ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تۈپ سۆزنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇشلاردا كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت تۈپ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قوشۇمچە ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، ھەم جاراڭلىق ، ھەم جاراڭسىز تۈرى بولغان قوشۇمچە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشقان ماسلاشمىغان دەپ ئايرىيمىز. مېنىڭچە بۇنىڭدا «د، ت»، «غ، ق، گ، ك» دىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى گۇرۇپپا تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان بارلىق قوشۇمچىلارنى تۇتساقلا بولىدۇ. (دىن،تىن، دا، تا، دە، تە، دۇر، تۇر، دۈم، تۈم،دۇم، تۇم، دىكى، تىكى، داق، تاق، دۇق، تۇق، ..........دېگەندەك)، (غا، قا، گە، كە، غان، قان، گەن، كەن، غار، قار، گەر، كەر، غى، قى، گى، كى، ...... دېگەندەك) «نىڭ، نى» قوشۇمچىسى زۆرۈر بولغان ھەرقانداق جايغا ئۇلىنىۋېرىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى مەۋجۇت دەپ قارىمايمىز. يامان+نىڭ=ياماننىڭ: ياماننى، كۆڭۈل+نى=كۆڭۈلنى؛ ۋاپانىڭ، ۋاپانى، جاپانىڭ، جاپانى، ..... يەنە «لار، لەر، لىق،لىك، لۇق،لۈك، » قوشۇمچىلىرىدىمۇ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى يوق دېيىش كېرەك. چۈنكى بۇ قوشۇمچىلاردىكى بىر خىل رول ئۆتەيدىغان جۈپلۈك تۈرلەرنىڭ باشلىنىدىغان ئۈزۈك تاۋۇشى ئوخشاش. بۇنىڭدىكى «ل» تاۋۇشى ئۆزى جاراڭلىق بولسىمۇ ، جاراڭلىققىمۇ، جاراڭسىزغىمۇ ئۇلىنىۋېرىدۇ. RX])#=Cs
|