turan69 |
2010-10-16 12:34 |
ھەر خىل مۇراببالار ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى
مۇراببالارنىڭ ئالاھىدىلىكى : 1. مۇرابباللار داۋايى غىزا تۈرىدىكى دورا بولۇپ ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ، ساغلاملىقنى كۈچەيتىش تەسىرى ياخشى ، شۇڭا مۇراببالار يەنە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ .
2. مۇراببالار قۇۋۋەتلىك ، تەمى تاتلىق بولۇپ ، ھەر قانداق ياشتىكىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا قولايلىق .
3 . مۇراببالارغا قوشۇلىدىغان تەم تەڭشىگۈچنىڭ مىقدارى كۆپ ياكى قىيامى كۈچلۈكرەك قىلىنغاچقا ، تۇراقلىقى يۇقىرى ، مەلۇم مەزگىل ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئادەتتە ياخشى تەييارلاپ ، قاچىلاپ ساقلانسا ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ . مۇراببا تەييارلاش ئۇسۇلى
ھەر خىل ھۆل ، قۇرۇق مىۋە - چىۋىلەر ياكى دورىلارنى ساپلاشتۇرۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن بىر ھەسسە مىۋە ياكى دورىغا ئىككى ياكى ئككى يېرىم ھەسسە ئەتراپىدا سۇ قۇيۇپ ئېزىلىپ كەتمىگۈدەك ھالدا قاينىتىپ ، ئاندىن مىۋىنى ياكى دورىنى سۈزۈۋېلىپ سۈيىگە بىر ئىككى ھەسسە شىكەرنى سېلىپ قىيامى تەييار بولغاندا پىشۇرۇلغان مىۋە ياكى دورىنى قىيامغا سېلىپ قاينىتىپ ، قىيامى ئۆلچەمگە يەتكەندە ئوتنى توختىتىپ تەييارلىنىدۇ .
مۇراببا تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1 . مۇراببالارنى ئىمكانقەدەر مىۋە ھۆل ۋاقتىدا تەييارلاش كېرەك . ئەگەر مىۋە قۇرۇق بولسا ، ئالدى بىلەن مىۋىنى سۇغۇق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ ، ئاندىن شىكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلاش كېرەك . 2. مۇراببالارنىڭ قىيامىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم . سۈيى كۆپ ، قىيامى بوش بولۇپ قالسا ، قاچىلىنىدىغان قاچىلار قۇرۇق ، پاكىز بولمىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ . شۇڭا يۇقىرىقىلارغا دىققەت قىلىش لازىم . 3. مۇراببالارغا ئامال بار چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى قۇشۇمچىلارنى سالماسلىق لازىم . 4. ئەگەر مۇراببانىڭ قىيامى بوش بولۇپ قالسا ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆكىرىپ ، پاختىلىشىپ ، غەيرى پۇراق ۋە تەم پەيدا بولغان بولسا ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۈستىدىكى پاختىلاشقان نەرسىلەرنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، بىر ئاز شىكەر سېلىپ قاينىتىپ تەييارلاش كىرەك . 5 . مۇراببالارنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ئوتتىن چۈشۈرۈپ ، ئاغزىنى ئۇچۇق قۇيۇپ سۇۋۇتۇپ ، ئاندىن سىرلىق ، قۇرۇق قاچىلارغا قاچىلاپ ساقلاش كىرەك . ئىشلىتىدىغان چاغدا قۇرۇق ياغاچ قۇشۇق سېلىپ ئىشلىتىش لازىم . 6 . مۇراببالارنى ئىستىمال قىلىشتا نان بىلەن ئەھۋالغا قاراپ خالىغان ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ .
ئالما مۇرابباسى
تەركىبى : تاتلىق پىشقان ئالما 3 كىلوگىرام ، شىكەر ئىككى كىلوگرام . ياساش ئۇسۇلى : ئالمىنى ئاقلاپ ، توغراپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، دورا يۇمشىغاندا شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : ھەزىمنى ياخشىلاش ، يۈرەكنى كۈچەيتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ھۆ بولۇش ، يۈرەك ئاجىزلىقى ، سەپرادىن بولغان ب اش ئاغرىقى ۋە ئىشتىھاسىزلىققا ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
ئەنجۈر مۇرابباسى
تەركىبى : ھۆل ئەنجۈر 20 دانە ، شىكەر بىر كلوگرام . ياساش ئۇسۇلى : ئەنجۈرنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبئىتى : ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : تەبىئەتنى يۇمشىتىش ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، سەمرىتىش ، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلاش ، ئۇرۇقلاش ، ئىشتىھە تۇتۇلۇش ، ، قان كەملىك ، قەۋزىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم 10 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
بادام مۇرابباسى
تەركىبى : پوستى ئاقلانغان بادام مېغىزى 250 گرام ، ھەسەل 750 گرام . ياساش ئۇسۇلى : بادام مېغىزىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا چەككىلەنگەن ھەسەلنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : يۆتەل توختىتىش ، بەلغەم بوشىتىش ، تىنچلاندۇرۇش ، نىرۋىنى قۇۋۋەتلەش ، مىڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش ، ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : يۆتەل ، بىرۋا ئاجىزلىق ، ئۇنتۇغاقلىق ، مىڭىەە قۇرۇقلۇق يىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10-20 گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ .
بەھمەن مۇرابباسى
ئاق بەھمەن 560 گرام ، شىكەر 1100 گرام . ياساش ئۇسۇلى : بەھمەننى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : مەنىي كۆپەيتىش ، باھ ، ئاشقازان ۋە مىڭىنى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر: باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ، سۈت ۋە مەنىي ئازلىق ، نىرۋا كىسەللىكلىرېگە ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
بىھى مۇرابباسى
تەركىبى : تاتلىق بىھى كلوگرام ، شىكەر 2 كىلوگرام . ياساش ئۇسۇلى : بىھىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى : ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، ھۆنى پەسەيتىش خۇسھۇسىيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : ئاشقازان ئاجىزلىقى ،سەپرادىن بولغان كۆڭۈل ئاينىش ، جىگەر ئاجىزلىقى ، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
خورما مۇرابباسى
تەركىبى : خورما 600گرام ، كالا سۈتى 200مىللىمىتىر ، لاچىندانە 10 گرام ، شىكەر 360 گرام ، كالا يېغى 30 گرام . ياساش ئۇسۇلى : خورمىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر سېلىپ قىيام قىلىپ ، ئاندىن كالا سۈتى ، كالا يېغى ، لاچىندانە قاتارلىقلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : باھنى قۇۋۋەتلەش ، ئىشتىھانى ئېچىش ، تاماق سىڭدۈرۈش خۇسۇسيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ھەزىم ناچارلىشىش ، بەدەن ئاجىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
زەنجىۋىل مۇرابباسى تەركىبى : ھۆل زەنجىۋىل 100گرام ، شىكەر 200گرام ، ناۋات 100گرام . ياساش ئۇسۇلى : دورىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، دورا يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن ناۋاتنى سېلىپ قيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : باھنى قۇۋۋەتلەش ، چاچ ئۆستۈرۈش ، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىق ، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ، ئىشتىھاسىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
سەۋزە مۇرابباسى (1) تەركىبى : سەۋزە___________ 10 گرام دارچىن ___________ 5 گرام شىكەر __________ 500گرام خولىنجان__________ 5 گرام زەنجىۋىل _______ 5 گرام زەپەر_____________ 5گرام قاقىلە __________ 5 گرام ئەنبەر ____________ 2 گرام جۇيۇز __________ 5 گرام قىزىلگۈل __________ 10 گرام قەلەمپۇر ________________________________________ 5 گرام
ياساش ئۇسۇلى : دورىلارنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، دورا يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ ، ئاندىن زەپەر ، ئەنبەرلەرنى ئايرىم - ئايرىم سالايە قىلىپ ، ئاۋۋال سالايە قىلىنغان دورىلارنى ، ئاندىن باشقا دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، خۇشلۇق يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ، ئۇرۇقلاپ كىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
سەۋزە مۇرابباسى (2)
سەۋزە 3 كىلوگرام شىكەر 4 كىلوگرام ياساش ئۇسۇلى : سەۋزىنى پاكىز ئادالاپ ، قايناق سۇ قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ، ئۇرۇقلاش ، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
شاقاقۇل مۇرابباسى تەركىبى : شاقاقۇل مىسرى .............500گرام ، شىكەر 1500گرام . ياساش ئۇسۇلى : شاقاقۇلنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق . خۇسۇسىيىتى : باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسيىتىگە ئىگە . ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. مەنبە: 80 خالتا بلوگى پايدىلانغان مەنبە : ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار خەزىنىسى
|
|