاندىن
كىيىن ئاندىن پۇل سېلىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.

ھەقلىق ئەزا بولغانلار يەنى تور بېكىتىمىزگە ئىختىسادى جەھەتتىن تۆھپە قوشقانلارغا يەنە ئايرىم بىر تېما يوللىنىپ تەرتىپ بويچە نام شەرپى ئىلان قىلىنىپ ماڭىدۇ ۋە ئەۋەتكەن پۇلىنىڭ قەيەرگە چىقىم قىلىنغىنىنىمۇ ئۇختۇرلىدۇ.

بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز تورداشلار ئۇچۇن تېخىمۇ قولايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇش،ئولچەملىك بولغان ئېنىقلىقى يۇقىرى بولغان سىنئالغۇ،ۋە كەسپى ئاپىراتلار بىلەن مائارىپ تۆھپىكارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى  سىنغا ئېلىپ تورداشلاغا تېخىمۇ قولايلىقلارنى يارىتىش ، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تەشكىللەش.
ئەڭ ئاخىرىدا، ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك،بەخت تىلەيمىز، شۇنداقلا تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز !

يۇقارقىلار بىر ۋاستە خالاس، مەخسەت تورداشلارنىڭ ئازغىنە كۆڭلى بىلەن بۇ سورۇنىمىزنى تىخىمۇ مۇكەممەل ئاۋات مەزمۇنلۇق قىلىپ چىقىش.
ھەقلىق ئەزا بولالمىسىڭىزمۇ تور بىكىتىمىزگە كىرىپ تۇرۇش، تېما ئىنكاس يوللاپ تۇرۇش، ھەر كىرگىنىڭىزدە بېكىتىمىزدىكى ئىلانلارنى بىر قىتىمدىن چىكىۋىتىش ، دوسىت بۇرادەرلىرىڭىزنى باشلاپ كىرىش ، ماتىرىياللىرىمىزدىن پايدىلىنىش ئارقىلىقمۇ تور بېكىتىمىزگە ئۈنسىز تۆھپە قوشالايسىز.

ھۆرمەت بىلەن: تەۋپىق  تورى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى
2012 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

akkax 2012-07-25 16:52
   پاھ ! نېمىدېگەن كۆپ بانكا كارتىسى بار ھە تەۋپىق ئەپەندىنىڭ .
ھەممىسىنىڭ پۇل بىلەن تولۇپ كېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!!!

kaqur 2012-07-25 18:15
ئاندىن ھەقلىق ئەزالارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم مىدال بەرسەكمۇ ياخشىكەن...

gulnar 2012-07-25 18:59
يىللىق ھەققى 100يۈەنما؟

gulhan 2012-07-25 19:54
ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ...
<<ھەرقانداق بىر ئوقوتقۇچىلىق كەسپىگە ئائىت ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش
  بىر تۈركۈم ئوقوتقۇچىلار قوشونىمىز سىز ئۈچۈن كەسپىڭىزدە زۆرۆر بولغان دەرىسلىك دىتال، تەييارلىق، ئىمتاھان سۇئالى دىگەندەك ماتىرىياللارنى تەييار قىلىپ بىرىدۇ.>>

يىللىق ھەققى 100يۈەنما؟

tawpek 2012-07-25 21:13
引用第2楼kaqur于2012-07-25 18:15发表的  :ئاندىن ھەقلىق ئەزالارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم مىدال بەرسەكمۇ ياخشىكەن...

بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم سىسىتىما گۇرپىسى قۇرۇشنى ئويلاشتىم، شۇنداق بولغاندا ھوقوق دائىرسىنى كىڭەيىتكىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.

tawpek 2012-07-25 21:18
引用第3楼gulnar于2012-07-25 18:59发表的  :يىللىق ھەققى 100يۈەنما؟

دەسلەپكى قەدەمدە شۇنداق ئويلاشتۇق، قالايمىغان ھەق يىغقان بوپ قالمايلى دەپ.
ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلمىغاندىمۇ تور بەتنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۆرۆپ ماڭالايىتتىم، لىكىن شامالقىز ئىيىتقاندەك بەزىبىر پاراۋانلىق ۋە ھەرخىل پائالىيەت تەشكىللەشلەردە .........................

تور بىكىتىمىزنىڭ ھىچقانداق بىر ئىختىسادى كىرىم مەنبەسى بولمىغاچ .................

ئەگەر خالىس نىيەتلىكلەر بوپ قالسا شۇ ئارقىلىق تور بىكىتىمىزنىڭ ئىلان تەشۋىقات ۋە پائالىيەت دائىرىسىنى كىڭەيتىپ توپلانغان جۇغلانما ئارقىلىق شامالقىزنىڭ تەكلىپلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقىلى بولار دەپ.

قىممەت بوپ كەتمىگەندۇ؟

tawpek 2012-07-25 21:25
引用第4楼gulhan于2012-07-25 19:54发表的  :ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ...<<ھەرقانداق بىر ئوقوتقۇچىلىق كەسپىگە ئائىت ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش  بىر تۈركۈم ئوقوتقۇچىلار قوشونىمىز سىز ئۈچۈن كەسپىڭىزدە زۆرۆر بولغان دەرىسلىك دىتال، تەييارلىق، ئىمتاھان سۇئالى دىگەندەك ماتىرىياللارنى تەييار قىلىپ بىرىدۇ.>>يىللىق ھەققى 100يۈەنما؟

ھەرقانداق دىگەن گىپىم سەل پو پۇراپ قاپتۇ راست.

مەن دىمەكچى تور بىكىتىمىز ئۈچۈن كۈچ قوشقان ئەزالارغا مۇنبىرىمىزدىكى سىزدەك بىر تۈركۈم ئوقوتقۇچىلار قوشونى لازىملىق نەرسىسىنى ئۆزىمىزدە بولسىلا ئايىمايمىزغۇ دەيمەن.
يىللىق ھەققى 100 يۇەن.

ئۇنىڭدىن سىرىتمۇ بۇ 100 يۇەنگە تور بىكىتىمىزدە يەنە نىمىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەك ھەرقانداق دىگەن سۆزنىڭ نىسبى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

قىسقىسى قولىمىزدىن كەلگەننى ئايىمايمىز. ھەق تاپشۇردۇم ئەمەس، كۆڭۆل سوۋغىمىز دەپ چۈشەنگەيسىزلەر.

ھىلىمۇ ھىلىقى تەكلىپكە جاۋابەن بۇلارنى ئوتورغا قويۇپ ئۆزۆممۇ غەلىتىلىك ھىس قىلىۋاتىمەن.

tawpek 2012-07-25 21:29
引用第1楼akkax于2012-07-25 16:52发表的  :   پاھ ! نېمىدېگەن كۆپ بانكا كارتىسى بار ھە تەۋپىق ئەپەندىنىڭ . ھەممىسىنىڭ پۇل بىلەن تولۇپ كېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!!!

بىرسى مائاشنىڭ، بىرسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ، بىرسى مال باھا پۇلىنىڭ، يەنە بىرسى دەۋىرنىڭ ئىھتىياجىنىڭ بولمامدۇ.

مەن قولومغا ئىلىپ بولغۇچە قەرىزگە ھىساپلاپ تۇتىۋىلىپ سانىغىلىمۇ قويمايدۇ ئەمەسمۇ شۇ پۇللارنى.
بىچارە كارتىللىرىم پۇل كىرسىمۇ تونوماس بوپ كەتتىمىكىن دەيمەنغۇ.

akida228 2012-07-25 22:38
ياخشى پىلان بوپتۇ ،قوللايمىز   سودا سانائەتنىڭ كارتىسى يوق ئىكەن -ھە؟

tawpek 2012-07-25 22:54
بىزنىڭ ناھيىدە ئۇنداق بانكا تاقالغىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى.

كۆكسانغۇن، ئۆزقانلارنىڭ بولسا يوللاپ قويايلۇق.

yaxar 2012-07-26 01:06
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، مەن بۇ پىكىرنى قوللاش يۈزىسىدىن ھەقلىق ئەزا بولۇشنى قارار قىلدىم.
(مەن تۇنجى ھەقلىق ئەزا بولدۇممۇ يا؟ چاقچاق ھە)

yaxar 2012-07-26 01:07
ھەقلىق ئەزا بولىمەن دىگىنىم چاقچاق ئەمەس جۇمۇ.

gulnar 2012-07-26 01:23
ھەرگىز قىممەت ئەمەس پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن سىلەر تىزىملاپ قويامسىلەر ياكى ئۆزىمىز ئايرىم تىزىملىتىمىزمۇ؟

ozqan 2012-07-28 23:55
ھەقلىق ئەزا بولۇش تۈزۈمىنى نۇرغۇن تورداشلار ئاللىقاچان ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ، بۇنداق قىلغۇمىز كەلمىگەن ئىدى .بۇندىن بۇرۇنقى تور بەت ئۈچۈن كېتىدىغان  پۈتۈن خىراجەتلەرنى تەۋپىق ئىنىمىز ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، بەزىدە كۆكسانغۇن ھەمكارلىشىپ كەلگەن ئىدى .
تور بېكىتىمىز ئۆتكەندە بىر نەچچە كۈن  تاقىلىپ قېلىپ ھەممىمىزنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى . ئوقۇتقۇچىلارغا تور بەتتىكى دەرس بايلىقلىرى تازا لازىم بولغان چاغلاردا تاقىلىپ قالدىغان ئەھۋاللار بولسا ، بەكمۇ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن .
مۇقىم بوشلۇق ۋە ھەر ئايدا تۆلەيدىغان  باشقا تور بەتلەردىكى ئېلان ھەققى ئۈچۈن كېتىدىغان بۇ پۇللار ھەقلىق ئەزالارنىڭ بىر يىلدا بىر قېتىم تۆلەيدىغان ئاشۇ 100يۈئەن پۇل بىلەن ھەل قىلىنسا مەنچىمۇ كۆپچىلىككە ئۇنچە قىممەت توختاپ كەتمەس ،دەپ ئويلايمەن ..
  تور بېكىتىمىز كەسىپلەشكەن تور بېكەت بولغاچقا ، كىرىدىغان ئادەم سانى چەكلىك ، بېرىلىدىغان ئېلانلارنىڭ مەزمۇنىغا قاتتىق چەك قويۇلغاچ ئېلاندىن كىرىدىغان كىرىم ئۆزىنى قامداشقا تولۇق يەتمەيدۇ ...
بۇ تور بەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ئەسلىمۇ تور بەتتىكى ئەزالارنىڭ ئارزۇسى ئىدى . شۇڭا ، تەۋپىق ئىنىمىز ئىنتايىن خىجىللىق ئىچىدە قوشۇلماي يۈرۈپ ، بۇ تۈزۈمنى تەستە ئوتتۇرغا قويدى.
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ .   بالىلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ھەم مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىۋاتقان بۇ تور بەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەقىياتى  ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يەنە  پايدىلىق بولغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ، شۇنداقلا ، خىلمۇ-خىل ئۇسۇللار بىلەن تور بېتىمىزنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .


  

yaxar 2012-07-29 11:43
ھەقلىق ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مۇنبەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇنبەردىكى مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم مىڭىشقا تىگىشلىك يول، بۇ نۇقتىنى مىنىڭچە بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى مەبلەغنىڭ رولىنى تونۇپ يەتكەن تورداشلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ، شۇڭا مەن مۇنبىرىمىزدە ھەقلىق ئەزالىق تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشىنى مۇنىرىمىزنىڭ مۇقىم، سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئىلگىرلەش دەپ قارايمەن.
ئەمدى ھەقلىق ئەزالىق تۈزۈمىنىڭ كونكىرىتنى يولغا قويۇلۇش قەدەم باسقۇچلىرىغا كەلسەك مىنىڭچە پەقەت بىر خىللا يىللىق ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىنى چەكلىمىگە ئوچرىتىپ قويامدىكىن دەپ ئويلىدىم، گەرچە 100 يۈئەن يىللىق ئەزالىق پۇلى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھازىرقى كىرىم سەۋىيىسىدىن ئىلىپ ئەيتقاندا يىللىق كىرىمىنىڭ نەچچە يۈزدىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ (مۇنبىرىمىزنىڭ كەسپىي خاراكتىرى كۈچلۈك بولغاچقا ھىس قىلىشىمچە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەدەبىيات كەسپىگە ئىشتىياقى كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋەرلەر ھەم بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئەزالارنىڭ ئاساسەن مۇقىم كىرىم مەنبىئى بار)، شۇڭا  100 يۈئەن يىللىق ئەزالىق پۇلىنى شۇ ئەزالارنىڭ مۇنبەردىن ئالىدىغان مەنپەئەتىگە سىلىشتۇرغاندا يوقنىڭ ئورنىدا دىيىشكە بولسىمۇ، مۇنبەر ئەزالىرىنى تىخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تىخىمۇ ئاقىلانىلىق بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.
شۇڭا ھەقلىق ئەزالرنىڭ سالاھىيىتىنى پەقەت يىللىق ئەزا دەپ بىرلا خىل بىكىتكەنگە قارىغاندا يىللىق ئەزا (ئالماس دەرىجىلىك ئەزا، يىللىق ئەزالىق ھەققى 100 يۈئەن)، ئاق ئالتۇن دەرىجىلىك ئەزا (يىرىم يىللىق ئەزالىق ھەققى 60 يۈئەن)، ئالتۇن دەرىجىلىك ئەزا (پەسىللىك ئەزالىق ھەققى 30 يۈئەن) كۈمۈش دەرىجىلىك ئەزا(ئايلىق ئەزالىق ھەققى 10 يۈئەن) ۋە ئادەتتىكى ئەزا دەپ بىرنەچچە دەرىجىگە ئايرىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويساق ۋە ھەرقايسى دەرىجىدىكى ئەزالارنىڭ  مۇنبەر بايلىقلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقوقىنى پەرىقلەندۇرۇپ قويساق تىخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم، شۇڭا تەۋپىق ئەپەندى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

gulhan 2012-07-29 12:08
  ھەقلىق ئەزا بولۇشنى مەن بەكمۇ قولايمەن. چۇنكى ھازىرقى جەمىيەتتە  ھەر قانداق بىر ئىشقا ئازراقلا مىدىرلاپ قويساڭمۇ پول كىتۋاتقان...
   بۇ مۇنبەر ئۇقۇتقۇچىلارنى ناھايىتى ياخشى ماتىريال ھەم بىلىم ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ كىلۋاتىدۇ. بىزمۇ بىر نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاز-تۇلا ياردەم قىلساق دىگەن ئۈمۈتتە ئىدۇق.
مەن ئەزا بولۇشقا ماڭدىم ئەمسە...

ياشار مۇئەللىمنىڭ تەكلىپى بەكمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ.

ataxkiz 2012-07-29 22:19
تەكلىپنى مەن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن باشتا مەن ئەۋەتىپ باشلامچىلىق قىلاي ئەمدى ، تەۋپىق مائارىپ تورىنىڭ مىللىي مائارىپ ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشىنى << تەۋپىق >> نامىنى << خىجالەت >> قىلماسلىقىنى ھەقىقىي تەۋپىق روھىنى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .   
                                  ........   ئاتەش قىز

tawpek 2012-08-03 16:29
引用第12楼yaxar于2012-07-26 01:07发表的  :ھەقلىق ئەزا بولىمەن دىگىنىم چاقچاق ئەمەس جۇمۇ.

ئەمىسە ھەق تاپشۇرۇڭ.

tawpek 2012-08-03 16:31
引用第13楼gulnar于2012-07-26 01:23发表的  :ھەرگىز قىممەت ئەمەس پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن سىلەر تىزىملاپ قويامسىلەر ياكى ئۆزىمىز ئايرىم تىزىملىتىمىزمۇ؟

تېزىملاتمىغانلار تىزىملىتىدۇ، سىزدەك تىزىملىتىپ بولغان ئەزالارنىڭ تىزىملىتىشى ھاجەتسىز ، بىز يۆتكەپ قويىمىز.

tawpek 2012-08-03 16:34
引用第15楼yaxar于2012-07-29 11:43发表的 ئاپتۇر (tawpek) نىڭ يازمىسىغا :ھەقلىق ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مۇنبەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇنبەردىكى مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم مىڭىشقا تىگىشلىك يول، بۇ نۇقتىنى مىنىڭچە بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى مەبلەغنىڭ رولىنى تونۇپ يەتكەن تورداشلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ، شۇڭا مەن مۇنبىرىمىزدە ھەقلىق ئەزالىق تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشىنى مۇنىرىمىزنىڭ مۇقىم، سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئىلگىرلەش دەپ قارايمەن.ئەمدى ھەقلىق ئەزالىق تۈزۈمىنىڭ كونكىرىتنى يولغا قويۇلۇش قەدەم باسقۇچلىرىغا كەلسەك مىنىڭچە پەقەت بىر خىللا يىللىق ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىنى چەكلىمىگە ئوچرىتىپ قويامدىكىن دەپ ئويلىدىم، گەرچە 100 يۈئەن يىللىق ئەزالىق پۇلى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھازىرقى كىرىم سەۋىيىسىدىن ئىلىپ ئەيتقاندا يىللىق كىرىمىنىڭ نەچچە يۈزدىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ (مۇنبىرىمىزنىڭ كەسپىي خاراكتىرى كۈچلۈك بولغاچقا ھىس قىلىشىمچە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەدەبىيات كەسپىگە ئىشتىياقى كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋەرلەر ھەم بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئەزالارنىڭ ئاساسەن مۇقىم كىرىم مەنبىئى بار)، شۇڭا  100 يۈئەن يىللىق ئەزالىق پۇلىنى شۇ ئەزالارنىڭ مۇنبەردىن ئالىدىغان مەنپەئەتىگە سىلىشتۇرغاندا يوقنىڭ ئورنىدا دىيىشكە بولسىمۇ، مۇنبەر ئەزالىرىنى تىخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تىخىمۇ ئاقىلانىلىق بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم. شۇڭا ھەقلىق ئەزالرنىڭ سالاھىيىتىنى پەقەت يىللىق ئەزا دەپ بىرلا خىل بىكىتكەنگە قارىغاندا يىللىق ئەزا (ئالماس دەرىجىلىك ئەزا، يىللىق ئەزالىق ھەققى 100 يۈئەن)، ئاق ئالتۇن دەرىجىلىك ئەزا (يىرىم يىللىق ئەزالىق ھەققى 60 يۈئەن)، ئالتۇن دەرىجىلىك ئەزا (پەسىللىك ئەزالىق ھەققى 30 يۈئەن) كۈمۈش دەرىجىلىك ئەزا(ئايلىق ئەزالىق ھەققى 10 يۈئەن) ۋە ئادەتتىكى ئەزا دەپ بىرنەچچە دەرىجىگە ئايرىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويساق ۋە ھەرقايسى دەرىجىدىكى ئەزالارنىڭ  مۇنبەر بايلىقلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقوقىنى پەرىقلەندۇرۇپ قويساق تىخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم، شۇڭا تەۋپىق ئەپەندى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

كۆپنىڭ ئەقلى ھەقىقەتەن كۆپ بولىدۇ دە، مەن ئويلاپ يەتمىەەن نوختىلارنى ئوتورغا قويۇپسىز، تەشەككۇر.

ئەزالار يۇقارقى ئۇسۇللارنىمۇ خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ.

tawpek 2012-08-03 16:37
引用第16楼gulhan于2012-07-29 12:08发表的  :  ھەقلىق ئەزا بولۇشنى مەن بەكمۇ قولايمەن. چۇنكى ھازىرقى جەمىيەتتە  ھەر قانداق بىر ئىشقا ئازراقلا مىدىرلاپ قويساڭمۇ پول كىتۋاتقان...   بۇ مۇنبەر ئۇقۇتقۇچىلارنى ناھايىتى ياخشى ماتىريال ھەم بىلىم ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ كىلۋاتىدۇ. بىزمۇ بىر نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاز-تۇلا ياردەم قىلساق دىگەن ئۈمۈتتە ئىدۇق. مەن ئەزا بولۇشقا ماڭدىم ئەمسە... ياشار مۇئەللىمنىڭ تەكلىپى بەكمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ.

تۇنجى بولوپ بۇ چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشقىنىڭىزغا تەشەككۇر.تور بېكىتىمىز سىزدەك خالىس قوللىغۇچىللىرىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ،
پۇل تاپشۇرۇپلا يوقاپ كەتمەي، بىزنىڭمۇ سىزگە قىلىپ بىرىدىغانلىرىمىز بولسا ئىيتىڭ، مۇلازىمەت دائىرسى ئىچىدە ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز جۇمۇ.

tawpek 2012-08-03 16:39
引用第17楼ataxkiz于2012-07-29 22:19发表的  :تەكلىپنى مەن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن باشتا مەن ئەۋەتىپ باشلامچىلىق قىلاي ئەمدى ، تەۋپىق مائارىپ تورىنىڭ مىللىي مائارىپ ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشىنى << تەۋپىق >> نامىنى << خىجالەت >> قىلماسلىقىنى ھەقىقىي تەۋپىق روھىنى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . [ئىپادە]  [ئىپادە]                                   ........   ئاتەش قىز

مۇشۇنداق كاللا قوشوشوپ بىرلىكتە جارى قىلدۇرارمىز.سىز بىزدەكلەر تىرىشساق خىجالەتمۇ بولماس.

