sebure |
2012-07-13 00:57 |
بالىلار ئويۇنلىرى ۋە پىسخىك قابىلىيەت
%cv%u6 b ] *Hz' شەۋكەت ھامۇت Q-0[l/A}a #4hP_Vhc ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمنى ئەسلىسەم: lC2xl( #! 25TEbp[dy «ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ J0oR]eT} ئېغىلدىكى كالا بارمۇ؟» ^J G
}|v3$ c1/x,1LnMf دەپ، بىمالال، ئەركىن ۋارقىراپ تەڭتۇشلارنى چاقىرىپ ئوينايتتۇق. ھازىرقى بالىلار: UvI!e4_ :b=0_<
G يانچۇقۇڭدا پۇل بارمۇ؟ pg<>Ow5,~l 4EK[g
M8 ئوينايدىغان تور بارمۇ؟ S6QG:|#P YszhoHYh دەپ، پىچىرلاپ ئەندىشىلىك سورايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرلىشىشنىڭ تەسىرىدە تۇرار جاي تارقاقلىقى ۋە بالىلار سورۇنلىرىنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى بالىلارنىڭ جۇشقۇنلۇقى، ئادىمىيلىكى سۇسلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ھالەتكە بالدۇر دۇچ كەلگەن چەت ئەلدىكى خەنزۇ زىيالىيلىرى كۇڭزىنىڭ «شاگىرتلار دەستۇرى» قاتارلىق كىلاسسىك نەمۇنىلەرنى قايتا نەشر قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ئەنئەنە تەربىيەسى دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئالىي مائارىپتا ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
r:IU+3 %Xl@o تەبىئىيكى، ئادەمنىڭ ساپاسى تەربىيەگە باغلىق. شۇڭا، ئەنئەنە تەربىيەسىدىن ئايرىلغان زامانىۋى مەدەنىيەتنى، ئادىمىيلىكنى، ئىناق جەمئىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيا، كىشىلەردىن بەلگىلىك پەن - مەدەنىيەت بىلىمى بولۇشنىلا ئەمەس، زامانىۋى پىسخىك ساپا ۋە ئادىمىيلىك قابىلىيەتنىڭ بولۇشىنى كەسكىن تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بىز بۇ قابىلىيەتنى بالىلاردا قانداق يېتىلدۈرىمىز؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ «بالىلار ئويۇنغا قېنىشى كېرەك!» دېيىشلىرىدە قانداق ئالاھىدە سەۋەب بار؟ cMg/T.O ~I شىۋېيتسارىيەلىك پىسخولوگ پىياگېت «پىسخىكا، تۇغما پىشىپ يېتىلىشتىن، كېيىنكى تەجرىبىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتتىن كەلگەن» دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەرىكەت − بالىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسى پائالىيىتى. شۇڭا، ئاتا - بوۋىلىرىمىز«بالىلار ئويۇنغا قېنىشى كېرەك!» دەپ تەكىتلىگەن. يەنە بىر جەھەتتىن، بالىلار ئويۇنلىرىمىز نوقۇل بالىلارنى ئوينىتىش، كۆڭلىنى ئېچىشلا بولماستىن، بەلكى ئۇ مەلۇم پىسخولوگىيە ئىلمى نەزەرىيەسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن، بالىلاردا مەلۇم پىسخىك قابىلىيەت يېتىشتۈرۈشنى ئاڭلىق نىشان قىلغان، ئويۇن ئىچىگە ھەرىكەت، ھەرىكەت ئىچىگە مەقسەت يۇغۇرۇۋېتىلگەن. شۇڭا، بالىلار ئويۇنلىرىمىز ئارقىلىق بالىلارنى ئوينىتىپ، ئۇلارنى يېڭى بىلىشكە، يېڭى قىزىقىشقا ئىگە قىلغىلى، ئۇلاردا ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگىلى، كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئۆزلۈكىنى تونۇتۇپ؛ ئۇلاردىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى بايقاپ، روھىي توسالغۇنى كۆرسىتىپ، پىسخىكىلىق داۋالاشنى بىۋاسىتە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. :q=OW1^k^ { SfU! مەسىلەن، بالىلارنىڭ تەپكۈچ ئويۇنى بالىلاردىكى سەزگۈ - ئىدراكنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. دىققەتنى تەقسىملەشنى، بەدەننى ھەرىكەتكە ماسلاشتۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. بالىلارغا شەرەپ - نومۇس تۇيغۇسى بېرىدۇ، بالىلارنىڭ ئىرادە ئىندىۋىدۇئاللىقىنى پەرۋىشلەپ، ۋاقىت ئېڭى بىلەن رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇڭا، تەپكۈچ ئويناپ ئۆسكەن بالىلار شوخ، ئەقىللىق ھەم غۇرۇرلۇق كېلىدۇ. بۈركۈت ئويۇنى بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا ئەقىل ۋە جاسارەت بىلەن يۈزلىنىپ، كوللېكتىپنى سۆيۈشنى، ئىتتىپاق بولۇشنى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. كەپتەر ئوينىتىش ئويۇنى بالىلارنىڭ سەزگۈ، ئىدراك، خاتىرە، خىيال، تەپەككۇر قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ. دېمەك، بالىلار ئويۇنلىرىمىز شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى پەرقى بىلەن بالىلاردا پىسخىك قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئوخشاشلا تارىختىكى بالىلار ئويۇنى ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان جانلىق پىسخولوگىيە دەرسخانىسى بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى مۇشۇ دەرسخانىدا پىسخىك مەسلىھەت ئالغان، ئۆزلۈكىنى تونۇغان، تۈرلۈك ئويۇن شەكلىدىكى كوللېكتىپ سىناقتا، ئۆزىنى ئۆزى داۋالىغان. شۇڭا، بۈگۈنكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مائارىپىدا بالىلار ئويۇنىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنى چۆرۈۋەتمەسلىك كېرەك. NEk [0 ?<;<#JN مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى |
|