gulnar |
2012-07-23 13:47 |
پەرزەت تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
پەرزەت تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم g66=3c96 wNL!T6"G پەرزەنت تەربىيەسى ھازىر ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل بولىدىغان مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى ،بولۇپمۇ مۇنبەردىكى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سەرىپ ئېتىۋاتقان ئۇستازلار ھەم شۇنداق . ئۇلارنىڭ بىر تەرپىدە ئۆزىنىڭ جان-جىگەر پەرزەنتلىرى يەنە بىر تەرپىدە ئۆزلىرگە ئۈمۈدلۈك كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغان مىللەتنىڭ ئىز- باسارلىرى سەللا بىخەستىلىك قىلساق خۇددى ئۆزقان مۇئەللىم ئېيتقاندەك شۇنچە بالىلارنى تەربىلەپ ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلىيەلمەي ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى كەڭ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.بۇ جەھەتتە قەلىمىم ئاجىز پىكىرلىرىم چولتا بولۇپ قالسا كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . O=LS~&=, qH!}oPeU' پىسخىلوگلار پەرزەت تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ قارايدۇ ،لېكىن بۇ ئىشنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارالمىغاندا يەنىلا ئۈمۈدسىزلەنمەي كەلگەن جايدىن باشلىساق كېچىكمەيمىز،ئېسىمدە قېلىشىچەمەن ئوغلۇمنى بىر ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپلا تەربىيەلەشنى باشلىدىمغۇ دەيمەن . ئېھتىمال مېنىڭ تولا گەپ قىلىدىغان مىجەزىم بولغاچقىمۇ ياكى كىچىكىمدىن باشلاپ <<ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى>>نى ياخشى كۆرۈشۈمدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئوغلۇم بىلەن بىرگە بولساملا توختىماي گەپ قىلىپ كۆرگەنلا نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتىم ،كەچلىرى ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قىسقا بالىلار چۆچەكلىرىنى ئېيتىپ بىرەتتىم . بەزىدە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئېيتقۇزاتتىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئوغلۇم چۆچەك ئاڭلاشقا ھېرىسمەن چوڭ بولدى ھەتتا چۈچۈك تىللىرى بىلەن چۆچەك ئېيتىدىغان بولدى ، خوشنىلارمۇ ئۇنىڭ چۈچۈك چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالاتتى. ھەر قېتىم چۆچەك ئېيتىپ بەرسەم <<ئاپا چۆچەكلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆپكە،جىگەرلىرىم بەك كۈلۈپ كەتتى >> دەيتتى. مۇشۇنداق بولغاچقىمىكىن ئوغلۇمنىڭ تىلى ناھايىتى كىچىك چىقىپلا قالماي تۇلۇق ھەم راۋان سۆزلەيدىغان بولدى. يەسلىگە بەرگەندىن كېيىن كىتاپ ئوقۇپ بېرىدىغان بولدۇم بۇ ۋاقىتتا ئاساسەن كىچىك ئاددى ھايۋاناتلار چۆچەكلىرىنى،<<كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى>> دىگەن كىتاپتىكى ئوغلىنى يىتەكلەش جەريانىدىكى ئىشلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتىم .بۇلارنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى،بەزىدە ئۆزىمۇ قىلالايدىغان ئىشلىرىنى دوراپ قىلىپ باقاتتى. ئالدىراش بولۇپ قالغاندا كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقىت بولماي قالسا <<ئاپىمۇ سىزدەك بولامدۇ كىتاپمۇ ئوقۇپ بەرمىدىڭىز >>دەپ مەندىن خاپا بولاتتى. كېيىن چۆچەك ئېيتىپ كىتاپ ئوقۇش بىلەن بىرگە ئاڭلىغانلىرىنى قايتا ئېيتقۇزدىغان ،مەزمۇنىنى سۆزلىتىدىغان بولدۇم ھەم چۈشەندۈرۈپ چۆچەكتىكى مەزمۇن ئاساسىدا ياخشى ئىشنىڭ پايدىسى ،يامان ئىشنىڭ زىينىنى بىلسىدۇ بىلمىسىدۇ چۈشەندۈرۈپ ماڭاتتىم ھەم بىرەر ياخشى ئىش قىلسا ماختاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتىم . شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئوغلۇم ئۈچ ياشقا كىرگۈچە شۇنچىلىك راۋان، تۇلۇق سۆزلەيدىغان بولدى.ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى.ئائىلىدە ئەخلەت تۈكىدىغان،نان–سۈت ئەكىردىغان(ئۆيىمىزنىڭ ئاستىدىكى دۇكان ، ناۋايخانىنى خوشنىلار ئاچقان بولغاچق خاتىرجەم چۈشۈرەتتىم) ئىشلارنى قىلدۇرۇپ ئۆگەتتىم .بۇنىڭ رولىمۇ ناھايىتى زور بولدى .بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن ھازىر ئوغلۇم 17نىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالدى پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇردۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ياردەم قىلىشىمىزنى ياختۇرمايدۇ . مەكتەپكە بەرگەندىن كېيىنمۇ مەكتەپتىمۇ دەرستىن سىرتقى كىتاپ ئوقۇشقا بەك ئەھمىيەت بەرگەچكە (ھەر كۈنلۈك تاپشۇرۇقىدا دەرستىن سىرتقى كىتاپتىن چوقۇم 20بەت ئوقۇش ئاتا ئانىلار بۇنىڭغا قول قويۇش تەلەپ قىلىنغان) كىتاپ ئوقۇشقا ناھايىتى ھېرىسمەن چوڭ بولدى . ھازىر تولۇق 1- يىللىقنى پۈتتۈرۈپ 2- يىللىققا چىقتى ئوغلۇمنىڭ قىمەت قارىشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى خېلى مۇكەممەل يېتىلىپ بولدى ، ئادىمىلىك ،ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىمۇ چاتاق يوق دىيەرلىك . m6^Ua 1}#v بۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز ئوغلۇمنى بەك مۇكەممەل ياخشى تەربىيەلىدىم دەپ قارىمايمان.بىز ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلاردىن بىر ئۆمۈر خاتىرجەم بولالمايدىكەنمىز . دانىش مۇئەللىمنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ ئۇنىڭدا دىيىلگەن مەسىلىنىڭ ئوغلۇمدىمۇ بارلىقىنى ،بۇنىڭ بالىغا بولغان ئەكىس تەسىرنىڭ چوڭۇيۇپ كېتىشىدىنمۇ ئەنسىردىم ،گەرچە كىچىك ۋاقىتلىرىدا چۆچەك ئېيتىپ ،كىتاپ ئوقۇپ بالىنىڭ تىلىنى چىقىرىپ ، تەپەككۈرىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ خاراكتىر يىتىلىشىگە ئاساس سالغىلى بولغان بولسىمۇ . لېكىن چوڭ بولغاندا ئۆگىنىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە يىتەكلەشتە يەنىلا ئاقىزلىق قىلدىم بۇ مېنى يەنىلا ئەنسىرتىپ تۇردۇ . بۇ ھەقتە يەنىلا مۇنبەردىكى ئۇستازلار ، كەسسىپداشلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجمەن . u':-DgK R 5 47 _ _cJ+%e D}'g4Ag
|
|