ناۋاي 2012-11-11 18:06
ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزسە،مەن ئۈچۈن مەدەتكار بولىۋاتقان بۇ مەنىۋى يۆلەنچۈگىمنىڭ  تەكلىۋىگە ئاۋاز  قوشۇپ، كەچلىك تاماقتىن كىيىن 100 يۈئەن يوللىۋىتەي.

tawpek 2012-11-11 22:40
پۇل يوللىغاندا تىلفۇن ياكى كوت كوت ئارقىلىق خەۋەرقىلىشنى ئۇنۇتمايلى.

پۇل يوللاپلا قويماي ئىلان تەشۋىقات بولسىمۇ دىسەك بولىدۇ

ناۋاي 2012-11-12 14:09
چۈشكە يېقىن يېزا ئىگلىك بانكىسدىن  يوللىۋەتتىم.

tawpek 2012-11-12 21:08
تەشەككۇر، تور بىكىتىمىز قىلىپ بىرىدىغان ئىش بولسا ئوتتورغا قويارسىز.

ناۋاي 2012-11-12 22:05
بەزىدە كاللامدىكى چىگىش مەسلىلەرنى يېشىپ بەرگەن  تېمىلارنى بەدەلسىز ئوقۇۋىتىپت تەييارغا ھەييار بولدۇم _دە دىگىنىمچە غۇتۇلداپ قوياتتىم. ئەمدى بۇ خىجالەتچىلىكتىنمۇ قۇتۇلدۇم.مەن ئۈچۈن كەسپىي ئۇستازلىق  رولىنى ئۆتەۋاتقان ،تەۋپىق تور بىكىتىنىڭ  ئەتىسىنىڭ بۈگۈنكىدىنمۇ نۇرانە  بولشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان ئەزىزلەرنىڭ ئەجىرلىرىگە رەخمەت ئېيتىمەن!

nadiraay 2013-02-24 00:02
بۇ مۇنبەرنى بۇرۇنراق بىلمىگىنىمگە ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.

دىلخۇش 2013-11-10 11:29
       بۇ بەك ياخشى بوپتۇ.

tutya 2013-12-11 22:06
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ....دەرىجىسىنىڭ ئۆسىشىنى ساقلىمىسىمۇ ماتىرياللاردىن بىمالال پايدىلانغەدەك....

گۇلچى 2013-12-19 11:52
ياخشى پىلان بوپتۇ ،قوللايمىز  

tursunjan 2013-12-21 16:39
مەن سەل  كىيىنچە ئويلاشسام بولغۇدەك پۇلۇم يوق  

گۈلنىھال 2013-12-31 11:55
مەنمۇ ھەقلىق ئەزا بولاي دەيمەن ، سىزنى بەكمۇ قوللىغۇم بار تەۋپىق ئەپەندى . چۈنكى ، سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئۇيغۇر مائارپىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، قىيىنچىلىقلارنى تۈگەتتىڭىز ، سىزدەك تۆھپىكارىمىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ

ياسىنجان510 2014-01-28 13:59
ئەلۋەتتە قىزغىن قوللايمىز،ھەقلىق ئەزا بولۇش مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم ئىدى .مەن چوقۇم دەرھال بېجىرىشكە تېگىشلىك تەلەپلەرنى تېزدىب بېجىرىمەن.

ياسىنجان510 2014-01-28 14:15
بۇ چاقىرىققا قىزغىن ئاۋاز قوشىمەن ۋە قىزغىن قوللايمەن.مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال ئەزا بولىمەن ،تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خوشاللىق دەپ بىلىمەن.

مىېھرىما 2014-01-28 14:50
ياخشى پىلان بوپتۇ.

ياسىنجان510 2014-01-28 18:59
تەۋپىق ئەپەندى 28-چىسىلا چۈشتىن كېيىن سىزگە ئۈچ قېتىم تېلېفون قىلىپ ئالالمىدىمغۇ؟
  پۇل ئېۋەتىشتىن بۇرۇن مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپتىكەنسىز ،شۇڭا سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاندىن پۇل سالاي  دېگەن ئىدىم.

tawpek 2014-03-10 14:15
akkax:   پاھ ! نېمىدېگەن كۆپ بانكا كارتىسى بار ھە تەۋپىق ئەپەندىنىڭ . ھەممىسىنىڭ پۇل بىلەن تولۇپ كېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!!! (2012-07-25 16:52) 

دىگىنىڭىز كەلگەي

tawpek 2014-03-10 14:16
kaqur:ئاندىن ھەقلىق ئەزالارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم مىدال بەرسەكمۇ ياخشىكەن... (2012-07-25 18:15) 

شۇنداق بولدى،

نەخ پۇل تۆلەپ ۋە ئىرىشكەن جۇغلانمىسىدىن تۇتۇلۇپ دىگەندەك ئىككى خىل ئۇسۇلدا بۇ ئەزالىق دەرىجىسىگە چىققانلارنىڭ پەرقىنى ئايرىش ئۈچۈنمۇ ئىككى خىىل مىدال تەسىس قىلىنىپ تارقىتىلدى.

tawpek 2014-03-10 14:17
gulnar:يىللىق ھەققى 100يۈەنما؟ (2012-07-25 18:59) 

150 كە چىقتى،  لىكىن قانچىلىك تۆلىسە شۇنچىلىك جۇغلانما قوشوپ بىرلىدۇ.

tawpek 2014-03-10 14:19
gulhan:ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ...<<ھەرقانداق بىر ئوقوتقۇچىلىق كەسپىگە ئائىت ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش  بىر تۈركۈم ئوقوتقۇچىلار قوشونىمىز سىز ئ .. (2012-07-25 19:54) 

مۇنبەردە باردىن چەكلىمىسىز پايدىلىنالايدۇ،  ھەمدە ھەقلىق ئەزا بولوپ مۇنبىرىمىزنى قوللىغانكەن باشقا ئەزالارمۇ بۇلارغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن مۇنبەردە بولمىسىمۇ ئۆزىدە بولسىلا لازىم دىسە سۇنۇپ بىرىدۇ دەپ مۇشۇنداق ئالغان.

tawpek 2014-03-10 14:20
akida228:ياخشى پىلان بوپتۇ ،قوللايمىز  [ئىپادە] سودا سانائەتنىڭ كارتىسى يوق ئىكەن -ھە؟ (2012-07-25 22:38) 

بۇ تەەپتە ئۇنداق بانكا يوق

tawpek 2014-03-10 14:21
yaxar:ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، مەن بۇ پىكىرنى قوللاش يۈزىسىدىن ھەقلىق ئەزا بولۇشنى قارار قىلدىم.(مەن تۇنجى ھەقلىق ئەزا بولدۇممۇ يا؟ چاقچاق ھە) (2012-07-26 01:06) 

قىنى پۇللللللللللللللللللللللل

چاخچاق

tawpek 2014-03-10 14:22
gulhan:  ھەقلىق ئەزا بولۇشنى مەن بەكمۇ قولايمەن. چۇنكى ھازىرقى جەمىيەتتە  ھەر قانداق بىر ئىشقا ئازراقلا مىدىرلاپ قويساڭمۇ پول كىتۋاتقان... .. (2012-07-29 12:08) 

تەشەككۇر ھىلىمۇ ئىختىسادى جەھەتتىن كۆپ قوللاۋاتىسىز.

tawpek 2014-03-10 14:24
ياسىنجان قىرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۇر.

nadiraay 2014-03-10 16:43
كونىلاردا<< بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم. بېرىپ يانمىساڭ، ئوتتۇرىدا سۇن تاۋىقىم>> دېگەن گەپ بار ئىكەن.   بىزنىڭ مۇنبەرگە بەرگەنلىرىمىز بىزنىڭ بۇ مۇنبەردىن ئېرىشكەنلىرىمىزگە ياماقمۇ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئازىراق بولسىمۇ كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە مۇنبەرنى قوللاش يۈزىسىدىن ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، بىر قېتىملىق تاماق پۇلىنى ھەقلىق ئەزالىق بەدەل پۇلى قىلىپ تۆلىۋەتسەك ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

تەۋپىق 2014-03-14 10:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ ھەقلىق ئەزا بولاي دېگەن... سىز بىلەن مۇشۇ يەردە ئالاقىلاشسام بولامدۇ تەۋپىق ئەپەندىم؟


查看完整版本: [-- ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا»قۇبۇل قىلىش باشلاندى! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled