查看完整版本: [-- مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-07-18 16:48

مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ

مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ

قەلەم تەۋرەتكۇچى : ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى

(حوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يېزا يۇلغۇنجاي كەنت )

بىرقىسىم قىزلار مۇھەببەتلىشش جەريانىدا ياكى يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ .
نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى كۆپىنچە يىگىتلەر ئۆزى قوغلاشقاننى ياخشى كۆرۈپ ، ئۆزىگە ئارتۇقچە يېقىنچىلىق قىلغان قىزلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ، كىيىنىش قاتارلىق تەرەپلىرىگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ . شۇڭا مەن تۆۋەندە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا تۇرغان قىزلارنىڭ دىققىتىگە 40 خىل ئۇسۇلنى سۇندۇم . بۇ سىزنىڭ مۇھەببەتتىكى ئۆز ئىززىتىڭىزنى ، ئابرويىڭىزنى ساقلاشتىكى «قىبلىنامە» بولۇپ قالغۇسى .
1 - سىزگە ئېتىبار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ ، چۈنكى سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يۈرۈش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ئەخمەقلىق بولىدۇ .
2 - ھەرقانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۈچۈن ئازابلانماڭ ، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ . بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇ ئەرزىمەيدۇ ، چۈنكى بەكرەك ئازابلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز . شۇڭا ئازابلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ ، خۇشال ياشاشنى بىلىڭ .
3 - ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ ، سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز .
4 - ئەگەر يىگىتىڭىز سىزگە :‹‹ ئايرىلىپ كېتەيلى ! ›› دېسە ، ھەرگىزمۇ كۆز يېشى قىلىپ يۈرمەڭ ، غەيرەتلىك بولۇڭ- دە ، كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹ خوش ! ›› دەڭ .
5 - ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئۆزىڭىزگە مۇئامىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن ،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ .
6 - ھەركۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ ، كۈلۈمسىرەپ چىقىڭ .
7 - يىگىتىڭىز ئۈچۈن كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ .
8 - بەدەن شەكلى ۋە چىرايىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ .
9 - تاماكا چەكمەڭ ، ھاراق ئىچمەڭ ، قىمار ئوينىماڭ .
10 - ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسىمۇ ، شۇنى باھانە قىلىپ قاۋاقخانلارغا بېرىپ يۈرمەڭ . يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
11 - ھەرگىز يالغان ھېسياتتا بولماڭ ، بۇنداق قىلىش يۈرىكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ .
12 - ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈرۈڭ ، بىراق ئاياغنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز بولۇپ كەتمىسۇن .
13 - يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى ‹‹ ياخشى كۆرىمەن ›› دېگەن ئىنساننىڭ نېمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ .
14 - ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللىغاندا كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ . ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىڭ . سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ . بۇ ئىككىڭلار ئۈچۈن ياخشى .
15 - يىگىتلەرگە قول كۆتۈرمەڭ . چۈنكى بىرىنچىدىن ، سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز . ئىككىنچىدىن ، سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ ... شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى .
16 - دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ . بۇ سىزنى ناھايىتى ئۈمىدلىك ۋە روھلۇق قىلىدۇ .
17 - دائىم تەملىك گۈل چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاب كۆرۈپ ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
18 -ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ . ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى . ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۈستى -بېشىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ .
19 - سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ سوۋغىسنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ .
20 - بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۈڭ .
21 - ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز ؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
22 - ئۆزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەڭسىزلىك بولىدۇ ھەمدە ھېسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ .
23 - سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىت ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھېسياتىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز لازىم .
24 - ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ . خىزمەت بەلكىم سۆيگۈدەك يۈرىكىڭىزنى تىترىتەلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىدۇ ، تۇرغۇدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ . بىراق مۇقىملاشمىغان سۆيگۈ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ .... شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ .
25 - ئىللىق كەيپىياتنى ساقلاشنى بىلىشىڭىز كېرەك . قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز لازىم .
26 - قولدىن بېرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ كەتمەڭ ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ ، كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ .
27 - كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن ، ئۈستى-بېشىڭىزدىن ئاياللىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن .
28 -ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس . ئۇ چوقۇم سىزدىن باشقا يەنە بىر قىز بىلەنمۇ شۇنداق قىلالايدۇ .
29 - تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ياكى ئاياللار بايرىمىدا سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق ، سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋىلىپ سىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىڭىزغا سوۋغا قىلىڭ .
30- سىز ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
31 - سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سۆيگۈڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا تۉكۈپ بەرمەڭ . چۈنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سېلىپ بېرىپ سۆيگۈدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ ؟........... شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ . چۈنكى ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا ، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيسىز ..........
32 - ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ . ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ قارا چىكىت ئۇرۇڭ .
33 - يالعۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز ، دوسىتلىرىڭىزنى ئىزدەڭ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ ، بازار چۆرگىلەڭ ، بىرگە تاماق يەڭ . يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .
34 - ئەتىگەن سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ،  ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىركۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇماڭ .
35 - سۆيگىنىڭىزگە يىگانە مۇئامىلە قىلىڭ ، كۆپ كېمىگە دەسسىسىڭىز، كېمە ھامىنى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ .
36 - ئەگەر كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلسە ، ئىشەنچىلىك بىرنىڭ ئالدىغا بېرىڭ . ھەرگىزمۇ خالىغانلا بىرىنىڭ مۈرىسنى ئىجارە ئېلىپ يۈرمەڭ .
37 - بۇندىن كېيىن ئەقىللىق بولۇڭ ، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراۋەرمەڭ. ئۇ ياخشى كۆرسە چوقۇم تەبىئىي ھالدا دەيدۇ . سورىلىش ئارقىلىق بەرمەكچى بولغان جاۋابىدىن ئۇ مەغرۇرلۇق ھېس قىلىپ ، سىزگە ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ .
38 - ئۆزىڭىزگە يارىشىملىق ، چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋىلىڭ ، بۇ كىيىم بەك رومانتىك بولسىمۇ مەيلى ............
39 - ئاتا - ئانىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى بىلدۈرۈڭ ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى يېنىك قىلىڭ .
40 - يىگىت سىزدىن چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ سورىسا ، ئۇنى كەچۈرۈشنى بىلىڭ .كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن بۇ يىگىت سىزدەك بىر مېھىرلىك قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ .


پايدىلانغان ماتىرىيال : شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ تۇزگەن«ھاياتلىق پىسحىك ساعلاملىق مەجمۇئەسى»
2012 - يىل 7 - ئاي 2 - كۉنى

مەنبە:«مىسرانىم تورىدىن ئىلىندى»



گۈلەمقىز 2012-07-19 01:14
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن،رەھمەت !

gulhan 2012-07-19 10:51
چۇقۇم ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

tawpek 2012-07-19 11:47
قەلەم تەۋرەتكۇچى : ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى

(حوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يېزا يۇلغۇنجاي كەنت )



بىر ناھيىدە تۇرۇپمۇ نام شەرىپىنى بىلمەيدىكەنمەن بۇ مۇئەللىپنىڭ.

بۇ تېمىنى ئوقوپ سالغان قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشمۇ تەس بوپ كىتىدىغان بوپتۇ مانا ئەمدى.

ئادىلە 2012-08-18 13:25
مەندە جىق تەرەپلەر بار ئىكەن ..

tawpek 2012-08-18 13:58
17 - دائىم تەملىك گۈل چاي دەملەپ ئىچىپ ،


كىلىياڭلىق ئىكەنلىكى گۈل چايدىن مانا مەن دەپ چىقىپتۇ.

ماھىنۇر 2012-11-04 19:03
كۇپ رەخمەت .قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

ئەكبەرنىياز 2012-11-05 08:35
ظەگەر ظأزى سأيگەن ئادىمىنى ئاشۇنداق ياسىۋالغىلى بولسا،ياكى ئۆزگەرتكىلى بولسا ئۇ ھالدا چىن مۇھەببەتنىڭ سېھرى كۈچىمۇ ئاجىزلاپ كېتەمدىكىن دەيمەن .
چۈنكى ، ھاياتنىڭ مەنىسى ئەگرى - توقايلىقتا ئەمەسمۇ !؟

danix 2012-11-05 18:31
      پاھ ، قىزلار دەستۇر قىلىۋالغۇدەك تېمىكەن - بۇ ! مەن بۇ تېمىنى قىزىمغا كۆرسىتىپ قوياي !

ماھىنۇر 2012-11-11 19:37
مەنمۇ شۇندا ق قىلاي دەيمەنۇ لېكىن ۋاز كەچمەك بەك تەسكەن ................

لالە424 2012-11-11 21:28
قىزلار ئۈچۈن دەستۇر بولغىدەك ھىكمەتلەر ئىكەن...بەك ياقتۇردۇم....  

tawpek 2012-11-11 22:56
ئىززەتنى دەپ مۇھەب بەتنى يوقاتسا تۇل  قالمامدۇ  دەيمەن .

ئەكبەرنىياز 2012-12-16 15:54
تەۋپېق ئەپەندى چاخچاق قىلىشقا ئۇستىكەنسىز،-ھە !

tawpek 2013-08-01 19:16
ئوغوللارغا يوقكەندە بۇنداق دەستۇردىن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-01 22:41
قىزلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەرەپلەر ئىكەنبۇ.

ئايبىكە 2013-08-01 23:21
بەكمۇ كىچىكىپ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن.ھەقىقەتەن ھىكمەتلىك سۆزلەر،ھەم دەستور ئىكەن.

ياپراق 2014-03-19 21:26
نىمانداق ياخشى تېمىلانى يوللايسىز .داۋاملىق تۇردە يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

چۇغلۇق 2014-03-27 18:45
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن كوپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم قەلەم قۇۋتىڭىز تىخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن.

مىېھرىما 2014-03-27 21:46
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ يازمىللىتى بىرىدىن بىرى ئېسل جۇمۇ بۇ تىمىسمۇ ماڭا بەكلا ياردى . سىزگە رەھمەت

ئەلدىيار 2014-03-28 00:00
بولۇپمۇھازىر بەك دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بۇ.ھازىر كۆپىنچىلەر ئۆزىنى يوقىتىپلا قويىدۇ.

چوغلۇق1 2014-04-16 12:23
بۇلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىس قىلماق تەس.كىچىكىپ چۈشىنىدىكەن كىشى.

ھاتەھاتەم 2014-05-12 17:52
ناھايتى ياىشى قوللانمىكەن.مەن سىرتلاردا يۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن،ئويدە ئولتۇرۇپ كىتاپ ئۇقۇشنى،تىلۋىزور ككرۇشنى ياخشى كورۇمەن.

نۇرسىمانگۇل 2014-05-25 14:32
كۇپ رەخمەت .قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن


查看完整版本: [-- مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled