查看完整版本: [-- ئەسلىمە:شائىر تەۋپىق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> ئەسلىمە:شائىر تەۋپىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2012-07-17 14:08

ئەسلىمە:شائىر تەۋپىق

مەنبە:  http://chewendazlar.com/?p=1681



ئەسلىمە:شائىر تەۋپىق

مەزكۇر تېما <<مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110-يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!>> ناملىق تېمىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر ئەسلى ئېلان قىلىنغان شەكىلدە ۋە ئەسلى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئېلىندى ۋە بىر قىسىم تولۇقلىنىدىغان يەرلەرگە قوشۇمچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈلدى.

                                                                                                                       -چەۋەنداز






مەمتىلى ئەپەندى



مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى

سۆز بېشى

     1981-يىل 3-سان ‹بۇلاق› مەجمۇئەسىدا ‹شائىر تەۋپىق› ناملىق ماقالىسنى ۋە ‹تەۋپىق شېئىرلىردىن نەمۇنىلەر›نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە تۇنجى قىممەتلىك مەلۇمات بېرىپ، باشقىلارنىڭ مەمتىلى ئەپەندى توغۇرلۇق قەلەم تەۋرىتىشىدە تۇرتكۈلۈك رول ئوينىغان مىرئەھمەد سىيىت ئەپەندى ، ئەينى زاماندا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەربىيىسىنى بىرلىكتە ئالغان ساۋاقداشلىرى ۋە كەسىپداشلىرنىڭ مەدەت ۋە ئىلھام بىرىشى بىلەن مەمتىلى ئەپەنىدىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە ئۇ ياشغان تارىخى شارائىت توغرىسىدا ئۇزۇن يىل ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ‹ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى - مەمتىلى ئەپەندى› ناملىق تارىخى ئەسلىمىنى تاماملاپ، 1988-يىل شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتىغا تاپشۇرغان ئىدى. ئەپسۇس بۇ ئەسلىمە مىرئەھمەد سىيىت ئەپەندى ئالەمدىن {1991-1920} ئۆتۈپ 6يىلدىن كىيىن يەنى 1997-يىلى يالقۇن روزىنىڭ مەلۇم تولۇقلاشلانى ئېلىپ بېرىشى بىلەن، مىرئەھمەد سىيىت، يالقۇن روزى ئاپتورلىقىدا ‹مەمتىلى ئەپەندى› دىگەن نامدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرشۈپ، جەمىيئەتتە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك زىل - زىل پەيدا قىلدى. ھەمدە كېيىنكىلەرنىڭ مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدىكى تەتقىقات ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن يورۇق ۋە داغدام يول ئېچىپ بەردى.
مەلۇمكى مۇندىن 31يىل ئىلگىرى ئىلان قىلىنىپ كىتابخانلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت مەرگىزىدە بولغان ‹شائىر تەۋپىق› ناملىق بۇ ماقالىدىن ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش، ۋە پىشقەدەملىرنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ياشلىرمىزنى نىشان قىلىپ، تورداشلىرمىزنىڭ ھوزۇرىغا بۇ ماقالىنى ۋە تەۋپىق شېئىرلىردىن نەمۇنىلەرنى ئەينەن يوللىدۇق. بىز بۇندىن كېيىن مىرئەھمەد سىيىت ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەسەرلەرنى داۋملىق تور ئەھلىگە يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمىز.


شائىر تەۋپىق


     ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتى فېودالىزىمغا، دىنى خۇراپاتلىققا، ئىجتىمائى قالاقلىققا قارشى كۇچلۇك كەيپىياتى، خەلقنى ئاقارتىش ۋە ئويغۇتۇشقا، زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، ئىلغارلىق ۋە تەرققىياتقا ئىنتىلشتەك رۇشەن ئىدىيىۋى مەزمۇنى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ۋەكىللىرىدىن ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر يېقىنقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى، ئوت يۇرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر تەۋپىقمۇ بار.

     شائىر تەۋپىق (1)  (مەمتىلى ئەپەندى توختاجى) 1901-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ بۇيامەت يېزىسىدا بىر مىللى تىۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تىۋىپ توختاجىنىڭ نىزامىدىن ۋە مەمتىلى ئاتلىق ئىككىلا ئوغلى بولۇپ، بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا 1936-يىلى جاللات شىڭ شىسەينىڭ قەشقەر ياۋاغدىكى تۇرمىسىدە پاجىەلىك ھالدا ئولتۇرۇلدى.

     تىۋىپ توختاجى ئوچۇق پىكىر، تەرەققىپەرۋەر ئادەم ئىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنى ئوقۇتۇپ يېڭىچە ئادەم قىلىشنى ئىستەيتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى دەسلەپ ئوز يېزىسىدىكى دىنى مەكتەپتە ئوقۇپ خەت-ساۋادىنى چىقىرىشتى، كېيىن توختاجى ئوغۇللىرىنى 1914-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىكساق يېزىسىدا ئەمەت كامال دىگەن كىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىغى ۋە باشلامچىلىغى بىلەن قۇرۇلغان پەننى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.

     ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋىي دىنى مەكتەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى اۇنياسىدا ھوكۇمران ئورۇندا تۇرغان مۇنداق بىر تارىخي شارايىتتا زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۇقۇتىدىغان يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش تارىخىي خاراكتىرلىق بوسۇش ۋە ئىنقىلاپ بولغان ئىدى. لېكىن فېوداللىق تۇزۇمنىڭ سىياسى قوغدىغۇچىسى بولغان ئەكسىيەتچى ھۆكۇمەت، يەرلىك فېوداللار ۋە مۇتەئەسسىپ روھانىلار بۇ خىل يېڭى مەكتەپتىن مەنپىئەتدار ئەمەس ئىدى. ئەكسىيەتچى مىللىتارىست ياڭ زىڭشىڭ ھوكۇمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرا ئەسىر خوراپاتلىغىدا، دىنى جاھالەت ئىچىدە، ئاڭسىز، قالاق ھالەتتە ساقلاپ قېلىشنى خالايتتى. خەلقنىڭ فېودال تارقاقلىقتا، ئاڭسىز، ئويغانمىغان، ئۇيۇشمىغان ھالەتتە ياشىشى ئۇنىڭ سىياسى ۋە مىللى مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلەتتى.شۇڭلاشقا، ئاز ئوتمەيلا، ياڭ زىڭشىڭ ھوكۇمىتى بىلەن يەرلىك مۇتەئەسسىپلەر بىرلىشىپ، ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بۇ يېڭى مەكتەپنى تاقىۋەتتى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ تەشەببۇسكارلىرىنى جازالىدى.

     يېڭى مەكتەپ تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، نىزامىدىن قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردا مەدىكارچىلىق قىلدى، مەمتىلى بولسا ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ تىۋىپچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى ھەم قوشۇمچە جۇۋىچىلىق قىلدى.

     زامانىۋىي يېڭى مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇش مەمتىلى توختاجىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ۋە ھاياتى مۇددىئالىرىنىڭ تىكلىنىشىگە چوڭقۇر خاراكتىرلىك تەسىر كۆرسەتتى. يېڭى مەكتەپ ئېچىش، يېڭى مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلەن ئوز خەلقىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى تەرەققى تاپقان مىللەتلەرنىڭ قاتارىغا ئوتكۇزۇش، مەدەنىيەتنى يۇكسەلدۇرۇش ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات ئۇنىڭغا بىردىن-بىر ياشاش مەقسىدى بولدى.

     تەۋپىق كىچىگىدىن تارتىپلا شېىر يېزىشنى، ساز چېلىش ۋە ناخشا ئوقۇشنى ياخشى كورەتتى. ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ۋە خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىنى نەمۇنىلىرىنى بېرىلىپ ئوگەنگەن ئىدى. ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ دادىسىغا ياردەملىشىشكە باشلىغاندىن كېيىنمۇ، ئوزلۇگىدىن ئۇگىنىشنى ۋە شېئىر يېزىشنى قەتئى داۋاملاشتۇردى.

     1920-يىلى تەۋپىقنى دادىسى تىرىكچىلىك مەقسىدىدە ئوزى بىلەن بىللە ئېلىپ، بورىتالا، غۇلجا، چوچەك قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ باردى. شائىر بۇ سەپىرىدە فېئوداللىق جاھالەت ئىسكەنجىسىدە ئىڭراپ ياتقان خەلقنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ھاياتى بىلەن كەڭ تۇردە ئۇچراشتى، ئۇ، كېزىپ ئوتكەن شەھەر ۋە يۇرتلاردا مەزلۇم خەلقنىڭ چەكسىز ئىجتىمائى تەڭسىزلىك ۋە مىللى زۇلۇم، خورلۇق شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىغىنى كوردى. قالاقلىق، خۇراپاتلىق، فېئوداللىق ئاسارەتلەر قاتمۇ-قات زەنجىر بولۇپ خەلقنى چىرمىۋالغان ئىدى. شائىردا ئوز خەلقىنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائى، تارىخى پاجىەسىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئېچىنىش پەيدا بولدى.

     تەۋپىق دادىسى بىلەن بىللە چوچەككە بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە ئاتۇش مەھشەتلىك سەتىراچ مامۇت ھاجى دىگەن كىشىدىن سەتىراچلىقنى ئۇگەندى ۋە شۇ كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. لىكىن ئاز ئوتمەي تەۋپىقنىڭ تەقدىرىدە يەنە جىددى ئوزگىرىش يۇز بەردى. ئۇ 1924-يىلى قەشقەر شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر، مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ خەلقارا جاھانگىرلارنىڭ سۇيقەستى بىلەن يوشۇرۇن ئولتۇرۇلگەنلىگىدىن خەۋەر تاپتى ۋە غەزەپ-نەپرەتلىك ھىسياتى بىلەن <<ئوقىدى-ئاشتى>> ناملىق بىر شېىر يېزىپ، ئۇنى سەتىراچلىق دۇكىنىنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قويدى. شېىردا فېئوداللىق جاھالەت، زالىم ئەمەلدارلار، مۇتەئەسسىپ روھانىلار پاش قىلىنغان ۋە ئەيىپلەنگەن ئىدى. يەرلىك ھوكۇمەت تەۋپىقنىڭ بۇ شېىرىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى دەرھال سىياسى تەقىپ ئاستىغا ئالدى ۋە ئارقىسىغا پايلاقچى سېلىپ قويدى. شائىرنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا چوچەكتىن باشقا بىر ياققا يوتكىلىپ كېتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. تەۋپىقنىڭ پۇرسەت تېپىپ داۋاملىق ئوقۇش نىيىتى بار ئىدى. بۇ ئىمكانىيەت ئەينى ۋاقىتتا پەقەت خوشنا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىلا بولۇپ، شائىر داۋاملىق ئوقۇش مەقسىدىگە يېتىش ئۇچۇن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىگە ئوتۇپ كېتىش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭغا يەرلىك تەرەققىپەرۋەر زات مۇرات ئەپەندى بىر ئات ۋە ئاز-تولا خىراجەت يوللۇق تۇتتى. شائىر ئاخىرى چوچەكتىن ئايرىلىپ قازاق يىگىتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىگە ئوتۇپ كەتتى.

     تەۋپىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يۇرتداش مۇساپىرلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزلىدى. شائىر سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوزلۇگىدىن ئۇگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ماركىسىزىم-لېنىنىزىم كىتاپلىرىنى ئوقۇدى ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزىم نەزىرىيەسىنى ئۇگەندى، كېيىنچىرەك بولسا، موسكىۋاغا بېرىپ شەرق دارىلفۇنۇنىغا كىرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالىدى. تەۋپىق بۇ دارىلفۇنۇندا بىر يېرىم يىل ئوقىدى. بۇ سوتسىيالىستىك سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى چاغلار بولۇپ، تەۋپىقنىڭ دارىلفۇنۇندىكى ئوقۇشى تازا ئوڭۇشلۇق بولالمىدى. ئۇ ئۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

     تەۋپىق مەكتەپتىن ئاجراپ چىققاندىن كېيىن، موسكۋادا يەنە ئالتە ئاي تۇردى. بۇ جەرياندا ئاتۇشلۇق خەللاق دىگەن ئادەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى. تەۋپىق يەنە باشقا يول تېپىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدە ئىدى، شۇڭا ئۇ ئاستا-ئاستا چەتئەل پاراخوتلىرىنىڭ شوپۇرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى، ئۇلارغا ئۇيغۇرچە مىززىلىك تاماقلارنى قىلىپ بەردى، تەمبۇر چېلىپ بەردى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇ ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالدى. تۇركىيە پاراخوتلىرىنىڭ خادىملىرى شائىرنى 1923-يىلىنىڭ 9-ئىيىدا ئوز پاراخودىغا سېلىۋېلىپ تۇركىيەگە ئېلىپ كەتتى. تەۋپىق پاراخوتتىن سىتامبولغا يېقىن بىر يەردە چۇشۇپ قالدى. پاراخوت باشلىغى ئوز تونۇشلىرىغا تەۋپىقنى ستامبولغا يەتكۇزۇپ قويۇشنى تاپىلاپ قويغان ئىدى. شائىر بوينىغا كىچىك بىر تەنزىنى ئېسىۋېلىپ، مىلىچ ماللارنى سېتىپ، يۇرت ئارىلاپ يۇرۇپ ستامبولغا يېتىپ باردى. تەۋپىق ستامبولدا شىنجاڭلىق مۇساپىرلارنى ئىزلەپ تاپتى ۋە ئۇلاردىن ئوزىنى بىرەر مەكتەپكە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى. ناھايىتى تەسلىكتە ئۇ سىتامبول ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەش مەكتىۋىنىڭ قارا خىزمەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلدى. شائىرنىڭ مۇنتىزىم ئوقۇش ئارزۇسى ھە دىگەندە ئىشقا ئاشمىدى. ئەمما ئۇ ھىچ ئىككىلەنمەستىن ئوزلۇگىدىن ئۇگىنىشكە كىرىشتى. ئوز ئىشلىرىنى قىلىپ تۇگەتكەندىن كېيىن، سىنىپلارغا بېرىپ، دەرىزە تۇۋىلىرىدە دەرس ئاڭلاپ، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇگىنىپ مېڭىشقا باشلىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ مەكتەپ رەھبەرلىگىگە ئوزىنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى. مەكتەپ رەھبەرلىگى ئۇنىڭ ئاڭلىغان لىكسىيەلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىپ كۆرۇپ، ئۇنى ئاخىرى ئوقۇشقا قوبۇل قىلدى. تەۋپىق تىرىشىپ ياخشى ئوقىدى، سىنىپتا ئىزچىل ھالدا ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ماڭدى.

     تەۋپىق مەكتەپنى تۇگەتكەندىن كېيىن، سىتامبول شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى. ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.

     30-يىللار شىنجاڭدا بوران-چاپقۇن بىلەن باشلاندى. قومۇلدا كوتىرىلگەن دىخانلار قوزغىلىڭى ناھايىتى تېزلىكتە پۇتۇن شىنجاڭغا يامراپ، جىڭ شۇرىن ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

     شائىر تەۋپىق بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زامانىۋىي ئىلىم-پەن مەكتەپلىرىنى يولغا قويۇش، خەلقنى ئاقارتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك ياخشى سىياسى شارايىتى، دەپ ھىساپلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئوزىنىڭ ئومۇرلۇك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئوز خەلقىگە خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بىلەن 1932-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ئۇ شۇ يىلى ئالدى بىلەن قەشقەرگە چۇشۇپ، يۇرتداشلىرى بىلەن يۇز كورۇشتى. تەۋپىق 1933-يىلىنىڭ بېشىدا كىندىك قېنى توكۇلگەن ئانا يۇرتى-ئاتۇشقا قايتىپ كەلدى.

     تەۋپىق ئاتۇشقا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن خەلق ئارىسىدا يېڭى مائارىپ توغرىسىدا جامائەت پىكرى تەييارلىدى. ئۇندىن كېيىن ئۇ تەشكىلىي ئىشلارغا كوچۇپ، يېڭى مائارىپنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن بىر نەچچەيلەننى تەكلىپ قىلىپ، ناھىيىلىك مائارىپ ھەيئىتى تەشكىل قىلدى. يېزىلاردا مەكتەپلەرنىڭ كىرىپ چىقىمىنى باشقۇرىدىغان ئاتالار ھەيئىتى قۇرۇلدى. مەكتەپلەرنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن، دىنى قائىدىلەر بويىچە تولىنىدىغان ئوشرە-زاكات، قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ تېرىلىرى ۋە ۋەخپە يەرلەردىن ئېلىنغان ھوسۇل ناھىيىلىك مائارىپ ھەيئىتىنىڭ ئىگىدارچىلىغىغا ئوتكۇزۇلدى.

     يېڭى مەكتەپلەر ئېچىشىنىڭ تەشكىلىي ۋە مالىيە مەسىلىلىرى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، تەۋپىق ناھىيىدە ئالدى بىلەن ئىككى ئايلىق ئوقۇتقۇچىلار تەربىيلەش كۇرسى ئاچتى. كورسقا 61 كورسانت قاتناشتۇرۇلدى. كورساتلار ئوقۇش تۇگەتكەندىن كېيىن، پۇتۇن ناھىيە بويىچە داغدۇغىلىق ئاقارتىش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. ئۇلار رەت-رەت تىزىلىپ، قىزىل گالۇستۇك تاقاپ، ناھىيە شەھرى ۋە يۇرتلاردىن <<بىز-مۇئەللىم!>> دىگەن مارشنى ياڭرىتىپ مېڭىپ ئوتتى. بۇ مارشنىڭ شېىرى ۋە ئاھاڭىنى تەۋپىق ئوزى ئىشلىگەن ئىدى. مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان خەلق ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقىدى ۋە ھورمەت بىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن پۇتۇن ناھىيە تەۋەسىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كوتىرىلدى ھەر بىر يېزىدا دىگۇدەك يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلىندى. بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىنىش بىلەن تەڭ ئاممىۋى خاراكتىرلىق ئاقارتىش ھەركىتىمۇ قانات يېيىپ كەتتى، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر ۋە چوڭلار كەچلىك ساۋات چىقىرىش سىنىپلىرىغا تەشكىللەندى. شۇنداق قىلىپ 1933-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە بولغان 3 يىل ئىچىدە ناھىيە خەلقىنىڭ يەتمىش پىرسەندىن كوپرەگى يېڭى مەكتەپلەردە ئوقۇپ خەت-ساۋادىنى چىقاردى. بۇ جەرياندا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار قاتارى قىزلارنىڭمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلغانلىغى ۋە نۇرغۇنلىغان ئايال مۇئەللىملەرنىڭ يىتىشتۇرگەنلىگىمۇ ئالاھىدە نەتىجە بولدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى شارائىتتا، ئومۇمى دىنىي ئىسكەنجىلەر مۇھىتىدا بۇنىڭغا ئېرىشمەك ئانچە ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى.

     تەۋپىق ئاتۇشتا زامانىۋىي مائارىپنى بارلىققا كەلتۇرۇش، ئاممىۋى خاراكتىرلىق ئاقارتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىش، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى تەرەققىياتىدا زامانىۋىي ئىلىم-پەن مەكتەپلىرى تارىخىنى باشلاپ بېرىش ئانچىۋالا ئاسانغا چۇشكىنى يوق. ئۇنىڭغا فېئوداللىق ئىجتىمائى ھالەتنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىنى بوسۇپ ئوتۇشكە، يەرلىك فېئوداللار ۋە دىنى جاھالەت كۇچلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىغىنى زور كۇچ بىلەن سۇندۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە خەلق كوپچىلىگىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە، زامانىۋىي تەرەققىياتقا ئىنتىلگۇچى سانسىزلىغان ياشلارنىڭ قىزغىن غەيرىتىگە تاياندى.

ئاتۇشتا يېڭى مەكتەپلەرنىڭ ئومۇملىشىشى يۇرتنىڭ ئومۇمى قىياپىتىگىمۇ زور تەسىر كورسەتتى. تەۋپىقنىڭ تەشەببۇسى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن نەكتەپلەرگە ۋە يېزا يوللىرىغا يۇز مىڭ تۇپتىن كوپرەك تىرەك كوچىتى قويۇلدى.

     تەۋپىق خەلقپەرۋەر، تۇرمۇش ئىستىلىدا ئاددى-ساددە ئۇستاز ئىدى. ئۇ ئوزى بىۋاستە تۇتۇپ تەربىيلىگەن 40 نەپەر ئىزچىغا ئاتۇشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تورت باغلىق ئاق ماتىرىنى ماشرەڭدە بوياپ كىيىم بەرگەن، ئوزىمۇ شۇ ماتادىن كىيىم كىيگەن ئىدى. ئۇ مەكتەپلەردىكى كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇتۇش خراجەتلىرىنى مائارىپ راسخودىدىن ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجگم ئوقۇشىنى كاپالەتلەندۇردى.

     تەۋپىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە كەڭ ئاممە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولاتتى، ئۇلارنىڭ دەرت-ئەھۋالىغا قۇلاق سالاتتى، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنىغا، ئابرويىغان، پۇلىغا ۋە چاپىنىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايىتتى، كوپ ھاللاردا يېزىلاردىكى كەمبەغەل، نامرات كىشىلەر بىلەن بىللە يۇرەتتى. بىر كۇنى ئۇنىڭ راخمان ناملىق بىر ئاشىق بىلەن كوچىدا بىلە پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كورگەن بىرنەچچە ئايال ئوز-ئارا:“كوردۇڭلارمۇ؟ مەمتىلى ئەپەندى راخمان بىلەن بىللە كېتىۋاتىدۇ…“، دىيىشىدۇ. بۇ پاراڭنى ئاڭلاپ قالغان شائىر دەرھال ئۇلارغا جاۋابەن:

                  سويسە سويىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،

                 سويمىسە سويمەم مىسرگە سۇلتان بولسا

دىگەن شېىرنى يوقۇيدۇ.

     تەۋپىق زامانىۋى مائارىپنىڭ ئاتۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ پۇتۇن ئولكە بويىچە .ومۇملىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ ئارزۇ ئۇنىڭ ئومۇرلۇك غايىسىغا ئۇيغۇن كېلەتتى. شۇڭا ئۇ، يېڭى مەكتەپلەرنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن باشقا جايلارغا قارىتىلغان تەشۋىقى تەرغىبات خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. 1935-يىلى ئۇ ئوزى بىۋاستە تەربىيلىگەن 40 نەپەر ئىزچىنى باشلاپ پىيادە پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارغا سەپەر قىلدى. ئۇ سەپەر داۋامىدا، بارغانلا جايدا، شۇ جايدىكى خەلقلەرگە ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان زامانىۋىي مائارىپنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلدى. 1936-يىلى ئۇ 800 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، قەشقەر شەھىرىدە ئوتكۇزۇلگەن ”12-ئاپىرىل“ بايرىمىغا ئاپىرىپ قاتناشتۇردى. بۇ ئوقۇغۇچىلار قىزىل بايراقلارنى كوتىرىپ سەپ تارتىپ، داقا-دۇمباق، بارابانلىرىنى چېلىپ مارش ئوقۇپ، مەيداندا تۇرلۇك گىمناستىكا شەكىللىرىنى يارىتىپ، بايرامغا يېغىلغان كەڭ ئاممىغا ئاتۇش مائارىپىنىڭ پارلاق مەۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايەن قىلدى. بۇ خىل تەشۋىقى-تەرغىباتلار ئولكىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا زامانىۋى مائارىپنىڭ يىلتىز تارتىشىغا مۇئەييەن ئىجابى تەسىر كورسەتتى.

     لېكىن شائىرنىڭ تارىخى خاراكتىرلىق بۇ تىرىشچانلىغى كوپ ئۇزاققا بارالمىدى. ئۇ ئوز پائالىيىتىنى ئوزگىرۇچان سىياسى مۇھىتتا، سىياسى پۇرسەتپەرەس، مىللىتارىست شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى كەلتۇرۇپ چىقارغان داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتتە ئېلىپ بارغان ئىدى. شىڭ شىسەي مۇمۇرلىرى ۋە يەرلىك ئەكسىيەتچىل فېۇداللار شائىر يولغا قويغان ئىلغار ئارقارتىش ھەرىكىتىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، 1936-يىلى 7-ئايدا(توغرىسى 1937-يىلى 5-ئايدا) جاللات شىڭ شىسەينىڭ چاپارمەنلىرى شائىرنى ئاتۇشتا ئىشلەۋاتقان مەكتىۋىدىن قولغا ئېلىپ كەتتى. شائىر ئاز ئوتمەي قەشقەر شەھرىدىكى ياۋاغ تۇرمىسىدە پاجىئەلىك يوسۇندا ئېتىپ ئولتۇرۇلدى. شائىرنى شىڭ شىسەينىڭ تۇرمە ئەمەلدارى مەۋلان دىگەن كىشى ئاتقان، شائىر ئولۇم ئالدىدىن، ئۇنىڭدىن يۇزمۇ-يۇز تۇرۇپ ئالدىدىن ئېتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئوق يىگەندىن كېيىن:“ئاھ، ۋەتەن!“،  دەپ يىقىلغان ئىدى. شائىر ئېتىپ ئولتۇرۇلگەندە تېخى 36 (توغرىسى 37) ياشتا ئىدى.

     شائىر تەۋپىقنىڭ ھاياتى تەغدىرى مانا مۇشۇنداق بولدى. ئۇنىڭ شېىرلىرى ئۇنىڭ ئىلغار دۇنياقارىشىنىڭ، ھاياتى غايىسىنىڭ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى شارايىتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، رۇشەن سىياسى تۇشكە ئىگە. شائىر شېىرلىرىدا ۋەتەننى، خەلقنى، ئىلىم-پەننى، ئخقتىمائى تەرەققىياتنى ۋە ئەينى يىللاردىكى دىخانلار قوزغىلىڭىنىڭ بوران-چاقۇنلىرىنى كۇيلىگەن، فېئودالىزىم جاھالىتى، دىنى خوراپاتلىق، ئىجتىمائى زۇلۇم ۋە قالاقلىق ئۇستىدىن شىكايەت قىلغان. پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئىشىغا بىرىلگەن بۇ خەلق پەرزەندى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك. مەن ئۇنىڭ شېىرلىرىدىن بىر قىسىمنى بۇ قېتىم نەشىرگە تەييارلىدىم. ئىلىم-پەن خادىملىرى ۋە ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شائىر تەۋپىقنىڭ ئىجادىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ كورۇشىنى، بۇ توغرىدا زورۇر ئىزلىنىشلەر ئېلىپ بېرىشنى ئۇمىت قىلىمەن.

تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر

ئوقىدى-ئاشتى…

                                    ئوقىدى-ئاشتى باشقىلار بىدىن ئەي قەدىردانلار،

                                    كورگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى قاينا ۋىجدانلار.

                                    ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇرلەر باشقا مىللەتلەر،

                                    قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئىممەتلەر!

                                    ئۇگتمەس بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار،

                                    ئەخلاقنى پۇچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.

                                    رىشىۋە(2) بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،

                                    بېشىدا سەللە، قولىدا تەسۋى، ھەقتىن قاچارلەر.

                                    ئويلاڭلار! زاكات-ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى، كىملەر ئالۇرلەر؟

                                    نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان قالۇرلەر.

                                    مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەر ئانچە ھىكمەتلەر،

                                    ئەمىلىگە قارىتا بەردى ئاللا شانۇ-شەۋكەتلەر.

                                    ئوقۇيمىز، بىلمەيمىز، لىسانۇ ئەرەپ مۇشكۇل تىلى بىزگە،

                                    يادىكار قالغان يوق بىر نوكتە ھىكمەت ئۇلاردىن بىزگە.

                                    قەشقەردە يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۇلدە ياتۇرلەر،

                                    تەربىيەسىز، ئوشۇق ئويناپ، نىشە تارتۇرلەر.

                                    مەرھۇمى داموللا ئابدۇقادىر ناھەق كەتتىلەر،

                                    گۇناسى نىمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۇگەتتىلەر.

بىز-مۇئەللىم

                                     بىز-مۇئەللىم! يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،

                                    خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار ساچىمىز.

                                    تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،

                                    ئىلىم-ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.

                                    خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،

                                    كوزلىرىمىز قارىغۇ كوپ ناچار بولدۇق.

                                    بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،

                                    بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۇلى.

                                    ئوقۇتىمىز ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن،

                                    پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.

                                    يورۇق تاڭغا تەلپۇندى ۋىلايىتىمىز،

                                    ئىلىم بىلەن تىكلەنگەي ئىناۋىتىمىز.

                                    مەنبە بولدى ئىرپانغا يۇرتىمىز ئارتۇش،

                                    ئىرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.

ۋەتەن ئۇچۇن…

                                     ۋەتەن ئۇچۇن تەرەققىيات ئىستەرمىز،

                                     ئارزۇسىمىز راۋاجلانسا مائارىپ،

                                     جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز ئولكىگە،

                                     بىزنىڭ يۇرەك زالىملارغا مۇخالىپ.

                                     بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق، ئادالەت،

                                     بولسا بەربات خۇراپاتلىق، جاھالەت.

                                     شۇنىڭ ئۇچۇن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاب،

                                     زاۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق، ئىختىلاپ!

                                     پورەكلىسۇن گۇزەل باھار گۇللىرى،

                                     شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بۇلبۇللىرى.

                                     ئىقبال ئۇچۇن بولايلى بىز ئىتتىپاق،

                                     جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى!

قۇتۇلۇش يولىدا

                                     سەن ئۇچۇن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز،

                                     قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز.

                                     قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىرى قۇتۇلدۇردۇق سېنى،

                                     قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.

                                     يۇرتىمىز بىز يۇز-كوزۇڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،

                                     ئورلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز.

                                     يارۇ ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممەتىمىز سەن ئۇچۇن،

                                     شانۇ-شوھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

                                     ئاتىللانىڭ جەڭلىرى ئوچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،

                                     نەسلى قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.

                                     مىللىتارىست بولدى گۇم، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،

                                     ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن گۇزەل ئىستىقبالىمىز!

مۇبارەك ۋەتەن

                                      ئەي ئاتىلار يۇرتى مۇبارەك ۋەتەن سەن ياشارسەن،

                                     پەرزەنتلىرىڭ باشىغا تېخى نۇرلار ساچارسەن.

                                     تاغلىرىڭ ئالتۇن-كۇمۇش، زىلال سۇلار بويلايدۇ،

                                     دۇشمەنلىرىڭ بەك ئاچكوز تالىماقنى ئويلايدۇ.

                                     ئوتلاقلىرىنىڭ ياپ-يېشىل سانسىز ماللار يايلايدۇ،

                                     قىمىز ئۇچۇن تاغ ئەھلى يىلقىلارنى بايلايدۇ……

                                     ۋەتەن خەلقى ئويغانغىن، ئاچ كوزۇڭنى، ئولتۇرما،

                                     بۇ جانىجان يۇرتۇڭنى غەپلەت بىلەن تولدۇرما.

                                     ئەل-يۇرتىغا تەر توكمەك پەرزەنت ئىشى، بۇرچىڭدۇر،

                                     يولغا چىققان كارۋانسەن، ئىلىم-ئىرپان يولچىڭدۇر.

ئويغان خەلق

                                     ئويغان خەلق يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،

                                     مەكتەپ بىلەن چىراق ياققىن، نۇر تولدۇر!

                                     پۇتسۇن ئەمدى زۇلمەت، دەۋرى ئىستىبدات،

                                     شۇم تەغدىردىن، قارا كۇندىن بول ئازات!

                                     سائادىتىڭ ئۇچۇن تىرىش، ھىممەت قىل،

                                     پەرزەنتلەرنى ئاقارتىشتا خىزمەت قىل!

                                     دەس تۇر ئەمدى، ئاتلان خىزمەت يولىغا،

                                     ھوما قۇشى قونسۇن ئەۋلات قولىغا!

قۇتۇلدۇق

                                     ئولكىمىزدە نەلەر كەچتى ئويلايلى،

                                     كەچمىش تارىخ دەرياسىنى بويلايلى!

                                     مەھكۇم بولۇپ يىللار-ئايلار ئوتتىلەر،

                                     مۇستەبىتلەر بىزنى ۋەيران ئەتتىلەر.

                                     يۇرتنى چەيلەپ خالىغانچە كەزدىلەر،

                                     ئەلنى خارلاپ، زۇلۇم سېلىپ ئەزدىلەر.

                                     قولىمىزغا مىلتىق ئېلىپ ئېتىلدۇق،

                                     بىزلەر ئەمدى ئۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇق.

                                     مەرىپەتنىڭ قۇياشىغا ئومتۇلدۇق،

                                     قۇتۇلدۇق بىز، قۇتۇلدۇق بىز، قۇتۇلدۇق.

                                     ئەل ئويغاندى، بىز غەپلەتتە ياتمايمىز،

                                     يۇرتىمىزنى ئەمدى ئەرزان ساتمايمىز.

                                     قۇربانلارنىڭ قانلىرىنى ئاقلايمىز،

                                     يېڭىشلەردىن-يېڭىشلەرگە ئاتلايمىز.

ئۇيغۇر بالىلىرى

                                      بىز ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى كوڭلىمىز نۇرلۇق،

                                      بېسىپ ئوتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇق.

                                      كوپ زامانلار سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا،

                                      دەريا-دەريا قانلار توكتۇق ئەرك يولىدا.

                                      بىزگە گويا دوزاخ بولدى بۇ ئانا ماكان،

                                      ئەسىر بولدۇق، تۇتقۇن بولدۇق، ھالىمىز يامان.

                                      كۇرەش بىلەن ئوتتى ئەسىر، شانىمىز ئۇلۇق،

                                      بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق.

ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن

                                      ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن، بىزمۇ شادان بولىنىڭ،

                                      ئىلمۇ-ئىرپان يولى ئۇچۇن ئەمدى قۇربان بولىنىڭ!

                                      نەچچە يىللاپ ئۇخلىدۇق، كۇندۇز ئىدى قاراڭغۇلۇق،

                                      ئېچىلىپ ئىرپان يولى قاراڭغۇلۇق بولدى يورۇق،

                                      تۇتىشىپ قوللارغا قول شادۇ-خەندان بولىنىڭ.

                                      ئەي ۋەتەن ئەۋلادى ئەمدى ئۇيقۇدىن كوزۇڭنى ئاچ،

                                      ئىلمۇ-ئىرپان نۇرى ئال، مىللىتىڭ باشىگە ساچ،

                                      ئوزگىدەك ئوز يۇرتىمىزغا بىزمۇ سۇلتان بولىنىڭ!

بىز ۋەتەن ياشلىرى

                                       بىز ۋەتەن ياشلىرى بىز،

                                       يۇرتقا قۇربان باشلارىمىز.

                                       ساغلام كوڭۇل، ساپ ۋىجدان،

                                       بىزنىڭ يولداشلىرىمىز.

                                       چېكىندى بىزنىڭ يۇرتىمىزدىن،

                                       جاھالەت بىرلەن زولۇمات.

                                       ئېچىلدى ئەمدى كوزىمىز،

                                       خۇراپاتتىن بولدۇق ئازات.

                                       بىز ۋەتەن ياشلىرى بىز،

                                       كۇرەش بىلەن تاپتۇق ھايات.

                                       ئەل قەلبىنى ئويغىتىمىز،

                                       ئويغىتىشتىن كېلەر نىجات.

ئەي ئانا يەر!

                                        ئەي ئانا يەر، كوزلىرىڭدە ئۇمىت پارلار ھەر زامان،

                                        ئۇستىڭدىدۇر گاھى تۇتۇق، گاھى روشەنكوك ئاسمان.

                                        ئوتتى تارىخ، ئوتتى يىللار، ئىستىلالار بولدى كوپ،

                                        جەڭ-چېلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.

                                        ئەي ئانا يەر، پاك، مۇقەددەس، سەندە بىزنىڭ جانىمىز،

                                        سويگۇ-مېھرىڭ ۋە سۇتۇڭدىن پۇتتى بىزنىڭ قانىمىز.

                                        ئەل يوقالماي كەلدى سەندە جەڭ كوكلەپ، بەرق ئۇرۇپ،

                                        قاينىغان قان، چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.

ئىرپان كۇنلىرى

                                        تۇغدى بۇ يۇرتقا ئىرپان كۇنلىرى،

                                        پۇتتى نادانلىق، زۇلمەت تۇنلىرى.

                                        سايرا ۋەتەننىڭ شوخ بۇلبۇللىرى،

                                        ئېچىلدى ساڭا ئىلىم يوللىرى.

                                        يىمىرىلمەكتە دەۋرى ئىستىبدات،

                                        خۇراپاتلىقتىن بولغىن سەن ئازات.

                                        بىلگىن غەنىمەت ئالتۇن چاغلارنى،

                                        قىل ئىرپان بىلەن يۇرتۇڭنى ئابات.

ئەي ۋەتەن خەلقى!

                                        ئەي ۋەتەن خەلقى، ئويغان غەپلەتتىن،

                                        قەددىڭنى كوتەر ئەسرىي كۇلپەتتىن.

                                        زامانىڭغا باق، ئەتراپىڭغا باق،

                                        قالما ئارقىدا ئوزگە مىللەتتىن!

                                        روسۇلىمىزنىڭ سوزلىرىدۇر شۇل،

                                        ”ھوۋەل جاھات مازدى“ دىگەن ئىدى ئول.

                                        بولما داۋاملىق خۇراپاتقا قۇل،

                                        قەددىڭنى كوتەر جەڭگە تەييار بول!

بورادەرلەر

                                        بورادەرلەر، يول كورۇندى،

                                        يەنە غېرىپ باشىمە.

                                        تاغلار تاشلار چىقتى كوكلەپ

                                        كوزدىن ئاققان ياشىمە.

                                        پارلاق ئۇمىت يۇلتۇزلىرى

                                        نۇر ساچتى يولداشىمە.

                                        قەدەم قويدى ئىقبالىمىز

                                        ئەۋجى ئىززەت تاغىگە.

                                        يول ئېچىلدى ئەمدى بىزگە

                                        سائادەتنىڭ باغىگە.

ئالتۇن ئولكە

                                        ئولكىمىز ئالتۇن ئولكە،ئالتۇن تاغۇ-تاشلارى،

                                        ئالتۇن رەڭدە چاقنايدۇ بۇغداي، قوناق ئاشلارى.

                                        ئولكىمىز ئالتۇن ئولكە، بىز پىداكار ياشلارى،

                                        قەدىرلەيمىز ئىرپاننى، بىز ئىلىم يولداشلارى.

                                        بۇ ئولكىنىڭ پەرزەندى ھەر بىرىدۇر ئارسلان،

                                        جەڭگە ئەرك ئۇچۇن بۇندا سانسىز قەھرىمان.

                                        ئولكىمىز ئالتۇن ئولكە، بىز .ۇنىڭ قۇربانى بىز،

                                        بەخشەندە بولدى ئاڭا قەلبىمىز-ۋىجدانىمىز.

قۇياش يۇققاندا

                                         تۇغدى قۇياش، ساچتى نۇر يۇرتنىڭ تاغۇ-تاشىگە،

                                         ئۇنىڭ ئىللىغى يەتتى مەزلۇم خەلق باشىگە.

                                         قۇياش نۇرى يورۇتقان ئىنقىلاپنىڭ گۇلى بىز،

                                         يۇرتىمىزغا سېچىلغان ئىلىم ئىرپان نۇرى بىز.

                                         يوللىرىمىز ئېچىلدى باسىمىز غالىپ قەدەم،

                                         يورۇق كۇندىن نۇر ئېلىپ، نۇر ساچارمىز دەممۇ-دەم.

باھار كەلدى

                                           باھار كەلدى گۇل-چىچەكلەر ئېچىلدى،

                                           باشىمىزغا رەھمىتى ھەق سېچىلدى.

                                           كەتتى ئەمدى زىمىستان قىش، تاڭ ئاتتى،

                                           ئۇيقىمىزدىن خوش ئاۋازلار ئويغاتتى.

                                           كۇن نۇرىدا پارىلدايدۇ روجەكلەر،

                                           ھەممە يەردە ياشنىدى گۇل-چىچەكلەر.

                                           گۇل-چىچەكتىن باش كوتەردى ئوغۇزخان،

                                           بىزنى ئالغا ئۇندىمەكتە ئۇ ھامان…

ئىزچىلار

                                          بىز ئىزچىلار بىز قوللىرىمىز گاڭ،

                                          كوزىمىز نۇرلۇق، قەلبىمىز ساغلام.

                                          خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،

                                          دۇشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.

                                          ئۇگەن تىرىشىپ، ياش ئىزچى بالىلار،

                                          ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار.

                                          ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا،

                                          ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.

                                          قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،

                                          ئالغا ئورلەيمىز ئىرپان يولىدا.

                                          ئۇگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،

                                          ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار.

                                          ئوسكەن يۇرتىمىز تاغلىق، شېغىل تاش،

                                          ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش.

                                          ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،

                                          قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش!

                                          ئۇگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،

                                          ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار.

مەكتەپ ئىرۇر

                                          مەبدەئى ھىلمۇ ھايا(3) مەكتەپ ئىرۇر،

                                          مەخزەنى سىدقو ساپا(4) مەكتەپ ئىرۇر.

                                          مۇزلىغان دىللارنى ھەم چۇن نەۋ باھار،

                                          سەبزە خۇررام ئەيلىگەن مەكتەپ ئىرۇر.

                                          توم تاراقى دۇنياۋى شەيئون ھەقىر(5)،

                                          قائىدى راھى ھۇدا(6) نەكتەپ ئىرۇر.

                                          كۇللەمەن يەرجۇ كاما لەمفىل كاما،

                                          مەسلىكۇ دارە شىپا مەكتەپ ئىرۇر(7).

سايرام كولى

                                          سايرام كولى ئوزۇڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،

                                          داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.

                                          ئەتراپىڭنى قورشىۋالغان ئىگىز تاغلار،

                                          ئۇمتۇلىسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن……

كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ

     (1935-يىلى تەۋپىق ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان يېڭى مائارىپنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى باشقا جايلارغا كېڭەيتىش مەقسىدىدە 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى پەيزاۋات، توقۇۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارغا پىيادە ساياھەتكە ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇلار ساياھەتتىن قايىتقاندا ئاتۇش كوچىلىرىدىن مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپ ئوتتى.)

                                      سەپەر قىلدۇق تاغلار ئاشتۇق،

                                      يېڭىلىقتىن نۇرلار ساچتۇق،

                                      خەلقىمىزگە قۇچاق ئاچتۇق،

                                      كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.

                                      بىھۇدە يولنى ماڭمىدۇق،

                                      بىز يولدا ھەرگىز ھارمىدۇق،

                                      ئىشسىز بىكار ھەم قالمىدۇق،

                                      كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.

                                      پىيادە چوللەردە ئوتۇپ،

                                      ھەر يەردە ئەلنى ئويغۇتۇپ،

                                      كونىلىقنى قورقۇتۇپ،

                                      كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.

تەنقىت

                                      سىلەردە بار ئەجەپ بىر خىل ئەيىپلەر،

                                      نەشە، ھاراق، ئەپيۇندەك كەيىپلەر.

                                      ئوينايسىلەر كاغەز قىمار دىگەننى،

                                      ئىت يىمەيدۇ سىلەر نان دەپ يىگەننى.

                                      تەنقىت قىلدۇق، ئەخلاقى تۇزۇلۇر،

                                      تۇزەلمىسە سىزدىن ئۇمىت ئۇزۇلۇر.

                                      نەشە تارتىپ رەڭگىڭىزدە ھىچ قان يوق،

                                      شۇڭا سىزدە ئادەمگە خاس ۋىجدان يوق.

                                      توغرا مېڭىڭ، ئۈلگە ئېلىڭ بىزلەردىن،

                                      ئەھلى ۋەتەن بىزار بولدى سىزلەردىن.

تۇرمە خاتىرىلىرى

1

                                      تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،

                                      قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.

                                      ئىخ، بىچارە مەزلۇملار! گۇناھى نېمە زادى؟

                                      بىر ماڭدامچە يەر تەگمىش بۇ ۋەتەن پانايىدىن.

2

                                      نەچچە يىل كەزدىم دىيار غۇربەتنى،

                                      ھىچ قەيەردە كورمىگەن بۇ ئۇقۇبەتنى.

                                      ئېلىپ باردىم ئاقارتىش قايتىپ ۋەتەنگە،

                                      مۇكاپات ئۇچۇن ئالدىم ئازار-كۇلپەتنى.

3

                                      بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،

                                      ئادەلەتكە ئىنتىلدىم، قولغا ئالدى سىياسەت.

                                      خەلقىم ئۇچۇن ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ئىستىدىم،

                                      نىيتىم ساپ، دىلىم ئاق، ئوتكۇزمىدىم جىنايەت.

4

                                      روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا-تۇتقۇندا،

                                      سائەتلىرىم ئوتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.

                                      يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش، تاشتىنمۇ قاتتى بۇ باش،

                                      ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەتتە.

5

                                      خۇدا بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەرياتتا،

                                      دىرىگىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەرياقتا.

                                      ئەل خائىنى مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،

                                      ھوكۇمەتكە ئۇستۇمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.

6

                                      بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،

                                      كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۇن ئېسىلۇر دارغا.

7

                                      ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئىتەر،

                                      كۇندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۇگەپ كېتەر.

(1) تەۋپىق-توغرا يولدا ماڭغۇچى.

(2) رىشۋە-رىشۋەت-پارا.

(3) مەبدەئى ھىلمۇ ھايا-مۇلايىملىق ۋە ھايانىڭ باشلىنىشى.

(4) مەخزەنى سىدقۇ ساپا-راستلىق ۋە پاكلىق خەزىنىسى.

(5) دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن خەۋەر بەرگۇچى.

(6) قائىدى راھى ھۇدا-توغرا يولغا باشلاشنىڭ قائىدىلىرى.

(7) بۇ مىسرانىڭ مەنىسى: مەسلەكلەر شىپا تاپىدىغان دوختۇرخانا مەكتەپ بولىدۇ.



توردا تارقالغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ رەسىمى(ئالدىنقى رەت ئوتتۇردىكى كىشى)



ئاپتور مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى




گۈلزىبا 2012-07-17 16:12
پىداگۇگىكا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئەڭ يىقىن دوستۇم مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئۈچۈن<< مەمتىلى ئەپەندى >>ناملىق روماننى سوۋغا قىلغان ئىدى (1999-يىلى ).كىتاب ئىشكابىمدىكى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلىرىمنىڭ بىرى ئۇ . دەرسخانىدائۇنىڭ تەرجىمھالىنى  سۆزلىگەندىمۇ شۇنداق بىر خىل ھاياجاندا ئۆتكەن ئىدىم .تەۋپىقنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ يەنە بىر قىتىم ھاياجانلاندىم ، رەھمەت سىزگە،يوللىغان دەرس لاھىيىسى ۋە مۇشۇنىڭدەك ئىسىل يازمىلىرىڭىزغا .

koksangun 2012-07-18 09:27
تەۋپىق ئەپەندى ھەققىدىكى ماتېرىياللار مۇنبىرىمىزدە ئەڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان مەزمۇنلار قاتارىدا مۇئامىلىگە ئىرىشىدۇ ...

tawpek 2012-07-19 14:14
بۇ كاتتا مىھنەتنى كۆچۆرۆشكە قولوم شۇنداق تەستە بارغان بولسىمۇ لىكىن مۇنبىرىمىزدە مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس سەھىپە بولغاچقا يۆتكىدىم.

تېما ئىگىسىنىڭ باشقا پىكىرى بولسا ئۆچىرىمەن.

kaqur 2012-07-19 21:32
ئىبراھىم ئالىپ تېكىن نەشىرگە تەييارلىغان "مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى" دېگەن بىر كىتابنىڭ pdf نۇسقىسى بولىدىغان، يوللاپ قويايچۇ...
————————————————
ئادرىسىنى تىقىپ قويىمەنغۇ تازا

بۇ ئورۇندىكى مەزمۇن يۇشۇرۇلغان ، ئىنكاس يازغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلەيسىز .

tawpek 2012-07-19 23:30
كەچۈرگە بارىكاللا ، مەندىمۇ نەچچە يۈز پارچە ئىلكىتاب بولىدىغان.

kaqur 2012-07-19 23:39
بەھرىلىنىشنى خالىماسلىق بەك يامان ئادەت
سىزدىمۇ بۇ كىتاب چوقۇم بار ئىدى، لېكىن بەھرىلىنىشنى خالىماي قالدىڭىزدە - ھە، ئۇستاز
كەچۈرمۇ تېخى ئەللىككە توشمايدىغان ئېلكىتابىنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ ئۇستازلار بىلەن ئورتاقلىشىۋەتكەن....

tawpek 2012-07-19 23:50
يوللاشقا ۋاقىت چىقارمىدىممۇ ياكى چىقمىدىمۇ ئىشقىلىپ مەندە ماتىرىيالنىڭ موللىقى راسىت،  ئىيتقانلىرىڭىز ئۇنىڭدىن راسىت.

بەلكىم بىر كۇنى كومپىيۇتىرىمغا ئوت كەتسە ئىسىت دەپ  سىزگە قاخشاپ بىرەرمەن.

كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئىشىم
ئۆيدە قويسام سىسى ئىشىم    دىگەندەك.

kokyar 2012-07-21 20:02
تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئەدەبى ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ بىر پارچە ئەسلىمىسى بار .ۋاقتىڭلار يار بەرسە شۇ ماقالىنى ئۇرۇپ يوللاپ قويساڭلار تولىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۇ ئەسلىمىدە مەمىتىلى تەۋپىقنىڭ يېڭى بىر پارچە سۈرىتىنىڭ تىپىلىش جەريانى يىزىلغان.

زۆھرە 2012-07-21 22:37
بىر سائەتلىك ئەدەبىيات  دەرسى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.ئەجىرىڭىزگە رەھمەت

مۇئەللىم 2012-07-21 23:58
<< مەمتېلى ئەپەندى>> ناملىق كىتاب كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۆھەرگە ئايلىنىدۇ.

مۇئەللىم 2012-07-21 23:59
راسىت،بۇ كىتابنى قايتا بىر نەشىر قىلسا بولاتتى،يالقۇن روزى ئاكىمىز باشچىلىق قىلىپ.

tawpek 2012-07-23 13:38
سۆيسە سۆي يەر بىلەن يەكسەن بولسىمۇ
سۆيمىسە سۆيمە مىسىرغا سۇلتان بولسىمۇ


ئاۋۇ مىسرالار ماڭا بەك ياقتى.

danix 2012-09-05 11:09
    تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل بىر تېمىنى دىققىتىمىزگە سۇنغىنىغا كۆپ رەھمەت !

    سېخى كەچۈر سىڭلىمىزنىڭ پىخسىقلىققا قەدەم قويغىنىغا تەشەككۈر .

nadiraay 2013-12-05 15:07
مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

مىېھرىما 2014-01-08 20:05
مەن دەرسلىككە بېرىلگەن« مەشھۇر مائارىپچى مەمتئېلى ئەپەندى»دىگەن  دەرىسنى ئۆتسەممۇ، ئۆزەممۇ بىلمەي قالمەن دەرىس پىلانىم دىن 2 -3 سائەت ئارتۇق كېتدۇ، يېنلا سۆزۈم تۈگىمەي مەجبۇرى ئاخرلاشتۇرمەن . .......ھەي بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئۇستازلىرىمىز باتتى ئەمەسمۇ؟!!

مىېھرىما 2014-01-08 20:07
بەك ياخشى قىپسىز بۇ ماتريالنى يوللاپ بۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن بىر بايلىق دەڭە .رەھمەت.

مىېھرىما 2014-01-08 20:08
داۋاملىق يوللاپ بۇنداق ياخشى تىمنى ئۈزۈپ قويمىغايسىز قېرىندىشىم رەھمەت
.


查看完整版本: [-- ئەسلىمە:شائىر تەۋپىق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled