查看完整版本: [-- قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-06-08 21:18

قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى

K"0PTWt  
h^*4 }GU  
قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى
ئاپتورى: ئابدۇۋېلى ئايۇپ گۈلەن 
PNA\ TXT  
~\cO"(y5:O  
ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر. بىر كۈنى دوستلارنىڭ چېيىدا ئولتۇرۇپ بىرەيلەننىڭ “ ئەجەپ بۇنداق گاچا بولۇپ قالدۇق“ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تاڭ قالدىم. سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇچە بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنى ”گاچا“ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق گاچا بولماسلىق ئۈچۈن قانچە كۆپ يات تىل بىلسە شۇنچە بىلىملىك، شۇنچە ئىناۋەتلىك سانىلارمىش. قەشقەردە گاچا بولماسلىق ئۈچۈن خەنسۇچىنى، دۇنيادا گاچا بولماسلىق ئۈچۈن ئېنگىلىز تىلىنى چوقۇم بىلىش لازىممىش. ئۇيغۇرچە دېگەننى ئويناپ يۈرۈپ ئۆگىنىۋالارمىش، سۆزلىيەلىسىلا بولارمىش. قەشقەردە مۇشۇنداق قاراش بەزىلەردە مودا بولغاچقىمىكىن، ئامېرىكىدىن يېڭىلا كەلگەن قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلمىگىنى ”ئاخبارات“ قا ئايلىنىپ، ”دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا قىينالمايدىغان“ لىقى ھەۋەس بىلەن مەدھىيەلەندى. مەن تېخى قىزىمنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلىيەلمىگەنلىكىدىن ئۇيۇلۇپ، ”قىزىم ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدۇ“ دېگەننى تەرستە دەپ يۈرۈپتىمەن. قەشقەردە بەزى كىشىلەر خەنسۇچە بىلگەنلىكنى خىزمەتكە ئورۇنلاشقانغا، ياخشى كۈن كۆرگەنگە باراۋەر دەپ چۈشىنىدىكەن. قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگىنىدىن ھەيران قالىدىغان، ئەيىپلەيدىغان دوستلارمۇ چىقتى. بىر قېرىندىشىمىز، بالىسىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن ئامېرىكا نوپۇسىدىكى بىر ئۇيغۇر دوستىنى باشقىلاردەك چوڭ بىلىپ كۈتۈپ كەتمەپتۇ. سىرىتتىلا مىھمان قىلىپ ئۆيىگىمۇ باشلىماپتۇ. sU!6hk  
بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيى شەھەرگە يىراق يېزىدا بولغاچقا خەنسۇچە يەسلىگە تولىمۇ يىراقكەن. بۇرادىرىمىز ھەر كۈنى بەش ياشلىق قىزىنى موتۇ بىلەن 15 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى خەنسۇچە يەسلىگە توشۇيدىكەن. قىزى ھەركۈنى ”بارمايمەن“ دەپ يىغلايدىكەن. بىر كۈنى قىز ئاپىسىغا “ سەن نېمىشقا خەنسۇغا تەگمىگەن بولغۇيتۇڭ، دادام خەنسۇ بولغان بولسا خەنسۇچىنى ئۆيدىلا ئۆگىنەلەيتتىم“ دەپتۇ. مەنچە يۇقارقى مىساللار سىياسەت پەيدا قىلغان تىل خوراپاتلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. بۇ ئاقىۋەتلەرنى چۈشەنمەك تەرس، ياكى تولىمۇ ئاسان. بەش مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان قەشقەر ۋىلايىتىدە خەنسۇچە بىر سۆزنى دېيەلمەيدىغان مەسۇم پەرزەنتلەر خەنسۇچە ”قوش تىللىق“ مائارىپنىڭ تەجرىبە بويۇمى-“مارودا“ سىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتسا، كەنتتىن يۇقۇرى ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە قوللىنىلمايۋاتسا، خەنسۇچە بىلگەنلىكى كىشى ھوقۇققا، مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتسا كىشىلەر خەنسۇچىغا چوقۇنماي قالامدۇ.
بىر كۈنى مەسجىدكە كىرىپ تامغا يېزىلغان “ مەسجىدتە تېلىفوننى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى“ ، ”يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ“ دېگەن جۈملىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ جۈملە شەھەردىكى ھەرقانداق مەھەللىنىڭ تېمىغا تەشۋىقات ئۈچۈن يېزىلغان بولسا خيالىمغا كەلمىگەن بولاتتى. مەسچىتنىڭ ئىچىدىمۇ بۇنداق ھاكىمىيەت ئىرادىسىگە ماس جۈملىلەرنىڭ كۆرۈلىشى مېنى ئويغا سالدى. قاچاندىن بېرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا ”مەنئىي قىلىنىدۇ“، ئەھمىيەت بېرەيلى“ دېگەن سۆزلەر دائىم قوللۇنىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ دائىم ھەممە ئىش مەنئى قىلىنىدىغان، ياكى مەنئى قىلىنماسلىق ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ تىل ئادىتىمۇ. تامغا يېزىلغاننىغۇ ھاكىمىيەت شۇنداق يازدۇرغان دەيلى، ئەمدى مەسجىدنىڭ ئىچىگە يېزىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ يېزىش ئومۇملاشتىمۇ. ئەسلى ئۇيغۇرچىمىزدا ”يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىش“ دېگەن گەپ يوق. بىز بۇنى“ ۋارقىرىماق“ دەيمىز. ”تېلىفۇننى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى“ دېگەن خەنسۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان جۈملە، بۇنى ئۇيغۇرچە ”تېلىفوننى ئېتىۋېتىڭ“ دېسەكلا كۇپايە. ۋىۋىسكىلارغا قاراپ قويىمەن. قەشقەرنىڭ ئىدارە ئورگانلار توپلاشقان بۆلەكلىرىدە خەنسۇلار كۆپ بولۇپ بەزى ۋىۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە يوق، بولسىمۇ تولىمۇ كىچىك. ئۇيغۇرچە خەت بۇ يەرلەردە ئاندا مۇندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۇيغۇرنىڭ گەۋدىسىدەك غىلپال كۆزگە چېلىقىدۇ. ”ئاياق كىيىم سېتىش، ئىش قوشۇش ئورنى“، ”مىۋە چىۋىلەرنى سېتىش ماگىزىنى“ ”يېڭى پاقلان گۈشى سېتىش دۇككىنى“…دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى كۆرسەم ئۇيغۇرچىمىزدىكى ”موزدۇزخانا“، ”باققالخانا“، ”قاسساپخانا“ دېگەن سۆزلەرنىڭ يوقۇلۇپ كەتمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەگەر مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا ھاجەتخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، بازار، مازار دېگەن سۆزلەرنى “ تەرەت قىلىش ئورنى“، ”داۋالىنىش ئورنى“، ”ئوقۇش ئوقۇتۇش ئورنى“، ”سېتىش، ئېلىش ئورنى“، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈش ئورنى“ دەيدىغان ئوخشايمىز. يېقىندا قەشقەردىكى مەن شىرىكلەشكەن نۇرخان مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى ئىسمىنى ”نۇرخان تەكرارلاش ئوقۇتۇش مەكتىپى “ دەپ ئۆزگەرتىپتۇ. تارتاتقان تەشۋىقات ۋارىقىغا تۈركچە ئوقۇتۇش سىنىپى، ئېنگىلىزچە ئوقۇتۇش سىنىپى ئاچىمىز دەپ يېزىپتۇ. مەن رەسمى شىرىك بولغاندا بۇ ئىشلار ئاللىقاچان تاماملىنىپ بولغانىكەن. بۇ يەردىكى گەپ خۇددى بازار دېگەن گەپنى سودا بازىرى قىلىپ قويغاندەكلا ئىش. دۇنيادا سودا بولمايدىغان بازار، ئوقۇتۇش قىلمايدىغان مەكتەپ، سىنىپ بولمايدۇ. بۇ خەنسۇچىدىن قىلىنغان ناباپ تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇرچىنى پالاكەتلەشتۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇلاردىن شۇنى بايقايمىزكى، ئۇيغۇرلىرى سۆزمەن دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەزىزانە قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسجىدىدىن تارتىپ ماگىزىن، مەكتەپلىرىگىچە خەنسۇچە تەپەككۇرغا بېقىنغان ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىشقا باشلاپتۇ. كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېگەندەك مەنچە بۇلارنى ھىچ بىر ئۇيغۇر خالاپ شۇنداق قوللانمايدۇ، بەلكى شۇنداق قوللۇنۇپ، ياكى دەپ كۆنۈپ قالغان بولىدۇ. كۈندە قاتنىشىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش، تاملاردىكى سىياسىي تەشۋىقات، گېزىت-ژورناللاردىكى مۇقۇملۇق تەربىيىسى قاتارلىقلاردا قوللىنىۋاتقان خەنسۇ تىلى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا، تىلىغا تەسىر قىلىپ مۇشۇنداق تىل ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر تىل جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ساھەلەردە قوللۇنۇلۇش پۇرستىدىن مەھرۇم قالغاندا تەبىئىيكى نامراتلىشىدۇ، بوھرانغا دۇچار بولىدۇ.
مەنبە: كۆكلەم مۇنبىرى   ncX/L[L  
http://koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=70   [F*4EGB  
$&=p+  
eVR5Xar  

tunyukuk 2012-06-08 21:34
 سەن نېمىشقا خەنسۇغا تەگمىگەن بولغۇيتۇڭ، دادام خەنسۇ بولغان بولسا خەنسۇچىنى ئۆيدىلا ئۆگىنەلەيتتىم }4>JO""  
ماۋۇ جۈملىنى ئوقۇغاندا يۈرەكلىرىم ئاچچىق بولۇپ كۆزلىرىمگە لىغىر - لىغىر ياش كەپ كەتتى ... qUo-Dq>  
تىل بايلىقىمىزنى قوغداشنى بىز يەنىلا ئۆزىمىزدىن باشلىساق بولغۇدەك ، تەرجىمە قىلىدىغانلارنىڭ بىۋاستە ئەمەس بەلكى تىلىمىزنىڭ ئاممىباپلىقىنى يوقاتمىغان ئاساستا تەرجىمە قىلىشىغا ئېتىبار بىرىشى بەك مۇھىم ...   

akkax 2012-06-09 16:52
تىل ئەمەس، دىل نامراتلىقى. ئۆزۈمدىكى ئاجىزلىق بولغاچ بەك بىلىمەن بۇنى. ~"!a9GZ  
ئەزىزانە قەشقەر!   Gy@7Xf  
  بىزدە يەنە قانچىلىك يۇرت قالدى ئەبجەشلەشمىگەن؟ ئىلى، قەشقەر، خوتەن؟ z{BA4sn  
مەنچە مۇشۇ ئۈچ يۇرت بولىشى كېرەك ئىدى. بىراق، يۇقىرىقى ئۇچۇردىن ئۆزۈمنىڭ قاتتىق خاتالاشقانلىقىمنى بىلدىم. 4S L_-Hm.  
  تۈركلەر تىلنى « دىل dil » دەيدۇ. تىل بۇزۇلدى، دىل بۇزۇلدى دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟ پەرزەنتلىرىمىز « پاھ » نىڭ ئورنىغا « 哇塞 » نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. A CV ek  
  بۇزۇلۇشقا چوڭلار سۈكۈت، پەرزەنتلەر تەكەللۇپسىز قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس بىلدۈرىۋېتىپتۇق ئەمەسمۇ ؟

tunyukuk 2012-06-09 19:05
ئۇيغۇرچە خەت بۇ يەرلەردە ئاندا مۇندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۇيغۇرنىڭ گەۋدىسىدەك غىلپال كۆزگە چېلىقىدۇ. ”ئاياق كىيىم سېتىش، ئىش قوشۇش ئورنى“، ”مىۋە چىۋىلەرنى سېتىش ماگىزىنى“ ”يېڭى پاقلان گۈشى سېتىش دۇككىنى“…دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى كۆرسەم ئۇيغۇرچىمىزدىكى ”موزدۇزخانا“، ”باققالخانا“، ”قاسساپخانا“ دېگەن سۆزلەرنىڭ يوقۇلۇپ كەتمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەگەر مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا ھاجەتخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، بازار، مازار دېگەن سۆزلەرنى “ تەرەت قىلىش ئورنى“، ”داۋالىنىش ئورنى“، ”ئوقۇش ئوقۇتۇش ئورنى“، ”سېتىش، ئېلىش ئورنى“، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈش ئورنى“ دەيدىغان ئوخشايمىز.

danix 2012-06-13 16:33
         قەشقەر ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ يەردىكى @J~ lV\  
قەدىمقى مەدەنىيەت ئىزنالىرى جاھان ئەھلىنى جەلىپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى Y&?|k'7  
كۈندە ، بۇ يەردىكى تىل مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەبجەشلىشىشى كىشىنى تولىمۇ 1Pud,!\%q  
ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . مېنىڭچە قەشقەرلا ئەمەس ، دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى Ft3N#!ubl  
يۇرتلار ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز خەنزۇ تىلى بىلەن ئەمەس ، % +kT  
بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆزلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى ، كىم ئىكەنلىكى ?)Czl4J  
نامايەن قىلالايدۇ . دۇنيادا پەقەت بىرلا قەشقەر بار ، قەشقەر پەقەت ئۆزىنىڭ Z ,|1G6f@  
خاسلىقى بىلەن قەشقەر بولۇپ تۇرالايدۇ ! t6 
     قەشەر ، سەن ھەرقايسى جايلىرىڭدىكى مىللىي پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان #q~3c;ec  
ئىمارەتلىرىڭ ، بادام دۇپپا كەيگەن مەردانە ئەرلىرىڭ ، باشقا جاي E]u'MX  
خەلقلىرىدىن شۇنداق پەرقلىق سۆز تەلۇپۇزۇڭ بىلەن ھەممىدىن پەرقلىنىپ ( l3UNP  
تۇرىسەن . پەرق دېمەك ئالاھىدىلىك دېمەك ! ئالاھىدىلىك دېمەك XvA0nEi  
تونۇلۇش كوزۇرى دېمەك! قەشقەر ، سەن شۇ كوزۇرلىرىڭنى مەڭگۈ قولدىن A1k&` |k   
بەرمىگەيسەن !

alkut 2012-06-13 16:59
تىرىشايلى، ئەتە بەلكىم بىزنىڭ قولىمىزدا، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىپ كۆرەيلى دوستلار!

ئايزىبا 2012-06-13 17:43
مەيلى   قايسى   تىلدا   زوق    ئالسا    ھەركىم، PFDWC3<  
مېنىڭ    ئۆز    تىلىمغا    جېنىم    مىڭ    پىدا. ?) ,xZ1"  
گەر    ئانا     تىلىم    يوقالسا     ئەتە، 1)/T.q 
بۈگۈنلا  بولاي  مەن  جېنىمدىن  جۇدا. JIY ^N9_  
soqNzdTB2  
                               _داغىستان شائىرى رەسۇل  ھەمزەتوف

مىېھرىما 2014-03-24 22:59
تۇنيۇقۇقنىڭ بۇ يازمىسىنى بەكلا ياقتۇردۇم لىكىن ۋاختىدا كۆرەلمەپتىمەن . Q|z06_3i  
Y@S6m@.$  
سىزگە رەھمەت

گۈلنىھال 2014-03-24 23:05
‏ئاققاش ئۇستازنى پىكىرىنى قۇۋۋەتلەيمەن ، ھەقىقەتەنمۇ تىل ئەمەس ، دىل نامراتلىقى .


查看完整版本: [-- قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled