tawpek |
2012-07-17 11:46 |
بىلەيچى بوۋاي
دەرىس تېكىستى WrV|<%EQh .p&M@h
w rkD(KG9E بىلەيچى بوۋاي NIgt"o[I ئەختەم ئۆمەر |i|O9^*% *{6{ZKM - بالام ، بىلەي دېگەن ئەسقاتىدىغان نەرسە ، بىر ئۆيدە كەم دېگەندىمۇ تۆت – بەش پىچاق ، بىر – ئىككى قىڭراق ، كەكە ، پالتا بولىدۇ بىرەر بىلەي بولسا ، ئىشلەتكەندە قىينالمايمىز . بۇرۇنقى چاغلاردا ھەممە ئەركەكلەردە راۋۇرۇس بىردىن پىچاق بولىدىغان ، ئەمدى ئون ئەردىن سورىسا ، بىر پىچاق چىقمايدىغان بولۇپ قالدى . ئېلىپ قويۇڭ ، ئۆيدە لازىم بولىدۇ . بۇ مەخسۇس بىلەي تېشىدىن مۇشۇنداق چاسىلاپ ، سىيلىقلاپ ياسالغان بىلەي ، بۇ تاشنى تاغنى ئالماق قانچىلىك تەس ، مېنىڭ تۇرۇقۇمنى كۆردىڭىزمۇ ؟ ogtl
UCUD ئالدىمدا سۆزلەۋاتقان بوۋايغا يېڭىباشتىن سەپسالدىم . o-c.D=~ ئۇنىڭ قاتىراڭغۇ ، ئورۇق يۈزىنىڭ ساقالسىز يەرلىرى بولۇپمۇ پىشانىسىنى قاسساپنىڭ گۆش چانايدىغان دۆشىسىدىكى ساناقسىز قالايمىقان پالتا ئىزىدەك قورۇقلار قاپلىغان ، ساقىلى پۈتۈنلەي ئاقارغان ، قېشىنى ئاق ئارلىغان ، كىرلىشىپ ، پۈرلىشىپ كەتكەن ئاق خەمە يەكتىكىنىڭ بەلۋېغىنىڭ يۇقىرى تەرىپى ئوچۇق بولۇپ ، قورساقلىرى ئىچىگە تارتىپ لەش بولۇپ قالغان تېرىلىرىمۇ قورۇقلىشىپ ، قوۋۇرغىلىرى كۆرۈنۈپلا قالغان ، مەيدىسىدىكى شالاڭ تۈكلەرگىمۇ ئاق ئارلىغان ، كەڭ پۇچقاق قارا تامبىلىنىڭ تىزىنىڭ تۆۋىنى ئۆزىگە ئوخشاش قورۇلۇپ رەڭگىنى يوقاتقان ، پۇتىغا چورۇق كىيىۋالغان ، ئوڭ يانپىشىدا ئۇزۇن ، قىزلارنىڭ 40 كوكۇلىسىدەك بوي تاسمىلىق پىچاق ئېسىلغان ، پاختا يىپتىن ئىشلەنگەن تامبال بېغى تىزىغىچە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ . ئۇ ئالدىغا خېلىلا مۈكچەيگەن بولۇپ ، ئالدىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش قېرىپ سالپىيىپ قالغان ، زەمبىل بەل كۆك ئېشىكىگە يۆلىنىپ تۇرىدۇ .ئۈستىدىكى مەخسۇس تىكىلگەن يوغان خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە لىقلاپ سېلىنغان بىلەي تاشنىڭ ئېغىرلىقىدىن ، ئېشەكنىڭ بېلى قىسماقتەك ئېگىلىپ ، يۇڭلۇق قورسىقى پولتىيىپ قالغان ئىدى .ئۇ تالغان پۇتىنى نۆۋەت بىلەن يۆتكەپ تۇراتتى .بوۋاينىڭ كۆزى قورۇقلار ئارىسىدا قىسىلىپ كىچىكلەپ قالغان ھەم چاپاق باسقان ئىدى . قېرىلىقتىن ئېشەك ھەيدەيدىغان يۇلغۇن تايىقى تۇتقان قولى ئېڭىكى بىلەن قوشۇلۇپ ھە دەپ تىتىرەپ تۇراتتى … $9bLD
>. - چوڭ دادا ، قانچە ياشقا كىرگەنلا ؟ NSI$uS6 ئاغزىمدىن << ئالاي >> دېگەن سۆزنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋتقان بوۋاي ، بۇ سوئالىمنى خالىماي : ~>SqJ&-moo - چامبىلىكام 80 دىن ئاشتىم ، – دېدى . :8=7)cW - بۇ بىلەي تاش تاغنىڭ قانداق يېرىدىن چىقىدۇ ؟ f{#Mc بوۋاي ئۈمۈدلىك ھەم ئۈمۈدسىزلىك نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى ، SwmX_F#_ - تاغنىڭ بىلەي تاش چىقىدىغان يەرلىرى بار ، ئۇ ئېگىز چوققىدىنمۇ ، بەل ، تۆپىلەردىنمۇ چىقىدۇ . n/GJ&qLi:g - مۇشۇنداق پارچە – پارچە بولامدۇ ياكى … 1z=}`,?> - ئالدىغا تەييار ئۇچرايدىغان گەپ نەدە ؟ بولقا ، مېتىن بىلەن چاقىدىغان گەپ ، كۆردىڭىزمۇ ماۋۇ قولنى ، بىر خورجۇن ياڭىقىز بولسا ھەمساتتا چېقىپ بېرىمەن … 4$b9<:M_ ئۇنىڭ قارا ، قېتىپ قالغان دوقماق قوللىرى قاداق بىلەن تولغانىدى . مېنىڭ ھەيران قالغىنىمدىن ، ئۇنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم ياماشتى . G3t
4$3| - بىر كۈندە مۇشۇنداق بىلەيدىن قانچىنى ياسايسىز ؟ v4wXa:CJ ئۇ كۆزۈمگە ھومۇيىپ تىكىلدى ، قولى بىلەن بىلەينى ئۇرۇپ : eE;")t, - بۇ سېغىز ئەمەس بالام ، تاش ، بىر كۈندە قانچىنى ئەمەس ، نەچچە كۈندە بىرنى ياسايسەن ؟ دەپ سورايسىز . مەن ئېغى بار تامبال كىيگەندىن تارتىپ ، ئۆمرۈم مۇشۇ بىلەي تاش بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتىۋاتىدۇ . بىر كۈندە بىر بىلەي ياساپ باقمىدىم … ecy41y'~: - بىرى قانچە پۇل ؟ H[8P]"*z*i بوۋاينىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ ، قىسىلغان كۆزلىرى ئۈمىدلەندى . R|H_F#eVn} - ئاۋۋال تاللاڭ بالام ، ئوخشاش ئەمەس ، چوڭىنىڭ چوڭىراق ، كىچىكىنىڭ كىچىكىرەك . بۇرۇن خېلى پۇلغا ئالاتتى ، ھازىر ئەرزان ، ماۋۇ چوڭى بىر يېرىم كوي ، باھا قويمايمەن ، ماۋۇ كىچىكى يېرىم كوي شۇ ، يوقىلاڭ گەپ . Vl+,OBy مېنىڭ بوۋايغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى . گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدۇم . نېمىدىگەن ئېغىر ئەمگەك ، زور بەدەل ! نېمىدىگەن كۆپ ئەجىر ، ئەرزان نەرخ … Jv=G3=. - چوڭ دادا ، بالىلىرىڭىز يوقمۇ ؟ i - بولمامدىغان ، توققۇز قىزىم بار ، خۇدا بەرگەن توققۇز قىزىل گۈل ، ھەممىسى بالا – چاقىلىق . <
=,KP) - ئۇلار سىزگە … rLcQG - ھەممىسىنىڭ ۋاي دادا ، دەپ ھالى يوق ، يىغلاپ دېمىگىنى قالمايدۇ ، بىرىنچىدىن ، ئاتا كەسپىمنى تاشلاپ ھايات تۇرۇپ بىكار تۇرالمايمەن . بىكار نان يەپ يېتىپ كۈيئوغۇلنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى يامان كۆرىمەن . ئۇ بىچارىلەرمۇ ۋاي دەپ ھالى قالمايدۇ . لېكىنزە ، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىچىم سىقىلىپلا تۇرىدۇ .ئۆزۈمچە بويۇن قىسقاندەك بولۇپ كېتىمەن . ئۆمرۈمدە بويۇن قىسقان ئەمەسمەن بالام ، مېنى تولا سۆزلەتمەي بىرەرنى ئالسىڭىز ئېلىڭ ، بولمىسا ماڭا كاشىلا قىلماڭ . بۇ ئۆزى ئەرزان مال ، بىر ئۆيدە بولمىسا قەدرى ئۆتۈلىدىغان نەرسە ، پىچىقىڭىز ھەرقانچە ياخشى بەلەن بولسىمۇ ، ھامان گاللىشىدۇ . F7 7[f
p مەن چوڭ بىلەي تاشتىن قولۇمغا ئېلىۋىدىم ، بوۋاي خۇشاللىقتىن چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى . ئۇ بىلەينىڭ ئوبدانلىقىنى ماختاپ كۆپ سۆزلەپ كەتتى ، مەن پۇلنى ئايرىپ بولۇپ توختاپ قالدىم . RS/%uxS? بوۋاي كۈلكىدىن توختاپ ، ماڭا ئىككىلىنىش نەزىرى بىلەن تىكىلدى . 9ffRY,1@ - چوڭ دادا ، ھەممە بىلىيىڭىز قانچە چىقار ؟ N2tvP+Z6D بوۋاي ماڭا ئەجەبلىنىپ قاراپ خۇشياقمىغان بىر ھالدا : fp4 d?3G - ئون سەككىز … – دېدى . #D+Fq^="P - ھەممىسىنى ئۆز نەرخى بويىچە مەن ئالاي . Z/uRz]Hi بوۋاي ھەيران بولۇپ ماڭا قاراپ قالدى . HA"dw2| - سىز … سىز ھەممىنى ئالىمەن دېدىڭىزما ؟ S_2I8G^A - ھەئە . o
ohf)) - قانداق قىلىسىز ؟ web&M!- - …. ~AE034_N مەن بۇ تەرىپىنى ئويلىمىغاچ دەرھال جاۋاب بېرەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم . U/iAP W4U - ئەمدى … سىزنى … ساتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دەپ . Z?X$8o^Z - بىر ئۆيگە بىرى يېتىدۇ … سىز ھەممىنى ئېلىپ … ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتامسىز ؟ بىرنى ئىشلىتىپ قالغىنىنى ئەسكى چالمىنىڭ ئورنىدا … تەستە ياساپ تاغدىن ئەكەلدىم . ھىم ، ماڭا ئىچ ئاغرىتقۇچە ئۆزىڭىزگە ئىچ ئاغىرتىڭ ، كۆزىڭىزگە بىچارە كۆرىنىۋاتامدىمەن ؟ ھىم … ~F(+uJbO - ئەمسە ماۋۇ بىرىنىڭ پۇلىنى … iP!Y4F - سىزگە بەردىم . |,7J!7T(I بوۋاي كەينىگە قارىماستىن ئېشىگىنى يېتىلەپ مېڭىۋەردى . سودىمىزنىڭ ئاخىرىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن خىزمەتدىشىم : o6y,M!p@ - ساراڭ قېرى ئىكەنغۇ بۇ ؟ ئىچ ئاغرىتتىڭ دەپمۇ يامانلامدۇ ؟! تاشقا دەسسەپ يۈرىۋاتساق ، پۇلغا تاش ئالىدىغان ئارتۇق پۇلۇڭ بارمۇ ؟ بىزنى مېھمان قىلە . EU@mrm? - ئاداش ، ئىدارىدىكى ھەممەيلەن ئۇ بوۋاينىڭ بىلىيىدىن بىردىن ئالايلى ، – دېدىم مەن . ,.gQ^^+= ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ قالدى . =vT - ھەممىسىنىڭ پۇلىنى مەن تۆلەيمەن .
&QNWL] دوستۇم تېخىمۇ ھەيران بولدى . cQ:"-!ff })q]gMj 1986 – يىلى 29 – نويابىر ، قەشقەر . \?[O,A
A<]&
JbIt
|
|