查看完整版本: [-- مېڭىگەپايدىلىق يېمەكلىكلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> مېڭىگەپايدىلىق يېمەكلىكلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

turan69 2010-10-16 12:37

مېڭىگەپايدىلىق يېمەكلىكلەر

 

1. سۈت: تەركىبىدە كالتسىي، ئاقسىل ۋە چوڭ مېڭىگە زۆرۈر بولغان ۋىتامىن ئامىنو كىسلاتاسى مول. چوڭ مېڭە چارچاپ، ئۇيقۇسىكەلمىگەندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىپ، ئۇيقۇكەلتۈرۈشكە پايدىلىق.
      2. تۇخۇم: تەركىبىدە ئاقسىل ناھايىتى مول. ئادەتتىكى كۈندە بىر تال تۇخۇم يېيىش مۇۋاپىق. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر كۈندە ئىككى تال تۇخۇم يېسە بولىدۇ. بالىلارغا كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم يېگۈزسە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى تۇخۇم تەركىبىدىكى، بولۇپمۇسېرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرىدۇ.
      3. بېلىق: چوڭ مېڭىنى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتسىي بىلەن تەمىنلەيدۇ. بېلىق تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مېڭە قان تومۇرىنىقوغداپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
      4. خاسىڭ: تەركىبىدە لېتسىتىن مول بولۇپ، مېڭە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىكۈچەيتىش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە.
      5. تېرىق: تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2 ناھايىتى مول بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە.
      6. قوناق: تەركىبىدە كۆپ خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، مېڭەقان تومۇرلارنى ئاسراش، قان يېغىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. ئۇندىن باشقا، يەنەقوناق تەركىبىدىكى گلۇتامىن كىسلاتاسى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنىئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
      7. چىچەكسەي: نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، غەمكىنلىكنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، چىچەكسەينى خام يېيىشكە بولمايدۇ.
      8. مۇچ: تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن A، كاروتىن قاتارلىقلار مول، مۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ئىشقارى ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، مېڭە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
      9. پالەك: تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2 بار بولۇپ، مېڭەھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.
      10. ئاپېلسىن ۋە لىمون: تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئىشقارلىقمېۋە ھېسابلىنىدۇ. بۇ مېۋىلەر كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان زىيىنىنى تۈگىتىپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتىدۇ.
      11. ئاناناس: تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە مانگان مول بولۇپ، كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە.
      12. سەۋزە: تەركىبىدىكى كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىياىشىلايدۇ.
      13. ئامۇت: ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
      14. كاللەكبەسەي: تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭچارچىشىنى تۈگىتىدۇ.
      15. سويا پۇرچاق: تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە.
      16. قېرىنقۇلاق: تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، پولىساخارىد، مېنېرال ماددا ۋە ۋىتامىنلار مول بولۇپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ.
      17 ئۆرۈك: تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C مول بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

qartikin 2010-10-16 12:51
رەھمەت بىلىۋالدىم.

tawpek 2010-10-17 20:50
ئەجەپ ھەممىسى يەپ كىلىۋاتقان يىمەكلىكلەركەن يەنە نىمىشقا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم تۆۋەندۇ؟

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 08:22
مەنمۇ بىلىۋالدىم . تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- مېڭىگەپايدىلىق يېمەكلىكلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled