koksangun |
2010-10-16 21:47 |
لەتىپە،چاقچاق ،لاپ ھەققىدە
قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى: yd]W',c لەتىپە،چاقچاق ،لاپ ھەققىدە @`G_6<.` ئەخمەتجان قۇربان سابىرى eh2 w7@7Q تارىختىن بېرى خەلقىمىز ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن ئويغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بۇلغان لەتىپە،چاقچاق،لاپلار خەلقىمىزنىڭ كۈلكە بىلەن ياشاپ كەلگەنلىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.لەتىپە،چاقچاق ،لاپلار كۆپلىگەن ئورتاقلىقلار بولغاندىن باشقا،يەنە نۇرغۇن پەرق ۋە ئوخشىماسلىقلار بار .ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۈلكە ئارقىلىق خەلققە زوق ۋە تەربىيە بېرىشنى،تۇرمۇشىمىزدىكى تۈرلۈك ئىللەت ۋە رەزىللىكلەرنى قامچىلاشنى،تۈرلۈك مەشرەپ،توي ۋە شادلىق يىغلىشلىرىنى كۈلكە ئارقىلىق قىزىتىشنى مەقسەت قىلسىمۇ،ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانىدىن تارتىپ،شەكىل،كۈلكە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۇسۇللىرى،ھەجىم ۋە باشقا بەدىئىي ۋاسىتىلىرىدە ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار.شۇڭا،بىز تۆۋەندە كۈلكە ئارىسىغا جەم بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ژانىرلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىمىز. MLtfi{;LH لەتىپە-خەلق ئېغىز ئەبىياتىنىڭ كۈلكە قوزغايدىغان ژانىرلىرى ئىچىدىكى ھېكايىۋىلىقى، تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك،كەڭ ئومۇملاشقان،بەدىئىي جەھەتتە تەرققىي قىلغان ژانىرى.ئۇ خەلقنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن كۈلكە سەمەرىلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن.لەتىپە كۈچلۈك كۈلكە قۇزغاش خارەكتېرىگە ئىگە بولۇپ،مەلۇم تارىخىي شەخس ۋە بەدىئىي ئوبرازنىڭ نامىغا مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. Li(}_ كۈلكىلىك ۋەقە،ھادىسە ھەققىدىكى كىچىك ھېكايە.ئۇ خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاممىباب ژانىرنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭدا جەمىيەتتىكى ناچار خاھىش،يامان قىلىق ۋە خىيانەتچى،پارىخور،جازانىخور،پەسكەش كىشىلەر پاش قىلىنىدۇ؛خەلقنىڭ دانالىقى،سەزگۈرلىكى نامايەن قىلىنىدۇ.خەلقىمىز ئارىسىدىكى لەتىپىلەر نەسىردىن ئەپەندى،موللا زەيدىن،سەلەي چاققان قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ،كۆپلىگەن لەتىپىلەر خەلق تەرپىدىن ئىجاد قىلىنىپ ئاشۇ لەتىپە پېرسۇناژلىرىنىڭ نامى ئارقىلىق نۇرلاندۇرۇلغان. |GM?4'2M. لەتىپىلەرنىڭ بەدىئىي كۈچ ئۇنىڭ يېشىمىدىكى كۈلكىگە مەركەزلەشكەن.كۈلكە قانچە كۈچلۈك بولسا،لەتىپىنىڭ تىغ ئۇچى شۇنچە ئۆتكۈر بولىدۇ.بۇ،لەتىپىلەرنىڭ ئارتۇقچە بايان ۋە تەسۋىرلىرنىڭ خالىي بولۇشىنى،تەسىر كۈچىنى يىشىمىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان. Z@>hN%{d+g لەتىپىلەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى كۈچلۈك مەسخىرە ۋە ئۆتكۈر ھەجۋىي ئاستىغا ئالىدۇ. رەزىللىكنى قامچىلاپ،گۈزەللىككە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى تۈزۈلۈشى ئاددىي،ئىخچام بولسىمۇ يارقىن ئوبرازچانلىققا ئىگە.يەنە بىرى لەتىپىلەردە ئىخچام تىل ئارقىلىق مول پەلسەپىۋى قائىدىلەرگە ئىگە چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. A6v02WG_1T ئومۇمەن،لەتىپە دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھەر خىل رەڭ ۋە خاسلىق بىلەن نامايەن بولۇپ كېلىۋاتقان،تەسىرى كۈچلۈك،جانلىق،ئىخچام،ئومۇملىشىشى تېز،ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدىغان يارقىن شەكىل. }dX[u`zQ چاقچاق لەتىپە بىلەن قوشماق ژانىر بولسىمۇ،ئۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس شەكىل ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر ژانىرى ھېسابلىنىدۇ. لەتىپە چاقچاققا قارىغاندا تارقىلىشى تېخىمۇ كەڭ،ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا پىششىقلانغان بولىدۇ. ھاياتىي كۈچى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.لېكىن،چاقچاقلار مەلۇم سورۇن،مەلۇم شارائىتتىلا بارلىققا كېلىپ ئۆز رولىنى شۇ سورۇندا يوقىتىشى مۇمكىن.شۇڭا،چاقچاقلارنى ئۆزى بارلىققا كەلگەن سورۇندىن ئايرىپ قايتا بايان قىلساق كۈلكە قوزغىيالماي قالىدۇ،كۈلكە چاقچاقنىڭ بىردىن-بىر خۇرۇچى،بىراق لەتىپىلەر پەقەت كۈلكە قوزغاشنىلا مەقسەت قىلمايدۇ.نۇرغۇن چاقچاقلار ئەسەر سۈپىتىدە داۋاملىشالمايدۇ.نەق مەيداندا ئىجاد قىلىنىپ شۇ يەردىلا ئۆز رولىنى جارى قىلىپ بولىدۇ.نۇرغۇن چاقچاقلار قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاندىن باشقا،ئۇنىڭدا يەرلىك خۇسۇسىيەتمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.نۇرغۇن چاقچاقلار تاۋلاش ۋە پىششقلاپ ئىشىلىنىش ئارقىلىق لەتىپىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ھېسام چاقچاقلىرى بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتقان چاقچاقلار ئەمەلىيەتتە چاقچاقلارنىڭ باشقىلار تەرپىدىن رەتلەش،قايتا ئىشلەش ئارقىلىق لەتىپىلەشكەن شەكلى بولۇپ،ئۇنىڭ نۇرغۇن چاقچاقلىرى ئۇ قاتناشقان نۇرغۇن توي،مەشرەپ ۋە باشقا سۇرۇنلاردىكى ياڭراق كۈلكىلەرگە سىڭىپ كەتكەن.چاقچاقلار كۈچلۈك نەق مەيدانچىلىققا ئىگە بولۇپ،بىر سورۇندا قىلىنغان چاقچاق يەنە بىر سورۇندا قايتىلانمايدۇ.لەتىپىلەرنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن بولسىمۇ،چاقچاقلارنى ئىپادىلەپ بېرىش ناھايىتى مۈشكۈل.مانا بۇنىڭدىن لەتىپە بىلەن چاقچاقنىڭ ئورتاقلىقىنى كۆرۈۋالغاندىن باشقا،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى تۈپ پەرقنىمۇ بىلىۋالالايمىز. {P"$;_Y"< چاقچاق ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىگە ئايلاندى.ئۇ،خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرلىك ئالاقە ۋاسىتىسى.چاقچاق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇنچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانكى،ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چاقچاقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.چاقچاق ئادەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا قانات يايىدۇ.ئۇ،كىشىدە ئىختىيارسىز تەبىئىي كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ،خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ چاقچاقنى تۇرمۇشىغا ھەمراھ قىلىپ كەلگەن.ئۇلار ئۆزئارا كۆرۈشكەندە گېپىنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى توي-تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملار،خىلمۇخىل سەيلى-پائالىيەتلىرى،ئاممىۋىي مەشرەپلەر،مېھماندارچىلىق ۋە سۆھبەتلەر...نىڭ ھەممىسى چاقچاقسىز ئۆتمەيدۇ. ,
#hS#?t ئۇيغۇرلار سۆز سەنئىتىدە چاقچاق ژانىرىنىڭ شۇنچىلىك ئەۋج ئېلىشى ئۇلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسىدىكى يۇمۇرلۇق خارەكتېر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ خىل خارەكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىىتى،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي شارائىتى،تارىخىي شارائىت،مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق ئىچكى،تاشقى ئامىللارنىڭ مىللىي خاسلىقى سەۋەب بولغان. 6*8"?S' ئۇيغۇر چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ،ھازىر جاۋابلىق،مەنتىقىلىقلىق، دەلمۇ-دەللىك، قاراتمىلىقلىق،يۇشۇرۇن مەنىدارلىق،پىكىر مەزمۇنىنىڭ بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىشى قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىدۇ.چاقچاق كۆپ ھاللادا بىرەر تېمىغا،بىرەر نىشانغا مەركەزلىشىدۇ.ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتسە چاقچاقنىڭ كۈچى بولمايدۇ ھەمدە كۈلكە پەيدا قىلالمايدۇ.چاقچاق بىلەن مازاق قىلىش ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ.چۈنكى،مازاق قىلىشتا ئىجابىي مەزمۇندىن كۆرە تەنە ۋە دوق قىلىش ياكى بىراۋنىڭ زىتىغا-غورۇرىغا تېگىش،كەمسىتىش،مەسخىرە قىلىشتەك سەلبىي تەرەپلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ھەققىي چاقچاق ئىلمىي بولىدۇ،ئۇنىڭدا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىغا قاتتىق راىئايە قىلىنىدۇ،كىشىنىڭ ئەيىپىنى ئېچىپ دىلىنى رەنجىتىشتىن ساقلىنىدۇ.ئۇيغۇرلاردا چاقچاقنىڭ تۈرلىرى سورۇنغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ.
S1sNVW 1.«غەيرىي ئادەم ياساش»خارەكتېرىدىكى چاقچاقلار.بۇ خىل چاقچاقتا،مەلۇم بىر شەخسنى چۆرىدىگەن ھالدا،ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر ئېپىزوت ۋە قىزىق پەيىتلىرىنى،خارەكتېرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى كۈلكىلىك تەسۋىرلەش،مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئارقىلىق«غەيرىي ئادەم»ئوبرازى پەيدا قىلىنىدۇ.چاقچاقلار ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئۆز ئوبيېكتىنى غەيرىيلەشتۈگەندىن كېيىن،ئاخىرىدا ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ قاتارغا قۇشۇۋالىدۇ.نەتىجىدە،چاقچاق ئوبيېكتى جۈملىدىن باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق غەيرىيلىك ھېس قىلمايدۇ. c,pR+DP 2.لەقەملىك چاقچاق.بۇ،چاقچاقنىڭ ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان شەكلى.ئۇيغۇرلاردا شەخىسلەرنىڭ ئىسمىغا لەقەمنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان.خەلقتە«لەقەمسىز كىشى بولماس»دېگەن ماقال بار.دەرۋەقە،ئۇيغۇرلاردا شەخسىي لەقەمدىن باشقا،ئاتىدىن بالىغا،بالىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان ئەۋلادلار لەقىمى،ھەتتا يۇرت- مەھەللىلەرگە ئورتاق يۇرت لەقەملىرىمۇ بولىدۇ.لەقەملىك چاقچاقتا چاقچاق ئوبيېكتىنىڭ لەقىمىنى توغرىدىن-توغرا تىلغا ئالماي،ئىشارە،يۇپۇتۇش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىنىدۇ.لەقەملىك چاقچاقتا چاقچاقچىنىڭ ھازىر جاۋاب بولۇشى،تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. Wd#r-&!6j 3.ماقال-تەمسىلىك چاقچاق.چاقچاقنىڭ بىر تۈرى كۆپ ھاللاردا لەقەملىك چاقچاقلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.مەسلەن،بىر كىشىنىڭ لەقىمى «تۆگە»بولۇپ،ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا قوپال،قاملاشمىغان ئىش قىلىپ قويسا،بۇنى بايقىغان چاقچاقچى«تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق»دېگەن تەمسىلدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چاقچاق باشلايدۇ.چۈنكى،ھەرقانداق ماقال-تەمسىل پەيدا بولۇش جەھەتتە قاراتمىلىققا ئىگە.شۇنىڭ ئۈچۈن چاقچاقچىلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ماقال-تەمسىللەردىن،خەلقنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. >Eg/ir0 4.ئوخشىتىش شەكلىدىكى چاقچاقلار.بۇنىڭدا چاقچاقچى ئوخشىتىش شەكلىدە ئوبيېكت قىلىنغان شەخسنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈش ۋە غەيرىي ھالەتلىرىنى خۇددىي شۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان تۈرلۈك نەرسىلەرگە،ھايۋانات،ئۇچارقانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىش،تەڭلەشتۈرۈش ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاقچاقنى راۋاجلاندۇرىدۇ. 1Z%^U ? 5.قاپىيىلىك چاقچاق.چاقچاقنىڭ بۇ شەكلى شېئىرىي شەكلىدە قاپىيە قوغلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ھۇجۇدقا چىقىدۇ.قاپىيەلىك چاقچاق ئۇيغۇر تىلىنڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرلىكتە،كىشىلەرگە بەدىئىي لەززەت بېرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا شېئىرىي چاقچاقمۇ بار،شېئىرىي چاقچاقتا چاقچاقچى سورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ شېئىرىي شەكلىدە چاقچاق كەلتۈرىدۇ. =?g26>dYo 6.چاچما چاقچاق.بۇ خىل چاقچاقتا چاقچاقچى مەلۇم سورۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەركىن چاقچاق قىلىدۇ.بۇنىڭدا سورۇندىكى ھەر بىر ئادەم چاقچاقنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ.بۇ خىل چاقچاق چاقچاقچىدىن ھازىر جاۋابلىقنى،سورۇندىكى ھەر بىر ئىشقا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. k+#6 7.بەسلىشىش خارەكتېرلىك چاقچاق.بۇ خىل چاقچاقتا،خەلىق ئىچىدە نامى بار ئىككى چاقچاقچى سورۇندا بىر-بىرى بىلەن كەسكىن تۇتىشىدۇ،بۇ خىل چاقچاقنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ،بىر تەرەپ يېڭىلمىغىچە يەنە بىر تەرەپ توختىمايدۇ.بۇ خىل چاقچاقتا قايسى تەرەپ چاقچاقنى تېز كەلتۈرەلمەي دۇدۇقلاپ قالسا ياكى گەپ تاپالماي تۇرۇپ قالسا يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،قىلىنىۋاتقان چاقچاق تېمىسىغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىلىپ سالسا ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قالسىمۇ يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ. NwPGH=V 8.تەرجىمە چاقچاق.بۇ يېڭى بارلىققا كەلگەن چاقچاق شەكلى بولۇپ،ئىككى چاقچاقچىنىڭ بىرى باشقا تىلدا سۆزلىسە،يەنە بىرى تەرجىمانىڭ رولىنى ئىلىپ،ناھايىتى كۈلكىلىك «تەرجىمە»ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ،بۇ خىل چاقچاقتا باشقا تىلدا سۆزلىگۈچى ئەينەن دوراش ئارقىلىق كۈلكە قوزغىسا،«تەرجىمان»كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ ناھايىتى قىزىقارلىق تەرجىمە قىلىپ،سورۇندىكىلەرنى كۈلدۇرىدۇ.بۇنىڭ ئادەتتىكى قىزىقچىلىققا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى،«تەرجىماننىڭ تەرجىمىسى»نەق مەيدانى ۋە سورۇندا بارلىققا كەلگەن بولۇشى شەرت. z }?*1c چاقچاقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن تۇر ۋە شەكىللىرى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. _FpZc?= چاقچاقلار ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوخشىمىغان خاسلىقلارنى نامايەن قىلغان بولۇپ،يۇقىرىقى چاقچاقلارنىڭ تۈرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىلى رايۇنىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولۇپ،مانا شۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى چاقچاق مەدەنىيىتىدۇر.چاقچاق-ئىلىلىقلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى،خارەكتېرى،ياشاش ئۇسۇلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن،ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى،تەپەككۇرى،بەدىئىي دىتىگە ئوخشاش تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان تىل سەنئىتى.ئىلى خەلق چاقچاقلىرىغا خەلقنىڭ خۇشاللىق كۈلكىسى،مۇھەببەت ۋە نەپرىتى،ئاچچىق كىنايە،مەسخىرىلىرى سىڭىپ كەتكەن.خەلق چاقچاقلىرى ئۆتمۇشىمىز ۋە بۈگۈنىمىزنىڭ جانلىق خاتىرسى.چاقچاق سەنئىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھايات نەسىردىن ئەپەندى نامى بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر خەلق چاقچاقلىرى روشەن خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقىچە جۇلالانماقتا. u.\F
Na لاپ ئەسلى چاقچاققا مەنسۇپ بولسىمۇ،ئاستا-ئاستا ئۆزىگە خاس مۇستەقىل تۈرگە ئايلانغان،ئاممىۋىيلىقى كۈچلۈك بولغان ھەجۋىي ژانىر.لاپ پارىسچىدىكى «لاف»دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ،«سۆز،تەرىپ،ماختىنىش»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.لاپلارنىڭمۇ شېئىرىي ۋە نەسرىي شەكىللىرى بار.ھەجىم جەھەتتىن قىسقا،لەتىپىلەشكەن شەكلى بولغاندىن باشقا،بىر پۈتۇن ۋەقەلىككە سىڭدۇرۇلگەن ھېكايىلەشكەن شەكلىمۇ بار. 8{0=tOXx{ لاپلار-مۇبالىغە،كۆپتۈرۈش،بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدا گويا بولۇۋاتقان ياكى بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىشلاردەك ھېكايە شەكلىدە سۆزلىنىپ،كىشىگە كۈلكە،ئىستىتېكىلىق زوق بېرىدىغان قىزىقچىلىقنىڭ بىر تۈرى.بۇ تۈر بىزنىڭ مۇراسىم،ئۆرىپ-ئادەت قۇشاقلىرىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن:ئۈنمىگەن چىغ تۈۋىدە تۆرەلمىگەن توشقاننىڭ چىقىشى،پاشىنىڭ ھارۋىغا قېتىلىشى،بۇلبۇللارنىڭ تېزەك يېيىشى،تۈگمەن تېشىنى ئۈچ كۈنلۈك يەرگە ئېتىش،يېنى يوق قوڭغۇزنى يانغا تارتىماي مىنىش،يىڭنىنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ ئات ئىزدەش دېگەنگە ئوخشاش.لاپلار سورۇن ئەھلىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن نەق مەيداندا توقۇلۇشىمىۇ مومكىن.بەزى لاپلار ئالدىن ئىجاد قىلىنىپ ھەر بىر سورۇننىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ ياكى داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار قۇشۇلۇپ ماڭىدۇ.ئېلى رايۇنىدا ياقۇپ لاپچى،ئابدۇل لاپچى،بارات لاپچى دېگەندەك نۇرغۇن داڭلىق لاپچىلار ئۆتكەن. 6_UCRo5h%
|
|