رەسىم، مۇزىكا، فىلىم قىستۇرۇش رەسىم قىستۇرۇش مېنىڭچە رەسىم قىستۇرۇش ئەمدى ئۇنچە تەس بىلىنمەس بولۇپ قالدى... چۈنكى، ئالدىنقى قەۋەتتىكى دەرسلىكلەردە بىلىپ - بىلمەي رەسىم قىستۇرۇشقا ئائىت مەزمۇنلار سۆزلىنىپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتسەم.... (بۇ قەۋەتتە پەقەت توردىكى رەسىمنى قىستۇرۇشلا سۆزلىنىدۇ) 1 - باسقۇچتا "باش سۈرەت چىقىرىش" دەرسلىكىنىڭ 2 - باسقۇچىدا سۆزلەنگەندەك قىستۇرماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئادرىسىغا ئېرىشىمىز. 2 - باسقۇچتا "تېما يېزىش كۆزنىكىدىكى بۇيرۇقلار"دا سۆزلەنگەن 12 - رايوندىكى دەرەخ سۈرىتىنى چېكىمىز. 3 - باسقۇچتا رەسىم ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرىمىز. ئەلۋەتتە، رەسىمنىمۇ يۇقىرىقى قەۋەتتە سۆزلەنگەندەك ئوڭغا، سولغا، ئوتتۇرىغا خالىغانچە توغرىلىغىلى ھەمدە تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مۇزىكا قىستۇرۇش مۇزىكا قىستۇرۇشتا ئوخشاشلا سېھىرلىك 12 - رايوندىكى چەمبەر + ئۈچبۇلۇڭنى ئىشلىتىمىز. 1 - باسقۇچتا قىستۇرماقچى بولغان مۇزىكا ئادرىسىنى ئىزدەيمىز... مۇزىكا ئادرىسى چوقۇم httpدىن باشلىنىپ .mp3 ياكى .wmv قاتارلىق مۇزىكا فورماتلىرىنىڭ ئىنگىزلىچە قىسقارتىلمىسىدا ئاخىرلاشقان بولۇشى كېرەك. ئادرىس ئېلىش باسقۇچى ھەر قايسى تور بەتلەرنىڭكى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەلمەيمەن. شۇڭا، مۇنداق ئېيتسام تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدىغۇ دەيمەن - ھە... ناخشا - مۇزىكىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاپسىڭىزلا بولدى... 2 - باسقۇچتا سېھىرلىك 12 - رايوندىكى چەمبەر + ئۈچبۇلۇڭنى چېكىمىز. 3 - باسقۇچتا بايا كۆچۈرگەن ئادرىسنى چاپلايمىز. ئەگەر مۇزىكا، ناخشا بولسا چەمبەرلىك تەڭشەكلەرگە چېقىلماڭ. چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆلچەملىك قىلىمەن دېسىڭىز 256 نى 56غا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، چېقىلمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. ئاپتوماتىك قويۇلۇشنى تاللاپ قويسىڭىز ياخشىراق بولارمىكىن... ئۇنى تاللىسىڭىز تېما ئېچىلىشىغا مۇزىكا ئاپتوماتىك قويۇلىدۇ، تاللىمىسىڭىز تېمىغا كىرگەندىن كېيىن ئەزالار قويۇشنى بېسىپ ئاندىن ئاڭلىيالايدۇ. فىلىم قىستۇرۇش بىرەر تېمىغا شۇ دەرسلىكنىڭ كىنوسىنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك سۈرەتلىك ناخشىلارنى قىستۇرۇپ قويماقچى بولىمىز - يۇ، لېكىن بىلمەيمىز... قانداق قىلىمىز؟ كەچۈرنىڭ دەرىسىنى ئاڭلايمىز، ئاندىن سىناپ باقىمىز... بۇ يەردە دۆلەت ئىچىدىكى فىلىم يوللاش تور بېتىدىن ئاساسلىق قىلىپ 56،يوۋ كۇ، تۇ دوۋدىن فىلىم يۆتكەش ۋە تېمىغا قىستۇرۇش سۆزلىنىدۇ. (يوللىرى ئاساسەن ئوخشاش) 1 - باسقۇچتا ئۆزىمىز قىستۇرماقچى بولغان فىلىمنى تاللايمىز... 2 - باسقۇچتا فىلىم ئادرىسىنى ئالىمىز.... 1. 56 تورىدىن ئادرىس ئېلىش 2. يوۋكۇ توردىن ئادرىس ئېلىش 3. تۇ دوۋ تورىدىن ئادرىس ئېلىش 3 - باسقۇچتا يەنە شۇ خىسلەتلىك 12 - رايوندىكى ئۈچبۇلۇڭنى چېكىمىز. (ھە، توغرا... مۇزىكا قىستۇرغاندەك) ماۋۇ رەسىمگە قاراڭ - ھە... مۇشۇنداق تەڭشەيمىز، چوڭلىقىنى شۇ 614*556 قىلسىڭىز كۆركەمرەك چىقىدۇ... بۇمۇ فىلىم قىستۇرۇش دەرسلىكى، لېكىن فىلىم فورماتىدىكى ناخشىلارنى قىستۇرۇش... (راست گەپتىن بىرنى قىلىۋېتەي، بۇنى كەچۈردىن باشقا كۆپ ئادەم ئىشلەتمەيدۇ... شۇنداقتىمۇ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ يوللاپ قويدۇم) يەنە بىر مەخپىيەتلىك، بۇنى پەقەت تۇدوۋدىكى كۆرۈنىشى بولمىغان سۈرەتلىك ناخشىلارغا ئىشلەتسىڭىز ياخشى.... مەسىلەن... ھىم، تۇدوۋدىكى فىلىم مۇقاۋىسىدا بىرلا نائۇشنىكنىڭ رەسىمى بولغان ناخشىلار، مانا بۇنداق... بۇنىڭ يوللىرىمۇ فىلىم قىستۇرۇش بىلەن ئوپمۇئوخشاش... پەقەت چوڭلىقىنى 314 تە 36،46 دېگەندەك قىلىپ قويسىڭىز بولدى... ئۈنىمى مانا.... بۇنداق ناخشىلارنىڭ بەرىبىر كۆرۈنىشى يوق ئەمەسمۇ... MP3 فورماتىدىكىنى تاپالمىغاندا، سۈرەتسىز ناخشا ئورنىدا مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ شۇ |