مۇنبەرگە تۆكۈلگەن ياش
كونا ھېكايىكەن، كۆپ تىلدا نەشر قىلىنىپتۇ... بەك ياخشى بولغاچقا كەچۈرمۇ ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھالدا تېما كۆچۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.... ئەسەرنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئاققان يېشىم مانا ھازىر ھۆركىرەپ يىغلاشقا ئايلىنىپتۇ... مۇشۇ خەتلەرنىمۇ ئارانلا بېسىۋاتىمەن.... بىلىمەن، جىق خەت يازغانسېرى ۋاقىتنى ئالىمەن، ئۇنىڭدىن تېمىنى تېزلا كۆچۈرۈپ يوللىۋېتەي. O+{pF.P#V 9H
!B)
مۇنبەرگە تۆكۈلگەن ياش Mc#O+'](f چوپانى ei|*s+OZu !~w6"%2+7 كۆكنى قاپقارا بۇلۇت قاپلىۋالغان ئىدى، خۇددى كۆڭلۈڭنى مۇھتاجلىق قاپلىۋالغاندەك. يامغۇرچى يامغۇردىن بىشارەت بېرىپ، ھەسرەتلىك سايرايتتى، گوياكى ھازىداردەك. قارلىغاچلار كۆكتىن ئوزۇق ئىزدەپ ناھايىتى ئالدىراشلىق بىلەن «غۇژ-غۇژ» ئۇچاتتى، بەئەينى سەن سىنىپقا مەنىۋې ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ئالدىراپ ماڭغاندەك. ئەمما،قارلىغاچلار سەندەك بۇنداق خامۇش، چۈشكۈن، ئۈمىدسىز ئەمەس، شوخ - تېتىك، روھلۇق، غەمسىز ئىدى، مىسالى سېنىڭ بالىلىق چاغلىرىڭدەك. &}L36|A: سەن دەرغەزەپتە سىنىپقا كىرىپ كەلدىڭ، خۇددى تۇيۇقسىز چىققان قارا بوراندەك. سەن شۇ دەرىجىدە جۇدۇنلۇق ئىدىڭكى، ئىلگىرىكى سالماقلىقىڭنى تامامەن يوقاتقان ئىدىڭ. شۇڭا، بالىلارغا ئادىتىڭدىكىدەك بىر قۇر قاراپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇنقى باھاردەك ئىللىق چېھرىڭدىن قار - مۇز ياغدۇرۇپ تۇرۇپ يوقلىمىنى ئاچتىڭ. بالىلار «جىممىدە» ئولتۇرۇشاتتى، گوياكى ۋۇجۇدۇڭدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان جۇت - زىمىستاندا توڭلاپ قالغاندەك. V{AH\IV- سەن ئەۋەل: «سىنىپ باشلىقى» دەپ چاقىرىشنىڭ ئورنىغا:
alb+R$s −كىم يوق!؟−دەپ سورىدىڭ قوپاللىق بىلەن، خۇددى خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن بەڭگىدەك. 8 /RfNGY سىنىپ باشلىقى «لىككىدە» ئورنىدىن تۇردى، بەئەينى چۆچۈگەن كىيىكتەك. شۇڭا ئۇ ئالدى - ئارقىسىغا قاراپ: «ئى - مى» دەپ بولغۇچە،سەن يەنە سوراپ بولدۇڭ: K,L> −ھۇ، پاڭ، ياغاچ قۇلاق! «كىم يوق» دېدىم مەن ساڭا!؟ \0^r J1* −ھەم... ھەممىسى تولۇق. 0,L$x*Nj5 بۇنىڭدىن قىلچە خۇش بولمىدىڭ. بىر چاغلاردا بالىلار مۇشۇنداق تولۇق بولۇدىغان بولسا، شۇنداق خۇش بولۇپ كېتەتتىڭ، خۇددى ۋىسال قۇچقان ئاشىقتەك؛ دەرسنىمۇ شۇنچىلىك ئىخلاس بىلەن ئۆتۈپ، ئالەمچە سۆيۈنۈپ يايراپ كېتەتتىڭ، گوياكى سۇغا چۈشكەن چاڭقاق بېلىقتەك؛ قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەنلا سىنىپتىن شېرىن كەيپ، يەڭگىل قەدەملەر بىلەن چىقىپ كېتەتتىڭ، بەئەينى ئاق قۇ پېيىدەك! x>8}|ou ئەمما، بۈگۈن... )kY_"= d بالىلاردىن سىناق ئالمايلا يوقلىمىنى يېپىۋەتتىڭ. بالىلار بىر - بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويۇشتى. چۈنكى، سەن ئۆمرۈڭدە تۇنجى قېتىم كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان ئىدىڭ − ھازىرغا قەدەر بىر قېتىممۇ سىناق ئالماي تۇرۇپ دەرس باشلاپ باقمىغان ئىدىڭ. شۇڭا، بالىلار بۇ قىلىقىڭدىن ھەيران قېلىشقان ئىدى، ھەتتا بۇ قىلىقىڭدىن ئۆزۈڭمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتىڭ؛ ئۆز - ئۆزۈڭنى ئەيىبلەۋاتاتتىڭ، خۇددى سىناقتىن ئۆتەلمىگەن بالىلارنى ئەيىبلىگەندەك. }Nd`;d
سەن يانچۇقۇڭدىن يېشىل تاشلىق خاتىرىنى چىقىرىپ، كىتاب پۇلىنى بەرمىگەن بالىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشقا باشلىدىڭ: jN'fm −نەجمىدىن! thZ@BrO# سەن خاتىرىنى ئۈستەلگە قويۇپ، بېشىڭنى كۆتۈردۈڭ. سېرىق چىراي، دىقماقراق كەلگەن بىر بالا ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇردى. بۇ ھال ساڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى، ئۇنى نامراتلىق - يوقسۇزلۇق، مۇھتاجلىق، خىجالەتنىڭ خۇددى تاغدەك بېسىپ تۇرغانلىقىنى سەن ناھايىتى ئوبدان بىلەتتىڭ؛ ھازىر ھەر ئىككىلىڭلارنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنىمۇ ناھايىتى ئوبدان بىلەتتىڭ. 'j,Li(@} ئەمما، بۈگۈن پۇلنى ئالماي زادى بولمايتتى! 1A/c/iC −پۇلنى ئەكەلدىڭما!؟ (HV~ '5D ...− <
jocfTBk بالا جاۋاب بەرمىدى. بۇ ئۇنىڭ پۇلنى يەنە ئەكەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. «غۇژژىدە» تۈرۈلدۈڭ، راسا ئاچچىقىڭ كەلگەن ئىدى. /YugQ.>| l −چىقە! (.XDf3 بالا دوسكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، بېشىنى مەھكۇمانە ئېگىپ، تىرنىقىنى تاتىلاشقا باشلىدى. hZ\W ?r −نېمىشقا!؟ 4-nr_
WCm4 ...− 8|-mzb& بالا يەنە جاۋاب بەرمىدى. بۇ، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۈگۈنمۇ پۇل بەرمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. تاقىتىڭ توشقان ئىدى. I9G*iu=U −ھەي تاز ھەي! داداڭ پۇل بەرمىگەن بولسا، جامەنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئالدىڭغا بىر داستىخان سېلىپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ! }vxH)U6$q ئۇنىڭغا قارىدىڭ. بالىنىڭ يالاڭئاياق پۇتى چاك - چاك يېرىلغان ئىدى، خۇددى ئۇ، ئۇلارنىڭ − ئوقۇغۇچىلىرىڭنىڭ ئاتا - ئانىلىرى، سەن، خوتۇن - بالىلىرىڭ ھارماي يەپ كېلىۋاتقان زاغرا ناندەك. ئىشتىنىنىڭ يىرتىقىدىن ساغرىسى ماراپ قالغان ئىدى، گوياكى پىلەكنىڭ سايىسىدا قالغان سېرىق سويمىدەك. يۈرىكىڭ «پىژژىدە» ئېچىشىپ كەتتى، مىسالى ئۇنىڭ يۈرىكىدەك. ئەمما، بۈگۈن پۇلنى ئالماي زادى بولمايتتى. \`%Y-!H+v −ھازىرچە تىلەمچى - سائىلدىن باج ئالمايدۇ؛ بازار باشقۇرۇش راسخوتى ئالمايدۇ؛ ئورۇن پۇلى ئالمايدۇ؛ مۇھىت ئاسراش پۇلى ئالمايدۇ. ئاڭلىدىڭما!؟ ھە، ئاڭلىغان بولساڭ، ساڭا ھازىردىن باشلاپ ئەتە ئەتىگەنگىچە رۇخسەت، ماڭە، ھازىر جامەنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ماۋۇ ياغلىقنى،−سەن ئالدىدىكى پارتىدا ئولتۇرغان بىر قىز بالىنىڭ ياغلىقىنى بېشىدىن يۇلۇپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇڭ،− ماۋۇ ياغلىقنى ئالدىڭغا سېلىپ ئولتۇر! ئاغزىڭ بېسىقماي ئىلتىجا قىل! vyx\N{ eN?P) , جان ئانامدىن ئايرىلىپ، F?,&y
)ri گۈل چېھرىم سامان بولدى. _kY[8e5 ئۆگەي ئانام دەردىدە، B[_b J
* كۆز يېشىم راۋان بولدى. I/b8 ,JB
w$C ئاچ كۆزۈڭنى، جان ئانا، tfKeo|DM" غېرىپ بولغان بالاڭ كەلدى. y=qo-v59' ياپياش تۇرۇپ قەلبىگە، sv6U%qV دەرد تولغان بالاڭ كەلدى. -Tkd@ ]j$p _s> دەپ قوشاق ئوقۇپ، ماڭقاڭنى ئېقىتىپ راسا يىغلا! ماڭە! +e4 بالا قىمىرلىمىدى. سەن ئۇنىڭ گەدىنىگە كاچىتىڭ بىلەن «قاسسىدە» قويدۇڭ. كاچات ئۇنىڭ گەدىنىگە ئەمەس، يۈرىكىڭگە تەگدى. ئۇ سەنتۈرۈلە - سەنتۈرۈلە بېرىپ، ئىشىككە «دوققىدە» بىرنى ئۈسۈپ توختىدى، ياق، ئىشىككە ئەمەس، يۈرىكىڭگە. يۈرىكىڭ ئاغرىپ كەتتى، خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىدەك. u,
,WD ئەمما، پۇلنى ئالماي زادى بولمايتتى. سەن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتىڭ. ئىشىكنى ياپتىڭ. ئۇنىڭ بىچارە سىماھسى سىنىپتىن يوقالدى. p}zk&` يەنە خاتىرىگە قارىدىڭ.
nK'8Mo −رۇستەم! <07W&`Dw ئاۋاق، ئېگىز بوي، قاپقارا يۈزلىرىنى تەمرەتكە باسقان بىر بالا ئورنىدىن تۇردى. C(*@-Npf[ −چىقە! S,
9WMti4x ئۇمۇ نەجمىدىننىڭ تۇرغان جايىغا كېلىپ توختىدى. c%/&@vs7 −سەنچۇ!؟ $5CY<,f ... − yx;R#8;b. ئۇمۇ جاۋاب بەرمىدى. ئىشتان بېغى ساڭگىلاپ تۇراتتى. تىكىشىدىن سۆكۈلۈپ كەتكەن پۇشقىقىنى تۈرۈۋالغان ئىدى. بەتىنكىسى پۇتىدا تۇرمىغاچقا، بىر ئاق سۇلياۋ شوينىدا ھوشۇقىغا چېگىۋالغان ئىدى. uWtS83i −ھەي پاخشەك، ھەي قوتۇر ھەي! سەن تۈنۈگۈن: «ئەتە چوقۇم ئەكىلىمەن» دېگەن - يا!؟ )0d".Q|v4 بالا «ئىتى-مىتى» دەپ قالدى. «سەرگە ئولتۇرمايدىغان» باھانە - سەۋەبلىرىدىن جاق تويغان ئىدىڭ، گەرچە ئۇنىڭ باھانە - سەۋەبلىرىنىڭ راست - ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساڭمۇ. ئەمما، پۇلنى ئالماي زادى بولمايتتى.شۇڭا، ئۇنىڭ شەپكىسىنىڭ سايىۋىنىدىن تۇتۇپ بىر تارتىۋېدىڭ، «پارتتىدە» يىرتىلىپ قولۇڭغا چىقىپ قالدى، ئۇنىڭ شەپكىسىنىڭ سايىۋىنىنى «پىررىدە» چۆرۈۋېتىپ، شەپكىسىنى يۇلۇپلا قولۇڭغا ئالدىڭ، خۇددى ھېلىقى قىز بالىنىڭ ياغلىقىنى يۇلۇپ ئالغاندەك. شەپكە بىلەن رۇستەمنىڭ بېشىغا «قاسسىدە» قويدۇڭ. رۇستەم: «ۋايجان!» دەپ، «لوككىدە» ئولتۇرۇپ قالدى، خۇددى قولتۇق تايىقىدىن ئايرىلىپ قالغان توكۇردەك. سەنمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە: «ئىم!» دەپ قالدىڭ. يۈرىكىڭ تولغىنىپ كەتتى، ئۆز ئەينى رۇستەمدەك. چۈنكى، ئۇنىڭ چاچلىرى ئارىسىدىن سىرغىپ چىققان قىپقىزىل قان ئۇنىڭ قاپقارا گەدەن، يۈزلىرىنى بوياۋاتاتتى، مىسالى يۈرىكىڭدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان قان خىزىرنىڭ كۆڭلىدەك ئاپئاق قەلبىڭنى بوياۋاتقاندەك. قاننى كۆرۈپ چۆچۈپلا كەتتىڭ، گوياكى ئوۋچىنىڭ ھىدىنى ئېلىپ قالغان كىيىكتەك. NWwtq&pz2 »توۋا، بۇ نېمە ئىش؟ شەپكە بىلەن ئۇرغانغىمۇ قان چىقامدۇ!؟... « cE>/iZc سەن ئۇنىڭ شەپكىسىنى مۇجۇقلىدىڭ، خۇددى مۇھتاجلىق يۈرىكىڭنى مۇجۇقلىغاندەك. قولۇڭغا بىر قاتتىق نەرسە ئۇرۇندى. ئۇنى شەپكىنىڭ ئەستىرىدىن سىيرىپ چىقاردىڭ. قولۇڭدا جانانە گۈلىسى چوڭلۇقتا بىر ئېلىكتىرماتور پەيدا بولدى. بۇنى كۆرۈپ ئەرۋايىڭ قىرىق گەز ئۇچتى. Zw
8b
-_ −نېمە بۇ!؟ U9sub6w 6 ...− +1fOW4!5 −بۇ بىر نېمىنى نېمىشقا شەپكەڭنىڭ ئىچىگە سېلىۋالغان!؟ 7tKft ...− QjN3j*@ ئۇ جاۋاب بەرمىدى. سەن تېخىمۇ ھەيران قالدىڭ. چۈنكى، سەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بالىلارنى ھەرىكەتلىنىدىغان بىردىن مودىل ياساپ كېلىشنى تاپىلىغانلىقىنى، ئېلىكتىرماتور تاپالمىغان رۇستەمنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن بىرمۇنچە تەنقىدلەنگەنگەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ؛ مەكتەب تەجرىبەخانىسىنى تازىلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىر ئېلىكتىرماتور ئېلىۋالغانلىقىنى، مۇئەللىمنىڭ ئۇقۇپ قېلىشىدىن، ئاقتۇرۇپ تېپىۋېلىشىدىن قورقۇپ، شەپكىسىنىڭ ئەستىرىگە تىقىۋالغانلىقىنى ئۇقمايتتىڭ. (MiOrzT −ماڭە، ساڭىمۇ ئەتە ئەتىگەنگىچە رۇخسەت. مەدىكار بازىرىنى بىلەمسەن؟ بىلمىسەڭ،مەن دەپ بېرەي، جامەنىڭ ئۇدۇلىدا − گۈللەنگەن سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا. ھازىر بېرىپ مەدىكار ئىشلە. بىر كىمنىڭ خالاسىنىڭ گەندىسىنى تارتامسەن، ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى تۆكەمسەن، نېمىش قىلساڭ قىلىپ، پۇل تېپىپ كەل! i1@g Hk ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇنىمۇ دۈمبىسىدىن زورلۇق بىلەن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتىڭ، خۇددى ئۆمرۈڭدە تىلىڭغا تەگكۈزۈپ باقمىغان ئەڭ سەت سۆزلەرنى زورلۇق بىلەن ئاغزىڭدىن چىقىرىۋەتكەندەك. .T wF]
v يەنە خاتىرىگە قارىدىڭ. Cy'W!qH −ئايشېرىنگۈل! \1D,Kx;Cb ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، خۇددى ناشتىسىز قالغان ئاھۇ كىيىكتەك. ئەمما، سېنىڭ «چىقە!» دەپ بۇيرۇق قىلىشىڭنى كۈتمەستىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دوسكىغا قاراپ تىك تۇردى، خۇددى ئېلىپتەك؛ ئۇنىڭ ئېگىز بويى شۇنداق تۈز - كېلىشكەن ئىدى، بەئەينى سەرۋىدەك؛ قىزىل مەڭزلىك يۈزى يۇپيۇمۇلاق ئىدى، خۇددى تولۇن ئايدەك؛ سۆزلىرى − سورىغان سوئاللىرىڭغا بېرىدىغان جاۋابلىرى شۇنداق شېرىن ئىدى، گوياكى بالدەك؛ ئۆزى پاكىزە - غۇبارسىز ئىدى، مىسالى تاڭ شەبنىمى قونغان قىزىلگۈل بەرگىدەك. قاپقارا چاچلىرى چىقىپ قالغان تۆشۈك، ئەترەڭ ياغلىقى، تولا يۇيۇلۇپ رەزبى قالمىغان، تىتىلىپ - تارىلىپ كەتكەن قارا ئەتلەس كۆڭلىكى، كۆڭلىكىنىڭ تۆشۈكلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇدىغان قىزىل ئىچ كۆڭلىكىنىڭ قوناق قۇلاقلىرىدەك ساڭگىلاپ - لەپىلدەپ، يەر سۆيۈپ تۇرغان ئىككى تال «قىزىل لىنتىسى»، كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى ئېڭىكىنىڭ تۈۋىدىنلا تۈگمە ئورنىدا ئىلىۋالغان دات باسقان ئىلگىكى، پاسۇنىنىڭ غەلىتىلىكىدىن ئۇنىڭ «پىت بازىرى»دىن سېتىۋالغانلىقى «مانا مەن» دەپ بىلىنىپ تۇرۇدىغان سېرىق رەڭلىك كونا كاستىيۇمى، خېيىنىڭ ئۇچىدىن: «مانا، مەن بۇ يەردە» دەپ ماراپ تۇرغان بارمىقى... ئۇنىڭ بۇ گۈزەل لاتاپىتىگە قىلچە نۇقسان يەتكۈزەلمىگەن ئىدى ھەم يەتكۈزەلمەيتتى. چۈنكى، ئۇ ئەخلاقىي - ئەقلىي جەھەتتە سېنىڭلا ئەمەس، ھەممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ ئامراق، ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىڭ ئىدى. P,=J"%a - ئايشېرىنگۈلنىڭ ئۈستى - بېشىغا قاراپ ئىچىڭ سىيرىلىپلا كەتتى، خۇددى پۇل غەلۋىسى قىلغان بالىلىرىنىڭ يىغىسىنى تولا ئاڭلاپ، قولىغا بىر تىيىنمۇ پۇل تۇتقۇزۇپ قويالمىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتكەندەك. ئەمما، «ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى» دەپلا، بالىلاردىن، ھەتتا ئامراق، ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىڭ ماۋۇ ئايشېرىنگۈلدىن پۇلنى ئالماي زادى بولمايتتى. شۇڭا، ئۇنىڭدىنمۇ ئاچچىقىڭ بىلەن، تۇنجى قېتىم «سەن»لەپ سورىدىڭ: ,.MG&O −سەنچۇ!؟ 3edK$B51; ...− g]JI}O*5 ئۇمۇ جاۋاب بەرمىدى. ~2ei+#d!^ سەن شۇ تاپتا شۇنچىلىك تەرسا، ئەسەبىي، «پۇلخۇمار»، «يۈزسىز»لىشىپ كەتكەن ئىدىڭكى، مۇشۇ ئامراق، ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىڭغىمۇ يۈز - خاتىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىمۇ ھاقارەتلىۋەتتىڭ. 90D.G_45 −ساڭىمۇ ئەتە سەھەرگىچە رۇخسەت. سەنمۇ ھازىر مەدىكار بازىرىغا بېرىپ، پۇل تېپىپ كەل! بىركىمنىڭ بالىسىنى باقامسەن، يا بىركىمنىڭ خوتۇنىنىڭ كۇسىرىنى يۇيامسەن، پىتىنى باقامسەن، ياكى...لىڭگوڭلىغا * چىقىپ... Ll48)P{+}V »نومۇسىڭنى ساتامسەن» دېگەن گېپىڭنى يۇتۇۋەتتىڭ. ئەمما، كېچىككەن ئىدىڭ. چۈنكى، سېنىڭ: «لىڭگوڭلىغا چىقىپ...» دېگەن گېپىڭنىڭ ئۆزىدىنلا بالىلار ھەممىنى چۈشىنىپ بولغان ئىدى. سەن ئۆپكەڭنى سەل بېسىۋېلىپ، قاۋاقخانا ۋە نومۇسىنى ساتقۇچىلارنىڭ كۆپلىكى، مۇلازىمىتىنىڭ «ئەلالىقى» بىلەن «داڭق» قازانغان بۇ «شۆھرەتلىك» ماكاننىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا، باشقىچە سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن بولساڭ، بەلكىم، بۇ ئىش يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى: g&5VorGx ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ساڭا غەزەپ بىلەن تىكىلدى. ئۇنىڭ قۇياشنىڭ ئالتۇن يىڭنىسىدەك ئۆتكۈر نىگاھلىرى كۆكسۈڭنى تېشىپ ئۆتۈپ، يۈرىكىڭدىن غەلۋىرسىمان تۆشۈك ئېچىۋەتتى، خۇددى سېنىڭ چالا يۇتۇۋەتكەن سۆزلىرىڭ ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەندەك. يۈرىكىڭدىن سىرغىغان قاندا لەيلەپ قالدىڭ، خۇددى ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز يېشىدا لەيلەپ قالغاندەك. `P*j~ZLlXN −پۇل بەك لازىم بولۇپ قالغان بولسا،− دېدى ئۇ تەمتىرىمەي، دانىمۇ - دانە قىلىپ،− قېرىپ قالغان خوتۇنلىرىنى ھېچكىم پۇلغا ئالمايدۇ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان قىزلىرىنى لىڭگوڭلىغا چىقارتسىلا، پۇل تېپىپ كىرسۇن! NO1]JpR ئۆز ئوقۇغۇچىڭ تەرىپىدىن قىران غۇرۇرۇڭ، نازۇك قەلبىڭ شۇنداق خورلاندى، خۇددى ئايشېرىنگۈلنىڭ سەبىي غۇرۇرى، سەبىي قەلبى خورلانغاندەك. ئەمما، ئۇنىڭدەك ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالالمىدىڭ. غەزىپىڭ مىڭەڭگە تېپىپ، كۆز ئالدىڭ قاراڭغۇلاشتى. تىترەپ كەتتىڭ، گوياكى كەچكۈزدىكى ياپراقتەك. ئازابناك يۈرىكىڭ دۈپۈلدەپ سېلىپ، نەپىسىڭ كېسىلدى، مىسالى سىل كېسىلى بولغان ئادەمنىڭ نەپىسى كېسىلگەندەك. پۇت - قولۇڭنىڭ ماغدۇرى قېچىپ، «لاسسىدە» ئولتۇرۇپ قالدىڭ، خۇددى جېنىڭ چىقىپ كەتكەندەك. ئىككى قولۇڭنىڭ ئۈستىگە بېشىڭنى قويدۇڭ، گوياكى «لىڭگوڭلىغا چىقىپ» دېگەن سۆزۈڭنى ئاڭلاپ، بېشىنى پارتىغا قويۇۋالغان قىز ئوقۇغۇچىلاردەك. قاتتىق تەشنالىق ھېس قىلدىڭ، چۆلدە قالغان سۇسىز يولۇچىدەك. nwH|Hs riU شۇنداق، سەنمۇ مەرىپەت باغچىسىدىكى تەشنا يولۇچى − تەشنا باغۋەن ئىدىڭ! ^@eCT}p{ ئەمما، سەن ھازىر سۇغا ئەمەس، پۇلغا تەشنا ئىدىڭ! Rvo شۇڭا، پۇلنى ئالماي زادى بولمايتتى. Xu0*sQK سەن خېلى ئۇزاق جىمىپ كەتتىڭ، گوياكى مەۋجۇتلىقىڭنى يوقاتقاندەك. سېنى خىيال ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى. ئەمما، نېمىنى خىيال قىلغىنىڭنى بىلمەيتتىڭ؛ خىيالىي دۇنيادا قانچىلىك ياشىغىنىڭنى بىلمەيتتىڭ. شۇڭا، ئېسىڭنى يىغىپ ئويلىدىڭ: a[
De »توۋا، بۇ ئىتائەتچان، يۇۋاش، ئەدەب - ئەخلاقلىق قىز ئايشېرىنگۈل شۇمۇ؟! مېنى خۇددى ئاتا - ئانىسىدەك ھۆرمەتلەيدىغان، ئەقىللىق - زىرەك ئوقۇغۇچىم شۇمۇ - ھە!؟...»؛ ['j,S »مۇشۇ ئىشلارنى، مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغان مەنمۇ - ھە!؟ مەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ؟ قېنى مەندىكى ئوقۇتقۇچىغا خاس ئەخلاقىي - پەزىلەت؟....»؛ 6 h):o »بۇ زادى مەنمۇ - ئەمەسمۇ!؟...». g?wogCs5 بۇ سەن ئىدىڭ. ئەمما، ئىشەنگۈڭ كەلمەيتتى؛ ئۇنىڭ ئايشېرىنگۈل ئىكەنلىكىگە، بۇنىڭ ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈڭ كەلمەيتتى، خۇددى ئوقۇغۇچىلىرىڭ سېنىڭ بۇرۇنقى چېھرىدىن خۇشخۇيلۇق، مېھرىبانلىق، تىلىدىن شېئىر، ئىلىم - ھېكمەت تۆكۈلۈپ تۇرۇدىغان سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك! شۇڭا، ئۇلار سېنىڭ ئازاب - ھەسرەت ۋە مۇھتاجلىق شوئلا ئۇرۇپ تۇرغان قوڭۇر كۆزلىرىڭگە، كۆزلىرىڭ ئەتراپىدىكى ۋاقىتسىز چۈشكەن يول - يول قورۇقلارغا، ئاق - سېرىق يۈزۈڭگە ۋە سول مەڭزىڭدىكى پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتىكى خالغا، خال ئۈستىدىكى ئىككى تال سېرىق تۈككە، ئۆڭۈپ تېگىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان قاسماق چىمەن دوپپاڭغا، تولا يۇيۇلۇپ، ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان زىغىر رەڭ كاستىيۇمىڭغا، كۆڭلىكىڭنىڭ ئەستىرى كۆرۈنۈپ قالغان كىرسىز ياقىسىغا، تىزى چىقىپ خۇددى خالتىدەك بولۇپ قالغان مېغىز رەڭ شىمىڭغا، مۇشۇ بىر - ئىككى يىلنىڭياقى ماي كۆرمەي ئاقىرىپ كەتكەن، تولا يامىلىپ، يەنە يامىغۇچىلىكى قالمىغان، پاشنىسى ئۇپراپ، ئىككى يانغا مايماق كەتكەن بەتىنكەڭگە... سىنچىلاپ قاراپ قېلىشقان ئىدى. cj)~7 WF چۈنكى، سېنىڭ ئوقۇتقۇچىغا ئوخشىماي قېلىشىڭ تۇنجى قېتىم ئىدى؛ دەرس ۋاقتىدا دەرس ئۆتمەي كىتاب پۇلى يىغىشىڭ، بالىلارنى ھاقارەتلەپ، تەن جازاسى بېرىپ، سەبىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشىڭ تۇنجى قېتىم ئىدى؛ ئوقۇغۇچىلىرىڭغا دەرد تۆكۈش قارارىغا كېلىشىڭمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. 75u*ZMK شۇنداق، سەن ئوقۇغۇچىلىرىڭغا دەرد تۆكمەكچى بولۇپ، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئەۋەل دوسكا تۈۋىگە قارىدىڭ. ئايشېرىنگۈل كۆرۈنمەيتتى. بالىلارغا قارىغان بولۇپ ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئورنىغا قارىدىڭ. ئورۇن بوش، ئۇ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ قاچانلاردا چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالغان ئىدىڭ. بالىلارنىڭ ھەممىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ دەرس ئۆگىنىۋاتاتتى. ئورنىڭدىن تۇرماقچى بولدۇڭ، بىراق تۇرالمىدىڭ؛ ئۈستۈڭدىن تاغدەك بېسىپ تۇرغان مۇھتاجلىقنى كۆتۈرۈپ تۇرالمىدىڭ؛ ئۆز شاگىرتىڭ تەرىپىدىن خورلانغان يۈرىكىڭنى كۆتۈرۈپ تۇرالمىدىڭ؛ ئۆز تىلىڭ، ئۆز قىلىقلىرىڭ ئارقىلىق كۇكۇم - تالقان قىلىنغان يۈرىكىڭنى تېرىۋالالماي تۇرالمىدىڭ! شۇڭا، بالىلارغا خىجالەت بىلەن تەپتەكشى قاراپ چىقىپ، دەرد تۆكۈشنى باشلىدىڭ: Ws(>}
qjy −مېنى بۇنداق تەڭلىكتە قويماڭلار، ئوبدان ئۇكىلىرىم! مېنى بۇنچە قىينىماڭلار!− دېدىڭ ئەلەم - ھەسرەت ۋە چەكسىز يېلىنىش - ئىلتىجا بىلەن،− ھازىر قانچىنچى ئاي، باللا؟ .
^,vK7 9−-ئاي! ;I0/zeM% −شۇنداق، 9-ئاي، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى. دۆلەت بايرىمىنىڭ يۈز - خاتىرىسىدىن تۈنۈگۈن تېخى 6-ئايلىق مائاشىمىزنى ئالدۇق. مۇشۇنداق كېچىكىپ مائاش ئېلىپ كېلىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى. «تۈنۈگۈن مائاش ئالغاندىكىن، بۈگۈن بىزنى بۇنچىلىك قىستىۋالمىسىمۇ بولاتتى» دەپ قالماڭلار، مېنىڭ سىلەرنى بۇنداق قىستىۋالغۇم يوقتى؛ كۆڭلۈڭلارغا بۇنچىلىك قاتتىق ئازار بەرگۈم يوقتى. بىراق، مەندىمۇ ئامال قالمىدى، ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا قەلبىڭلارنى زىدە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم: تۈنۈگۈن مائاش ئالغىنىم بىلەن، قولۇمغا بىر سىنىتمۇ پۇل تەگمىدى! ھەممىنى كىتاب پۇلىغا تۇتۇۋالدى!... #S5vX<"9 قۇرۇپ، گەز باغلاپ كەتكەن نېپىز لېۋىڭنى يالاپ قويۇپ داۋام قىلدىڭ: y[vjqfdmU −مېنىڭمۇ بالىلىرىم يوقما؟ ئۆيۈم يوقما؟ سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مېنىڭ يوقنى تېپىپ بېرىدىغان دادام يوق، سۇنۇق كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەرگۈدەك، «ماۋۇ بىر باش پىيازكەن، ماۋۇ بىر تۇخۇمكەن» دېگۈدەك ئانام يوق، يا قولى ئىشقا تەگكەن بالام يوق. تۆت بالامنىڭ ھەممىسى سىلەردەك مەكتەبتە ئوقۇيدۇ. ھەر كۈنى كىتاب پۇلى، بەدەل پۇلى، گېزىت - ژورنال مۇشتەرى پۇلى، ئىئانە پۇلى، پائالىيەت پۇلى، ئىستراخۇانىيە پۇلى، ئوقۇغۇچىلار فورما پۇلى...نىڭ غەلۋىسى! قىلىدىغان يالغان گېپىممۇ قالمىدى. تۈنۈگۈن كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى: «جامەنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئالدىڭغا داستىخان سېلىپ ئولتۇر...» دەپتۇ، شۇنداق ئازابلىنىپ كەتتىم. ئوتتۇرانچى ئوغلۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى: «چامغۇر بولسىمۇ مەيلى، زەدەك بولسىمۇ مەيلى، گۈلە - جىگدە بولسىمۇ مەيلى، ئۆيۈڭدە نېمە بولسا شۇنى ئەكەل، ھەتتا پوق بولسىمۇ مەيلى، دېھقانغا سامانغا بولسىمۇ تېگىشەي...» دەپتۇ، تولغىنىپ كەتتىم. ئۇنىڭدىن چوڭ قىزىمغا: «ئاچاڭ بولسىمۇ ئەكەل...» دەپتۇ. ئۆپكەم ئۆرۈلدى، ئۆزەمنى مىڭ تەستە تۇتۇۋالدىم. چوڭ قىزىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بايا مەن ئايشېرىنگۈلگە دېگەن گەپنى دەپتۇ، يىغلىۋەتتىم، بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم؛ كۆزۈم بىلەن ئەمەس، يۈرىكىم بىلەن يىغلاپ چىقتىم. ئۆز - ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، قارغىدىم، ئۆز - ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم. ئەلۋەتتە، بالىلىرىمنى ھاقارەتلىگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەمەس! نېمىشقا؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىمەن، ئۇلارمۇ مەندىن ئۆتە دەردمەن. Q=[&~^Y) سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەن قىلىپ باقمىغان نېمە ئىش قالدى؟ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، شەنبە - يەكشەنبىلەردە ئۈچ چاقىلىق ۋېلىسپىت ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلدىم. تاپاۋىتىم خېلى ياخشى بولۇۋېدى، باجگىرلار، بازار باشقۇرغۇچىلار، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكىلەر، قاتناش ساقچىلىرى تولا باشقۇرۇپ، جەرىمانە ئېلىپ كۈن بەرمىدى. «مەيلى» دەپ قىلىۋەردىم. ئەمما، بىر بۇيرۇق بىلەنلا ھەممىمىزنىڭ ۋېلىسپىتلىرىمىز يىغىۋېلىندى. بەزىلەر ۋېلىسپىتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، يەنە ھەيدەشتى. لېكىن، مەن ئەچىقالمىدىم. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ رەسمىيەتلىرىگە يەتكۈدەك پۇل تاپالمىدىم. پۇل تېپىپ، رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ ھەيدىگەن تەقدىردىمۇ، ئەتىدە - ئاخشامدا تاپقان پۇلۇمنىڭ ئۇنىڭ ھەرخىل راسخوتلىرىدىن ئېشىشىغا كۆزۈم يەتمىدى. ئاخىرى سەي – كۆكتات ساتتىم؛ لەڭپۇڭچىلىق قىلدىم؛ ماتاڭچىلىق... قىلدىم. قانۇن - بەلگىلىمىلەردە: «شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تىجارەت قىلغۇچىلاردىن بازار باشقۇرۇش ھەققى، باج... ئېلىنمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە بولمىغاندىكىن، تاپقان – تەرگىنىميەنە بازار باشقۇرۇش ھەققى، باج... دىن ئاشمىدى. سىجىل قىلمىغان، ئەتىدە - ئاخشامدا، شەنبە - يەكشەنبىلەردە قىلغان ئىشتىن قانچىلىك پايدا قالىدۇ دەيسىلەر؟... مەن قىلمىغان پەقەت شۇ بىرلا ئالدىمغا داستىخان سېلىپ تىلەمچىلىك قىلىشلا قالدى. مەن بايا رۇستەمگە دېگەندەك، بۇ ناھايىتى ئوبدان كەسپ، بازار باشقۇرۇش راسخوتى ئالمايدۇ؛ باج ئالمايدۇ؛ ئورۇن پۇلى ئالمايدۇ؛ مۇھىت ئاسراش پۇلى ئالمايدۇ؛ بىركىم: «ئۇ يانغا تۇر،بۇ يانغا تۇر» دەپمۇ ھەيدىمەيدۇ. بىراق مېنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشقا يۈزۈم چىدىمىدى!...،−سەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، گېلىڭنى قىرىپ قويۇپ، سۆۈڭنى داۋام قىلدىڭ،− سىلەر بىلمەيسىلەر، ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ ھەتتا خوتۇن - بالىلىرىممۇ بىلمەيدۇ. ئۆيدە كۆمۈر، ئۇن - ياغ تۈگەپ كېتىپ، ئىككى قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ قان ساتتىم! ساتىدىغان، پۇلغا يارايدىغانلا نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىنى سېتىپ بولغان تۇرسام، قان ساتماي نېمە ساتىمەن!؟... 0M"E6z)9 گېپىڭ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، كۆزلىرىڭدىن يەنە ياش قۇيۇلۇپ،تاتارغان يۈزلىرىڭنى بويلاپ ئاقتى. قارىچۇقلىرىڭنى ياش پەردىسى توسۇۋالغاچقا، بالىلارنىڭمۇ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى كۆرەلمەي قالدىڭ. سەن دوسكا تەرەپكە ئالدىڭنى قىلىپ، بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۆز يېشىڭنى سۈرتۈۋېلىپ، كەينىڭگە بۇرۇلدۇڭ. UkUdpZ.[il −بىز مۇئەللىملەر شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان خەقمۇ - ھە!؟...،− سەن گەپنى بىردىنلا ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىگە يۆتكىدىڭ،− 25 يىلنىڭياقى مۇئەللىملىك قىلغۇچە، ھېچبولمىغاندا بىر تېرىچىلىك قلغان بولسام... !O\r[c بالىلارغا تۆكۈدىغان دەردلىرىڭ ھېچ تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. يەنە دەرد تۆكۈۋەرسەڭ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە كۆز يېشىڭغا غەرق بولۇپ كېتىشىڭ مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇت - قولۇڭ سىرقىراپ، ماغدۇرۇڭدىن كېتىۋاتاتتىڭ. ماغدۇرسىزلىنىشىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، مەرھۇم شائىر - يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ھېكايىسىنى ئېسىڭگە سېلىپ قويغان ئىدى. ھازىر «ماغدۇر كەتكەندە»نىڭ داۋامىنى ئۆتۈۋەتمىسەڭ بولمايتتى. ھازىر ئۆتۈۋەتمىسەڭ، كېيىنكى سائەتلىك دەرس پىلانىغا، بالىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشىگە تەسىر يېتەتتى. X qh+ −بولدى، دەرسىمىزنى ئۆتۈۋېرەيلى،− سەن كىتابنى ئېچىۋېتىپ سورىدىڭ،− ياسىن، سەن دەپ باقە، «ماغدۇر كەتكەندە» دېگەن ھېكايىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى نېمە؟ !tVV +vT# ياسىن ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، ياشلىرىنى سۈرتۈۋالدى - دە، بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئىخچام قىلىپ جاۋاب بەردى: gaJS6*P# −بۇ ھېكايىدە... دېھقانلارنىڭ ئەزگۈچىلەرنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ماغدۇرىدىن كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان... kmf4ax
h1 قوڭغۇراق چېلىنىپ، ئۇنىڭ سۆزى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۇنىڭ سۆزى ئۈزۈلۈپ قېلىۋېدى، يۈرىكىڭ «پىژژىدە» ئېچىشىپ كەتتى. چۈنكى «ماغدۇر كەتكەندە»نىڭ داۋامى ئېشىپ قالغان ئىدى. سەن ھېچقاچان شۇ سائەتلىك دەرسنى كېيىنكى سائەتكە ئاشۇرۇپ قويۇپ باقمىغان ئىدىڭ. بولۇپمۇ، بۈگۈنكىدەك ئەڭ موھىم سۆزلىرىڭ كېيىنگە ئېشىپ قالمىغان ئىدى. شۇڭا، ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئوقۇغۇچىڭنىڭ سۆزىنى قىسقىچە تولۇقلىدىڭ: MRs8l −ياخشى!− دېدىڭ سەن ئۇنى چىن يۈرىكىڭدىن ماختاپ،− شۇنداق، ياسىن دېگەندەك، بۇ ھېكايىدە ئەزگۈچى - ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى ئاستىدا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يەنچىلىپ، ماغدۇرىدىن كەتكەن دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى جانلىق، كونكىرت تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، زۇلۇم، ئېكىسپالاتتاتسىيە ھۆكۈم سۈرگەن، تەڭسىزلىك، خورلۇق بىلەن تولغان زۇلمەتلىك كونا جەمئىيەتنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان ۋە خۈنۈك مەنزىرىسى رۇشەن سىزىپ بېرىلگەن! &B)
F_E I ئىچىڭ بوشاپ قالغان ئىدى. بىراق بۇ، تەشۋىش، ئىزتىراب، غەم - غۇسسە، خىجالەتتىن قۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىڭدىن، ئۈمىد - ئىشەنچكە تولغانلىقىڭدىن دېرەك بەرمەيتتى. چۈنكى، بالىلارنىڭ ئەتىمۇ كىتاب پۇلىنى ئەكىلەلمەيدىغانلىقى ساڭا بەش قولدەك ئېنىق ئىدى. ئەكەلگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىقىڭ ھەل بولۇپ كەتمەيتتى. يەنە ئۈچ سىنىپتىكى بالىلاردا ئۆتكەن مەۋسۇملۇقمۇ بىر مۇنچە كىتاب پۇلى بار ئىدى. 7-ئايلىق مۇئاش تارقىتىلغان تەقدىردىمۇ، قولۇڭغا پۇل تەگمەيتتى. 7Kn=[2J5k' يوقلىما، دەرس تەييارلىقلىرىڭنى قولتۇقۇڭغا قىستۇرۇپ سىنىپتىن تېزلا چىقىپ كەتتىڭ. كۆك قاپقارا بۇلۇت ۋە قارلىغاچلار بىلەن تولغان ئىدى، قەلبىڭ ئەلەم - ھەسرەت، مۇھتاجلىق، تەڭقىسلىق، ۋەدە، خىجالەت، كۆز يېشى، قان بىلەن. بۇ سېنىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىڭنىڭ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەلەم - ھەسرىتى، تەڭلىكى، تەڭقىسلىقى، ۋەدىسى، خىجالىتى، قان ۋە كۆز يېشى ئدى! Th-zMQ4 بۈگۈن پۇل تاپماي زادى بولمايتتى. cewQQ& چۈنكى، بالىلىرىڭغا: «بۇ مېنىڭ ئاخىرقى ۋەدەم، ماڭا ئىشىنىڭلار» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ. «قانداق قىلسام بولار؟...« L)Kn8 قەدەملىرىڭ شۇ قەدەر ئېغىر ئىدى، خۇددى چۆيۈندەك. يۈرىكىڭنى مۇھتاجلىق مۇجۇيتتى، گوياكى ئالۋاستى چاڭگىلىدەك. كېتىۋېتىپ ھەسرەتلىك پىچىرلاپ قويدۇڭ: /6>2,
S8Ar »ئاھ، خۇدا، ئۆزۈڭ بار!... « Y#uf 2>J پۇل تاپماي زادى بولمايتتى. #u#s'W قورسىقىڭ قەۋەتلا ئېچىپ كەتكەن ئىدى. ئۆيگە ئالدىراپلا كىردىڭ. ئەمما، ئالدىڭغا تاماق ئەمەس، ئايالىڭنىڭ سۆرۈن تەلەتى چىقتى: 7^S &g.A −قوپسىلا، پۇشۇلداپ ئولتۇرماي، بىر يەردىن ئۇن - ياغ تېپىپ كەلسىلە! 3){ /u$iH. روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك «لاسسىدە» بولۇپ قالدىڭ. بېشىڭدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، خۇددى ھەسەتخورنىڭ مورىسىدىن چىققان تۈتۈندەك. \=P+]9
»نەدىن پۇل تاپاي؟ كىمدىن پۇل سوراي؟«... :7
Ro9z8 ئۇزاق ئويلاندىڭ. شۇنچە ئويلاپمۇ ساڭا قەرز بېرىپ تۇرغۇدەك بىركىمنى تاپالمىدىڭ. ياق، تاپتىڭ، بىراق ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭ. چۈنكى، ئۇلاردىن ئىككى - ئۈچ قېتىمدىن قەرز ئېلىپ بولغان ئىدىڭ. ئۇلارغا قايتۇرۇدىغان 2000 يۈەن قەرزىڭ شۇ پېتى بار ئىدى. ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن پۇل سوراش − دەشت - چۆلدە ئۇسۇز يولۇچىدىن ئۇسۇزلۇق سوراش بىلەن ئوخشاش؛ سودىگەردىن پۇل سوراش − ئۆلۈكتىن جان سورىغان بىلەن ئوخشاش؛ ساخاۋەتلىك كىشىلەردىن پۇل سوراش − ئۇلارنىڭ ئالدىدا «قويمىچى» بولۇپ قېلىش بىلەن ئوخشاش. :FcYjw »قانداق قىلسام بولار؟...»؛ -!zyit5B »خەپ، قويمىچىلار، سەنلەرنىڭ دەستىڭدىن بىركىمدىن پۇل سورىغىلىمۇ بولمايدىغان بولۇپ كەتتى - يا!؟...»؛ ]A+q:kP »يەنىلا قان ساتاي!...». +n_`*@SE قان سېتىش قارارىغا كەلدىڭ؛ ئۆز - ئۆزۈڭگە بەرگەن: «ئەمدى ھەرگىز قان ساتمايمەن» دېگەن ۋەدەڭنى بۇزۇپ، يەنە قان سېتىش قارارىغا كەلدىڭ. mF7T=pl ۋېلىسپىتكە مىنىپ شەھەرگە قاراپ ئۇچتۇڭ، خۇددى باش ئۈستۈڭدىكى قارلىغاچلاردەك. ئالدىرىمىساڭ بولمايتتى؛ دوختۇرلار ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپ بولغۇچە قان سېتىپ، قاننىڭ پۇلىغا جان سېتىۋالمىساڭ بولمايتتى. a7KP_[_( ۋېلىسپىتىڭ سايرايتتى، گوياكى يامغۇرچى سايرىغاندەك. كەڭ پېشانەڭدىن تەر سىرغىيتتى، بەئەينى رۇستەمنىڭ بېشىدىن، سېنىڭ يۈرىكىڭدىن سىرغىغان قاندەك. iU]py سەن 200 يۈەنگە قان سېتىپ چىققاندا، كۆكتىكى بۇلۇتلار تېخىمۇ پەسلەپ، سىمىلداپ ياش تۆكۈپ تۇراتتى، مىسالى نەجمىدىن، رۇستەم، ئايشېرىنگۈل، قەلبىڭ تۆكۈۋاتقان ياشتەك. قارلىغاچلار بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا قەيەرلەرگىدۇر غايىب بولغان ئىدى، بەئەينى ئۈمىد - ئىستەكلىرىڭدەك. يۈرىكىڭ بار - يوقنىڭ ئارىلىقىدا سوقاتتى. پۇت - قولۇڭ ماغدۇرسىز، ئۆزۈڭنى ئاران - ئاران كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. سەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ، بىر قورساق ئاش سۈيى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇن ماگىزىنىغا كىردىڭ. 80 يۈەنگە ئۇن - ياغ سېتىۋېلىپ پىچىرلىدىڭ: tai »تۆتى 30 كويدىن ئاپارغاچ تۇرسۇن«... l8rBp87Q يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتكەن ئىدى. ۋېلىسپىتكە مىندىڭ، بار كۈچۈڭنى يىغىپ پىدالنى كۈچەپ تەپتىڭ. ئەمما، ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا ھارسىراپ، يۈرىكىڭ ئاغزىڭغا قاپلىشىپ قېلىپ، ۋېلىسپىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇڭ. بارغانسېرى ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىڭ، گوياكى باقىدەك**. بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلىدىڭ. شۇ ئىلگىرىلىگەنچە يامغۇر سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇپۇققا سىڭىپ كەتتىڭ... #Q320}]{ ئەتىسى، يۇرتۇڭدا ھازا قىزىپ كەتتى. ھازاڭغا ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىڭدىن باشقا كەلمىگەن، ھازا ئېچىپ يىغلىمىغان ئادەم قالمىدى. چۈنكى، ئۇ ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىڭنىڭ بىرسى چاشقان دورىسى ئىچىپ، ئىككىسى سۆگەتئېرىق سۇ ئامبىرىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان ئىدى! KFd !wZ@e 2002-يىلى 2-يانۋار، قاغىلىق lrQ +G@# )xtDiDB * لىڭگوڭلى − خەنزۇچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچە «نۆل كېلومېتىر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ MW&ww14 ** باقى−زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ھېكايىسىدىكى باش قەھرىمان ma9VI5w RDX".'`(= («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 4-سان) 2Hltgt,
tu(k"'aJ
Minbere Dökülen Yaş >(>Fx\z} Çobanî (UYGUR) B1\@ n$ İletişimdeki gelişme, âdeta dünyayı küçük bir köy haline getirdi. Artık uzak yakın yok; her yerle her zaman irtibat kurmak mümkün. CYlZ< |