查看完整版本: [--
[تېكىست+فىلىم+تەھلىل] چار خوراز
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى
->
[تېكىست+فىلىم+تەھلىل] چار خوراز
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
kaqur
2012-07-04 22:58
[تېكىست+فىلىم+تەھلىل] چار خوراز
چار خوراز
x3dP`<
0~.OMG:=
يېقىندا كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلسەم، ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە قېلىن بىر پارچە كونىۋېرىت يېتىپتۇ. ئېچىپ ئوقۇدۇم، بىر ئاپتورنىڭ «چار خوراز» ناملىق ئەسىرى ئىكەن. ئەسەرگە قوشۇپ مېنىڭ نامىمغا بىر پارچە خەتمۇ ئەۋەتىپتۇ.
OQ,KQ\
«ھۆرمەتلىك مۇھەررىر، - دەپ يېزىپتۇ ئاپتور، - كىملىكىمنى ئېيتمىساممۇ پوچېركامدىن تونۇغانسىز، مەن ھېلىقى ‹ساراڭ›نىڭ ئاپتورى بولىمەن. نېمە ئىش بىلەن نەلەردە يۈرگىنىمنى سورىمايلا قويۇڭ. ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك، مۇشۇ خەت بىلەن سىزگە يەنە بىر پارچە ھېكايە ئەۋەتتىم. بۇ قېتىمقىسىنى توخۇ توغرىسىدا يازدىم. ئىت توغرىسىدىكىنى باسقاندىن كېيىن، توخۇ توغرىسىدىكىنىمۇ بېسىۋەرسە كېرەك، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىككىلىسى ھايۋانغۇ؟ ناھايىتى بىرى تۆت پۇتلاپ ماڭىدۇ، بىرى ئىككى پۇتلاپ؛ بىرى چوقۇپ يەيدۇ، بىرى غاجاپ. توخۇلارنى كۆرسەملا، نېمىشقا قانىتى تۇرۇپمۇ ئۇچالمايدىغاندۇ، دەپ ھەيران بولىمەن. سىز بىلەن بىزمۇ قانىتى تۇرۇپ ئۇچالماي يۈرگەن بىچارە مەخلۇقلارغا ئوخشامدۇق - قانداق؟
#x)lN
كۆزۈم بىلەنغۇ كۆرمىدىم، ئاڭلىسام، يېقىندىن بېرى چەت ئەللەردە مەخسۇس خوتۇنى يوقلارغا خوتۇن، ئېرى يوقلارغا ئەر بولۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ روناق تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش. مەنغۇ چەت ئەلدە گالىستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەنلەرنى كۆرۈپ تازا كۈلگەنىدىم. بۈگۈن ئەتىگەن قوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپقىزىل بويىۋېلىپ نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ، چەت ئەلدىكى ئىشلارنىڭمۇ ئۇنچىۋالا ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن، دەپ قالدىم. ئۆزگىرىشنىڭ مۇنچە تېز بولۇپ كېتىدىغىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز - ھە!؟ ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ھازىر چاچنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بۇرۇتنى بۈدۈر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ... بازاردىكى ئەكرەم بايۋەچچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەتكەنىكەن، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بېرى ئۆچۈرەلمەيۋاتقاندەك... ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ، پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟... يۇقىرىقى مەھەللىدە بىر داڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇتۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز... يېقىندىن بېرى مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي، بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشقاندەكلا ئىش دەڭا!
=LP,+z
شۇنچىلىك بېرىش - كېلىش قىلىپ ئاغىنىمۇ بولۇپ قالدۇق. مېنىڭ ئائىلە تۇرمۇشۇم توغرىسىدا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ سوراپ قويمىغىنىڭىزغا ھەيرانمەن. جەمىئىيەتتە بايۋەچچىلەر كۆپەيگەنسېرى تۇل خوتۇنلارنىڭمۇ ئاۋۇپ كېتىپ بارغىنىنى بايقىغانسىز؟ مەنمۇ پۇل تاپقاندىن بېرى ئۈچ ئۆيلىنىپ، ئۈچ قېتىم ئاجراشتىم. توي كۈنى ناغرا - دۇمباقنى بولۇشىغا چالدۇرۇپ، ماشىنىدا شەھەرنى ئايلىنىۋېرىپ بېشىم تۆرەپ، ئۆينى تاپالماي باشقا ياققا كېتىپ قاپتىمەن. شۇنىڭدىن بېرى تازا ساقلىقىم يوق. بىر ماقالىنى ئوقۇسام، ‹ئاغرىقنىڭ ياخشىسى يۈرەك ئاغرىقى› دەپ يېزىپتۇ. ئاغرىماي - سىلىماي ئۇ دۇنياغا غىپپىدە كېتىۋالغۇدەكسىز، دوست - دۈشمەنلىرىڭىز ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالغۇدەك... ھەيكەللەرنى كۆرسەملا ھەۋىسىم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. قاراڭ، ئۇلار ئۆلمەيدۇ، قېرىمايدۇ، مەڭگۈ ياش تۇرىدۇ، شۇنىڭغا قارىغاندا، تىرىك ياشىماق نېمىدېگەن تەس - ھە؟!
pA ,xDs@37
نېمىلەرنى دەپ كەتتىم؟ خەير، سالامەت بولۇڭ، ‹چار خوراز›نىڭ ئىشىنى سىزگە ئامانەت قىلدىم. ئەسلىدە ‹چار توخۇ› دەپ يازسام توغرا بولاتتى. بۇ توخۇنىڭ زادى مېكىيان ياكى خورازلىقىنى ئۆزۈممۇ ئاڭقىرالماي قالدىم. قېنى، يازغانلىرىمنى ئوقۇپ بولۇپ، چار توخۇنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى ھەققىدە ئۆزىڭىز ھالال بىر نېمە دەرسىز.»
zjuU*$A4
ئاپتورنىڭ «چار خوراز» ھەققىدىكى ھېكايىسى مانا مۇنداق باشلىنىپتۇ.
!R{C
X>0$zE@0
1
WyO7,Qr\
بۇ چار مېكىياننىڭ ھويلامغا قاچان، قايسى ئاينىڭ قانچىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى ئۆزۈممۇ ئەسلىيەلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇ چوڭ قورۇدا ھەر يىلى توخۇ - تۇمان دېگەن كەم بولمايدۇ. بەزىدە قوشنىلارنىڭ توخۇلىرى بىزنىڭ سامانلىققا كىرىپ تۇغۇپ قويىدۇ. بەزىدە بىزنىڭ توخۇلار قوشنىلارنىڭ مەڭگەنخانىلارىغا كىرىپ قورسىقىنى بوشىتىپ، قاقاقلاپ چىقىدىغان چاغلىرىمۇ بولۇپ قالىدۇ... ئايالىمنىڭ غەلىتە قىلىقلىرى بار. پالانى مېكىيان كۈرۈك بولۇپ قاپتۇ، دەپ قولىغا چىققانلا تۇخۇملارنى ئەكىرىپ باستۇرۇپ بېرىدۇ. بىر كۈنلەردە تۇخۇمدىن يېڭىلا چىقىپ چىكىلداپ يۈرگەن چۈجىلەر قايسى بىر چاغلاردا قارىسىڭىز يوغان بىر توخۇ بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاق، قارا، قىزىل، چىپار، تۇرپاننىڭ، توقسۇننىڭ، خۇنەننىڭ، خېنەننىڭ... ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ. خورازلىرى بويىنلىرىنى سوزۇپ چىللاپ مىكىيانلىرى بەس - بەستە تۇغۇپ ھويلىنى ئاۋات قىلىشقا باشلايدۇ. بىزگە ئارا تام ئولتۇرىدىغان ئىمىنجان دەيدىغان بىر قوشنام بار، خۇددى بۇرۇنقى ھارۋىكەشلەر بىر يەرگە يىغىلىپ قالسا كەچكىچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرىنى ماختىغاندەك، ئىمىنجان ئىككىمىز ئۇچرىشىپ قالساقلا بېقىۋاتقان توخۇلىرىمىزنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىمىز. ئىمىنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر بېقىۋاتقان توخۇلىرى ئىچىدە بىر ئاق خوراز ئامېرىكىنىڭمىش. ئۇنداق - مۇنداق يەردىمۇ ئەمەس، نەق ھېلىقى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلىرى ئولتۇرۇپ - قوپىدىغان ئاق ساراينىڭ يېنىدىكى بىر قورۇدا تۇخۇمدىن چىققانمىش. تېخى بۇرۇنقى ئىگىسى ھەر يىلى بۇ خورازنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىكەن. بەزىدە ۋاقتى بولۇپ قالسا، زۇڭتۇڭنىڭ ئۆزىمۇ مۇنداق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قەدەم تەشىرىپ قىلاتتىكەن. بىر قېتىم قايسى بىر زۇڭتۇڭنىڭ ئايالىنىڭ بۇ خورازغا ئامراقلىقى تۇتۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر سىقىم تېرىق چېچىپ بەرمەكچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىگە دەسسىۋېلىپ، ئاق خورازنىڭ ئالدىغا موللاق ئېتىپ چۈشۈپتۇ. شۇ چاغدا، ئامېرىكىنىڭ چوڭ - كىچىك گېزىت - ژۇرناللىرىغا «خانىشنى موللاق ئاتقۇزغان خوراز» دېگەن چوڭ خەتلەر بىلەن بۇ خورازنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بېسىلغان ئىكەنمىش. شۇنىڭ بىلەن، ھەر كۈنى يۈزلەپ زىيارەتچىلەر ئاق خورازنى كۆرگىلى كېلىپ ئاق ساراينىڭ ئەتراپى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتۇدەك، ئاخىر زۇڭتۇڭ بۇ خورازنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، «كۆزۈمدىن يوقۇتۇڭلار!» دەپ يىراق بىر يەرگە پالىۋەتمەكچى بوپتۇ. ئىمىنجاننىڭ ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئوقەت قىلىدىغان بىر تۇغقىنى بار ئىكەنمىش. «بۇ چىرايلىق خورازكەن، پالايدىغان گەپ بولسا بىزنىڭ جۇڭگودىكى تۇغقاننىڭ ھويلىسىغا پالاڭلار» دەپ ئىمىنجاننىڭ ئادرىسىنى زۇڭتۇڭغا بېرىپتۇدەك. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئاق خوراز ئىمىنجاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇمىش...
z2EZ0vZ
_ ئىمىنجان، - دېدىم مەن كۈلۈپ، - سېنىڭ ئۇ ئامېرىكىدىكى تۇغقىنىڭ ئاق ساراينىڭ ئالدىدا دوغاپچىلىق قىلمايدىغاندۇ؟
tC 4:cX
_ دوغاپچىلىق قىلمايدۇ، _ دېدى ئۇ، _ ناھال قاقىدۇ.
n0/H2>I[
_ ناھال قاقىدۇ؟!
(W=J3?hn
_ گېپىمگە ئىشەنمەيۋاتامسەن - نېمە؟ _ دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ، _ ئاق ساراي دېگەنگە دۇنيانىڭ ئەڭ ئېسىل گېلەملىرى سېلىنغان گەپ. ئۇ يەرگە ناھال قاققان ئاياغ بىلەن كىرىشكە بولمايدىكەن. بىزنىڭ تۇغقان ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بولقا - ئامبۇر، دۇپىيىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئاق ساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرىدىكەن. ئۇ يەرگە ئۇقۇشماي ناھاللىق ئاياغ بىلەن كېلىپ قالغانلارنىڭ ئاياغلىرىنىڭ ناھالىنى سۇغۇرىۋېلىپ، مىخلىرىنى ئېكەكلەپ تۈزلەپ، قايتقاندا يەنە ھەركىمنىڭ ناھىلىنى ئالماشتۇرىۋەتمەي ئۆزىگە قېقىپ بېرىپ چىرايلىق يولغا سېلىپ قويىدىكەن. مەنغۇ بېرىپ كۆرمىدىم، بەزىدە ھەر چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىزنىڭ تۇغقاننىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ...
R F)Qsa
ئىمىنجان ماڭا قارىغاندا مەكتەپتە ئىككى - ئۈچ يىل ئوشۇقراق ئوقۇغاچقىمىكىن، پو ئېتىشقا كەلگەندە ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالىمەن.
U\crp T`
ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك، ھېلىقى چار مېكىيان كۆزۈمگە باشقا توخۇلارغا قارىغاندا باشقىچىرەك كۆرۈنەتتى. خوتۇن داننى ئوبدان بېرىپ، قىشىچە ئىسسىق يەردە باغقاچقىمىكىن، ناھايىتى تۇخۇمچان ئىدى، كۈن ئاتلىماي، كۈرۈكمۇ بولماي ھەر كۈنى تۇغاتتى. تۇخۇمىمۇ يوغان ئىدى. بەزى كۈنلىرى ھويلىدا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتسام، دانلاپ كېلىپ، يېنىمدا توختاپ، بوينىنى سەل قىيسايتىپ ماڭا تازا زەن سېلىپ قاراپ كېتەتتى. ئۇنىڭ سارغۇچ نۇر جۇلالىنىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ مەسلىگىم كېلەتتى.
?Aewp$Bj
بىر كۈنلەرگە كەلگەندە، كۆز تەگكەندەكلا چار مېكىياننىڭ تۇخۇمى توختاپ قالدى. بوپتۇلا، تۇغمىسىمۇ ئوبدانراق سەمىرسە سويۇپ يەرمىز، دېدىم. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن، تۇخۇمى توختاپلا بۇ چار مېكىياننىڭ بويى بۆلەكچىلا ئۆسۈپ، پەيلىرى پارقىراپ، تاجىسى تىكلىشىپ، خورازنىڭ سىياقىغا كىرىپ قالغىلى تۇردى.
]VYv>o`2
بىر كۈنى قوشنام ئىمىنجان ھويلىمىزغا كىرىپ، دانلاپ يۈرگەن چار مېكىيانغا قاراپ:
C(ay7
_ قاسىمجان، ئاۋۇ چار توخۇ قالتىس خورازكەن - ھە! ئەجەب مەن بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمىنا؟ _ دېۋىدى، كۈلكەم قىستاپ كەتتى.
vf|lF9@U
_ ئىمىنجان، ئوبدانراق قارا، ھېلىقى مەن ساڭا ماختاپ بەرگەن تۇخۇمچان چار مېكىيان شۇ ئەمەسمۇ؟ _ دېدىم.
u-31$z<<5}
_ خۇدايا توۋا، مېكىيان دە؟!... _ دەپ ھەيران بولدى ئىمىنجان، _ خوراز بولۇپ قالغان بولسىزە قالتىس سۆلەتلىك خوراز بولاتتىكەندە! مىڭ سومغا يارىمىغاندىمۇ، تۆت - بەش يۈز سوملۇق خوراز بولاتتىكەن.
Hy?+p{{G
دېمىسىمۇ چار مېكىيان پۇتلىرى دەرەخنىڭ شېخىدەك مەزمۇت، ئېگىز توخۇ بولغىلى تۇردى. خۇي - پەيلىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئۆزگۈرۈپ، ھويلىغا چۈشكەن قاغا - قۇزغۇن، ئىت - مۈشۈكلەرگە ئېتىلىدىغان بولىۋالدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ باشقا مېكىيانلارغا قانات سۆرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئىش ماڭا ناھايىتى كۈلكىلىك تۇيۇلدى. يەنە بىر كۈنى چار مېكىياننىڭ رەسمىي خورازلاردەك قىچقارغىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم.
1X5*V!u
بۇ كەچكە يېقىن بىر ۋاقىت ئىدى. ھويلىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەرگە سۇ ئېچىۋاتاتتىم. ھېلىقى چار مېكىيان نېرىراقتا دانلاپ يۈرەتتى. بىر چاغدا ئۇ قېشىمغا كېلىپ، بوينىنى ئالدىغا سوزۇپ، خۇددى ماڭا بىر نېمە دېمەكچى بولغاندەك ياكى گېلىغا تۇرۇپ قالغان بىر نەرسىنى چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك قىلىقلارنى قىلغىلى تۇردى. بۇ توخۇغا نېمە بولغاندۇ؟ دەپ تۇراتتىم، قى... قى... قىق! دەپ قىچقىرىپ سالماسمۇ، قورققىنىمدىن تاتىرىپ كەتتىم. بىزنىڭ بۇ يەرلەردە «خوراز كەچتە چىللىسا يامان بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىدى. بۇ دېگەن مېكىيان تۇرسا، خوراز كەچتە چىللىسا يامان بولغان يەردە، مېكىيان كەچتە چىللىسا نېمە بولۇپ كېتەر!؟ دېدىمدە، رەۋىخان موماينىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم.
8Wa&&YTB
P,(Tu.EPk
2
@YH
رەۋىخان موماي مەھەللىمىزدىكى ياشتا ئەڭ چوڭ ئايال ئىدى. ئۇ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى كىچىك بىر قورۇدا تىكەندەك يالغۇز ياشايتتى. بەزى ئاغرىقلارنى كونىچە ئۇسۇلدا ئىدە سېلىپ ئەملەيتتى؛ ئانچە - مۇنچە رەممۇ ئاچاتتى. رەۋىخان ئانىنىڭ سېغىز لايدا پاكىز سۇۋىغان ئوچاق باشلىرى، بوسۇغىدا تۇرغان قەدىمىكى مىس ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچا، بورىنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان گۈللۈك پالاس، ئويۇقلاردىكى كونا زاماننىڭ قاچا - قۇمۇشلىرى، نان تاختا ئۈستىگە رەتلىك تىزىپ قويۇلغان سۇپرا، نوغۇچ، يەڭلىكلەر، كۆرپىنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ياتقان تاغىل مۈشۈك... بۇلارنىڭ ھەممىسى موماينىڭ ئۆيىگە قەدىم زاماننىڭ پۇرىقىنى بېرىپ تۇراتتى. رەۋىخان موماي كۆپنى كۆرگەن، پاراڭچى ئايال ئىدى. ئۇ مېنىڭ چار مېكىيان توغرىسىدىكى گەپلىرىمنى قولىدىكى خورما ئۇرىقىدا ياسالغان تەسۋىيسىنى سېرىپ ئولتۇرۇپ جىمجىت ئاڭلىدى.
3#IU^6l:1S
_ مۇنداق دە؟... ئولتۇر، نېمىشقا ئۆرە تۇرىسەن، _ دەپ گەپ باشلىدى موماي ئاخىرىدا، _ بىر زامانلاردا ھېكىمباي دېگەن بىر كىشى ئۆتكەن، ھازىرقى مۇشۇ ئۈچ يېزىنىڭ يەرلىرى تامام شۇ ئادەمگە قارايتتى. ھېكىمباينىڭ زوردۇن دەپ بىر ئوغىلى بولىدىغان، مانا شۇ ئوغۇل يىگىرمە ياشقا كىرگۈچە ساقال - بۇرتمۇ چىقماي، كېيىن كۆكسى يوغۇناپ، قىزغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
w""5T|
_ ئوغۇل قىزغا ئايلىنىپ قالغان دەملا، رەۋىخان موما؟! راست، بۇ گەپنى مەنمۇ بىر چوڭلاردىن ئاڭلىغاندەك قىلىۋېدىم.
!A. Kb74
_ قىز بولغاندىمۇ قانداق قىز دېمەمسەن، تازىمۇ قاۋۇل، قاش - كۆزى جايىدا، بىر قاراپلا ھەر قانداق يىگىتنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىۋېتىدىغان قىز بولغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭمۇ قىز ۋاقىتلىرىمىز. ياز كۈنلىرى قىزلار توپلىشىپ دەرياغا چۆمۈلگىلى چۈشەتتۇق. ئوغۇل بالىلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، دەريانىڭ خالىي يەرلىرىنى تېپىپ چۆمۈلەتتۇق. ھېلىقى زوردۇننىڭ قىز بولغاندىن كېيىن ئىسمى زورە بولغان ئىدى. ئۇمۇ بىز بىلەن بىللە سۇغا چۆمۈلگىلى بارىدىغان بولدى. ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە بىر قاراپ بېقىشقا ھەممىمىز قىزىقاتتۇق. لېكىن، زورە كىيىملىرىنى زادىلا سالغىلى ئۇنىمايتتى. بىر كۈنى مەسلىھەتلىشىپ زورەنى دەريا بويىدىلا ئولاش - چولاش باستۇق. ئىككى - ئۈچىمىز پۇت - قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇردۇق، بىرىمىز ئىشتىنىنى تارتتۇق. ھازىر ئويلىسام قىپقىزىل ساراڭكەنمىز دەيمەن. بىچارە بىزنىڭ شۇنداق قىلىدىغىنىمىزنى پەملەپ قالغانمۇ، كۈننىڭ شۇنچە ئىسسىقلىقىغا قارىماي ئۈچ ئىشتاننى قوشلاپ كىيىۋالغان ئىكەن. ئىككى ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ بولغاندا بىر يۇلقۇنۇپلا ئاستىمىزدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز بىلەن ئارىلاشمايدىغان بولدى. كېيىن ھېكىمباي زورەنى ئۆزىنىڭ بىر ئىشلەمچىسىگە نىكاھ قىلىپ بەردى. بىر ئوبدان خوتۇن بولدى، شۇغىنىسى بىچارە تۇغمىدى. ئېرىنى شۇنچە ياخشى كۆرەتتى، ئېرىنى ئاياپ ئۆينىڭ، تالانىڭ ھەممە ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ تۈگىتەتتى. رەھمەتلىك بىر كۈنى ئېتىزدىن بۇغداي ئەكىلىۋاتقاندا ھارۋا بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتتى.
Qp~ W|zi(
رەۋىخان موماي ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
\F|L y >g
_ ئەمدى مېنىڭ چار مېكىيىنىمنىڭ خورازغا ئايلىنىپ قالغىنى قانداق گەپ بولدى، موما؟ _ دېدىم.
$WOiXLyCk
_ بۇمۇ بىر قىززىقلا ئىش بوپتۇ، _ دېدى موماي، _ خۇدايىمنىڭ خىلمۇخىل كارامەتلىرى بار دېگىنە. پارتىيە يېڭى كەلگەندە ئوكۇل دېگەن بىر نېمە چىقىپتۇدەك. ئۇنى تولا سالدۇرسا ئادەمنى يا ئەر ئەمەس يا ئايال ئەمەس قىلىپ قويىدىكەن، دەپ ئاڭلايتتۇق. ھازىرقى ئادەملەرغۇ بالىلىرى قاتتىقراق ئىنجىقلاپ قويسىمۇ دوختۇرخانىغا كۆتۈرۈپ بېرىپ ئوكۇل سالدۇرىدىغان بولىۋالدى. شۇڭا ھازىرقى ياشلارنىڭ قايسىسى ئەر، قايسىسى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. سەنمۇ توخۇلىرىڭغا ئوكۇل سالدۇرمىغان بولغىيدىڭ؟
v{R:F
_ توۋا دېسىلە، رەۋىخان موما. توخۇغىمۇ ئوكۇل سالغان بارمىكەن؟
lL*k!lNs
_ شۇ مېكىيىنىڭنى سويۇپ يەپلا بېشىڭنى ساقايتقىنا. كەچتە چىللىغان توخۇ شۇملۇقنى چىللايدۇ شۇ.
lS`hJ:
iNTw;ov
3
nUZ+N)*
ئەتىگىنى قوپۇپ يەنە خىيالغا پېتىپ قالدىم. ئىمىنجان قوشنا ئاشۇ چار مېكىيان خوراز بولۇپ قالغان بولسىزە، مىڭ تەڭگىگە يارىمىغان بىلەنمۇ، تۆت - بەش يۈز تەڭگىگە يارىغۇدەك خوراز بولىدىكەن، دېگەندەك قىلىۋېدى. ئۇنى سويىۋەتسەم ناھايىتى بىر ۋاقلىق تاماق بولار، ئۇنىڭدىن توخۇ بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىپلىۋېتەي، تۆت - بەش يۈزگە ئەمەس ئەللىك - ئاتمىش تەڭگىگە ئالسىمۇ پۇل ئەمەسمۇ؟ دېگەن يەرگە كەلدىم. چار توخۇنى تۇتۇپ، قولتۇقۇمغا قىسىپ بازارغا قاراپ ماڭدىم. پاھ... بۈگۈن يەكشەنبىمۇ قانداق كۈن ئۇقالمىدىم. توخۇ بازىرى دېگەن قايناپ كېتىپتۇ. تۇخۇمچىلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، چار توخۇنى ئەمدىلا بىر دەسسىتىپ تۇراتتىم، بىر نەچچە توخۇۋاز ئەتراپىمغا ئولاشتى. ئۇلار بۇ توخۇ مېكىيانمۇ خورازمۇ دەپ، سوراپمۇ قويماي قالتىس خورازكەندە، دەپ تاماقلىرىنى چېكىشىپ بويۇنلىرىنى سىڭايان قىلىپ چار توخۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلانغىلى تۇردى. ئارىدىن بىرى:
J,8Wo6
_ ئاكا، خورىزىڭنى ساتقىلى ئەكىردىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
|JpLMUG
_ نەرخىگە كەلسە ساتايمىكىن دەيمەن، _ دېدىم.
[qHLo> HaL
_ بەستىغۇ خېلى بار ئىكەن، ئانچە - مۇنچە سوقۇشۇپمۇ باققانمۇ، _ دېدى يەنە بىرەيلەن.
MDfE(cn2q
_ ئۆمرۈمدە ئىككى توخۇ سوقۇشقان يەردە تۇرۇپمۇ باققان بەندە ئەمەس دەڭلار، ئۇكىلىرىم، _ دېدىم.
AZmA Bl
_ ئەمدى دەيمىزا، _ دېيىشتى ھېلىقىلار، _ ھېچ بولمىغاندا مۇنداق قوشنىلارنىڭ توخۇلىرى بىلەنمۇ بىر - ئىككى قەپەس ئاتلىشىپ باققان يەرلىرى باردۇ؟
JRMe(,u
_ ئۆيىمىز چەت جاڭزىدا، ئەتراپتا ئۇنىڭ بىلەن ئاتلاشقۇدەك توخۇمۇ يوق، _ دېدىم. ئىچىمدە بۇ تېخى تۈنۈگۈنلا تۇغۇپ يۈرگەن مېكىيان تۇرسا، ھېلىلا بىر خوراز بىلەن ئاتلىشىدىغان بولسا بىر چوقۇشقىمۇ چىدىماي ۋاك دەپ قېچىپ مېنى رەسۋا قىلار، دەپ ئەندىشە قىلىپ ئولتۇردۇم.
}gE?ms4$
_ خوش، بوپتۇ باھاسى، _ دەپ سورىدى بىرى.
Td&w
_ ھېلىقى تۆت چوڭامنىڭ رەسىمى بار قەغەزدىن بىرنىلا بېرىڭلار ، _ دېدىم.
)V!dmVQq{g
_ يۈز كوي؟! نېمە دەيدىغاندۇ بۇ؟ _ دەپ چۇرقىراشتى توخۇۋازلار، _ يۈز كوي دېگەنگە بىر ئوبدان توقلا بېرىدۇ ۋاي، راست ساتقۇڭ بولسا يولىدا گەپ قىل.
Qrt[MJ+#
_ يۈز كويغا مەھەللىدىلا تالاشقان ئىدى، _ دەپ يالغان گەپتىن يەنە بىرنى قىستۇردۇم، _ مېنىڭدىن ئېلىپ كۆز ئالدىمدىلا سوقۇشتۇرسا ئۇۋالىغا قالىمەن، دەپ ئۇلارغا ساتماي بازارغا كۆتۈرۈپ كەلدىم. بولسا سوقۇشتۇرماي سويۇپ يەيدىغان بىرەرىڭلار ئالساڭلار ئەزەنىراق بەرسەممۇ مەيلىتى، _ شۇنداق دەپ تۇراتتىم، چار توخۇ نېرىراقتا دانلاپ يۈرگەن ئۈچ - تۆت خورازنى كۆرۈپ قولۇمدىن يۇلقىنىپ چىقىپلا ھېلىقى توخۇلار بىلەن پالاق - پۇلۇق سوقۇشۇپ كەتتى. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاجرىتىۋالماقچى بولغان ئىدىم، توخۇۋازلار:
:/H fMJ
_ قويۇپ بېرىڭا، ئاكا. بىر - ئىككى قەپەس ئاتلاشقانغا ھېچنىمە بولمايدۇ، _ دەپ ئالدىمنى توسۇپ قويدى.
wo;`D
ھېلىقى دانلاپ يۈرگەن خورازلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۆينىڭ توخۇلىرىمىكىن جىمىسى بىر بولۇپ چار خورازنى ئارىغا ئېلىۋالدى. مېنىڭ خورىزىم ئوتتۇرىغا چۈشىۋېلىپ ھېلىقىلارنى شۇنداق كېلىشتۈرۈپ سالغىلى تۇردىكى، ئەييۇھانناس، دېسەم ئىشەنمەيسىلەر. كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، توخۇ بازىرى توخۇ بازىرى بولۇپ تېخى مۇنداق سوقۇش بولۇپ باقماپتىكەن. چار خوراز تېلىۋېزورلاردىكى بىر پاي ئوق بىلەن ئون دۈشمەننى بىراقلا موللاق ئاتقۇزىۋېتىدىغان ئۆزى يۈز پاي ئوقتىمۇ ئۆلمەيدىغان گاڭگۇڭلارنىڭ ئۆزىگىلا ئايلاندى. ھېلىقىلارمۇ تېلىۋىزورنى تولا كۆرگەن خورازلارمىكىن ھەممىسى بىراقلا يوپۇرلۇپ كەلمەي، بىرى يىقىلسا بىرى رېتى بىلەن كېلەتتى. چار خوراز ياندىن كەلگەننى سوقۇپ، ئالدىدىن كەلگىنىنى بىرلا تېپىپ دومىلاتقىلى تۇردى. قانات سۆرەپ ئوتتۇرىدا پىرقىرايدىغان بولسا ئاجىزىراقلىرى شامىلىدىلا ئۇچۇپ كېتەتتى. بەزىلىرى بىر تېپىكتىلا ۋاك دەپ چەتكە چىقاتتى. غەيرەتلىكىرەتكىلىرى دومىلىغان يېرىدىن قوپۇپ، قانات - قۇيرىقىنى تۈزەشتۈرۈپ يەنە جەڭگە كىرەتتى. شۇ پاتپاراقچىلىقتا يەردە ياتقان بىرمۇنچە خورازلارنىڭمۇ پۇتى يېشىلىپ كېتىپ سوقۇش بولىۋاتقان توپقا قېتىلىپ كەتتى. خورازلار سوقۇشىۋاتقان يەردىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ، ھاۋاغا توزىغان پەيلەر ئەتراپنى بىر ئالدى. ئاخىرىدا زادى قايسى خوراز بىلەن قايسى خورازنىڭ سوقۇشىۋاتقانلىقىنى ئايرىغىلى بولماي قالدى.
mlgw0
_ ھاي - ھاي... ئەمدى بولار، _ دەپ ئارىغا چۈشۈپ چار خورازنى تۇتىۋالماقچى بولدۇم. قىززىپ كەتكەن توخۇلار ماڭا قارامدۇ دەيسىز. چار خوراز سەن ئارىلاشما، دېگەندەك قىلىپ، قانىتى بىلەن بىر ئۇرىۋېدى سەنتۈرۈلۈپ چەتكە چىقىپ قالدىم. ئاچچىغىمدا چاپىنىمنى سېلىپ چار خورازنىڭ ئۈستىگە يېپىپلا قۇچاقلاپ تۇتىۋالدىم. ئوتتۇرىدىكى باشقا خورازلار ھۆرپەيگىنىچە ئېتىلىپ كېلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى. چاڭ بېسىلغاندىن كېيىن قارىساق ھەممە توخۇنىڭ باش - كۆزلىرى قان، بىر نەچچىسى پوكۇنىنى كۆتۈرەلمەي يەردە يېتىپتۇ. چار خورازنىڭ ساق قالغىنىغا شۈكرى دەپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. كەينىمدىن توخۇۋازلار ۋارقىرىشىپ قالدى.
Vi~9[&.E\!
_ توختا، ھوي ئاكا، توختا. مانا ئۆزۈڭ دېگەن يۈز كوي، _ دەپ ۋارقىرىدى بىرى.
&lYZ=|6
ئارىدىنلا باشقىلىرىمۇ چۇرقىراشتى:
}e/P|7&
_ بوپتۇ، يۈز ئەللىك.
>pKu G#
_ ئىككى يۈز.
|Ew\Tgo/2
ئاخىرىدا بىرىنىڭ بەش يۈز، دەپ ۋارقىرىغىنى قۇلۇقۇمدا قالدى. بۇ چاغدا مەن بازارنىڭ دوقمۇشىدىن ئەگىلىپ بولغان ئىدىم. راست دەۋاتامدۇ - يالغانمۇ، دەپ ئورنۇمدا تۇرۇپ قالدىم. ئېگىز بويلۇق، ئورۇق بىر ئاغىنە ئارقامدىن ھاسىراپ، ھۆمۈدەپ يېتىپ كەلدى.
6aG/=fq
_ بەش يۈز دېدىڭما، _ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
U!sv6=(y@
_ ھەئە، بەش يۈز دېدىم. چاپىنىڭنى خورازنىڭ ئۈستىدىن ئېلىۋەت، خورازنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىسەن، _ دېدى ئۇ.
oLcOp.8h[
_ ئەكەل، بەش يۈز تەڭگىنى نەق سانا. بۇنىڭ ئۇنداق - مۇنداق خوراز ئەمەسلىكىنى ئۆزۈڭ كۆردۈڭ.
ruM16*S{=
_ ھازىر يېنىمدا ئىككى يۈز تەڭگىدەك پۇل بار، قالغىنىنى ئۆيۈڭنى كۆرسىتىپ قوي، بىر - ئىككى كۈندىن كېيىن ئاپىرىپ بېرەي.
WY%LeC!t
_ قەرزدار بولغان ئادەم سەن ماڭا ئۆيۈڭنى كۆرسىتىپ قويماي، مېنىڭ ساڭا ئۆيۈمنى كۆرسىتىپ قويىدىغىنىم قىززىق. ئىككى يۈز تەڭگىنى تاشلاپ بېرىپلا خورازنى كۆتۈرۈپ كەتسەڭ مەن سېنى نەدىن تاپاي.
9V&%_.Z
ھېلىقى ئاغىنە مۇقىم تۇرىدىغان ماكانىمۇ يوق بىر ئادەممىكىن، خىجالەتچىلىكتە غەلىتە ھىجايدى - دە:
8o~<\eF%
_ ئۇنداق بولسا، ئاداش. ماۋۇ يۈز كوي ساڭا زاكالەت بولسۇن. ھازىر بىللە بېرىپ ئۆيۈڭنى كۆرىۋالاي، قالغان تۆت يۈز كوينى ئەكىلىپ بېرىپ خورازنى ئېلىپ كېتەي، _ قانداق؟ _ دېدى.
u]P0:)tS.
يۈز كوينى ئېلىپ يانچۇققا سالدىم. ھېلىقى ئېگىز دارازا ئاغىنىنى ئېلىپ كېلىپ دەرۋازىنى كۆرسىتىپ قويدۇم.
IMzhEm
4
-\@&^e
ماڭا يۈز كوي زاكالەت بەرگەن ئاغىنە شۇ يوقالغىنىچە بىر ھەپتە كۆرۈنمىدى. توخۇ بازىردىكى قانلىق جەڭدىن كېيىن چار خوراز كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتمايلا قالدى. بىردە باشقا توخۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ تامدىن ئاتلاپ قوشنىلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ، تەرگەن - تىككەن نەرسىلىرىنى دەسسەپ - چەيلەپ باش ئاغرىقى تېپىپ بەرسە، بىردە ھويلىغا كىرگەن ئۇششاق بالىلارنى قوغلاپ سۈر - توقاي قىلىپ ئارام بەرمەيتتى. يامان ئىتى بار قورۇغا كىرمەكچى بولغان ئادەملەر «ھاي، ئىتىڭلارنى توسۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغاندەك، بىزنىڭ ھويلىغا كىرمەكچى بولغانلارمۇ ئاۋۋال دەرۋازىنى قىيا ئېچىپ بېشىنى تىقىپ: «ئادەم بارمۇ؟ ئاۋۇ خورزىزىڭلارنى توسۇڭلا!» دەپ ۋارقىرايدىغان بولۇپ قالدى.
M?5[#0"&V
بىر كۈنى كاتەكنىڭ ئىچى گۈلدۈر - غالاپ قىلىپ قالدى. يەنە نېمە بالا بولغاندۇ؟ دەپ چىقىپ قارىسام، چار خوراز غېمىدە يوق باشقا مېكىيانلار تۇغقان تۇخۇمنى دومىلىتىپ ئويناۋېتىپتۇ.بۇ خورازنىڭ خۇي - پەيلىگە قاراپ قورقۇپ قالدىم. ئۇنىڭ دورەكلىرى تېخىمۇ ئۆسۈپ، تۇمشۇقى قارچىغىنىڭكىدەك ئۆتكۈرلىشىپ، كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى. قارىسام، ئۆزۈممۇ ئەيمىنەتتىم. رەۋىخان موماي توغرا ئېيتقانىكەن، نېمىشقا ئۇنى سويۇۋېتىپلا قۇتۇلمىغان بولغىيتىم، دەپ قالدىم.
)K\w0sjR
يەنە بىر كۈنى چار خوراز گىدەيگىنىچە مېڭىپ قوشنام ئىمىنجاننىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئاق خورىزىنى يۈز - خاتىرىمۇ قىلماستىن قوغلاپ، چوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قاپتۇ. كەچتە ئىمىنجان كىرىپ كەلدى.
:NHh`@0F
_ كەل ئىمىنجان، خاپا كۆرۈنىسەنغۇ؟ _ دېدىم.
pLL ^R
_ خاپا بولمىغاندا، _ دېدى ئىمىنجان، _ چار خورازنى خوراز دېسەم، مېكىيان دەپ قەسەم قىلىۋاتاتتىڭ، سېنىڭ مېكىيانلىرىڭنىڭ خورازلارنى قوغلايدىغان ھۈنىرى بار ئىكەن - ھە؟
=!r9;L,?
_ دېسەم ئىشەنمەيسەن، _ دېدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، _ ئۆزۈممۇ ھەيران، بولمىسا بىر ئوبدانلا تۇغۇپ يۈرگەن مېكىيانتى، تۇيۇقسىزلا تۇخۇمى توختاپ، تاجلىرى تىكلىشىپ خوراز بولۇپ قالدى...
R%XbO~{u
_ بولدى، بولدى، بۇ گېپىڭنى شامالغا قىلىپ بېرە! _ دەپ گېپىمنى بۆلۈۋەتتى ئىمىنجان، _ خوراز دېسەم مۇشۇ ئىمىن تالىشىدۇ، دەپ مېكىيان دەپ قويغان دېگىنە. توخۇ بازىرىغا ئاپىرىپ سوقۇشتۇرۇپ بازارغا سالغىنىڭنىمۇ ئاڭلىدىم. ئەلۋەتتە قوشنا - قولۇم بولغاندىنكىن، ماۋۇ توخۇنى ساتىدىغان بولۇپ قالدىم، ئالامسەن - ئالمامسەن؟دەپ سوراپ قويىدىغان يولۇڭ بارمۇ - يوق؟... خەق سانىغان پۇلنى مەن سانىيالمايتتىممۇ - يا؟... بازاردا قانچە قىلدى؟
!<}
_ بەش يۈز.
|_ HH[s*U
_ بولدى، بەش يۈز سومىڭنى مەندىن ئال.
mKynp
_ بىرەيلەن يۈز كوي زاكالەت بېرىپ قويۇۋېدى، يا ۋاقتىدا كېلىپ توخۇسىنى ئېلىپ كەتمىدى...
ZVE q{x1Zc
_ ئاڭلىدىم، زاكىر غېرىب دېگەن توخۇۋاز ساڭا يۈز كوي زاكالەت بېرىپتىكەن، قالغان تۆت يۈز سومنىڭ ئورنىنى قىلالماي ھازىرغىچە پالاقشىپ يۈرۈپتۇ. ۋاقتىدا كەلمىگەندىنكىن پۇلىنى قايتۇرۇۋەت!
& :x_
_ سەت بولارمىكىن؟
n_sCZ6uXEQ
_ بولمىسا، كىم سەندىن پۇل ئاپتۇ، دەپ تېنىۋال.
JC}y{R8
_ ئۇنداقتا تېخىمۇ سەت بولار؟!
+mE y7qM
_ ئاللاھۇ ئەكبەر! _ دەپ قايناپلا كەتتى ئىمىنجان، _ ئاشۇ چار خورازنى چۈجە ۋاقتىدا مەن ئۆزۈم ساڭا تاللاپ ئېلىپ بەرگەن جۇمۇ!
Zz=+?L
_ نېمە دېدىڭ؟!
i1ur>4Ns
_ مانا مۇشۇنداق ئۇنتۇپ قالىسەن ئەمەسمۇ، بىر كۈنى نەق مۇشۇ دەرۋازەڭنىڭ ئالدىدا يەرنى سىجاپ، بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتىكەنسەن.
2#ND(
_ قاسىمجان، نېمە بولدۇڭ، خىيال بېسىۋاپتىغۇ؟ _ دەپ سورىدىم.
`omZ'n)
_ نېمە خىيال دەيسەن، تىرىكچىلىكنىڭ غېمى، _ دېدىڭ، مەن كۈلۈپ:
G+[hE|L ~y
_ غەم، غەملا دەپ يۈرىدىكەنسەن، ئون - يىگىرمە مو يېرىڭگە تولدۇرۇپ بۇغداي - قوناق چېچىۋالدىڭ، يەنە نېمە غەم ئۇ؟ _ دېدىم.
Q3u P 7j
_ گۆشنىڭ غېمى، گۆش!... تاپقان پۇلنىڭ گۆشكە ئۈلگۈرمەيۋاتقانلىقىنى قارىمامسەن؟ _ دېدىڭ. مەن چاقچاق قىلىپ:
+DaPXZ5.
_ قاسىمجان، مۇشۇ گۆش دېگەننىمۇ يەرگە تېرىغىلى بولىدىغان بولسا، ھەممە يېرىڭگە باشقا نېمە تەرمەي گۆشلا تېرىۋالاتتىڭغۇ دەيمەن؟ _ دېدىم.
2G<\Wz
_ يائاللا، ئۇنداق ئىش بولىدىغان بولسا، مۇشۇ ھويلىغىمۇ ئالا قويماي گۆش تېرىۋالاتتىم جۇمۇ! _ دېدىڭ.
lX/s Q
شۇ چاغدا ئىككى داڭكاڭ چۈجىنى ئەپكەشتە كۆتۈرۈپ ئۆز يۇرتتىن بىرى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى.
C:xgM'~+
_ مانا قاسىمجان، گۆش دېگەن پۇتى بىلەن مېڭىپ ئالدىڭغا كېلىپ قالدى. ئاۋۇ چۈجىدىن ئون - يىگىرمىنى ئېلىپ بېقىپ قويساڭ، گۆش دېگەن شۇ ئەمەسمۇ، _ دېدىم.
/]=Ih
_ قېنى، قېنى؟ _ دەپ ئىشتىنىڭنىڭ توپىسىنى قېقىپ ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ.
P!3)-apP\
_ ھاي توختا، چۈجەڭنى ساتامسەن؟ _ دەپ ھېلىقى ئۆز يۇرتنى توختاتتۇق، ئۇمۇ ئەپكىشىنى مۈرىسىدىن ئالدى.
=v]\{.
قارىساق، داڭكاڭنىڭ ئىچىدە تېخى سېرىق تۈكىدىن ئايرىلمىغان چۈجىلەر چىكىلدىشپ تۇرۇپتۇ. دانىسى بىر كوي، دېدى. سودىلىشىپ سەكسەن تىينغا پۈتۈشتۇق.
A-x; ai]
_ ئالە قاسىمجان، سەكسەن تىيىن دېگەنگە ھازىرقى كۈندە نېمە كېلىدۇ؟ چوڭ بولۇپ قالسا سويۇپ يېسەڭ گۆش، تۇخۇمىنى ساتساڭ پۇل، _ دەپ سالا قىلدىم. ئەمدى ئېسىڭگە كەلگەندۇ؟... شۇ چاغدا، يانچۇقۇڭدىكى بار پۇلۇڭنى قېقىشتۇرۇپ ئون نەچچە چۈجە ئالدىڭ. مەن داڭكاڭنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاللىشىپ بەردىم. ئەمدىزە، مەن تاللاپ ئېلىپ بەرگەن چۈجىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر ياخشى خوراز چىقىپ قاپتىكەن، تالاشسام ماڭا ساتماي خەققە ساتساڭ سەت بولماي، خەقنىڭ پۇلىنى قايتۇرىۋەتسەڭ سەت بولامدىكەن؟...
w=H
ئىمىنجان قوشنام ھېكايە توقۇشقا ناھايىتى ئۇستا. راست شۇنداق ئىشنىڭ بولغان - بولمىغانلىقىنى ئېسىمگە ئالالماي ئاغزىغا قاراپلا قالدىم.
smaPZ^;; j
_ ئۇنداق بولسا، ئىمىنجان، ئەتىگىچە قاراپ باقايلى، ھېلىقى ئاداش ئەتىمۇ كەلمىسە، ئاتىغىنىڭنى بېرىپ چار خورازنى سەن ئاچىقىپ كەت. شۇ توخۇدىن ئۆزۈممۇ زېرىكتىم، _ دېدىم.
KM li! .(b
15dhr]8E
5
Yw @)0%G
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تالاغا چىقسام، ھويلىنىڭ ئىچى جىمجىت. ھويلىنىڭ ئاۋات قىلىپ تۇرغان بىر نېمە كەمدەك قىلىدۇ. ھوي، چار خوراز قېنى؟! دەپ ئېسىمگە ئالدىم. باشقا توخۇلار دانلاپ يۈرۈپتۇ، چار خوراز يوق. كاتەككە قارىسام، كاتەكنىڭ ئاغزى ھاڭدەك ئوچۇق تۇرۇپتۇ، ئىچى قۇپقۇرۇق. جىددىيلىشىپ ھويلىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئىزدىدىم. قوشنىلار تەرەپنى قاراشتۇرۇپ، ئىمىنجاننىڭ قورۇسىغا كىرىۋېدىم، قوشنام ئالدىمدىن چىقىپ قالدى.
z,dh?%H>X
_ ھەي قاسىمجان، ئەتىگەندە بۇياققا كىرىپسىلە؟ _ دېدى.
d1CQ;,Df<
_ چار خوراز يوق، _ دېدىم.
4P(muOS
_ چار خوراز يوق؟! _ ئۇ مېنىڭدىن بەتتەررەك ھەيران بولدى، _ قانداق يوق بولىدۇ؟
Nl/^ga
_ ھەر كۈنى سەھەردىلا قانات قېقىپ چىللاپ بىزنى ئويغىتىدىغان، بۈگۈن كۆزۈمنى ئاچسام ھويلىنىڭ ئىچى جىمجىت. يۈگۈرۈپ قوپۇپ ھويلىغا چىقسام چار خوراز ھېچ يەردە كۆرۈنمەيدۇ. بىرى كىرىپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتتىمىكىن، دېسەم، دەرۋازا بىر ئوبدان تاقاقلىق تۇرۇپتۇ. تامدىن ئاتلاپ قوشنىلارنىڭ ھويلىلىرىغا چۈشۈپ كەتتىمىكىن دەپ ئىزدەپ يۈرىمەن.
0PEg `Wq
ئىمىنجان ئىككىمىز ئىزدە - ئىزدە، مەھەللىنىڭ سىرتىغىچە چىقتۇق. يەنە قايتىپ ھويلىغا كەلدۇق. چار خورازنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
>u?m Bx
_ قاسىمجان، خورازنى ئوغرى ئاپتۇ - دە! _ دېدى ئىمىنجان.
NJ]AxFG
_ ھېلىقى ئاغىنە يۈز كوي زاكالەت بېرىۋېدى، پۇلنى خەجلەپ قويۇپتىمەن. ئەمدى كەلسە يا پۇل يوق، يا توخۇ، قانداقمۇ قىلارمەن؟ _ دەپ بېشىم قاتتى.
hK]mnA[Y
_ راست، سەن ئۇ زاكىر غېرىبنى 100 يۈەن بېرىپ ئۆيۈمنى كۆرىۋېلىپ كەتتى، دەۋاتاتتىڭ، توخۇنى شۇ ئوغرىلاپ قاچتىمۇ - يا؟
HQkK8'\LP
_ نائىنساپ شۇنداقمۇ قىلغانمىدىۇ؟
E.N@qMn~
_ ھېچنىمە دەپ بولمايدۇ. توخۇۋاز بىلەن قىمارۋازنىڭ پەرقى نېمە. ئۇتسا چوڭ - چوڭ خەجلەيدۇ، ئۇتتۇرىۋەتسە باشقىلارنىڭكىنى ئوغرىلايدۇ... مەن ساڭا ئېيتسام، _ دەپ يەنە بىر ھېكايىگە چۈشتى ئىمىنجان، _ ئاشۇ ئاق خورازنى يېڭى ئەكەلگەن ۋاقتىم...
;yu#B s
_ ئامېرىكىلىق خورىزىڭنىڭ گېپىما؟
?lca#@f(
_ ھە شۇنداق... يېڭى ئەكەلگەندە بۇمۇ قالتىس خورازتى. بىر ياز توخۇ بازىرىدا ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك توخۇ چىقماي، توخۇۋازلارنىڭ كۆزىنى تازا قىزارتقانتى، بىر كۈنى كېچىدە ھويلىدا بىر نېمە تاراقلىغاندەك قىلىپ قالدى. يۈگۈرۈپ چىقسام، كاتەكنىڭ ئاغزى ئوچۇق تۇرىدۇ. بىرىنىڭ تونۇرنىڭ بېشىدىن ئارتىلىپ كوچا تەرەپكە لەپپىدە چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدىم. دەرۋازىنى ئېچىپ قوغلىدىم، قارىسام، ئوغرى ئالدىمدا قارا كۆرۈنەرلا يەردە قېچىپ كېتىپ بارىدۇ، زادى يېتىشەلمەيمەن. «توختىغىنا!» دەپ پۇتۇمدىكى ساپما كەشنى پىرقىرىتىپ تاشلاپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ بىر يۈگۈرۈپىكەنمەن، كۆزۈمنى ئاچسام ئوغرى يوق. كەينىمگە قارىسام، ئوغرىدىن ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. ھېلىقى ئوغرى مېنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكىنىمنى بايقىماي، ھە دەپ كەينىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا ئۈسۈۋالغىلى تاسلا قالدى. كاپلا قىلىپ ياقىسىدىن ئالدىم، قارىسام، ياشلا بىر شۇمتەككەن. كۆتىگە ئىككىنى تېپىپ، قولىدىكى خورازنى تارتىۋالغانتىم... يۈز يۈەن زاكالەت بەردى، دەپ خۇش بولۇپ كېتىپ ئوغرىغا ئۆيۈڭنى كۆرسىتىپ قويغاندىنكىن ئۆزۈڭمۇ ئەخمەق!...
شۇ كۈنى كەچتە زاكىر غېرىبمۇ يېتىپ كەلدى. مەن بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، قوينىدىن تۆت يۈز يۈەننى چىقىرىپ تەڭلەپ:
4`e[gvh
_ خوراز قېنى؟ _ دېدى.
s_;o1 K0
ئۇنى ئۆيگە باشلاپ، بولغان ۋەقەنى _ قوشنام ئىمىنجاننىڭ چار خورازنى مەندىن تالاشقىنىنى، مەن زاكالەت ئېلىپ قويدۇم، دەپ بەرمىگەنلىكىمنى، بۈگۈن كېچىدىلا خورازنىڭ ھويلىدىن غايىپ بولۇپ كەتكىنىنى ئېيتتىم.
"&:H }Jd
_ ئاپلا! _ دەپ تۇرۇپلا قالدى زاكىر، _ بۇ خورازغا توخۇ بازىرىدىلا كۆز تەگكەنتى. كۆڭلۈممۇ بىر نېمىنى تۇيغاندەك قىلغان... شۇ كەم پۇلنى تولۇقلايمەن دەپ، بىر نەچچە كۈن پالاقلىدىم. ئامال بولماي، تازا ياراملىق ئىككى خورىزىم بىلەن تالاشتۇرۇپ يۈرگەن بىر ئىتىمنى سېتىپ، ئاران دېگەندەك بۇ پۇلنىڭ ئورنىنى قىلىپ كەلگەنتىم... خورازنى ھېلىقى قوشناڭنىڭ ئۆزى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتتىمۇ - يا؟
d&* c3F
_ ھەر قانچە بولسىمۇ قوشنا - قولۇم تۇرۇپ ئۇنداق قىلمىغاندۇ؟!
U8.V Rn
_ خەپ، مىڭ تەڭگىدىن ئېشىپ ئالىدىغان خورازتىدە!
[vY#9W"!
زاكىر شۇنداق دېدى - دە، ماڭا بەرگەن يۈز يۈەن پۇلنىمۇ سۈرۈشتۈرمەي، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. زاكىر پۇلنىغۇ سورىمىدى، ئەمما ئۇنىڭ «خەپ، مىڭ تەڭگىدىن ئېشىپ ئالىدىغان خورازتىدە!» دېگەن سۆزى ئىچىمگە بىر ئوتنى سېلىپ قويدى. بۇ مىڭ تەڭگىلىك خورازنى قوشنام ئوغرىلىغانمىدۇ، زاكىر ئوغرىلىغانمىدۇ؟ يا باشقا بىرى بابلاپ كەتتىمۇ؟ ئويلا - ئويلا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ساراڭ بولاي دەپ قالدىم.
x2sKj"2?@
jOU99X\0
6
0l3[?YtXc
بىر كۈنى ئىمىنجان:
Y7zs)W8xTT
_ يۈرۈڭلا، يۈرۈڭلا! _ دېگىنىچە تەرلەپ - پىشىپ كىرىپ كەلدى.
X}xf_3N "
_ نەگە؟ _ دېدىم.
,]@K,|pC)
_ مەن چار خورازنى بىر يەردە كۆردۈم.
Y0Tad?iC
_ نەدە كۆردۈڭ؟ _ دەپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.
\vJ0Mhk1
_ ھېلىقى ھەر يەكشەنبە كۈنى توخۇ - ئۆردەك، ئىت - مۈشۈكتىن تارتىپ ھەممە جان - جانىۋارلارنىڭ سودىسى بولىدىغان يېڭى بازارنى بىلەمسەن؟
8Ji`wnkXe
_ يېڭى بازارنى؟
}2@Z{5sh)
_ ھە، ھېلىقى بۇرۇنقى تەنتەربىيە مەيدانى.
NuPlrCy;
شەھەرنىڭ سىرتىدا بىر تەنتەربىيە مەيدانى بولىدىغان. ئۆز ۋاقتىدا بۇ يەردە پۇتبول مۇسابىقىلىرى ياكى كاتتا چوڭ يىغىنلار ئۆتكۈزۈلەتتى. باشقا چاغلاردا بۇ يەر ئوت - چۆپ بېسىپ تاشلىنىپ ياتاتتى. ھازىر تەنتەربىيەچىلەرنىمۇ پۇل تېپىڭلار دېەندىن بېرى بۇ يەرنى باشقۇرىدىغانلار پۇتبول مەيدانىنىڭ ئەتراپىنى تىكەنلىك سىملار بىلەن توسۇپ دەرۋازا بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر كويدىن بېلەت سېتىپ كىرگۈزىدىغان بوپتۇ. ھەر يەكشەنبە كۈنى بۇ مەيداننىڭ ئىچىدە توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش دېگەنلەر قىزىپ كېتىدىكەن. بۇمۇ تەنتەربىيەنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنارمىش...
Cyd/HTNh<
_ تەنتەربىيە مەيدانىنىغۇ بىلىمەن، ئۇ يەر بازار بولغاندىن بېرى بېرىپ باقماپتىكەن، _ دېدىم.
kBhjqI*
_ يۈر، مەن سېنى باشلاپ باراي، _ دېدى ئىمىنجان، _ ئاڭلىسام، چار خورىزىڭ شۇ يەردە ھەر يەكشەنبە كۈنى نەچچە مىڭ كوي پۇل ئۇتىۋاتقۇدەك. مەنغۇ جەزمەن شۇ چار خوراز دەپ ئوخشاتتىم. ئۆزۈڭ بىر بېرىپ تونۇپ باقە.
>({qgzV`
ئىمىنجانغا ئەگىشىپ ماڭدىم. پۇتبول مەيدانىغا يېتىپ كەلسەك، بۇ يەردە ئادەم دېگەن قايناپ كېتىپتۇ. بىر كويدىن بېلەت ئېلىپ ئىچىگە كىردۇق. بېرىپ قارىسام، چار خوراز خۇددى دېڭىز قاراقچىلىرىدەك بىر كۆزىنى تېڭىۋاپتۇ. دوكرىكىدە قۇلىقىى كوچىلاپ، ئىككى يېنىغا چىرتىلدىتىپ تۈكۈرۈپ، ئېگىز بىر بەندىڭدە پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرىدۇ. ئەتراپىغا توخۇۋازلار ئولىشىۋاپتۇ. ئۇقسام، چار خورازنىڭ ئىگىلىرى ئۇنى ساپ بۇغداي چېچىپ بېرىپ، يېڭى گۆشنىڭ شورپىسى بىلەن باققۇدەك، مەخسۇس بىر - ئىككى ئادەم كاتەكلىرىنى سىيرىپ - سۈپۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىكەن؛ سامسا - مانتا دېگەنلىرىڭنى ئەكېلىپ بەرسەڭ، خۇددى ئەركە بالىلاردەك تېتىپ، ئىچىدىكى قىيمىسىنى يەپ، جىلتىسىنى بىر تەرەپكە سۈرۈپ قويىدىكەن... چار خوراز مېنى تونۇدىمۇ - تونۇمىدىمۇ بىلمىدىم، نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. خاتا تونۇپ قالماي يەنە دەپ ئۇياق - بۇيېقىغا ئۆتۈپ قارىسام، چۈجە ۋاقتىدا ئۆزۈم باققان، ئاۋۋال تۇخۇم تۇغۇپ، كېيىن مېكىيانلارغا قانات سۆرەيدىغان بولۇپ قالغان چار توخۇنىڭ ئۆزى شۇ. ئىختىيارسىز:
wv\K
_ بۇ مېنىڭ خورىزىمغۇ! _ دەپ ۋارقىرىۋەتتىم.
~w3u(X$m"
ئەتراپتىكىلەر ھەيران بولۇپ ماڭا قاراشتى. ئارىدىن بىرى:
#Z1-+X8P
_ جۆيلىۋاتامسىلە - قانداق؟ بۇ قانداق بولۇپ سىلىنىڭ خورىزىڭلا بولىدۇ؟ _ دېدى.
?).;cG:<
_ مېنىڭ بولغاندىنكىن مېنىڭ بولمامدۇ، ئەمسە كىمنىڭ خورىزىكەن؟ _ دېدىم.
>lV,K1Z
_ ھوي سابىرجان، بۇ ياققا كېلىڭ، ماۋۇ خورىزىڭلىغا ئىگە چىقىپ قالدى! _ دېدى بىر نەچچەيلەن خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن.
0TmEa59P
نېرىراقتا توختىتىپ قويغان يېپيېڭى بىر قىزىل پىكاپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، بوينى بۇقىنىڭكىدەك يوغىنىغان، قاۋۇل بىر ئاغىنە چىقىپ كەلدى. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ چېلىشچىسى ئىكەن، ھازىر بۇ مەيداننى كۆتۈرە ئېلىپ بېيپ كېتىپتۇدەك. قىماردا ئۇتقان، چوتار ئالغان پۇللاردىن باشقا ھەر يەكشەنبە مەيداننىڭ بېلىتىدىنلا مىڭ سوملا كىرىم قىلىدىكەن. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ شەھەردە بىر نەچچە يەردە قورۇ - جاي، يوشۇرۇن - ئاشكارا تۆت - بەش خوتۇنى بارمىش...
?{qUn8f2
_ خوش، نېمە گەپ؟ _ دېدى سابىرجان يېنىمىزغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ رادىئو كانىيىدىن چىققاندەك گۈرۈلدەپ چىقىدىكەن.
6ieul@?*u*
_ ماۋۇ خورازنى مەن تونۇۋاتىمەن، _ دېدىم.
Cw+boB_tip
_ تونۇساڭ تونۇغانسەن، _ دېدى ئۇ، _ بىر - ئىككى ئايدىن بېرى مۇشۇ بازارنى سوراپ، مىڭ سوملاپ ئاقچا تېپىۋاتقان چار خوراز شۇ. ھازىر بۇ خورازنى كىم تونۇمايدۇ؟
KkZx6A)$u
_ بۇ خوراز ئەسلى مېنىڭتى.
!G-+O#W`
_ نېمە دەيسەن؟! _ سابىرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، _ بۇ سېنىڭ خورىزىڭ بولسا مېنىڭ قولۇمغا قانداق ئۆتۈپ قالدى؟!
Bib
_ سېنىڭ قولۇڭغا قانداق ئۆتۈپ قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلمىسەڭ مەن نەدىن بىلەي، ئىشقىلىپ بىر كېچىدىلا ئۆيۈمدىن بىرى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن...
G$>?UQ[
_ ھەي، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە - ھە! _ سابىر كانىيىمنى كاپپىدە سىقىپ ئالدىغا بىر تارتىۋېدى، يەردىن پۇتۇم كۆتۈرۈلۈپ ئېسىلىپ قالدىم، _ سەندەك قوڭالتاقىتىن ئون - يىگىرمىنى سېتىۋالغۇچىلىكىم بار. ئەمدى ئېشىپ - تېشىپ سېنىڭ خورىزىڭنى ئوغرىلىغۇدەكمەنمۇ؟!
tLy:F*1i
_ يا، ئەمدى سىزنى ئوغرىلىدى دېمىدىم، _ دەپ بوشاپ كەتتىم مەن، _ باشقا بىرى ئوغرىلاپ كېلىپ سىزگە ساتتىمىكىن دەيمىنا.
P+j=]Yg
خۇداغا شۈكۈر، سابىر ياقامنى قويۇۋەتتى. ئەتراپىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئولاشقىلى تۇردى. سابىر سۆڭگۈچىدىن كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان تېلفۇندىن بىرنى شاققىدە ئالدى (يائاللا، بۇ قىمارۋازلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىمغان!) ئۇنىڭ سىمىنى چىمدىپ چىقىرىپ، كىمدۇر بىرى بىلەن سۆزلەشكىلى تۇردى.
.rtA sbp.!
_ ۋەي، ۋەي، ئىلاخۇنما؟ ماۋۇ چار خورازنى بۈگۈن بىرى كېلىپ مېنىڭ خورىزىم دەيدىغۇ. ھە.... ھە... مۇنداق گەپمىدى، ھە، بولىدۇ. باشقا گەپ يوق، _ سابىر تېلفۇننى سۆڭگۈچىگە ئالدىرىماي تاقاپ، ماڭا قاراپ سورىدى:
_Q5mPBO
_ بۇ خورازنى ئادەملىرىمىز تۇرپاندىن كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىكەن، سەن تۇرپانلىقمۇ - يا؟
yiZtG#6K{
_ يوقسۇ، مەن تۇرپان دېگەننى كۆرۈپمۇ باقمىغان.
|'?vlUCd
_ ئەمسە سېنىڭ خورۇزىڭ تۇرپانغا قانداق بېرىپ قالدى.
1tNL)x"w
_ ئوغرىلىغان ئوغرى تۇرپانغا ئاپىرىپ ساتقان بولسا، سىلەر يەنە ئۇقۇشماي بۇ يەرگە ياندۇرۇپ كەلگەنسىلەر.
63W;N7@
_ ئاللاھۇ ئەكبەر، _ دەپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى سابىر. ئۇنىڭ بۆرتۈپ چىققان مۇسكۇللىرىغا ئەيمىنىپ قاراپ قويدۇم. ئىچىمدە نەچچە يىلنىڭ ياقى تەنتەربىيەنىڭ بىكار نېنىنى يەپ، ئەقلى تەرەققىي قىلماي مۇسكۇللىرىلا تەرەققىي قىلغان نېمىكەندە بۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەتراپىمدىكىلەرگە ياردەم سورىغاندەك يېلىنىپ قاراپ:
|Vpp'ipr
_ مانا ماۋۇ بىر تام قوشنام بولىدۇ، ئىشەنمىسەڭلار سوراپ بېقىڭلار، _ دېدىم. ئىمىنجان:
1q7&WG
_ راست، ئەسلى بۇ خوراز مۇشۇ ئاغىنىنىڭ ئىدى، _ دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلدى.
h]oUY.Pf
سابىر سۈڭگۈچىدىن يەنە ھېلىقى تېلفۇنىنى ئېلىپ سۆزلەشكىلى تۇردى:
G WIsT\J
_ ۋەي، ۋەي... بازار باشقۇرۇشما؟ سەن ئەكبەرجانمۇ، مەن سابىرجان. ئاۋۇ باشلىقىڭغا ئېيتە، مەيەرگە بىر كېلىپ كەتسۇن. بىزنىڭ ھېلىقى چار خورازنى بىرى مېنىڭ خورىزىم دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ. ھە... ھە... شۇ تاپتا ئاچچىقىمدا بوغۇپ قويىدىغاندەك قىلىپلا تۇرىمەن. ھە... چاققانراق...
Ce}`z L
يائاللا، ھازىر بازار باشقۇرۇشنىڭ ئادەملىرى لاۋبەنلەرنى باشقۇرماي، لاۋبەنلەرنىڭ بازار باشقۇرۇشنىڭ ئادەملىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى نەدىن بىلەي. بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا بازار باشقۇرۇشنىڭ بىر نەچچە ئادىمى دوكۇرلىشىپ يېتىپ كەلدى. ئۇلار سابىر بىلەن ئىللىق سالاملىشىپ، ئاندىن مەندىن قوپاللىق بىلەن سورىدى:
U?0|2hR~
_ نېمە بۇ بازارنى قالايمىقان قىلىپ يۈرىسىلەر!
:'p)xw4K|
_ بازارنى قالايمىقان قىلمىدىم، _ دەپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم، _ ماۋۇ خوراز ئەسلى مېنىڭتى، قوشنا - قولۇملارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئىككى ئايچە بولدىمىكىن، ھويلامدىن بىرى ئوغرىلاپ ئاچىقىپ كەتكەن، بۈگۈن كەلسەم بۇ يەردە تۇرۇپتۇ، تونىۋالدىم. بۇنى مەن چۈجە ۋاقتىدىن باققان. باشتا تازىمۇ ئوبدان تۇخۇمچان مېكىيانتى، كېيىن مۇشۇنداق خورازغا ئايلىنىپ قالغان....
h[remR#3\
گېپىمنى ئاڭلاپ ئەتراپىمدىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. بازار باشقۇرۇشنىڭ ئادەملىرى:
]U>MYdGWb
_ ھوي، سەن ساراڭمۇ ساقمۇ؟ كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن. چىقە بازاردىن، _ دەپ دولامدىن ئىتتىرىپ مەيداندىن چىقىرىۋەتتى. بۇنى ئاز دەپ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىققاندا ئىمىنجان ماڭا تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى:
*wTX
_ جىڭ ئەخمەق ئاغىنىكەنسەندە، _ دېدى ئۇ، _ ئاۋۋال تۇخۇم تۇغاتتى، كېيىن خوراز بولۇپ قالغان دېگەن شۇمۇ گەپمۇ، خەقنىڭ ئالدىدا مېنىمۇ رەسۋا قىلدىڭ!
);0
_ بۇ راست ئىش تۇرسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا يالغان سۆزلىگەن بىلەن بولمايدۇ - دە!
~wa4kS<>
_ راست بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ گېپىڭگە بۇ يەردە كىم ئىشىنىدۇ؟
`PUqz&
_ ئەمسە سېنىڭ ئاق خورىزىڭنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلىقىغا كىم ئىشىنىدۇ؟
` i[26Qb
_ ئۇ دېگەن قىزىقچىلىق بولسۇن، دەپ قىلىپ قويغان گەپ.
wiN0|h>,
_ ماۋۇ دېگەن چاقچاق قىلىدىغان سورۇنما؟!
*Dg@fxCQ
ئىككىمىز بىر - بىرىمىزگە گەپ قىلماي خېلى يەرگىچە ماڭدۇق.
iWt%B oyi
_ توۋا، _ دېدىم مەن ئاخىر، _ بۇ چار خوراز سابىر دېگەننىڭ قولىغا قانداق چۈشۈپ قالغاندۇ؟ زادى ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ.
)la3GT*1mS
_ ھەي، بەك ساددا ئاغىنە جۇمۇ سەن، _ دېدى ئىمىنجان، _ بۇ قىمارۋازلار ھازىر بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتى. پالانى يەردە بىرىنىڭ نوچى خورىزى بار ئىكەن، دەپ ئاڭلاپلا قالسا تازا پۇت - قولى چاققان ئوغرىلارغا پۇل بېرىپ بولسىمۇ ئوغرىلىتىپ كېلىدۇ. مەن دېدىمغۇ، ھېلىقى يۈز كوي زاكالەت بېرىپ ئۆيۈڭنى كۆرىۋېلىپ كەتكەن زاكىردا چوقۇم بىر گەپ بار.
2U./ Yfk\
شۇنىڭدىن باشلاپ يەكشەنبە كەلسىلا مەنمۇ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى يېڭى بازاردىن قالمايدىغان بولدۇم. بەزىدە چار خورازنىڭ شۇ يەردە سوقۇشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن. بەزىدە توخۇۋازلارنىڭ سابىرجان چار خورازنى پالانى يەرگە ئاپىرىپ سېلىپ، مانچە مىڭ تەڭگە ئۇتۇپتۇدەك، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلايمەن. قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈم بېقىپ چوڭ قىلغان توخۇغا ئىگە بولالمىغانلىقىمنى ئويلىسام ئىچىم لازا سۈرگەندەك ۋاژىلداپ ئېچىشىدۇ. بەزىدە سابىر دېگەن مۇتتەھەمنىڭ قىزىل پىكاپتا ھېلىقى سۈڭگەچ تېلىفۇنىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ (ئۇ ھېچكىم بىلەن سۆزلەشمىسىمۇ ئەتەي شۇنداق ئولتۇرىدىغۇ دەيمەن) غادىيىپ ئولتۇرۇپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرسەم، خەپ، سېنى گىدەيتكەن مېنىڭ مۇشۇ چار خورىزىمغۇ، خۇدا جاجاڭنى بېرەر! دەيمەن.
:I#.d7`uk
بىر قېتىم چار خورازنى ناھايىتى بىچارە ئەھۋالدا كۆرۈپ قالدىم، قارىسام چار خورازنى سوقۇشتۇرىۋېرىپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ. بايقۇشنىڭ ئالدىغا چېچىپ قويغان دانغا قارىغۇچىلىكمۇ مادارى يوق. باش - كۆزى يارا، گەجگىلىرىنىڭ پەيلىرى يۇلۇنۇپ، نوگاينىڭ سېپىدەك قىپقىزىل ئېچىلىپ قاپتۇ. شۇ يەردە تۇرغان بىر نەچچە توخۇۋاز:
"Da1BuX\
_ يائاللا، بۇ خوراز ئىككى - ئۈچ ئايدىن بېرى توختىماي سوقۇشىۋاتىدۇ جۇمۇ. سابىراخۇن پۇلنى دەپ توخۇنى ئۆلتۈرۈپ قويامدۇ نېمە؟ _ دېيىشىۋاتىدۇ. يەنە بىرى:
0N1t.3U
_ شۇنى دەڭلا، _ دەپ ھە دەپ چار خورازنىڭ يارىسىغا ماي سۈركەۋاتىدۇ. خورازغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۆزەڭگىمۇ ئاز، خوراز بولىمەن دەپ يوغانچىلىق قىلغۇچە ئىسسىق كاتەكتە يېتىپ تۇخۇمىڭنى تۇغىۋەرگەن بولساڭ ساڭا بۇ كۈن يوق، دېدىم ئىچىمدە. شۇ كۈندىن باشلاپ تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىشقىمۇ كۆڭلۈم تارتمايدىغان بولۇپ قالدى. ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمىدىغۇ دەيمەن، ئىمىنجان ھويلىغا يەنە ئالدىراش كىرىپ كەلدى:
"W5MZ
_ توخۇ بازىرىدىكى قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلىدىڭمۇ، _ دېدى ئۇ.
XGZZKvp
_ نېمە قىزىقچىلىقكەن، _ دېدىم.
/o4_rzR?
_ ھېلىقى خورىزىڭ راستىنلا مېكىيان چىقىپ قاپتۇ.
nDn+lWA=g
_ نېمە دېدىڭ؟ _ دەپ ھەيران بولدۇم، _ چار خورازنى ئەسلى مېكىيانتى دېسەم ئەجەب ئىشەنمىگەنتىڭغۇ!
t M5(&cQ!d
_ خۇدايا توۋا، راست دەپتىكەنسەن.
TY]0aw2]|7
_ ھە، قانداق قىلىپ يەنە مېكىيان بولۇپ قاپتۇ؟
bAt!S
_ ئۆتكەن يەكشەنبە چار خورازنى بىر خورازغا ساپتىكەن، چار خوراز مېكىياندەك پوكىنىنى يەرگە يېقىپ موككىدە يېتىۋېلىپ زادىلا سوقۇشقىلى ئۇنىماپتۇ. سابىر بايۋەچچە ئاچچىغىدا ئۇنى شۇ يەردىلا بوغۇزلىۋېتىپتۇ. ئۆيىگە ئاپىرىپ ئىچ - قارنىنى يارسا خورازنىڭ ئىچىدىن ساپساق بىر تۇخۇم چىقىپتۇدەك.
$U,]c
_ خۇدايا توۋا،_ دېدىم.
A]"6/Lr9P
_ مەن ساڭا ھېلىقى زاكالەت پۇل بەرگەن زاكىرنى ئاشۇ ئوغرىلارنىڭ شېرىكى دېسەم زادى ئىشەنمەيسەن. قانداق، چار خورازنى شۇ ئوغرىلاپتىمىكەن؟ ئىشقىلىپ چار خورازنىڭ ئىچ - قارنىنى يارغان يەردە شۇمۇ بار ئىكەن. سابىر بايۋەچچە ھېلىقى تۇخۇمنى يەرگە ئاتماقچى بوپتىكەن، زاكىر غېرىب «بايۋەچچە، توختاڭلا، خوراز تۇغسا گۆھەر تۇغىدۇ، دېگەن گەپ بار جۇمۇ!» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ھېلىقى تۇخۇمنى قولدىن - قولغا ئېلىپ ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈپ تازا قاراپ كېتىپتۇدەك. قارىسا ئادەتتىكىدەك ئاپئاقلا تۇخۇم. «گۆھەر ئىچىدە ئوخشىمامدۇ» دەپ چېقىپتىكەن، نەدىكى گۆھەر دەيسەن. تۇخۇمنىڭ سۈيى سىركايغا شالاققىدە ئېقىپ چۈشۈپتۇ. بىر تال چوكا بىلەن ئېلەشتۈرۈپ باققان ئىكەن، ئېقى بىلەن سېرىقى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. سابىر بايۋەچچە ئۇششاقراق گۆھەر بولسا چىشىمنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ سۈزىۋالاي، دېدىمۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن سىركاينى غاچچىدە قولىغا ئېلىپ تۇخۇمنىڭ ھەممىسىنى گۈپپىدە ئىچىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى ئۇ بىر قىسما بولۇپ قاپتۇدەك.
86%k2~L
_ نېمە بوپتۇ؟
Il/`#b@h
_ كۆزۈم بىلەنغۇ كۆرمىدىم، ئاڭلىسام ئاۋازى ئىنچىكىرەپ، مەيدىسى يوغىناپ، ساقال - بۇرتلىرى كۈيە چۈشكەندەك تۆكۈلۈپ، يا ئەر ئەمەس، يا ئايال ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپ قاپتۇدەك. ھازىر ئىسمىنى سابىرە قويۇپتۇ. لايىقىدا ئەر بولسا تېگىۋالسام بولاتتى، دەپ قىزىل پىكاپىغا ئولتۇرۇپ شەھەرنى توختىماي چۆرگىلەپ يۈرىدۇ، دەيدۇ. ھازىر ئۇنىڭ خوتۇنلىرى خېتىنى ئېلىپ بالىلىرى مىراسنىڭ جىدىلىگە چۈشۈپتۇدەك.
LZ#A`&qUd
_ يا قۇدرەت، نېمە گەپ بۇ، ئىمىنجان؟ يەنە يالغان ھېكايىدىن بىرنى توقىۋاتمايدىغانسىلە؟ _ دېدىم.
d> M 0:
بىر كۈنى سابىر بايۋەچچە نەق كوچىدىلا ئالدىمغا ئۇچراپ قالدى. ئاستى - ئۈستى كالپۇكىنى ھېلىقى مايمۇننىڭ دېگىلى بولمايدىغان يېرىدەك قىلىپ قىپقىزىل بويىۋاپتۇ. قۇلىقىدا يوغان ھالقا، بوينىدا ئالتۇن زەنجىر، چېچىنى كەينىگە تاراپ، گەجگە تەرەپنى ساقال چوكىسىدەك قىلىپ بوغىۋاپتۇ. قېشىغا ئىنچىكە قاشلىق ئېتىپ يۈز - كۆزىگە بولىشىچە گىرىم قىپتۇ. ئالدىدىن قارىسا مەيدىسى، كەينىدىن قارىسا سارغىسى دۆڭدەك چىقىپ تۇرىدىغان تازىمۇ كېلەڭسىز خوتۇن بوپتۇ. ھەممە ئادەمگە تەڭ كۆز تاشلاپ قىسىپ دەسسەپ كېلىۋاتىدۇ.... يائاللا، بۇنى قانداقمۇ ئەر ئالار؟ دەپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى. دەرھال كەينىمگە يېنىپ ماڭدىم. ئەمدىلا بىر - ئىككى قەدەم ئېلىپ تۇرىشىمغىلا، ئارقامدىن:
!h&h;m/c
_ ھوي ئادەم، توختاڭە، _ دېگەن ئاۋاز ئاڭلانماسمۇ، يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۆرۈلۈپ قاراشقا جۈرەت قىلالماي، باشتا ئىتتىك - ئىتتىك ماڭدىم، كېيىن يۈگۈرگىنىمچە قاچتىم...
$xvwnbq#y
6wiuNGZb
)$Fw<;4
مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك 3 - كىتابتىن ئېلىندى.
kaqur
2012-07-04 22:59
— چار خوراز —
) >SU J^u
Bq]eN q
v [ 4J0
kaqur
2012-07-04 23:11
ئاپتور ھەققىدە:
h +Dp
A=/|f$s+
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1962 - يىلدىن 1967 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا، غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدا خەلق ئىشلار كادىرى ۋە تەشۋىقات كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979 - يىلىدىن 1994 - يىلىغىچە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. 1995 - يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھازىرغىچە
«قۇم باسقان شەھەر»، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن»
قاتارلىق رومان، قىسسەلىرى،
«مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى»
ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. يەنە
«ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئىلى يەرلىك مۇقامى توغرىسىدا»
قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئېلىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەر تىلىغا ۋە چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەمتىمىن ھوشۇر ئاپتونۇم رايون ۋە ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى.
kaqur
2012-07-04 23:17
ئەسەردىكى ئىدىيە:
jdsN ZV
D7.|UG?G
«چار خوراز» ناملىق ھېكايىدە تۇرمۇشىمىزدىكى ئىقتىسادىي ۋەسۋەسە پەيدا قىلغان ساختىپەزلىك، ئىنسابسىزلىق ھەجۋىي قىلىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ساپ دىل، ئەخلاقلىق، ئىنساب - دىيانەتلىك بولۇشقا، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلغان.
e|)6zh
?;Ck]l#5ys
ئەسەردىكى پېرسۇناژ:
[\(}dnj:
n]$50_@
سابىر بايۋەچچە -
پۇل ۋەسۋەسىسىدە ئەخلاق - پەزىلەت، غۇرۇر، ۋىجداننى، ئادەمگەرچىلىكنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئۇچىغا چىققان خوتۇنپۇرۇش، ئاچكۆز، قىمارۋاز بىر قىسىم بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
q3a`Y)aVB
5ve4 u
چار خوراز -
ھېكايىدىكى چار خوراز سىموۋللۇق ئوبراز بولۇپ، ئۇ جەمىئىيىتىمىزدىكى ئىنسان تەبىئىتىدىن ياتلاشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىپىك ئوبرازىدۇ.
KLqn`m`O;
مەنبە: 2010 - يىلى نەشر قىلىنغان تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر ۋە تاللىما دەرسلىك ئۈچۈن تېكىستلەر تەھلىلى
3QlV,)}
2,.%]U
(باشقا ماتېرىياللىرىم بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىپ قولۇمدا مۇشۇ كىتابلا قاپتۇ... بۇ تېكىستنىڭ تەھلىللىرى ئىچىدىن 2011 - يىللىق سەرخىلنىڭكى خېلىلا ياققان ئىدى ماڭا...)
gulhan
2012-07-04 23:21
تىرىشچان سىڭلىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر
tawpek
2012-07-04 23:26
كاتتا بىر ئەمگەك بوپتىغۇ بۇ. يارايسىز كەچۈر.
3jS=
CHeG{l)
ئەجرىڭىزدىن نۇرغۇن قىرىنداشلار مەنپەئەتلەنگۈسى.
kaqur
2012-07-04 23:35
مۇھاكىمە ۋە مەشىق
e)xWQ=,C
cR&xl^BJ
1. ھېكايىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ ھەمدە ھېكايىدىكى چار مېكىياننىڭ چار خورازغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئۇنىڭ يەنە مېكىيانغا ئايلىنىپ قېلىشى، سابىرنىڭ «چار خوراز»نىڭ تۇخۇمىنى يەپ قويۇپ، ئايالغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئىبارەت غەلىتىلەشتۈرۈلگەن ۋەقەلىكنى يىپ ئۇچى قىلىپ، يۇمۇر بىلەن غەلىتىلىك، تاسادىبىيلىق بىلەن ماھىيەت، تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن بەدئىي چىنلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بولۇپمۇ ئەدەبىياتىمىزغا يېڭىدىن كىرىۋاتقان بىمەنىچىلىك ئۇسلۇبىغا قارىتا ئوقۇرمەن ۋە ئاپتور نۇقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل يۈرگۈزۈڭ.
X^W> "q
جاۋاب:
تۇرمۇش چىنلىقى دېگىنىمىز _ تۈرلۈك - تۈمەن تۇرمۇش پاكىتلىرى ۋە ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بەدئىي چىنلىق دېگىنىمىز تۈرلۈك - تۈمەن تۇرمۇش پاكىتلىرى ۋە ھادىسىلىرى ئىچىدىن ماھىيەتلىك پاكىت، ھادسىلەرنى تاللىۋېلىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان، مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە تىپىكلەشتۈرۈلگەن يۈكسەك چىنلىقتۇر.
aOHCr>po,
تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن بەدئىي چىنلىقنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى بىرلىكى رېئاللىزىملىق ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى. ئۇ يازغۇچىلارنىڭ رېئاللىقتىكى چىنلىقنى يېزىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بەلكى ئۇنى بەدئىي چىنلىققا كۆتۈرىدۇ. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن چىنلىق پەقەت يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدئىي چىنلىق بولۇپ شەكىللەنگەندە، ئاندىن ئۇ خىل ئەسەر ھەقىقىي بەدئىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
p~.@8r(
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدە جانلىق ھەم يۇمۇرلۇق تىل، غەلىتە تەركىبلەرگە باي، قىقارلىق سۇژىت. ئاجايىپ ئوخشىتىش ۋە قىلىقلاشتۇرۇش، بىمەنىلەشتۈرۈش ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۈچلۈك بولغان ساتىرىك كەيپىيات ھاسىل قىلغان. بولۇپمۇ بىمەنىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بەدئىي ماھارەت مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدە ناھايىتى يۇقىرى بەدئىي ئۈنۈم ياراتقان. يازغۇچى «چار خوراز» ناملىق ھېكايىدە ئادەملەردىكى نەپسانىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك، پۇل - مالغا دۈم چۈشۈشتەك ناچار خاھىشلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە چار مېكىياننىڭ چار خورازغا ئايلىنىپ قېلىشى، يەنە چار خورازنىڭ ئەسلىدىكى چار مېكىيانغا ئايلىنىپ قېلىشى، سابىر بايۋەچچىنىڭ چار خورازنىڭ قورسىقىدىكى تۇخۇمنى ئىچىپ ئايالغا ئۆزگۈرۈپ قېلىشى... قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىمەنە تەپسىلاتلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ناھايىتى يۇقىرى ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.
j VZi_de
LasH[:QQQ
2. كۈندە بىر تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىغان چار مېكىياننىڭ چار خورازغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قاسىمجانغا بايلىق، ئامەت ئېلىپ كېلىشى، قاسىمجان ئەمدىلا خۇشاللىق لەززىتىگە تولۇپ تۇراندا، چار خورازنىڭ سابىرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قېلىپ ئۇنى باي قىلىۋېتىشى، قاسىمجان ۋە سابىرنىڭ پۇل ۋەسۋەسىسىگە چۈشۈپ قېلىشىدا قانداق رول ئوينىغان؟
2mUu3fZ
جاۋاب:
تۇرمۇشتىكى ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان ئاددىي، ناھايىتى ئومۇمىي، شۇنداقلا بەزىدە غەلىتە تەپسىلاتلار ئارقىلىق ھاياتتىكى، جەمىئىيەتتىكى ماھىيەتلىك شۇنداقلا ئومۇمىي خاراكتېر ئالغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى «چار خوراز» ناملىق بۇ ھېكايىسىدىمۇ چار خورازغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار سەرگۈزەشتىلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ھازىرقى رېئاللىقىمىزدىكى مەلۇم دەرىجىدە باش كۆتۈرۈپ قالغان ئادىمىي ئەخلاق، ئادىمىي پەزىلەت، ئادىمىيلىك قىممەتنى ئۇنتۇپ، پۇل - بايلىققا ئۆزىنى ئۇرىدىغان، ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن پۇل - بايلىق توپلاشنى مەقسەت قىلىۋالغان، شەخسىيەتچى، ئاچكۆز، قىمارۋاز، خوتۇنپەز كىشىلەرنى ۋە شۇلار پەيدا قىلغان ناچار ئىجتىمائىي خاھىشنى قاتتىق مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلغان. يازغۇچى ھېكايىدىكى مەركىزىي ئىدىيەنى سابىر بايۋەچچىنىڭ چار خورازنىڭ قورسىقىدىكى تۇخۇمنى ئىچىپ قويۇپ ئايالغا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ھەر خىل ناچار ئىللەت، خاھىشلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى ياتلاشتۇرىۋېتىشتەك بىر ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
$dP)8_Z2
"Y!dn|3
3. چار خوراز بىلەن سابىر مەلۇم ئوبرازغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا قانداق ئوبرازلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ بۇ ئوبرازلار بەدئىي قۇراشتۇرۇش جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
j/<y
جاۋاب:
ھېكايىدىكى چار خوراز ۋە سابىر ئوبرازىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «ئەسەردىكى پېرسۇناژ» دېگەن مەزمۇنغا قاراڭ.
sAoM=n}!
چار خوراز بىلەن سابىردىن ئىبارەت بۇ ئوبرازلار بەدئىي قۇراشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھېكايىنىڭ كۆپ سەھىپىسىدە ئاساسەن چار خورازنى يازغان. چار خورازنىڭ سەرگۈزەشتلىرى، مىجەزىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق رېئاللىقتىكى، ئادەم خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرستىپ بەرگەن. بۇ ئىككى ئوبراز بىر - بىرىنىڭ خاراكتېرىنى تولۇقلىغان ۋە بېيىتقان.
kaqur
2012-07-04 23:39
بەرىبىر كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن بىكار ئولتۇرساممۇ ئولتۇرىدىكەنمەن، دەپ ئويلاپ ئەتتىگەندىن بۇيان تېكىست باسقان ئىدىم... كېيىن تولۇق بولۇپ كەتسۇن دەپ قالغان تېكىست تەھلىلى ۋە ئاپتور تونۇشتۇرىشى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندىن بېسىپ يوللىۋەتتىم...
3\n{,Q
ئۇستازلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكىنىدىن سۆيۈندۈم...
tawpek
2012-07-04 23:52
راستىمنى دىسەم مەن بۇ فىلىمنى نەچچە كۆرگەن بولساممۇ پەقەت ھوزورلىنىپ كۈلسەممۇ تىگىگە يىتەلمىگەنتىم. بۇ تېمىغا سۇنۇلغان تەھلىل ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق چۈشىنىۋالىدىغان بولدۇم.
P\4tK
b8Rh|"J)d
ئەسەردىكى ئىدىيەنى چۈشىنىۋىلىشىمغا يادەم قىلغايسىلەر.
تۆتتاش
2012-07-04 23:55
سىزنىڭ بۇ ئىلمى ئەمگىكىڭىز خۇددى ماشىنىغا نەچچە توننىلىق ئېغىر يۇكنى باسقاندىنمۇ جاپالىق ئەمگەك ھىساپلىندۇ.
r!$NZ2I
5o| !f
پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان تېمىنى يوللاپسىز.تەشەككۈر.
|SP.S 0.y
^T&u!{82j
سالامەت بۇلۇڭ.
tawpek
2012-07-05 00:00
بىمەنىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بەدئىي ماھارەت مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدە ناھايىتى يۇقىرى بەدئىي ئۈنۈم ياراتقان.
/GuSIZg"_
# 5f|1O
2-6.r_
مەن بىمەنە تەپسىلاتلارنىڭ سىموۋۇل ئاساسىنى بەك چوڭقۇر ئويلاپ تىگىگە يىتەلمەي چۈشىنەلمىدىم دەپ يۈرگەندەك قىلمەن.
gulnaz
2012-07-05 01:21
ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ.ھارمىغايسىز.مىڭلارچە تەشەككۈر
koksangun
2012-07-05 12:12
كەچۈر سىڭلىمنىڭ يازمىلىرى ھەقىقەتەن نەپ بېرەلىگۈدەك نادىر تېما بوپتۇ ، تەتىل كۈنلىرىڭىزنى خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن .
tawpek
2012-07-06 19:03
ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئۆچمەس ئىزىڭىز قالدى مانا.
u [V4OU}%
935-{h@k
بۇ تىكىسىتنى تىخى ھىچكىم ئىلىكتىرۇنلاشماپتىكەن.
سەرسان
2012-07-07 06:18
كۆرگەنسىرى كۆرگىسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ..
kaqur
2012-07-08 16:36
دەرسلىك كىتابىمنى كۆتۈرىۋېلىپ ھەجىمى كۆپرەك تېكىستلەرنى توردىن ئىزدەيمىكىن دەۋاتىمەن... يوق بولۇپ قالسا مۇنبەرگە يوللىۋەتكىلى....
koksangun
2012-07-08 22:48
ياخشى ئويلاپسىز ، ئەمما ئۆگىنىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەڭ سىڭلىم ، سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي .
r.muhemmet
2012-07-12 20:44
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ!!! ئەجرىڭىزدىن بوستان،ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي!!!
|:./hdcad
راستىنى دېسەم تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ دەرسلىك تېكىستلىرى قىسمى ماڭا ئەڭ زور نەپ ھەم قولايلىقلارنى ئاتا قىلدى.
'#O;mBPNi
دەرس تېكىستلىرىنى مۇنبەرگە يوللاشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەمگەك قىلغۇچى جاپاكەش ھەم مىننەتسىز تەر سېڭدۈرگۈچى ئەزىز كەسىپداشلىرىمغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن، ھەممىڭلارنىڭنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك، ئىشىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، خىزمىتڭلارىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!!!
ozqan
2012-07-12 20:50
كەچۈر سىڭلىم :
BY3bpR
ئىمتاھاننى بېرىپ بولۇپ مۇنبەر ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلىدىم دېسەم بەلكىم ئارتۇق كەتمەيدۇ ... ئىمتاھانىڭىزغا ئاز قالغان مەزگىللەردە مۇنبەرگە كىرسىڭىز تېخى ئۆگىنىشىگە ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەي قالارمۇ ، دەپ ئەندىشە قىلغاندىم ، مانا ئەمدى كىرمەي قالسىڭىز ئەندىشە قىلىدىغان كۈنلەر كەلدى .
doBN ghS
سىزنى مۇنبەردە دائىم كۆرۈپ تۇرغىمىز بار .
Q8;#_HE
ئۈمىدلىرىمىزنى يەردە قويماس دەپ ئويلايمەن ...
tawpek
2012-07-14 16:35
تېكىستلەرنىڭ 90 پىرسەنتىنى پىنسىيە يىشى يىقىنلاپ قالغان ئاكىمىز تۇنيۇقۇق مۇئەللىم ئۆز بارماقلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ بىسىپ كىرگۈزۈپ مۇنبىرىمىزەە يوللىدى.
6a*83G,k
s O=4IBE
يوللانمىغان قىسىملىرى بەلكىم ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك.
/Pk:4,
:=9<
بولسا قاراپ بىقىپ يوقلىرىنى ئىزدەپ تاپقان يەردىن ئۇلانما قىلىپ يوقلىرىنى بىسىپ يوللاپ تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە يانداشقايسىز.
زۆھرە
2012-07-21 21:30
بۇ ئەسەردە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىيە ھازىرقى زامانىمىزدىكى پۇل تېپىش ۋە شۇ پۇللىرىنى كۆزـكۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا ئىبرەت بولغۇسى.
tawpek
2012-07-23 14:16
ئۆزگىچە يول تۇتقانلار مۇنبىرىمىزدە تىخىمۇ نۇر چاچقۇسى.
خەندان926
2012-08-03 21:23
مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى يازمايدىغان بوپ كەتتى، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بار ئىدى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا يېڭىچە ئۇسلۇپ ئاتا قىلغان ئىدى
tawpek
2012-08-04 13:32
ئەمەلدار بوپ كەتتىمۇ يا؟
بىلىگيار
2012-08-29 00:22
تەشەككۇر،جىق ئەجىر قىپسىز
سۇمرۇغ
2012-08-29 16:17
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
زىبا2
2012-08-29 18:59
رەھمەت سىزگە!
تەشنا005
2013-03-19 13:49
ھارمىغايسز ،رەخمەت.
يۈسۈپجان001
2013-12-02 22:34
پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان تېمىنى يوللاپسىز.تەشەككۈر. ( 2 HM "Pd
تەشنا
2013-12-03 15:54
مەمىتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىكى بىمەنىلەشتۈرۈلگەن تەپسىلاتلار ھەققىدە ئوبزورچى كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ بىر پارچە ئوبزورى بار ئىدى. شۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن. بىرەرسىڭلارنىڭ ئېسىدە بولسا دەۋەتسەڭلار. شۇنى مۇنبەرگە يوللاپ بىللە پايدىلىناتتۇق.
ياسىنجان510
2013-12-03 20:07
بۇ دەرس تەييارلىقنى ناھايىتى ياخشى تەييارلاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
yaxar
2014-02-28 17:38
بۇنى مەن كىچىكىپ كورۇپتڭمەن، ئەھمىيەتلىك ئىمگەك بوپتۇ
6H9]]Unju
ياسىنجان510
2014-02-28 19:13
مەن بۇ دەرس تەييارلىقىنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرەتتىم، بەك بەلەن بولدى .چۈنكى بۇ تېكستنى ئۆتۈش ئالدىدا تۇرىمەن.
查看完整版本: [--
[تېكىست+فىلىم+تەھلىل] چار خوراز
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled