查看完整版本: [-- مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-06-25 18:52

مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپا

مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپا
1-)مەكتەپ مۇدىرىدا باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسى،
ئەخلاق ساپاسى ھەم رەھبەرلىك ساپاسى،شۇنداقلا يىڭىلىق يارىتىش،مۇستەقىل
پىلانلاش،ئەمەلىيەتكە چۇڭقۇر چوكىدىغان ئىزدىنىشچانلىق بولغاندىلا،مۇدىرنىڭ
ئىناۋىتى تىكلىنىدۇ،يوقلىما قىتىم سانىنى كوپەيتىش قابىلىيەتسىزلىكنىڭ بىشارىتىدۇر.
2-)ئىسلاھات روھىيغا باي،ئۇچۇر ئىگەللەشكە ماھىر،ئىلمىي يىتەكلەشكە سەزگۇر
بولۇش كىرەك.
3-)مائارىپ،ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە تەتقىقاتىغا كوڭۇل بولىدىغان،ھەم ئوزىمۇ بۇ ساھەدە داۋاملىق ئىزدىنىپ،ئاممىغا باشلامچى بولالايدىغان مۇھىت ھازىرلىغان
بولۇش زورۇردۇر.
4-)پىشقەدەملەرنى ئۇستاز تۇتىدىغان،ئىقدىدارلىقلارنىڭ ئەقىل بايلىقىدىن
پايدىلىنالايدىغان،ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئىجادىيلىققا ئىگە قىلالايدىغان،
بىلىم بايلىقى ۋە ئىقتىدارلىقلار ئامبىرىغا ھورمەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ مەكتەپ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىغا سەل قارىمايدىغان بولۇش كىرەك.
5-)مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھەپتىدە بىر كۇن مەخسۇس ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر
بىلەن سوھبەتلىشىش كۇنى بولۇش كىرەك،بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىرلىرىنى توپلاپ،مەكتەپنى تىخمۇ ئىلمىي باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىرىنچى
قول ماتىريالغا ئىگە بولالايدۇ.
6-)مەكتەپ باشقۇرۇش قائىيدە-قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدا، مەكتەپ خىزمەتلىرىنى ئامما بىلەن بار مەسلىھەت يولغا قويۇش كىرەك.ئوزىنىڭ
پىكىرىنى باشقىلارغا زورلاپ تىڭىش خىزمەت جەريانىدا پاسسىپ ئامىللارنى
كوپەيتىۋىتىدۇ..........
7-) ئوچۇق مەكتەپ باشقۇرۇش تۇزۇمىنى ئورنىتىپ،ئاتا-ئانىلارنى كۇتۇۋىلىش كۇنى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىختىيارى دەرس ئاڭلاش كۇنى تەسىس قىلىش كىرەك.

مەنبە:ئوز قەلىمىم

danix 2012-06-25 19:02
     تۇرسۇن مۇئەللىم قاراشلىرىمىزنىڭ ناھايىتى ئوخشاشلىقىدىن سۈيۈندىم !
مۇدىرلىرىمىز سىز ۋە مەن دېگەندەك ساپالارغا ئىگە بولسا ، بىز مۇئەللىملەر خۇددى سەركە نەگە ماڭسا قويلار شۇ يەرگە ماڭغاندەك ئالغا قاراپ كېتېۋەرمەسمىدۇق - ھە !

ماھى 2012-06-25 20:28
تۇرسۇن مۇئەللىم،دانىش مۇئەللىم،سىلەردەك ئىككى سەركەردىنىڭ مائارىپ ئۈچۈن ئوتتەك كۆيىۋاتقان يۈرىكى بىزدەك ياشلارنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ تۇرىدۇ.
سىلەرنىڭ مۇنبىرىمىزدە بولۇپ،مائارىپىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرىشىڭلار تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ شان-شەرىپى.
رەھمەت سىلەرگە.

koksangun 2012-06-25 21:28
بۇ ئىككى سەركىمىزنىڭ مۇنبىرىمىزدە قالدۇرغان ئاياغ ئىزلىرىدىن گۈللەر ئۈنىدۇ ، ئۇنى بىز قەدىرلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق دېيىلىۋاتقان مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىمىز.
ھەقىقەتەن مائارىپتا باشقۇرغۇچى قانداق ئىدىيىدە بولسا ئەۋلادلار شۇ يۆنىلىش بىلەن تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ ، شۇڭا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەقىللىق ، سەۋىيىلىك ، زىرەك ۋە سەزگۈر ، كەڭ قۇرساق ۋە تەدبىرلىك بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز .

tursun 2012-06-25 22:23
دانىش،ئاقگۇل ۋە كوكسانغۇنلارغا ئالىي ئىھتىرام! بىز تەقدىرىمىزنى «ئەشۇ بىر
تۇركۇم مەكتەپ مۇدىر»لىرىغا باغلاپ قويمايلى،ئۇلار بىز ئۇچۇن،مىللەتنىڭ
تەقدىرى ئۇچۇن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدۇ،پەقەت بىز ئىچىمىزنى ئاچچىق
قىلىۋالىمىز،تەقدىر-ھەر بىر ئىنساننىڭ بىرجۇپ چىۋەر قولىدا، بىز پەقەت ئۇلارغا
ئويلىغانلىرىمىزنىلا سوزلەپ قويىمىز،ئەمما ئۇلار شەيتان مۇزىكىسىغا ئوز
ئۇسۇلىنى ئويناپ كىتىۋىرىدۇ.مائارىپنى باشقۇرغۇچىلاردا ئازراپ بولسىمۇ
«مائارىپ ئۇچۇن،كەلگۇسى ئۇچۇن،مىللەت ئۇچۇن»دەيدىغان ئىسىل روھ
بولسىدى،ئەلۋەتتە ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سىپىدە ئۇنتىنسىز توھپە قوشۇۋاتقان
توھپىكارلارنىڭ ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشقان بولاتتى،
  شۇنداقتىمۇ«بالا يىغلىمىسا،ئانا بالىنى ئىمىتمەيدۇ »ئەمەسمۇ؟ يىغلاپ تۇرايلى،
مۇدىرلارمۇ ئويغىنىپ قالار.....!

kok-sultan 2012-06-26 13:54
مائارىپ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مىللىي مائارىپنى ھالاكەتتىن ساقلايدىغان ئاقىلانە تەدبىر.

tursun 2012-06-28 13:05
توردىشىم كوكسۇلتان توغرا ئىيتىدۇ. ئوزلىرىگە ئالىي تەشەككۇر!   

tursun 2012-09-11 15:27
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۇنىدىن 5-كۇنىگىچە زوڭلى ۋىن جىئاباۋ شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى كوزدىن كەچۇرۇپ بولۇپ،بەرگەن دوكلاتىدا:«مائارىپنى-مائارىپنى
چۇشىنىدىغان پىداگوكلار باشقۇرىشى تولىمۇ زورۇر.....»دەپ قاتتىق جىكىلىدى.
بۇ -ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا مىللى مائارىپنىڭ تەرەققىياتى يەنە بىر باھارغا
ئىرىشكەندەك جانلىنىپ كەتكەن بولاتتى...!     

ياسىنجان510 2014-03-17 22:50
ئارسلانلار ئىتلارغا باشلىق بولسا،ئىتلار ئارسلانلارغا ئايلىنىدۇ. ئىتلار ئارسلانلارغا باشلىق بولسا ،ئارسلانلار ئىتلارغا ئايلىنىدۇ.  ئەمەسمۇ.

ئەلدىيار 2014-03-17 23:10
مەكتەپ مۇدىرى ئەمەل سۈرى بىلەن ئەمەس بەلكى قەلب سۈرى بىلەن باشقۇرۇشقا ماھىر بولسا ھەممە ئىشلار يۈرۈشۈپ كىتەمدىكىن دەيمەن.

ئەلدىيار 2014-03-17 23:12
بولسا سىنىپ مۇدىرى توغرىسىدىمۇ تېما يوللاپ قويسىڭىز ،رەھمەت!


查看完整版本: [-- مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled