查看完整版本: [-- تاپشۇرۇق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> تاپشۇرۇق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2012-06-25 12:47

تاپشۇرۇق

تاپشۇرۇق H| IG"JB  
مەكتىۋىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ  قولىغا تارقىتىدىغان كۆرسەتكۈچ ئادەتتە ئاتا – ئانىلارغا تەتىللىك ئۇقتۇرۇش سۆزى ، نەتىجە گىرافىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق باھالىنىشى قاتارلىق مەزمونلارغا قۇشۇپ ، ھەر قايسى پەنلەردىكى تەتىللىك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش قىسقىچە قىلىپ يېزىلىدۇ. 7 – يىللىق قوش تىل سىنىپلىرىغا تىل – ئەدەبىياتتىن ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقنى يوللاپ قويغۇم كەلدى . باشقا ئورۇنلاردىكى كەسىپداشلىرىمىز قانداق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇردى بولسا سۇنۇپ باقساڭلار ! ھەمكارلىق ياشىسۇن! _UA|0a!-  
'ln o#  
يىللىق قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ تىل – ئەدەبىيات تەتىللىك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىلىشى7       lu?:1V-  
1. 7- يىللىق 2- قىسىمدا ئۆگىنىپ ئۆتكەن مەزمونلارنى يانداش مەشق ۋە مۇناسىۋەتلىك پايدىلانمىلارغا بىرلەشتۈرۈپ قايتا كۆرۈش .( ئوقۇش باشلانغاندا بىر تۇتاش سىناق ئېلىنىدۇ ) 1I awi?73  
2. 8- يىللىق بىرنچى قىسىم تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئالدىنقى ئىككى بۆلەك مەزموندىكى تېكستلەرنى ئوقۇپ ئۆگىنىش تەسىراتى يېزىش .  6oI/*`>  
3.بۇ مەۋسۈمدە ئۆگىنىپ ئۆتكەن  مەزمونلار ياكى قىزىقىشىغا ئاساسەن بەش پارچە گېزىت ئىشلەش. s f.z(o  
4.ئىككى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئۆگەنگەن تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى شېئىرلاردىن تاللاپ بەش پارچىنى يادلاپ كېلىش. 1% C EUE  
5. يېزىقچىلىق تەلىۋى.1) ئۆزىڭىز مۇستەقىل مەلۇم خىل تاماقنى ئېتىپ (بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىش ئاساسىدا ) تاماق ئېتىش جەريانىنى تۇنۇشتۇرۇڭ ، قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدىڭىز؟ B]NcY&A  
2) ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ياكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭىزنىڭ ئائىيلىدىكى  (ئېتىز – ئېرىق ) ئىشلىرىغا ياردەملىشىڭ  ،قانداق ئىشنى قىلدىڭىز تۇنۇشتۇرۇڭ ۋە تەسىراتىڭىزنى يېزىڭ .(ساياھەت خاتىرسى بولسىمۇ بولىدۇ ) ;.Ld6JRunw  
3) كۈننىڭ چىقىۋاتقان ۋاقتىنى كۈزىتىپ  تەسۋىرلەڭ ۋە ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ . !x:{"  
4) روزى ھېيتتا نېمە ئىشلارنى ئۇچۇراتتىڭىز؟ تەسىرلەنگەن تەرەپلەر؟ سىزچە ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزسە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ ؟ ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ ! &Z3%UOY  
(يۇقارقى ماتىرياللارغا ئاساسەن ماۋزو قۇيۇپ ، مەلۇم ژانىردا  4 پارچە ئەسەر  يېزىڭ  ،ژانىر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنسۇن ) hJ]Oa7r  
ئەسكەرتىش؛ سىز دەملىش قىلىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ چۇقۇم دەمىلىشى ناتايىن، ئۇيۇن ئىچىدىن  ئۆگىنىشكە بىر كىشلىك ئورۇن ئېلىپ قۇيۇڭ . :* &c'  
dt@c,McN|Q  
  *|g[Mn  
 |@'O3KA  
ە

gulhan 2012-06-25 16:15
ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان تاپشۇرۇق ئىكەن. مىنىڭ ئۇزچاق ئىشلىگەن مەكتەپ تۈزىمىگە ھەۋىسىم كىلۋاتىدۇ.بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئىچىپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت. T8z?_ *k  
ئۇزچاق، ھەر بىر ئىشتا بىزگە ئۈلگە بولۇپ كىلۋاتىسىز . مۇنبەردىكى ھەر بىر قەدىمىڭىزگە تەشنا بىز. ?$109wZ:9  
  بىزدە پەقەتلا تەتىللىك قولىغا تارقىتىدىغان كۆرسەتكۈچ ئادەتتە ئاتا – ئانىلارغا تەتىللىك ئۇقتۇرۇش سۆزى ، نەتىجە گىرافىكى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. نەدىمۇ سېستىملىق تاپشۇرۇق بېرىدىغان ئىش بولسۇن. ئوقۇتقۇچىلاردىن مەسئولىيەتچانلىرى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىيالىغا تاپشۇرۇق دىگەن سۆز كىرىپمۇ چىقمايدۇ. ھەي ئادەم دىگەندە  تۈزۈمگە قارىتا تىتىلىش بولىدىغان ئوخشايدۇ. e9h@G#  
q%d G>!  
مەن ئۆزەم دەرسكە كىرۋاتقان ئىككى سىنىپقا ئاددىي قىلىپ تۈۋەندىكىدەك تاپشۇرۇق بەردىم: 43AzNXWF8  
1. ھەر ھەپتىدىكى تىلۋىزىيە پىروگگىراممىلىرى ئىچىدىكى « بىر كىتاب بىر ئالەم » دىگەن پىروگىراممىنى كۆرۈپ ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇش. EYq?NL='  
2. « بالدۇر ئۇيغانغان ئادەم»، « نەمەت خەلپەت»... قاتارلىق كىتابلاردىن بىرىنى ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرۇش. E:pk'G0bZ  
3.ئۈتۈلۈپ بولغان ئۇيغۇر تىلى بىلىمى، ئەدبىيات نەزىريەسىنى يادلاش. ( بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا يازدۇرۇپ ماڭغان) (كەلگەندە چۇقۇم ۋاقىت چىقىرىپ يادلىتىش ئىلىپ بېرىلىدۇ.) v 
4. ئەھمىيەتلىك ئۈتكەن تەتىل كۈنلىرىم تېممىسىدا بىر پارچە بايان ماقالىسى يېزىپ كىلىش.

koksangun 2012-06-25 21:35
ئۇقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرغاندا يەنە بالىلارنىڭ پائاىلىيىتى جەريانىدا ئالىدىغان ھۇسۇلىغا يانداشقان ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقى يۇقىرى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ زۆرۈر . CjQO5  
يەنە بىر جەھەتتىن بالىلارغا تەتىلدە زىيادە كۆپ تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇشمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ . | ;tH?E  
تاپشۇرۇق بەرگەنكەن تەتىل يىغىلغاندا ئۇنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى چۇقۇم تەكشۈرۈش زۆرۈر ، ئۇنداق بولمايدىكەن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ قىلچىلىك قىممىتى بولمايدۇ دەپ قارايمەن . l76=6Vtb  
يۇقىرىدا ئىككى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم . كەڭ تەۋپىقداشلارمۇ بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتسە ، كەڭ تەۋپىقداشلار ئۈلگە ئالسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى ...

danix 2012-06-26 12:14
     بىزنىڭ تۇرپاندا يازلىق تەتىل مەزگىلىدە تېمپىراتۇرا 42 گىرادۇستىن   [?]N GTr#  
يۇقۇرى بولىدۇ . كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تا ئولتۇرغانغا قەدەر Y 6a`{'  
شۇنداق ئىسسىق بولىدۇ . كەچقۇرۇنلۇقى شۇنداق تىنجىق ، پاشا چىقىپ ئارام بەرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە روزى رەمزان كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى روزا تۇتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ |+c z\+  
ئائىلە ئىشلىرىنى كۆپرەك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ . بۇنى ئاز دېگەندەك )PYPlSQ*V  
يازلىق تەتىل مەزگىلىدە تۇرپانلىقلار  ئۈزۈم ئۈزۈش بىلەن تازا ئالدىراش V3,C5KKk&z  
بولىدۇ ، ئۆزلىرى يېتىشىپ بولالماي ، پۇل خەجلەپ ئىشلەمچى ئىشلىتىدۇ . مۇشۇنداق شارائىتتا كۆكسانغۇن ئېيتقاندەك تاپشۇرۇق بەك كۆپ WIWo4[(  
ئورۇنلاشتۇرسا ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بېسىمى بەك ئېشىپ كېتىدۇ ، B:zx 9  
دەپ قاراپ ، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى مەسلىھەتلىشىپ ،  exWQ~&  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقارقىدەك شارائىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ، ئۇلارغا '/GB8L  
تولا بېسىم بولۇپ كەتمىگۈدەك تاپشۇرۇق بېرىمىز . ^gVQ6=z%  
     مەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچكە ئايرىپ تاپشۇرۇق بەردىم : <:-4GJH=  
1. ئۈزۈم تېلى كۆپ ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا << ئۈزۈم تېلىنى يېتىشتۈرۈش M^ * ~?9  
ۋە سۈپەتلىك ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش >> دېگەن تېمىدا چۈشەندۈرۈش | .+P ;g  
ماقالىسى يېزىپ كېلىش . |QS|\8g{0V  
2 . ئۈزۈم تېلى ئاز ياكى يوق ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار << روزا ھېيتنىڭ C b'|  
كېلىپ چىقىشى ۋە روزى ھېيتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا >> دېگەن تېمىدا Q & /5B  
چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يېزىپ كېلىش . p;4FZ$  
3 . باشلانغۇچنى خەنزۇ مەكتىپىدە ئوقۇغان ياكى <<خەت سۈپىتى ;)ay uS sQ  
تەلەپكە لايىق ئەمەسكەن >> دەپ باھالانغان ئوقۇغۇچىلار uP4yJ/ ]  
دەرسلىك كىتابىمىزنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت MA:5'n  
بىلىملەرنى ئىملاسى توغرا ، چىرايلىق قىلىپ كۆچۈرۈپ كېلىش .

ozqan 2012-06-29 21:43
ئۇزچاق : ھارمىغايسىز ... C!VhVOy>d  
تەتىل تاپشۇرۇقلىرى بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ . LjI`$r.B  
بولۇپمۇ ، بەش پارچە گېزىت ئشىلەش ، بەش پارچە شېئىر يادلاش ، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىنى ئەمەلىي تاپشۇرۇق ئارقىلىق تەكشۈرۈش بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ...

ozqan 2012-06-29 21:45
گۈلخاننىڭ 1 -تاپشۇرقى بىلەن دانىش مۇئەللىمنىڭ 3-تاپشۇرقىمۇ ماڭا بەك ياقتى . . . ئىزدىنىشلىرىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...

tawpek 2012-06-29 23:17
مەن نىمە دەي؟ يەنىلا سىلەرگە سىلىشتۇرۇپ باقاي، بىزدىن ئىبرەت ئىلىپ تىخىمۇ تىرىشىپ كەتسەڭلا ئەجەپ ئەمەس. 4q}+8F`0F  
uX_H;,n  
1.بىزدە كۆرسەتكۈچ بار، تارقىتىدۇ يىغمايدۇ. yw^Pok5.  
2.سىلەرنىڭ تاپشۇرۇق بەك ئاددىيكەن، بىزگە يازلىق تەتىل تاپشۇرۇقى تۈپ سان بويچە كىلىدۇ، ھەربىر ئوقوغۇچىنى 40-50 كويلۇق قەرىز قىلىۋىتىمىز، دەپتەرنى سىتىپ پۇلىنى 4-5 ئايدا يىغىۋالالىغىنىمىزغا خوش بولوپ تاسلا قالىمىز <<دەپتەر ئالساڭ گەپ يوق، ئالمىغانلارغا تەتىل تاپشۇرۇقى بىرىمەن >>دەپ قورقۇتۇپ دەپتەر ساتقىلى. '`>%RZ]  
دەپتەرنى ئىشلەي دىسە دەرىسلىك كىتاپنى يىغىۋالغاچ قىينىلىدۇ.دەپتەر ساتقان كۈننىڭ ئەتىسى ئەخلەتلىك شۇ دەپتەر بىلەن توشىدۇ.ھەتتا چىڭراق تۇرمىغان ئوقوتقۇچىنىڭ ئۈستىلى ياندۇرۇپ ئاچىققان دەپتەر بىلەن. J p'^!  
d GUP|O  
ئالدىنقى يىلىمۇ ئالدىمغا ئىتىلغان دەپتەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جىدەللىشىپ ساخچىغا بىرىپ قالغىلى تاسلا قالغانتىم. gR Lt0&Q~  
3. ئەڭ چوڭ تاپشۇرۇق تەتىلدە دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق، ھەرجۈمە مەكتەپكە كىلىپ ئىدىيۋى ئەھۋالىدىن دوكىلات بىرىش.قەتئى سىرىتقا چىقماسلىق. (i~UH04r>s  
nBy-/BU&  
تاپشۇرۇق بەرسەكمۇ ئىشلەيدىغانلار بىر سىنىپتىن 5 ياكى 10.چۈنكى بۇيەردە ئىشلەيمەنلا دىسە بىر ئوقوغۇچىنىڭ بىر كۈنلۈك گۈل چاي ئۈزۈش باھاسى 100 كويدىن يۇقىرى ، شۇڭىمۇ مەكتەپتە تۈزۈك ئوقوغۇچى يوق.

murasileli 2012-10-12 21:17
ئىزدىنىشلىرىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن                

saba2 2013-12-27 23:37
تاتىللىك تاپشۇرۇق بېرىش توغرىسىدا خېلى زور ئۈنۈمگە ئىگە بولدۇم. رەخمەت . بۇ توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىشىپ باقساق بولغىدەك .

ياسىنجان510 2014-01-21 14:28
بۇ تاپشۇرۇق ياخشى لايىھىلىنىپتۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- تاپشۇرۇق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled