پەرزەنت تەربىيىسىدە سەل قارماڭ
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى سەل قارالغان بىر مەسلە 6bZ[Kt W%!@QY;E( بۈگۈنكى كۈندىكى پەن-تىخنىكا تەرەققىياتدىن كىلىپ چىققان ئېھتىياج بىزدىن پەرزەنتلىرىمىزنى بىلىم بىلەن قۇراللاندرۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تۇنۇتقان بۇ دەۋىردە ھەممىز بالا تەربىيىسىدىكى << ياخشى ئوقۇش>> تەربىيىسىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئىنچىكە بولغان ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قاراپ قالدۇق بىر مەزگىل.شۇ سەۋەپتىن بالىلىرىمىزدا تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ<< ئائىلە تەربىسىدىكى جىددى مەسىلىلەر >>دە ئېيتقان ئاڭلىسا كىشىنى قورقۇتىدىغان ئەخلاق مەسلىلىرى كىلىپ چىقۋاتىدۇ. }+Vv0jX|V زور كۆپچىلىكى دېھقان -ئىشچىلاردىن تەشكىل قىلغان مىللىتىمىزنىڭ نەزىرىدە بىلىملىك ھەممىنى بىلىدۇ دەيدىغان قاراش بار، شۇنداقلا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەن كىشىلىرىمىزدىنمۇ بەزىلىرى شۇنداق كۆز قاراشتا. شۇنىڭ بىلەن بىزدىكى بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش تەسىرىدىن بەزى زىيالىلىرىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىمىزدىكى ئىتقادىمىز بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ياخشى ئۇسوللىرىمىزنى خۇراپىيلىق، كونىلىق دەپ باھا بېرىشى بىلەن ئىستىمالدىن قالدۇرۇپ قۇيۋاتىمىز. 5QWNZJ&}d بۇ يەردىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭچە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۈرلۈك يامان بولىدۇ دىگەن تەلىملىرى بۇيىچە تەربىيە ئالغان. j:1uP^. <<يامان بولىدۇ >> دىگەن بۇ ئاتالغۇ كىچىك بالىلارنىڭلا ئەمەس بەلكى چوڭلارنىڭمۇ بىر خىل سىرلىق ئەندىشىگە قويىدۇ. چۈنكى ئىتقادىمىزنىڭ تەسىرىدە بىز يامان بولىدىغان ئىش قىلىپ قويساق چۇقۇم بىزنى پالاكەت باسىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق_ دە بۇ ئىشنى قىلمايتتۇق. Eb.;^=x لىكىن ئائىلىلەردە بۇ خىل ئاتالغۇ ئارقىلىق تەربىيە قىلىدىغانلار ھازىر قانچىلىك؟ Eo{EKI1 ur2!#bU9 مەن ھازىر بالامغا سۇنى زايە قىلما، ھازىر سۇ قىس...... دىگەندەك ئىلىمىي تەرەپلەر ئارقىلىق تەربىيە بەرسەم تەسىرى ئاز بولدى، لىكىن سۇنى ئىسراپ قىلساڭ يامان بولىدۇ، دىسەم قانداق يامان بولىدۇ دەپ سورىغىنىدا ياراتقۇچىنىڭ ئىسىمىنى ئېيتىپ جازالايدۇ دىگىنىمدە ئۇنىڭدا بۇخىل قىلمىش ئازايدى. mT_GrIl[ Ds5NAp:x مىنىڭچە ئىتقاد تەربىيىسى بۇشىماسلىقى كېرەك. پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ، ئۇنىڭ ھىسابىنى قىلىدىغان ياراتقۇچىنىڭ ئوبرازىنى ئورنىتىشىمىز كېرەك. بولمىسا بۈگۈنكى كۈندە بىز بالىمىزنىڭ قايسى بىر ئىشىنى كۈزۈتۈپ بۇلالايمىز. ئىتقادى سوز ئادەمنڭ ئاسانلا ئېزىدىغانلىقىنى ھەممىز بىلىمىز.بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ئىتقادى سۇز بالىنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانا ،مىللەت دىگەن ھىچنىمە بولۇپ قالىدىكەن. مەن مۇنبەرداشلارغا بىر ھەقىيقى ئىشنى سۆزلەپ بېرەي: G+Dpma ] بىزنىڭ بىر شىرەم تۇققانلىرىمىز بار ئىدى. تىگى - تەكتىدىن ئەخلاقى ياخشى كىشىلەر بولۇپ ، دىندا ھەم قەلەمدە بار دىگەندەك20-30 يىل كەنىت كادىرى بولغان، ھەم قۇرئان ساۋادى بار كىشىلەر ئىدى. بالىلىرىنىڭ ئىككىنچىسى قىز بولۇپ، دېھقان ئىدى. قالغان بالىلىرى ئالىي بىلىم يورتلىرىدا ئوقۇغان ھۈكۈمەت نىنى يەۋاتقانلار ئىدى.بۇ دېھقان قىزى چوڭ قىزىنى ياخشى ئۇقۇغانلىقتىن تۇلۇقسىزدىنلا ۋىلايەتتىكى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتتى. مەقسىتى قىزىنى ئۆزىدەك دېھقان بولۇپ قالمىسۇن ئىدى. بۇ قىز ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق بىر ئۇنۋىرىستتا ئوقۇپ 5-يىلىغا كەلگەندە ئىز _ دېرەكسىز يۇقاپ كەتتى. ئۇلارغا يۇقاپ كەتكەنلىكنى مەكتەپتىن خەۋەر قىلغاندىلا ئۇققان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى ھەركىم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ... بالا دەردىگە كىم چىدىسۇن.ئاخىرى ئوزۇن مەزگىل كەنىت كادىرى بولغان بۇۋاي باشچىلىقىدا تىڭ-تىڭلاپ بۇ قىزنىڭ توردا بىرى بىلەن تۇنۇشۇپ قىلىپ بېيجىڭغا قىچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، يىپ ئۇچى ئارقىلىق بار يېرىنى تېپىپ بېىجىڭنىڭ بىر رايونىغا بارغىنىدا بۇ مىنىڭ ئېرىم دەپ قېرىنداش مىللەتىن بىرىنى ئەگشتۈرگەن ھالەتتە كۆرۈپ ،ئانا ئاچچىغىغا پايلىماي قىزىنى كاچاتلاپ ، چىچىنى يولغىنىدا ھىلىقى ئېرى بۇ مىنىڭ ئادىمىم يەنە ئۇرساڭ ساقچى چاقىرىمەن دىگەن. قىزى ھىچ بىر ئىپادىسىز تۇرغان .ئانا بۇ كۆرىنىشلەرگە چىدىماي ھۇشىدىن كەتكەندە ، قىز بولغۇچى ھىچ بىر ئىپادىسىز تۇرغان.بۇۋاي ئۇ سىنىڭ ئاناڭ ئەمەسمۇ يۈلەپ قۇچىغىڭغا ئالمامسەن دىگىنىدە ئاندىن ئاران قۇلىنىڭ ئۇچىنى تۇتقان. بۇۋىسى، ھەم ئانىسى ،بىرھاممىسى بېرىپتىكەن. ھەممىسىنىڭ يۇرتقا قايتىپ كىتىش تۇغۇرلۇق نەسىھىتىنى قىز پىسەنتىگىمۇ ئالماي << مەن ناھايىتى بەخىتلىك، كەتمەيمەن >> دەپ چىڭ تۇرۋالغان. ئۇلار يۈرەكلىرى يارا ھالىدا قايتىپ كەلگەن. ( بىزمۇ بۇ ئىشلارنى كىيىن شۇ بۇۋاينىڭ ئۆز ئاغزىدىن مىڭ يېرىدىن تۈكۈلۈپ سۆزلەپ بەرگىنىدە ئۇقتۇق) ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە كەلگەن نىمە كەلگۈلۈك بۇ دەپ يىغلاپ كەتتى. شۇ چاغدا. ئانا ۋاپاسىز قىزىنىڭ شەرمەندىچىلىكىدە يۇرتىغا قايتقاندا يۇرتتىن خىجىل بولۇپ تالا تۈزىگىمۇ تۈزۈك چىقالماي، دەلدۈشتەك بولۇپ قالغان. دىمىسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە قايسى بىر ئىش ئاشكارە ئەمەس...ئاتىسى بولسا تىخىمۇ بەتەر بولۇپ قالغان. {:Vf0Mhb دىمىسىمۇ شۇنچە ئەتۋالاپ ، چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ ئوقۇتۋاتقان پەرزەنتىدىن بۇنداق ئىشنى كۆرگەن ئاتا-ئانىنىڭ چۈشكۈن، بىئىلاج، تەمتىرگەن ھالىنى ھەممىز تەسەۋۇر قىلالايمىز. L=7rDW)aa ;1LG&h,K مەن بۇ ئىشنى ئۇققۇنىمدا بەكمۇ ھەيران قالدىم. شۇنداقلا ئىچىمدە ئاچچىق بىر نىدا ، ئاچچىق بىر ئەلەم يۈرەك باغرىمنى تاتلاپ مىنى بىئارام قىلىپ بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل قىلىپ بىقىشىمغا دەۋەت قىلاتتى. بىزدە << ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق>> دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار ئىدى. مەن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بۇ سۆزدىن ئىزدەپ باقتىم. ياق، ئۇلارنىڭ بولسۇن ياكى ئاتا تەرەپنىڭ بولسۇن تىگى ياخشى كىشىلەر ئىدى. ئۇنداقتا تۈپ سەۋەپ نىمە؟ Sa}D.SBg مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تۈۋەندىكىدەك يەكۈنلەپ چىقتىم: NdQ%:OKC 1. بالا ئاتا -ئانا تەربىيىسىگە تازا مۇھتاج بۇلۋاتقان 14-15 ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇپ ، بىلىم ئۈگىنىش زىيادە تەكىتلىنىپ ، مىللىتىمىزگە خاس بولغان ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالغان. b]`^KTYK 2. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى گەرچە بالىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي تەرەپتىن تەربىيلەشنى ۋەزىپە قىلغان بولسىمۇ، لىكىن رىقابەر سەۋەبىدىن يەنى ئالىي مەكتەپكە بالا سانى ئەڭ كۆپ ئۈتكەن دىگەن قالپاقنى كىيىش سەۋەبىدىن ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالغان. بىزنىڭ مائارىپىمىز سوتسىيالىستىك ئەخلاقنى،جەمىيەت ئەخلاقىنى تەكىتلەپ مىللىي ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قالغان. &] 3:D 3. مائارىپىمىزدىكى ئاتىزىملىق تەربىيە بېرىشتەك شۇئارىمىز سەۋەبىدىن ، شۇنداقلا ئائىلىلەردىكى ئىتقادنىڭ سۇزلۇشۇپ كىتىشى سەۋەبىدىن ، بالىلارغا ئىتقاد تەربىيىسى بېرىلمىدى. >}F? ئىنسانشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ تەتقىقاتى ئادەمنىڭ مىڭە بوشلۇقىدا بىر ئىتقاد بوشلىقىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر بۇ ئىتقاد بوشلىقى تۇغرا بولغان ئىتقاد بىلەن تولدۇرۇلمىسا غەيرى ئىتقاد ئامىللىرى ئىگەللىۋىلىندىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قويغان.( مەن بىر ماتىريالدا ئوقۇغان)ياراتقۇچىنى تۇلۇق تۇنمايدىغان بالىلىرمىزنىڭ ھازىر بىلىم قۇرۇلمىسى ئاتا-ئانىسىدىن ئىشىپ كەتكەچ ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاتا- ئانا نۇپوزى قانچىلىك ئورۇندا تۇرار؟ Mw|SH;nM بىز ياراتقۇچىغا بولغان ئىتقادى چىڭ بالىلارنىڭ بىلىم ساھەسىدە بىلىقتەك ئۈزۈپ كىتۋاتقانلىقىنى ھەر قەدەمدە ئۇچۇرتۇپ تۇرۇمىز. ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا، پەزىلىتىگە ھەر قاچان قايىلمىز. ئەكسچە پۇلخۇمارلىق، باياشاتخۇمارلىق، راھەتخۇمارلىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ياراتقۇچىنى بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا تۇنۇيدىغان ئائىلىلەردىكى بالىلارغا نەزەر سىلىپ باقايلى. ئەدەبسىز، مەمەدان، بىزەڭ، تەتۈر.... گەرچە ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇقۇغان ، يۇقۇرى سەۋىيەگە ئىگە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن كىشى سەسكىنەر. T{~M iC6A دۇنيانى ئىلىكىگە ئالغان تۆت چوڭ دىننىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا كىشىلەرنى ئەخلاققا، تەبىيەتنى قۇغداشقا، ھاياتلىقنى ئاسراشقا، يامانلىققا نەزەر سالماسلىققا، كىشىلار ئۈچۈن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا ، بىلىم ، ھۈنەر ئارقىلىق ھالال ياشاشقا چاقىرىق قىلىدۇغۇ؟! ھەر بىر چۇقۇنغۇچىنىڭ روھىنى يامان ئىللەتلەردىن پاكلايدىغان روھنى يۇيىدىغان خىسلەتلەك سۇ ئىدىغۇ؟!
STp!8mL بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز ياراتقۇچىغا باغلانغان ئىتقادىمىزنى سوزلاشتۇرۇپ قويغاچ ئۆز ئاتا-ئانىىسىنى تۇنمايدىغان، مىللىتىنى ئۇنتۇيدىغان ، بىلىمى بار لىكىن ئەخلاقتىن ، پەزىلەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بىر تۈركۈم ناكەس بالىلار جەمىيەتنى قاپلىماقتا. u
~)%tL خۇددى تۇرسۇن مۇئەللىم ئېيتقاندەك قىزلار قىزغا ئوخشىمايدىغان، ئوغۇللار ئوغۇلغا؛ تار، ئۇچۇق كىيىملىرى بىلەن قايسى مىللەتكە تەۋەلىكىنى بىلەلمەيدىغان نامىللەت تۇپى مەيدانغا كەلمەكتە. G 4"lZM بالىلار بىزنىڭ ئىز باسارىمىز، ئۇلار بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن تامچىلاپ مىللەت تۇپىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. 1Q_ ``.M بالا تەربىيىسىدە گەرچە ئالدى بىلەن ئادەم قىلىش كېرەكلىكىنى ھەممە زىيالى بىلىپ تۇرسىمۇ بىز شۇ ئادىمىيلىكنى ئاپىردە قىلىدىغان ، ھەر قاچان بالا قەلبىدىكى ياخشى پەزىلەتلەرنى قوزغاپ ، يامان ئىللەتلەرنى قامچىلاپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋىي ، مىللىتىمىزگە خاس بولغان نۇرغۇن يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۈتكەن پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسوللىرىمىز غا قانچىلىك ۋارىسلىق قىلالىدۇق؟ eU"mG3__ چەتنىڭ ئاتالمىش بالا تەربىيلەش قامۇسلىرىنى بەس-بەستە سىتۋىلىپ شۇ بۇيىچە تەربىيلەشكە كۈچىدۇككى لىكىن مەرھوم يار مۇھەممەت تاھىر توغلۇقنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ھەققىدىكى كىتابىنى قانچىلىك كۆرەلىدۇق؟ Hc
/wta بىر مىللەتنىڭ زىيالىلار تۇپى شۇ مىللەتنىڭ سەكىلىرىدۇر، سەكە نەگە ماڭسا پادا شۇ يەرگە ماڭۇر. بىز ئاق ياققىلىقلار يۇرتلۇقلىرىمىز نەزىرىدىكى يول باشلىغۇچىلار. بولۇپمۇ مائارىپچىلار شۇنداق. بىز ئالدى بىلەن ئابا- ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇسوللىرى بىلەن بالا تەربىيلەپ ئۈنىمىنى كۆرسەكلا ئۇلارمۇ بىزگە ئەگىشىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىمىز شۇكى توپلۇشۇپ ، مەھەلىۋىي مۇناسىۋەتنى ئەلا بىلىمىز . بىز شۇ ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ ياخشى چىققان بالا تەربىيلەش ئۇسوللىرىمىزنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك . بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز ھەم خەلقىمىز ئالدىدىكى مەسئولىيىتىمىز. ;;6\q!7` مەن ئويلايمەن، ئىتقادىمىز چىڭ بولسىلا بىز چەتتىم كىرگەم غەيرى مەدىنيەتلەرنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتمەيمىز... Qasr:p+ مەن ئويلايمەن، يىڭى يامان بولىدۇلارنى ئىجاد قىلساق مەسلەن: كىتاب ئوقۇمىساڭ يامان بولىدۇ، مىللەتنى سۆيمىسەڭ يامان بولىدۇ، سېرىق تورلارنى كۆرسەڭ يامان بولىدۇ...ئەگر ئىتقاد چىڭ بولسىلا بۇنىڭ ئۈنىمى بەكمۇ ياخشى بۇلاتتى. p1uN]T7> ,^M]yr
*~ ( تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ يازمىسىدىن تەسىرلىنىپ چۇۋۇلچاق بىر يازما يېزىپ قويدۇم....مېغىزىنى كۆرەرسىلەر...) |