تۇرمۇشتا بەزى ئىشلاردىن قورۇقماڭ
تۇرمۇشتا بەزى ئىشلاردىن قورقماڭ
مۇنەۋۋەر ئوبۇل ھەسەن كىشىلىك تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتمۇ ،مۇۋەپپىقىيەتمۇ ،ئامەتمۇ،ئاپەتمۇ تەڭلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ .شۇڭا ،مەسلىلەرگە .چوقۇم بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك . ئەڭ ئاۋۋال ،ھەر قانداق ئىشتا مەغلۇپ بولۇشتىن قورۇقماڭ چۈنكى ،مەغلۇبىيەت -غەلبىنىڭ ئانىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن قورۇقماڭ.چۈنكى بۇنىڭدا سىز باشقىلارنى توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بوللالايسىز تۇرمۇشتىكى ئالدامچىلاردىن قورۇقماڭ.چۈنكى .ئۇلار بولغاچ سىز،بىز تېخىمۇ ھۇشيار بولالايمىز يالغۇز قېلىشتىن قورۇقماڭ،چۈنكى،جىمجىت مۇھىت چارچىغان نېرۋىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ ،سىزنى تەپەككۇر دۇنياسىغا باشلاپ كىرشى مۇمكىن يامان ئادەملەردىن قورۇقماڭ .يامانلار بولغاچ سىز كىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى ئاسانلام بىلەلەيسىز پۇلسىز قېلىشتىن قورۇقماڭ . چۈنكى ئىرادىڭىزنى ئەڭ ياخشى تاۋلايدىغان پۇرسەت دەل شۇ سۆيگىنىڭىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كېتىشىدىن قورۇقماڭ . چۇنكى ،‹‹بۇ جىنىم ئامان بولسا ،ھەرجايدا مىنىڭ يارىم دەيدىغان ناخشا بار ئەمەسمۇ ؟ باشقىلارنىڭ سىز ئۈمۈد قىلغاندەك ،كۆڭلىڭىزدېكىدەك ئادەم بولماي قېلىشىدىن قورۇقماڭ .چۈنكى ،سىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ئۈمۈد قىلغىنىدەك ئادەم بولۇپ كېتىشىڭىز ناتايىن باشلىقىڭىزنىڭ تەنقىدلىشىدىن قورۇقماڭ. چۈنكى ،ئىنسان بەزىدە باسما قۇدۇققا ئوخشىشىپ قالىدۇ،باسمىسا قۇدۇقتىن سۇچىقمىغىنىدەك ،تەنقىدمۇبەزىدە بىسىم رولىنى ئويناپ سىزنىڭ تېخىمۇ ئالغا بېسىشىڭىزغا تۈرۈتكە بولىشى مۇمكىن پەرزەنتىڭىزنىڭ ئويناپ ئۆينى قالايمىقان قىلېۋېتىشىدىن قورۇقماڭ چۈنكى،بالىلىق دەۋىر بەك قىسقا ؛ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ تۈگىتەلمەسلىكتىن قورۇقماڭ چۈنكى،ئۆي ئىشلىرىنى مەڭگۈ قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىن قورۇقماڭ،پەقەت ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرەلمىگەنلىگىدىن ئەپسۇسلىنىپ قويۇڭ ؛تۇرمۇشتا بەىىتسىزلىكتىن قورۇقماڭ چۈنكى،بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىدا ئەتە ساقلاپ تۇرغىنىدەك،بەخىتسىزلىك تۇمانلىرى تارقىلىشىغىلابەخىت غۇنچىڭىز ئېچىلىشى مۇمكىن.باشقىلارنىڭ سىزگە ئىچې تارلىق قىلىشىدىن قورۇقماڭ پەقەت سىز كەڭ قوساق بولسىڭىزلا ،ئۇھىچ گەپ ئەمەس ئىمتاھانلاردىن ئۆتەلمەسلىكتىن قورۇقماڭ بىلىمىڭىزنىڭ ،تەييارلىقىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز ئەمەسنۇ؟!چىرايىڭىزغا قورۇق چۈشۈشتىن قورۇقماڭ،ئۇــــ يىللار سوغىسى؛يۈزىڭىزگە قورۇق چۈشسە چۈشسۇنكى ،قەلبىڭىزگە چۈشمىسۇن. قېرىشتىن،ئۆلۈپ كېتىشتىن قورۇقماڭ چۈنكى قىرىلىق ئۆلۈم تەبىئې قانۇنىيەت ،پەقەت ھەممىمىزگە بالدۇرــ كېيىنلىك پەرقىلا بار،خالاس
قىسقىسى،ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ. ئەندىشە،قورقۇنۇچ قەلبىڭىزنى ئىگەللىۋالمىسۇن. جۇڭگۇ مىللەتلىرى 2009-يىللىق 5-سانىدىن ياقتۇرۇپ ئەۋەتتىم |