查看完整版本: [-- ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى بىلەن مەسەلنىڭ پەرقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى بىلەن مەسەلنىڭ پەرقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلزىبا 2012-07-19 18:13

ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى بىلەن مەسەلنىڭ پەرقى

بۇ قېتىم ئېچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىش داۋامىدا كۆپ ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى ،2010-2011-يىللىق تەقلىدى ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىشلەش جەريانىدا بىرەر ھىكايە ياكى پارچە بېرىلىپ ژانىرىنى سورايدىغان سوئاللارمۇ كۆپ ئۇچرىدى ، ئوقۇغۇچىلار باشقىلىرىنى خىلى ياخشى ئارىيالىدى ،ئەمما ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى بىلەن مەسەللەرنى ئايرىشتا قىيىنچىلىق بولدى ،بەلكىم تۆۋەندىكىلەرنىڭ بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشتە پايدىسى بولسا ئەجەب ئەمەس . U e*$&VlT  
1-ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى ھايۋاناتلارنى پىرسۇناژقىلىپ ھايۋاناتلار مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان قىزىقارلىق ، فانتازىيىلىك ئاغزاكى ھىكايىلەردۇر .ئۇنىڭدا مۇكەممەل ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىپ ،مول تەسەۋۋۇر، فانتازىيىنىڭ ياردىمىدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ياۋۇزلۇق ،ۋەھشىيلىككە قارشى كۆرەشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ .قىسمەنلىرىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى بەزى تەجىرىبە -ساۋاقلار ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ،ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت بىلىملىرى ئىپادە قىلىنىدۇ . SrZ50Se  
مەسەللەر بولسا ،ئىخچام ۋەقەلەر ياردىمى بىلەن ،بىر قەدەر چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيدىغان پەندى -نەسىھەت ،تەلىم -تەربىيە خاراكتىرىگەۋە كۈچلۈك سىمۇۋۇللۇق ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغان ئەسەرلەر بولۇپ ،چۆچەكلەردىن ئايرىلىپ چىققان .  
مەسەللەر ئادەتتە ئۇچار قۇشلار ،ھايۋاناتلار ،ئۆسۈملۈكلەر ،ئادەملەر ۋە ھاشارەتلەرنى پىرسۇناژ قىلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەلۇم مەسلىنى سىمۇۋۇللۇق ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ كىشىلەرگە ساپ دىل  ،سەمىمىي ،راسىتچىل ،ھەققانىيەتچى ،ئەخلاقلىق بولۇش ،شەخسىيەتچىلىك ،ئاچكۆزلۈك قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىش ،مۇبالىغە يولى بىلەن مەلۇم ئىجتىمائىي ،ئەخلاقىي مەسلىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشتەك تۈپ ئالاھىدىلىكى بىلەن چۆچەكلەردىن پەرقلىنىدۇ . frH)_YJ%  
2-مەسەل ۋەقەلىكى ئاددى ،ئىخچام ،قىسقا .ھايۋاناتلار چۆچەكلىرىنىڭ مۇرەككەپ ،ئۇزۇنراق بولىدۇ .بەزى مەسەللەر ئىككى ھايۋاننىڭ قىسقا دىئالۇگى بىلەنلا تاماملىنىدۇ . 6k9LxC:M  
3-مەسەللەرنىڭ ھەجىۋىيلىكى كۈچلۈكرەك ،دارىتمىلاش ،كىنايە كۆپرەك ئىشلىتىلسە ،ھايۋاناتلا رچۆچەكلىرىدە فانتازىيە ئىنتايىن مول بولىدۇ . pFIecca w  
4-چۆچەكلەرنىڭ ھىكايە تۈسى قويۇق ،مۇكەممەل بولسا ،مەسەللەرنىڭ پەندى-نەسىھەت خاراكتىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىدۇ ،سىمۇۋۇللۇق خاراكتىرىمۇ نىسبەتەن روشەن ،زىددىيەت توقۇنۇشىمۇ نىسبەتەن كەسكىن ،كونكىرېت بولىدۇ . )zJ=PF  
5-مەسەللەردە ھايۋانات چۆچەكلىرىدەك مۇكەممەل سىيۇژىت بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ .ئۇنىڭدا كۆپرەك دىئالۇگ ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ،ئادەملەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم بىر داۋلى ئېچىپ بېرىلىدۇ . }ND' 0*#  
6-ھايۋاناتلار چۆچەكلىرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ھايۋان تەبىئىيتى مەسەللەردىكى پىرسۇناژلارنىڭكىدىن بىر قەدەر كەڭرەك بولىدۇ ،بۇ خىل پەرق ئاساسلىقى ھەجىم ۋە سەھىپە جەھەتتىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىدىن بولغان .

گۈلزىبا 2012-07-19 18:17
راسىتىنلا ماۋزۇ ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتىكەن ، ئىسمىمنى يېزىپلا ،يوللاشنى باسسام يوللىنىپ كەتتى ، ماۋزۇسى <<ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى بىلەن مەسەلنىڭ پەرقى >>ئېدى .

tursun 2012-07-19 18:47
يارايسىز گۇلزىبا، i!tc  
يازمىڭىزدىن زىبا بويلۇق بىر گۇل ھىدى پۇرايدۇ، *s~i 2}  
تەۋفىقداشلار بۇ  خۇش ھىدنى پۇراپ-پۇراپ قانمايدۇ.      

گۈلزىبا 2012-07-19 19:27
رەھمەت !

tawpek 2012-08-02 18:00
يولوققان مەسىلىلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ قويۇپ سىزگە تاپشۇرۇپ ماڭساق جاۋاب دىگەن ئەلى بابانىڭ يانجۇقىدىن چىققاندەك چىقىدىكەن ئەمەسمۇ.

gulhan 2012-08-18 15:34
گۈلزىبانىڭ تەتقىقاتىغا ئۇتۇق يار بولغاي!!!

tawpek 2012-08-18 15:35
ھەقىقەتەن زۆرۆر بىلىملەر بىلەن تەمىن ئىتىۋاتىسىز.

latapatlik 2012-09-01 23:55
كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز ،رەھمەت سىزگە!

شەھلا 2012-09-06 18:24
مەنمۇ مۇشۇنداق مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا كۆپ قىينىلىپ قالىمەن.

شەھلا 2014-06-06 17:46
كاللامدا ئايدىڭ بولماي قالغان ئىدى ، رەھمەت سىزگە .


查看完整版本: [-- ھايۋاناتلار چۆچەكلىرى بىلەن مەسەلنىڭ پەرقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled