查看完整版本: [-- يالقۇن روزى ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> يالقۇن روزى ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-07-01 10:22

يالقۇن روزى ھەققىدە

يالقۇن روزى ھەققىدە S5d{dTPq  
ئاپتورى:ئەبەي تارىم fg1y@Dj/&  
يالقۇن روزى ئىلىم ئەھلىگە، خەلقىمىزگە تونۇلغان ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى، ئوبزورچىلىقى ساھەسىدە  چاقنىغان يۇلتۇزىمىزدۇر .  ھىچكىم دېيىشكە ، يېزىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ،بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىنىپ مەدھىيلىنىپ قالىدىغان، ماقالا ، ئاپتورلار ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن ،زېھنىدىن ، لىلا  باھالىشىدىن ئۆتۈپ  كېتەلمەيتتى . بۇ ئۇنىڭ ئوبزورچىلىق قوشۇنىمىزدىكى ئالاھىدە ئورنىنى بەلگىلىگەن ۋە بىزنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپىدۇر.  ئۇ ئوبزوزچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئوبزورچىلىق قىلىشتىكى مۇددىئا- نىشانىدىن ئېغىشماي مېڭىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىد-ئوبزورچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى ۋە قوشۇۋاتىدۇ . ئۇنىڭ مەرھۇم ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يىرىك تارىخى رومانى < ئويغانغان زېمىن> گە يازغان " ئويغانغان زىمىن " دىن ئويغانغان پىكىرلەر، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ  <ھايات شۇنداق> رومانىغا يازغان " سۈنئىي رىئالىزىملىق رومان- <ھايات شۇنداق> قا باھا" ، پەرھات تۇرسۇننىڭ < ئۆلىۋېلىش سەنئىتى> رومانىغا يازغان "ئەدەبىياتىمىزدىكى ئازغۇن روھ" ، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ  < بۇرۇت ماجراسى> ھىكايىسىگە ۋە < خاسىيەتلىك قار> پوۋىستىغا يازغان" زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت"،< بۇرۇت ماجراسىنىڭ قىممىتى >، سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ <قەشقەر كوچىلىرى> ھېكايىسىگە ، <ئاتا> رومانىغا يازغان < قەشقەرھەققىدىكى يېڭى ئەپسانە> ،" ئاتا رومانىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن دوكلات"، "ئەدەبىياتىمىز مۇنازىرىگە مۇھتاج " قاتارلىق  ئوبزورچىلىققا دەسلەپ كىرىشكەن چاغلىرىدىكى ماقالىلىرى ئۇيغۇر ئوبزورچىلىق ساھەسىدە ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغاپ ، ئوبزورچىلىق ساھەسىنىڭ پەۋقۇلئاددا جانلىنىشىنى ، شۇنداقلا < يالقۇن روزى ئوبزورچىلىقى > ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى  دېسەك، ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز . ھىلىھەم ئاشۇ يىللاردا يېزىلغان ئوبزورلار تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن يالقۇن روزى ئەدەبىي تەنقىدچىلىگىنىڭ گۈلتاجىسى بولۇشقا مۇناسىپ دەپ قارايمەن .  بۇ ئوبزورلارنىڭ زىلزىلە قوزغىشى، ئوبزورچىلىقىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدىغان دەرىجىدە جانلاندۇردى دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، ئىلگىرىكى ئوبزورچىلىقىمىز شەكىللەندۈرگەن نوپوزلۇق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ نۇقسان بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارمۇ ئورۇنلۇق تەنقىدنىڭ ئوبىكتى بولالايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدە ئىدى . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئوبزورچىلىقىمىزنى يېپيېڭى يۈنىلىشكە باشلاپ يېڭى دەۋر " ئوبزورچىلىقى" غا باشلاپ كىردى دېيىشكە بولاتتى .          يالقۇن روزىنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ  بىر - بىرىدىن ئېسىل يازمىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇلۇغ ئۇستازىنىڭ بۈيۈك تۆھپىسىنى، يېتۈك ئالىم ئىكەنلىگىنى خەلقىگە بىلدۈرگەنلىكىدە . ئۇنىڭ بېۋاستە قول تىقىشى بىلەن نەشر قىلىنغان <ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى> ، < يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت>، < قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>، < فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى، (تولۇقلانغان نۇسخىسى)> قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ ، پەسىيىپ قالغان كىتابچىلىقىمىزغا ئەڭ يېڭى ھۆسىن قوشۇپ، ئالىمنى ياد ئېتىۋاتقان، سېغىنىۋاتقان، چۈشىنىشكە باشلىغان خەلقىمىزنى ئالەمچە خۇش قىلدى . يالقۇن روزىمۇ ئۇستازى قاتارى ئېزگۈ كۆڭۈللەرگە <ئۇستازىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ، ئۇستازىنى ھەقىقى ياد ئېتىدىغان شاگىرتنىڭ ئۈلگىسى >بولۇپ تونۇلدى . ئۇنىڭ يەنە ئالىم ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان < ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى > ناملىق ماقالىسى پۈتۈن رايونىمىزدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زىلزىلە قوزغاپ ئالىمنىڭ نۇرانە ھاياتىنى، كىشىلىك پەزىلىتىنى ،ئىجادكارلىقىنى بىلدۈرۈشتە ئاجايىپ زور رول ئوينىغانىدى . خىزمەتچىلەردىن باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان ، تراژى ئۇنچە كۆپ ئەمەس < ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى> مۇ ئۈشبۇ ماقالە بېسىلغانلىق سەۋەبىدىن سېتىلىپ تۈگەپ ئەتىۋارلىق گېزىتكە ئايلىنىپ، تونۇلۇپ قالغانىدى . مەن گېزىت نەشردىن چىقىپ بەش يىلدىن كېيىن يەنى 2000- يىلى  7 - ئايدا (ئۇ ماقالە 1995-4-1- بېسىلغانىدى.) ئۈرۈمچىگە بارغىنىمدا دۆڭكۆۋرۈك رەستىسىدە چار بازارچى بالىلارنىڭ < ئەڭ نوچى ماقالە مىشەدىغۇ، قېنى ئېلىۋېلىڭلار ! ئاز قالدى>  دەپ ۋارقىراپ سېتىۋاتقان يەردىن قىستىلىپ يۈرۈپ سېتىۋالغانىدىم، ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن .  يالقۇن روزى مانا مۇشۇنداق 5 يىلدىن كېيىنمۇ ماقالىسى بەس -بەستە سېتىلغان خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ ، چاڭقاپ تۇرغان قەلبلەرنى ئۇزۇنغىچە لەرزىگە سالغان ، مۇشۇ خىلدىكى شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر ئوبزورچىمىز، قېرىندىشىمىز بولسا كېرەك .( بۇ گېزىتتە ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭمۇ بۇ ماقالا بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ،ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان <ئۇ كەلمەسكە كەتتى> دېگەن ماقالىسىمۇ بار .)      يالقۇن روزى يالغۇز  ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابىنىلا نەشر قىلىشقا ھەسسىسىنى قوشۇپلا قالماي ، ۋىجدانلىق، ئىلىمسۆيەر ، ئېسىل كىتابلارنى پىلانلاپ نەشر قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى بېيىتىشقا كۈچ قوشۇۋاتقان ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن يازغان < مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر> ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش) ناملىق كىتابنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا، ياش ئالىمىمىز ئەسئەت سۇلايماننىڭ " تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ"، " ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيىتى"، " تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە" ، مەدەنىيەت تارىخ تەتقىقاتچىسى غالىپ بارات ئەركنىڭ " كروراننىڭ سىرى"، ئۆمەرجان سىدىقنىڭ " ئىدۇقۇت ئوغلانلىرى" قاتارلىق تارىخ مەدەنىيەتكە دائىر قىممەتلىك كىتاپلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈنمۇ زور ئەقىدە - كۈچ چىقاردى . ( مېنىڭ بىلىشىمچە)    ئۇنىڭ ئوت يۈرەك شائىر ، مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھايات يولىنى بويلاپ ئىزدىنىپ < تەۋپىقشۇناس> بولۇپ بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان . < ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى>، < ئۇنتۇلغان ئەڭگۈشتەر - تەۋپىق روھى >، < مەمتىلى ئەپەندى> ،< مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئىزدەش> قاتارلىق ئەسەرلىرى ، ئىزدىنىش جەريانلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ .   ئۇنىڭ< ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى >، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ت iM9563v  
ۆھپىسى ، ئىش- ئىزلىرى ، <تاتارلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسى >،مۇسابايىفلارنىڭ تۆھپىسى ھەققىدىكى ئىنىقسىزلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمگىكىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك ،ئەلۋەتتە.  قىسقىسى يالقۇن روزى خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئاز ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسىدۇر ، ئۇ بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ، ئاسرىشىمىزغا، ئەرزىيدىغان تۆھپىكار مائارىپ تەتقىقاتچىسىدۇر. مەن ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەيمەن . ( بۇ قىسقا يازما بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە. پەقەت قىسقا بىر كۆڭۈل ئىزھارىم،خالاس. قالغىنىنى ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ تولۇقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .)       ئەبەي تارىم */\.-L{h  
1] 

tawpek 2012-07-01 14:44
تونىشىم يەنىمۇ بىر بالداق ئۆستى. لىكىن تولوق ئەمەس، مەن مۇشۇنداق يۇرىت ئوغلانلىرىمىزنىڭ ھايات تارىخىغا تولىمۇ قىزىقىمەن. |HA7 C  
|HEw~x<=  
مۇمكىن بولسا يالقۇن روزىنىڭ زىيارەت خاتىرلىرى ۋە يۇقاردا تىلغا ئىلىنغاندەك ئوبزۇرلىرى بولسا سۇنۇپ تۇرساق.

akkax 2012-07-09 01:39
  يالقۇن روزى ئوبزۇرچى. بىراق، كاتتا ئوبزۇرچى، ھەقىقىي ئوبزۇرچىلىقىغا ۋاقت جاۋاب بەرسۇن!!! f@{C3E dd  
    شەخسىي قاراش. باشقىلارنىڭ بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىگە ئەرزىمەيدۇ. %C)JmaQ{9  
    

يۇلغۇن 2012-08-26 17:42
  يالقۇن  رۇزى  ئەپەندىنىڭ    مەرھۇم مەمتېلى تەۋپىق  ئەپەندىنىڭ  تۇركېيىدە  ئوقۇغان  تارىخى  توغرۇلۇق  بېر   ماقالە  يېزىشىنى  ئۈمۈت  قىلىمەن   .   قۇلىڭىزغا  دەت  بەرمىسۇن

yaxar 2012-08-27 00:30
引用第2楼akkax于2012-07-09 01:39发表的  :  يالقۇن روزى ئوبزۇرچى. بىراق، كاتتا ئوبزۇرچى، ھەقىقىي ئوبزۇرچىلىقىغا ۋاقت جاۋاب بەرسۇن!!!    شەخسىي قاراش. باشقىلارنىڭ بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىگە ئەرزىمەيدۇ.     
HA^jk%53  
93Mdp9v+i  
ئاققاش ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئىنكاسى ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن قايتىدىن ئويلىنىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، دەرھەقىقەت ھەربىر كىشىنىڭ ئىش- ئەمەللىرىگە ۋاقىت چوقۇم ناھايىتى لىللا باھا بىرىدۇ، يەنە كىلىپ سىز ۋە بىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھايىمىزغىمۇ ۋاقىت ئوخشاشلا لىللا باھا بىرىدۇ، ئەبەي تارىمنىڭ يالقۇن روزىنىڭ ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرغان بۇ ماقالىنى كۆرىۋىتىپمۇ يەنە ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىلەرگە باھا بىرىشتىكى مۇستەققىل پىكىر قىلىش ئىمتىيازىمىزدىن ۋاز كىچىپ، يالقۇن روزى ھەققىدە ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا ئىقىپ يۈرگەن ھەر خىل زىدىيەتلىك قاراشلارنىڭ ئىنىرىتسىيىسىگە ئەگىشىپ كىتىپ، بۇ كىشىنىڭ ئەمگەكلىرىگە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولسىڭىز سىزنىڭ يالقۇن روزىغا بەرگەن باھايىڭىزنىڭ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

ماھى 2012-08-27 01:30
ئارىمىزدىن مۇشۇنداق كىشىلەر قانچە كۆپ چىقسا شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ؟ uY&=eQ_Cb  
يېقىندا ئۇنىڭ «يالقۇن روزى ئەسەرلىرى»دېگەن كىتاۋى نەشىردىن چىقىپتۇ.كۆرۈپ باققايسىلەر.

tahdirdax 2012-08-27 09:48
خەلقىمىز ئارسىدىن يالقۇن روزىدەك  سەرخىللىرىمىز كۆپەيسە،بېششىمىزدىكى كۆلپەتلەر ئازايغان بولاتتى.يالقۇن روزىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخىت، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە بەركەت تىلەيمەن.

akkax 2012-08-28 21:54
  ۋاقىتنىڭ سىنىقى مېنىڭ باھايىمنى خاتا قىلىپ كۆرسەتسە، پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ بىر نانقېپى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ. ;EK(b  
   مەن پالانى ياكى پۇستانىنىڭ كەينىدىن كېتىدىغان نانقېپى ئەمەس. بىر ئىدىيەگە كەلسەم شۇ ئىدىيەمدىن كەچمەيدىغان جاھىل نانقېپى. شۇڭا، مەن ئۈچۈن ۋاھىم يېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ باھا مېنىڭ شەخسى باھايىم . يالقۇن روزى تەرەپدارلىرىغا يەنە شۇنى دەي: بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم. ناۋادا بۇ قارىشىم مۇتلەق خاتا بولسا « ساراڭغا سوت يوق » دەپلا ئويلاڭ. ( يېزىپ جاپا تارتىپ يۈرمەڭ. ) }Q/G &F  
  

akkax 2012-08-28 21:57
  مەن ئوبزۇرلىرىغا  باھا بېرىۋاتىمەن. باشقا ئەمگەكلىرىگە كۆز يۇممايمەن.

ئاچچىقگۈل 2013-03-01 19:53
يالقۇن روزىدىكى جاسارەتنى  مۇتلەق كۆپ زىيالىلىرىمىز ۋۇجۇدىدىن  كۆرگىنىمىز يوق.

پاراسەت 2013-12-25 13:32
yaxar:ئاققاش ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئىنكاسى ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن قايتىدىن ئويلىنىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، دەرھەقىقەت ھەربىر كىشىنىڭ ئىش- ئ .. (2012-08-27 00:30) 
?NlSeh  
بىر بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي قىلغان ئىشىغا قارايلى،ئادەم سېسىتىش گۇرەھىدىكىلەرنىڭ پىتنە-پاساتلىرىنى بازارغا سالمايلى.

tawpik521 2014-02-21 02:58
خۇدايىم توۋا ماۋۇ ئاققاش دىگەن ئاداش نىمە دەۋاتىدۇ؟ بۇنى ئادەم غاجايدىغان تاققا-تۇققا دەمدۇق ! *="m3:c'J  

akkax 2014-03-05 15:34
  مېنىڭ نېمە قىلغىنىم ۋە نېمىلەرنى دېگىنىمنى مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق يالقۇن روزى توغرىلىق ئىنكاسىمنى كۆرۈپ ئاندىن بىلگەيسىز. ئۆزىڭىزىچە، مېنى ئانداق - مانداق باھالاپ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئەرزىمەيمەن. #X5hS w;  
  

akkax 2014-03-05 15:36
  تاققا - تۇققۇلۇقۇمغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئادەم غاجاپ باقمىدىم. غاجىغانلارنى كۆرگەنمەن.

2433 2014-03-09 13:17
ياخشى يوللاپسىز . كۆرۈپ خوش بولدۇم . ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن

ئاچچىقگۈل 2014-03-09 16:08
قابىلىيەت ئىگىلىرىنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىشىمىز كېرەك. يالقۇ ن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى خەلقىمىزنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەشتە باشلامچى رول ئويىنىيالايدۇ. بۇنى ئىنكار قىلىپمۇ،ئاڭلىماسقا-كۆرمەسكە سېلىپمۇ ئۆچۈرۈۋېتەلمەيمىز.

ئانا 2014-04-13 19:17
     z]$>+MH_  
قابىلىيەت ئىگىلىرىنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىشىمىز كېرەك.

ئانا 2014-04-13 19:18
توعرا گەپ!

uzqak 2014-04-13 19:35
بۇ تېما قىزىپ كېتىپتا! يالقۇن روزىغا كىم قانداق باھا بېرىشىدىن قەتئىنەزەر ،ئۇنىڭ ياشاش نىشانى ئاللىبۇرۇن بەلگىلىنىپ بولغان ... ئۇنىڭ ئوبزورچىلىقى ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس  ،توغرا يەكۈننى  پىكىر قايناملىرى ۋە ۋاقىت ئىچىدىن سۈزۈۋالىمىز. ئۇ پىكىر قاينىمى شەكىللەندۈرەلىدى .نۇرغۇن ئادەمنى  مەلۇم مەسلىنى مۇلاھىزە قىلىشقا يېتەكلىيەلىدى. «ئائىلە مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » ئورۇنلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز بىلەن ئۇچۇرشىپتىمىز. يۈرۈكىنى ئالقانغا ئېلىش «دانكۇ » نىڭ ھېكايىسىدە تەسۋىرلىنەتتى. رېئاللىقىمىزغا قاراپ باقساق بىزگە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرىدىغان ، مەسلىھەت نەسىھەت قىلىدىغان كىشىلىرىمىز «دانكو » لاركەن... يەنى شۇ ئاۋۇ  قېرىندىشىمىزنىڭ پىكىرى «ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەيلى ! »

رەيھان 2014-04-21 18:27
يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇرۇشىنى ياخشىلارنى ھەقىقىي تۈردە مۇئەييەنلەشتۈپ، بولمىغۇر خاھىشلارنى ئايىماستىن كالتىكى بىلەن ئۇچۇقداپ ترۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

可爱 2014-05-26 00:20
     ;iYff N  
خەلقىمىز ئارسىدىن يالقۇن روزىدەك  سەرخىللىرىمىز كۆپەيسىكەن دەپ ئويلايمەن


查看完整版本: [-- يالقۇن روزى ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled