查看完整版本: [-- ئەرلەر بۆرەكنى ئاسىراشنى كىچىكىدىن ئادەت قىلىش كىرەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئەرلەر بۆرەكنى ئاسىراشنى كىچىكىدىن ئادەت قىلىش كىرەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

turan69 2010-10-16 12:12

ئەرلەر بۆرەكنى ئاسىراشنى كىچىكىدىن ئادەت قىلىش كىرەك

ئەرلەرنىڭ بۆرىكى يۈرەككە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ھەرخىل دورىلار ئارقىلىق بۆرىكىنى ئاسىراۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئەرلەر ئۈزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يىمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق سەۋەبىدىن ئۈزىنىڭ بۆرىكىگە زىيانكەشلىك قىلۋاتقانلىقىغا ئانچە دىقەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا سىز بۆرىكىڭىزنى ئاسىرىشىڭىزدا چۇقۇم يىمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇمۇش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزدىن باشلشىڭىز كىرەك .
1. پىۋا ئىچىشكە ئامراق بۇلۇش
بۆرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ، كۆپ مىقتاردا پىۋا ئىچكەندە ،چۆكمە پەيدا قىلىش ، ھەتتا بۆرەك كىچىك تۇمۇرلىرى تۇسۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى ؛ ئەگەر قاننى تەكشۈرتكەندە بۆرەكتە مەسلە بارلىقى بايقالسا ،بۇ بۆرەكتىكى مەسلىنىڭ يەڭگىل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۆرەكتىكى كىسەللىكنى بىلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرتىشتىن باشقا يەنە قەرەللىك ھالدا سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك ،سۈيدۈك تەكشۈرتۈش بۆرەكنى تەكشۈرتۈشتىكى ئەڭ ئاددى،ئەڭ تىز ئۇسۇلدۇر.
2.سۇ ئىچىشكە ئادەتلەنمەسلىك (تازىلانغان سۇ ياكى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ)
كۆپلىگەن ئەرلەر سۇ ئىچىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ ، ھەتتا سۇنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەنلىكتىن ناھايتى ئاسانلا كىسەلگە گىرىپتار بۇلىدۇ.بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كىرىكسىز نەرسىلەرنى ئاساسلىقى جىگەر ۋە بۆرەك تازلاپ بىرتەرەپ قىلىدۇ. ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1%گە توغرا كىلىدىغان بۆرەك پۈتۈن بەدەندىكى يۈرەكتىن كەلگەن قاننىڭ تۆتتىن بىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ھەر مىنۇتىغا 1لىتىردىن 2لىتىرغىچە قان بۆرەكتىن ئېقىپ ئۈتىدۇ ، شۇڭا بۆرەكنىڭ بەدەندىكى كىرەكسىز نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىشى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا كۆپ بۇلىدۇ.بۆرەكنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقتارىنى تەڭشەش ۋە قاندىكى كىرەكسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ سۈيدۈك خالتىسىغا چىقىرىش ، ئەمما بۆرەك مۇشۇنداق مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغاندا كۆپ مىقتاردا سۇ تۇلۇقلاشقا مۇھتاج بۇلىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆپ سۇ ئىچىشكە ئادەتلىنىپ بۆرەكنى چايقاپ تۇرۇش ، سۈيدۈكنىڭ تىزراق چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،بۆرەكتە تاش بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .
3.كالى تەركىبى مول بولغان سەي -كۆكتات ،مىۋە يىمەسلىكى كىرەك
كۆكتات ۋە مىۋە يىيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق ،بۇ ئۇقۇمنى ئادەتتىكى كىشلەرمۇ بىلىدۇ .ئەمما ئاستا خاراكتىرلىق بۆرەك ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشلەر دائىم سەي -كۆكتات ،مىۋىلەردە تەبى ھالدا قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بىردىغان كالى مىقتارى بار دەپ قارىشىدۇ. كالىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا ئەكسىنچە بۆرەك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .بۆرەك ئىقتىدارى ناچار كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ،كالىنى ئىستىمال قىلىش بۆرەك ئىقتىدارىغا بەك زىيانلىقتۇر.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:ئاستا خاراكتىرلىق بۆرەك ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان كىشلەر سەي -كۆكتات ،مىۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ ، بۆرىكىنى زىيانغا ئۇچۇرتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .كالىمىقتارى زور بولغان مىۋە ، سەي كۆكتاتلارنىيىمەسلىك ،يىسىمۇ ئاز ئىستىمال قىلىش.بەك قۇيۇق مىۋە شەربىتىنى ئىچمەسلىك، خوگو يىمەسلىك ، سەي شورپىسى ئىچمەسلىك .ئىچىملىك ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك
مەنبە:80خالتا بىلوگى

tawpek 2010-10-17 22:43
1-2-   تۈر شەرىتسىز نورمالكەن مەندە،

لىكىن 3- تۈر ئىغىركەنغۇ ، ۋىتامىن تولوقلاش بىلەنلا بوپ كەتسەك بۆرەكتىن ئايرىلىپ قالامدۇق نىمە؟!

بۆرەك يۈرەكتىن مۇھىم بوپ كەتكەن مۇشۇ زاماندا ھەممەيلەن ئوقوپ قويوشقا تىگىشلىك تىمىكەن جۇمۇ بۇ.

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 08:17
تۇران قېرىندىشىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!
ھەممىمىز بۆرەكتىن ئىبارەت بۇ رەئىس ئەزايىمىزنى ئاسرايلى !!!

قاراخان 2014-02-24 22:51
بۇ تىمىنىڭ خەت شەكلى تازا نورمال ئەمەسكەن.

ھاتەھاتەم 2014-05-05 17:54
پايدىلانساق بولغىدەك


查看完整版本: [-- ئەرلەر بۆرەكنى ئاسىراشنى كىچىكىدىن ئادەت قىلىش كىرەك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled